Quote:
بۇ مەزمون10قەۋەتتىكىqartagنىڭ2008-12-22 18:27 دە يوللىغان يازمىسى :
ھەي ئەخمەق ئىنى - سىڭىللىرىم!بۇ گەپنى تالىشىپ نىمە قىلىسىلەر؟نىگېرلار ئېنگىلىز تىلى ئۈگەنمىگەن بولسا ئۇلار بۈگۈنگە قاچانلاردا يېتەتتى؟سەن باشقىلارنىڭ تىلىنى بىلمەي تۇرۇپ دىلىنى نەدىن بىلىسەن؟ئۇ بىلگەننى ۋە بىلمىگەننى قانداق ئۈگىنىسەن؟سەن باشقىلارنىڭ تىلىنى بىلسەڭ،ھەرھالدا بىر تىلنى بولسىمۇ ئارتۇق بىلمەمسەن؟بىر ئەمچەكنى ئارتۇق ئەممەمسەن؟ھازىر نۇرغۇن چەتئەل تېخنىكىلىرى خەنزۇچىغا ئالدىدا تەرجىمە قىلىنىپ كىرىۋاتمامدۇ؟سەن ئېنگلىزچە بىلمىسەڭمۇ خەنزۇچە بىلسەڭلا كۇپايە.يەنى بىۋاستە كۆرەلەيسەن،ئۈگىنەلەيسەن.مىللىتىمىزنىڭ بەزى ئىشلىرى تېخى ئارقىدا تۇرۇۋاتقاندا قوشتىللىق ئوقۇتۇش بەك ياخشى پۇرسەت جۇمۇ.بالىلىرىمىز باشلانغۇچنى تۈگەتكىچە ئىككى تىللىق،ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكۈچە ئۈچتىللىق بولىدۇ.ئۈگىنىشتە ئازراق بېسىم بولىدۇ.لېكىن پايدىسىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.ئۆز تىلىمىزغا كەلسەك،بىز بىلىمىز:ئاتا_ئانىلار ئازراقلا كاللا ئىشلىتىپ،مەسئۇلىيەتچان بولساقلا،بالىلىرىمىز ئەقىللىق.ئۇنى ھەرگىز تاشلاپ قويمايدۇ.ئۇيغۇر تىلى يوقاپ كېتىش مۈمكىن ئەمەس.يېزىقىمىزمۇ شۇنداق.مەيلى قايسى خىل يېزىق بولسۇن،پەقەت ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرلىگىلى بولسىلا،ئۇ بىزنىڭ يېزىقىمىز.دەرۋەقە،بىز يېقىندىن بۇيان يېزىقىمىزنى تولا ئۆزگەرتىپ كەتتۇق.بۇنى پەقەت ئەشۇ ھورۇنلىشىپ كېتىپ يېزىق ئۈگىنىشنى خالىمىغان،دەۋر ئېھتىياجىنى چۈشەنمىگەن،مىللەتنىڭ ئالغا بېسىشىنى ئويلىمىغان......مۇناپىقلاردىن كۆرۈش كېرەك.ئەسلى لاتىن يېزىقىمۇ ياخشى يېزىق ئىدى.چۈنكى ئۇ يېزىقمۇ ئۇيغۇر تىلىغا ماسلاشتۇرۇلغاندىكىن ،ئاساسى لاتىن يېزىقى بولسىمۇ ئۇنى ھېچكىم لاتىن يېزىقى دەپ باقمىغان.بىكاردىن بىكار كونا يېزىقىمىز دەپ،يەنە ئەرەپچىنى ئاساس قىلغان يېزىققا كۆچۈۋالدۇق.خۇددى ئەرەپلەر بىزنىڭ ئانىمىزنىڭ ئېرىدەك!ياكى كۆچكەندىكىن تۈزۈكلا قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىڭ ئۆزىگە كۆچمىدۇق.تۈركلەرمۇ لاتىنچە يېزىقنى ئاساس قىلغان يېزىقى بىلەن،ئېنگلىزچىنى ھېچ كۈچىمەيلا ئۈگىنىۋېلىۋاتىدۇ.بىز خەنزۇچە ئۈگەنسەك،«پىنيىن»ھەرپى دەپ ئۈگىنىۋاتىمىز.ئېنەلىزچە ئۈگەنسەك،يېڭىدىن ئۈگنىىۋاتىمىز.شۇنىڭغىمۇ بىرمۇنچە ۋاقىت كېتىۋاتىدۇ.دەپ كەلسەم،گەپ تولا.ئاچچىقىم ئەسلى!بولدى.مېنى قايناتماڭلار.قىسقىسى،ھورۇنلۇقنى تاشلاپ ئۈگىنىۋېرەيلى.نەتىجە چوقۇم بىزنىڭ بولىدۇ.بۇ مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىش(مەن ئۆمرۈمدە تۆت تىلنى،يەتتە يېزىقنى ئۈگەندىم.ھازىر مەن كۆرىمەن دىگەننى كۆرەلەيدىغان،ئۈگىنەي دىگەننى ئۈگىنەلەيدىغان بولدۇم.خەنزۇچىدا خەنزۇلارنىڭ گېپىدىن ۋە ئىشىدىن قۇسۇر تاپالايدىغان،ھەتتا بەزىدە ئۇلارغا دەرس بېرىپ «ئاكا»دەپ چاقىرتالايدىغان بولدۇم.