قار يېغىۋاتقان شۇ كۈنى ئىسىڭدىمۇ؟ئاتاڭ زالنىڭ ئىشىگىنى ئېچىپ چىقىپ قالمىغان بولسا ئۆيۈڭنىڭ دەرىزىسىگە تىكىلىپ يەنە قانچىلىك تۇراتتىم بىلمەيمەن، بەلكىم سەن ئۇيقۇڭغا قېنىپ بىرەر زۆرۈرىيەت تۈپەيلى سىرىتقا چىقماقچى بولۇپ زالنىڭ ئىشىگىدىن چىققان چېغىڭغىچە تۇرشۇم مۇمكىن ئىدى،بىلەمسەن جېنىم مەن شۇ كۈنى شۇنداق مۇزلاپ كەتكەن ئىدىم ئاتاڭنىڭ چىقىپ قېلىشى بىلەن تەڭلا گەرچە ئۈستىگە پايپاق بىلەن ئاياق يېپىنچاقلىغان بولسىمۇ توڭۇشتىن خالىي بولالمىغان پۇتلىرىمنى سوغۇق دەستىدىن ئۇيشۇپ قالغانلىقىغا قارماستىن زورىغا ھەركەتلەندۈرۈپ مەھەلەڭنىڭ دەرۋازىسىدىن ئاتاڭنىڭ ئالدىدىراق چىقىپ كەتتىم،قولۇمدا ساڭا ئاتاپ ئەكەلگەن، مەن بىلەن بىللە مۇزلاپ كەتكەن تورىت بىلەن يۈرەك شەكىللىك كىچىك كۇرۇپكا ئىچىدىكى كەمپىتلەر بار ئىدى،سەن ئاخىرى ئويغاندىڭ پەسكە چۈشتۈڭ مەن ساڭا قولۇمدىكىلەرنى تۇتقۇزۇپ ئارقامغا ئۆرۈلگەن شۇ مىنۇتلاردا سىنىڭ بىلەن بىللە مېڭىش ئىستىكىمنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن ئومۇقۇم...ياق سەن بىلمەيسەن بىلگەن تەختىردىمۇ سىنىڭ مەن بىلەن بىللە بولىدىغان چاغلىرىڭ تولىدىن تولىغا ئاز بولغاچقا مىىنى ھەمراھلىقىڭ ئاستىدا بىكەتلەرگەچە بولسىمۇ ئۇزۇتۇشقا ئەزەلدىن ۋاقتىڭ يوق بولغانلىقى تۈپەيلى مەن قانداق يالغۇز كەلگەن بولسام شۇنداق يالغۇز كەتتىم.بىلەمسەن قوزام مەن سىنى 3سائەت37مىنۇت ساقلىغان شۇ چاغلاردا نىمىلەرنى ئويلاپ نىمىلەرگە ئىنتىلمىدىم...ئەپسۇس بۇ ئىنتىلىش بۇ سېغىنىشلارنىڭ نەتىجسى ئوخشاشلا ئارمان بىلەن باشلىنىپ ئارمان بويىچە قېپ قېلىۋەردى.بۈگۈن ئاشخانىغا ئۆزۈم يالغۇز تاماق يىگىلى كىردىم، ئىككىمىز دايىملا بىرگە ئولتۇردىغان ئورۇندا ئولتۇردۇم،كاۋاپ بۇيرۇتۇپ قويۇپ ئۈگىنىپ قالغىنىم ئۈچۈنمىكىن ئېھتىمال تىلفۇنۇمنى ھېچ بىر مەقسەتسىزلا قولۇمغا ئېلىپ ئۇزاق قاراپ كەتتىم، گويا سەندىن كىلىدىغان ئۇچۇرلار مەن تىلفۇننى قولۇمغا ئالغان مۇشۇ مىنۇتلاردىلا كىلىدىغاندەك،ئەمما كەلمەيدىغانلىقنىمۇ بىلىمەن شۇنداقتىمۇ ئۆزۈممۇ سەزمەستىن شۇنداق قىلىدىغان ئادىتىمنى پەقەت ئۆزگەرتەلمىدىم...