بىراق بۇنىڭغا 40يىل ۋاقىت،تەڭرىتېغىدەك ئەجرىم كەتتى.لېكىن مەن ھازىر زارلانمايمەن،بەلكى پەخىرلىنىمەن.چۈنكى،ئۆز مىللىتىمدىن مېنى تونۇغانلار«مۇئەللىم،ئۇستازىم»دەپ ئاتايدۇ.باشقىلار بەزىدە«ئۇستاز»دىسە،بەزىدە«ئاكا»دەيدۇ.مەن تىل ئۈگىنىش جەريانىدا نۇرغۇن تەبىئىيپەن بىلىملىرى بىلەن تونۇشتۇم.مەسىلەن:مەن 80-يىللاردىلا ئېلېكترونلۇق رويال،توك مەنبەسىسىز رادىئو ،دىۋگاتىل،ترانسپورماتور ،قارشىلىق تىپىدىكى ئاۋاز سۈزگۈچ دىگەنلەرنى ياساپ باققان . ئەمەلىيەتتە مەن مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى جەريانىدا ماۋزېدوڭ ئەسەرلىرىنىلا ئۈگىنىپ باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ساۋاتسىز زىيالى ئىدىم.ھازىر ئەمدى زامانغا ئاساسەن لايىق بىر زىيالى،ئىسمى-جىسمىمغا ئاساسەن لايىق مۇئەللىم،گېپى ئاساسەن ئۆتىدىغان رەھبەر بولالىدىم.مانا بۇ--مېنىڭ تىرىشىپ تىل-يېزىق ئۈگەنگىنىمنىڭ نەتىجىسى ئەمەسمۇ؟)شۇڭا مەندىن نەسىھەت:تىل ئۈگىنىش مەيلى مەجبۇرىي بولسۇن،ياكى ئۆز خاھىشىڭلاردىن بولسۇن،زارلانماي ئۈگىنىڭلار،زارلانماي ئۈگىتىڭلار.مەيلى ئۇ كىمنىڭ تىلى بولۇشتىن قەتئىينەزەر.پەيغەمبىرىمىزمۇ باشقىلارنىڭ تىلىنى،ھەتتا باشقا جەمەتتىكىلەرنىڭ تىلىنى ئۈگىنىشنى«ۋاجىب»ھېساپلاپ،بىزگە نەسىھەت-ۋەسىيەتلەرنى قالدۇرغان.ئومۇمەن،بىر تىلنى بىلگەنلىك،بىر كاللىسى،بىر كىشىلىك نېنى بار دىگەنلىك؛ئىككى تىلنى بىلگەنلىك ئىككى كاللىسى ،ئىككى كىشىلىك نېنى بار دىگەنلىك،بولىدۇ.
قايسى قوشتىللىقكەن،قايسى بىر تلنى كۆپ ئۆگۈنىۋالىسىز؟
قوش تىل بولسا چۇقۇم دەرىسلەرنى ئۇيغۇر تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىنى بىر لەشتۈرگەن ئاساستا ئۆتۈشى كېرەك ئىدىغۇ.
ھازىر دەرىسلىكتىن ئۇيغۇر تىلى دىگەن دەرىسلىك چىقىرىۋىتىلدى.ئەدەبىيات كىتاب كىچىكلەپ كەتتى.تەبئىي پەن پۇتۇنلەي خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلىدىغان بولدى.ئويلاپ بېقىڭ!!!ئادەتتە ئۇيغۇر تىلىدا ئۈتۈلگەن تەبئىي پەن دەرسىنى ئوقۇغۇچىلار 80%ئەتراپىدا ئۆزلەشتۈردى دېسەك.خەنزۇ تىلىدا قانچىلىك ئۆزلەشتۈرەر؟
ئەلۋەتتە بىر تىلنى كۆپ بىلسەك ئۆزىمىزگە پايدىسى كۆپ.بۇلۇپمۇ جۇڭگودا تۇرۇپ خەنزۇ تىلىنى ئۆگۈنۈش بەك زۆزۈر.لىكىن باشقا بىر تىلنى ياخشى ئۆگۈنۈشتىن بۇرۇن چۇقۇم ئانا تىلغا پىششىق بۇلۇش كېرەك.ئۇيغۇر تىلى دەرىسلىكى ئۆتۈلمىگەن ئەھۋالدا ئانا تىلىنى قانداق پىششىق ئۆگەنگىلى بولسۇن.ھازىرغۇ ئۈچىنچى يىللىققا چىقمۇغىچە ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ئۆگەنمەيدىكەن،ئەگەر كىيىن دەرىس ئىسلاھاتى يەنە ئۆزگۈرۈپ ئۇيغۇر تىلدا ئۆتۈلىدىغان دەرىسلەر پۈتۈنلەي خەنزۇ تىلىغا ئۆزگۈرۈپ كەتسىچۇ.ئۇۋاقىتتىمۇ سىز يەنە بىر تىلنى ئارتۇق ئۆگۈنىۋالغان ھېسابلىنامسىز؟؟؟؟؟
بۇ ئىش توغرۇلۇق مەن ئۇيغۇر دەيدىغان غورورى بار ئادەمنىڭ ھەممىسى ئويلىنىشى كېرەك!!!!!