كاۋاپ كىردى قولۇمغا ئېلىپ بىرتالمۇ گېلىمدىن ئۆتمىدى،نىمىشقا ئۆتمىدى بىلەمسەن؟ مەن ئۈگىنىپ كىتىپتىمەن دايىم ساڭا باشتا تەڭلەپ ساڭا باشتا يىگۈزۈپ كۆنۈپ قاپتىمەن ،سەن بىلەن قىلىشىدىغان پاراڭ ئارلاش چاقچاقلىرىمىز يادىمغا كىلىۋىلىپ كۆزۈمگە مۆللىدە ياش كەلدى شۇ سۆزلىرىڭنى خۇددى سىنى سېغىنىغاندەكلا سېغىندىم دايىم تاماق ئۈستىدىلا ئۇرشۇپ قالاتتۇق چۈنكى سىنىڭ تامىقىڭ بەك ئاز ئىدى،كۆپ تاماق يىسەم سېمىرىپ كىتىمەن دەپ تۇرۋالاتتىڭ،ئەمما مەن سىنىڭ سالامەتلىكىڭدىن بەك ئەنسىرەيتىم،شۇڭلاشقىمۇ دايىملىق ئۇرۇشلىرىمىزنىڭ باتنىشىلىرىمىزنىڭ مەيدانى تاماق ئۈستىلى بولۇپ قالاتتى كاۋاپنى تالاپ يۈرۈپ بىر نى ئېلىپ زىقنىڭ ئۇچىنى سۈرتۈپ ساڭا تەڭلەيتىم:
-ئالە سوۋۇپ كىتىدۇ جېنىم
-بىر زىقتىن ئارتۇق يىمەيمەن
-نىمىشقا؟
-قورسىقىم تويىدۇ
-ماقۇل بىر زىقلا يەيسەن ھە
-ھەئە
مەن تامىقىمنى قويۇپ قولۇڭدىن كاۋاپنى ئېلىپ كاۋاپ تەخسىسىدىن يەنەبىر زىق كاۋاپنى ئېلىپ ئىككىسىنىڭ مېيىنى ئايرىۋىتىپ قارا گۆشلىرىنى بىر زىققا ئۆتكۈزۈپ سىنىڭ دىگىنىڭ بويىچە <<بىر زىق>>كاۋاپ قىلىپ ساڭا سۇناتتىم
-مە ئەمدى يە
-نەچچە زىق كاۋاپ بۇ؟!
-بىر زىق تۇرمامدۇ ئەنە
-كىم بۇنى بىر زىق دەيدۇ؟
-كىمگىلا كۆرسەتمە بىر زىق دەيدۇ،ئىشەنمىسەڭ باشقا ئۈستەلدىكىلەردىن سوراپ باق
-تى تى تى تى تى بەك كاللاڭ ئىشلەيدۇ ھە؟!بىكار گوڭ ۋۇيۈەن ئەمەس ھە...سەن
شۇنداق قىلىپ سەن كاۋاپنى مىڭنى ئالىيىپ نەچچىنى دوق قىلىپ يۈرۈپ يەيتىڭ،ئىش ئورنۇڭغا تاماق ئېلىپ باردىغان كۈنلىرىم تور خانىدا ئولتۇرۇپ تاماق يەيتۇق نەچچە قوشۇق يەپلا يىمەي تۇرۋالاتىڭ بىر ئاماللارنى قىلىپ يۈرۈپ ئاغزىڭغا تاماقنى سېلىپلا سىنىڭ ياندۇرۇپ چىقىرۋەتمەسلىكىڭ ئۈچۈن قوشۇقنىڭ ئارقىسى بىلەن ئاغزىڭنى توسىۋالاتتىم،ئىلاج يوق كۆزلىرىڭگە ياش ئالغانچىدىن قېقىلپ يۆتەلگەنچىدىن يەپ تۈگىتەتتىڭ ،ئانار ئۇۋلاپ سىقىپ ئىچكۈزەتتىم، گازىر چېقىپ قولۇڭغا تۇتقىزاتتىم،يادىڭدىمۇ جېنىم سەن تاماقنى كۆڭلۈمدىكىدەك يىگەن كۈنلىرىڭ شاتلىقمدىن سىنى قۇچىقىمغا ئېلىۋىلىپ ئەركىلىتشلىرىم ،قىززىق سۈتتە ئاغزىنى كۆيدۈرۋالمىسۇن دەپ سۈتنى پۈۋلەپ لىۋىمنى تەككۈزۈپ ھەقىقەتەن سوۋىغانلىقىغا كۆزۈم يەتكەندىن كىيىن سىنىڭ ئىچىشىڭگە يول قويۇشلىرىم،توخۇ يىگەن چاغلىرىمىزدا ئەسلا توخۇ قانىتى بىرىشنى خالىمايدىغانلىقىم،(چۈنكى مەن قانات يىسە ،ئامراق ئادىمى يېنىدىن يىراقلارغا كىتىپ قالارمىش دەپ ئاڭلىغان ئىدىم)،جاندىن ئۆتىدىغان سوغۇقلاردا ساڭا ئىچىملىك ئېلىپ بارسام شۇ ئىچىملىكنى ئىچىمگە سېلىپ ئىسسىتىپ ئىسسىغاندا ئاندىن بىرىشىلىرىم،بىلەمسەن جېنىم بۈگۈن يالغۇز تاماقلىنىۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتلار ماڭا شۇنچىكى ھېجرانلىق بىلىنىپ كەتتى...
يوللاردا چاقچاقلىشىپ قوغلىشىپ كىتىشەتتۇق،ساڭا قوغلاپ يىتىشىۋالساملا ئارقاڭغا قايرىپلا مەڭزىلىرىڭگە سۆيۈپ چاچلىرىڭنى ھېدلايتىم،كوچا ئاپتۇبۇسلىرىدا ئەڭ ئاخىرقى ئورۇندۇقتا يانمۇ يان ئولتۇرغىنىمىزدا مۈرەڭگە قولۇمنى ئارتىپ سىنىڭ ئاي مىسالى چىرايلىق يۈزۈڭگە سۆيمەكچى بولۇپ ئۆزۈمگە تارتاتتىم
-ئاممىۋى سورۇنلاردا بۇنداق قىلمىغىنە،مەن بەك ئۆچ دەيتىڭ ئەگمە قاشلىرىڭنى نارازلىق بىلەن ئۇچۇرۇپ، تال تال كىرپىكلىرىڭ ئارسىدىن يۈرگىمگە ئوق ئۈزىۋاتقان كۆز لىرىڭدىن نارازلىق ئۇچقۇنلىرىنى بىلىنەر بىلىنمەس چاقنىتىپ...مەن سىنىڭ ئەشۇ نازلىرىڭغا ئۈگىنىپ كەتكەن ئىكەنمەن،سەن دۇڭ بېيدە 51-يولنىڭ ماشىنىسىنى ساقلاۋىتىپ مىنى تىپىپ تىپىۋىلەپ(ئەلۋەتتە بۇ سىنىڭ چاقچىقىڭ ئىدى)قېچىپ كەتكىنىڭدە كەينىڭدىن قوغلاپ يىتىشىپ ئاي مەڭزىلىرىڭگە سۆيەتتىم،يۈزلىرىڭنى بوش چىشلەيتىم ،ماشىنىغا چىقاندا بولسا مەيلى قانچىنچى يولنىڭ ماشىنىس بولمىسۇن يانمۇ يان ئولتۇرۇشقىنىمىزدا قۇلىقىڭغا بوش پىچچىرلايتىم<<مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن>>
-يوغان ئىش قىلىدىكەن سەن!
-ئەلۋەتتە يوغان ئىش دە مۇشۇ ۋاپاسى يوق جاھاندا چىن ئىخلاسى بىلەن بىراۋنى سۆيۈپ بارلىق مىېھرى بىلەن ياخشى كۆرمەك كىچىك ئىشلار قاتارىغا كىرمەيدۇ دە ئەلۋەتتە.
مەن كۈلۈپلا قوياتتىم،ئوماقلىقىڭغا بەرداشلىق بىرەلمىگىنىمدە بولسا قۇلاقلىېرىڭ تۈۋىدە يەنە پىچىرلاشقا باشلايتىم
-سۆيسەم بولامدۇ؟
-قەتتى بولمايدۇ!
-نىمىشقا؟
-بۇ دىگەن ئاممىۋى سورۇن!
-ھە ماقۇل...
بىردەمدىن كىيىن بىز ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ تار كوچىلاردا ماڭغاندا ئادەملەرنىڭ ئازلىقىغا كۆز يۈگۈرۈتكىنىمدىن كىيىىن بوش ئاۋازدا سىلىق سورايتىم
-بۇ ئاممىۋى سورۇنغا كىرەمدۇ؟
-ئەلۋەتتە كىرىدۇ!بەكلا كىرىدۇ!
-ئادەم ئاز بولغاندىن كىيىن سۆيەي چۇ
-خەخ كۆرۈپ قالسا ئاپامغا دەپ قويىدۇ،نىمىشقا ھەر قېتىم مىنىڭ مەھەلەمگە كەلگەندىلا قايناپ كىتىسەن؟
-سەن كۆزۈڭنى چىڭ يۇمىۋال مەنمۇ يۇمىۋالاي ئاندىن ھېچكىم كۆرمەيدۇ، بىزمۇ ھېچ كىمنى كۆرمەيمىز سۆيەي چۇ...
-ھاھاھاھاھا.... بەك بەك بەك بەك بەك بەك بەك بىزەڭ،رىزىنكە جۇمۇ سەن،ئۆزەڭ بىر دەپ باقە سىنىڭ ئالدىڭغا ئۆتىدىغان رىزىنكىمۇ بارمۇ؟
-يوق
-بار!دەل خامشوخلا 1-نۇمۇرلۇق رىزىنكە سەن شۇ
-بوپتۇ نىمە بولسام بولاي ئىش قىلىپ سەندىن ئايرىلىپ قالمىساملا مەن نىمىلا دىسەڭمۇ رازى.
بىلەمسەن قوزام مەن ئەنە شۇ ئىشلارنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ كەتتىم،كاۋاپمۇ شۇ پېتىلا سوۋۇپ قالدى كۈتكۈچى قىز
-كاۋاپنى قىزىتىپ ئەكىرىپ بىرەمدىم ؟دىگەندىلا ئۆزۈمنىڭ تېخى يىمىگەنلىكىمنى ئەممار يىمەيمۇ قورسۇقۇمنىڭ لىققىدە بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم...
-ياق،بولدى
كۈتكۈچى باشقا ئۈستەلگە كەتتى سوۋۇپ قالغان كاۋاپلارغا قاراپ سىنىڭ مۇز بولۇپ كەتكەن قوللۇرۇڭنى بېلىمغا ،قورسۇقۇمغا تىقىپ ئىسسىتقانلىرىم ،ھەر قېتىم ساڭا ئىچىملىك ئاپپارغىنىمدا سىنى قىشنىڭ كۈنىدە سوغۇق ئىچىپ ئاغرىپ قالمىسۇن دەپ مايكامنىڭ ئىچىگە سېلىپ قورسۇقۇمغا تېڭىپ ئىسسىتىپ ئاپارغانلىرىم ،ھېلىقى قار يېغىپ ماشىنلارنىڭ يول يۈرشىنى چەكلىۋەتكەن كۈنى قولۇمدىكى تاماقنى كۆتۈرۈپ جاجا لېدىن-شىن شىچۈ گە يۈگىرەپ بارغىنىم يادىمدىن كەچتى،ئالدىمدىكى ئۈستەلدىكىلەر توخۇ يەۋىتىپتۇ ئىككىمىزمۇ توخۇ يىگىلى بارغان ئاشخانا خوجايىنى مەندىن
-توي قىلغىنىڭلارغا ئۇزاق بولدىمۇ؟ئايالىڭ بەك چىرايلىق ئىكەن دەپ سورغان،پۇتۇمنىڭ كونا كىسىلى قوزغۇلۇپ قېلىپ ئاشخاندىن چىققىچە سىنىڭ مىنى قولتۇقلاپ ماڭغانلىرىڭ ئىچىمدە پۇتۇمنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ قېلشىنى تىلەپ كەتكەنلىكىم يادىمدىن كەچتى چۈنلى سەن ئادەتتە مىنى ئەسلا قولتۇقلىمايتىڭ...مەن يەنە ئولتۇرىۋىرىشكە تاقەت قىلالمىدىم چۈنلى يەنە ئولتۇرسام يىغلايدىغانلىقىم ئۆزۈمگە ئايان ئىدى.مەن ئاشخانىدىن چىقىپ پىيادىلەر كوچىسىدا ماڭدىم ئەمما ئۆزۈمنىڭ نەگە باردىغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتىم...مېڭىۋاتىمەن مېڭىۋاتىمەن كۆزۈم يول بويىدا كىچىك بېلىق بېقىش قاچىلىرىدا بېلىق سېتىۋاتقانلارغا چۈشىشى بىلەن يېڭىلا قاناپ توختىغان يۈرەك يارام قايتا قانىدى،ئىسىڭدىمۇ جېنىم ساڭا بېلىق ئاپىرىپ بەرگىنىم بېلىقلار ئۆلۈپ قالغاندا شۇنداق ئازاپلانغىنىڭ؟.....بىلەتتىم جېنىم مەن بىلەتتىم سەن مىنى مەن سىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ كىتەلمىگىنىڭ بىلەنمۇ ماڭا ئامراق ئىدىڭ،شۇڭا مەن بەرگەن نەرسىلەرنى قەدىرلەيتىڭ ئاسىرايتىڭ ئايايتىڭ...شۇنداق ئېنىق ئىسىمدە، ئەتە ھېيىت دىگەن كۈنىسى ئىككىلىمىزنىڭ يېنىدا پۇل قالمىدى،مەن قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن پۇل تاپمىسام بولمايتى ئەمما سەن مىنىڭ ئىشلىشىمگە قوشۇلمىدۇڭ،چۈنلى مەن شۇنداق ئېغىر زۇكانداپ كەتكەن ئىدىم ئەمما مەن سىنى ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قويۇپ قايتىپ كىلىپ يەنىلا كىرا تارتتتىم،بىر كىچە ماشىن ھەيدەپ كىراكەشلىك قىلدىم تاڭ ئېتىپ كەتتى ئەمما مىنىڭ قولۇمدىكى پۇل تازا كۆڭلۈمدىكىدەك ئەمەس ئىدى يەنىلا ماشىن ھەيدىدىم تاكى چۈش كىچە ھەيدىدىم تاپقان پۇللارنى ئېلىپلا سىنىڭ يېنىڭغا چاپتىم ساڭا شۇ پۇللارنى تەڭلىگەن دەقىلىلەر ھازىرقىدەك كۆز ئالدىمدا،سەن كۆزۈڭگە لىققىدە ياش ئېپ كەتتىڭ، ماڭا سىنىڭ كۆزۈڭدىكى شۇ ياشلارنىڭ ئۆزىلا كۇپايە ئىدى، چۈنكى مۇھەببەتنىڭ كۈچەيگەن چېغىدا ئادەم بىر قىيا بېقىش بىلەنمۇ قارشى تەرەپكە ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بولالايدۇ ئەمەسمۇ...ئەمما نەچچە كۈن ئۆتۈپ مەن شۇ پۇللارنى يەنە ئۆز پېتىچە سىنىڭ سومكاڭدا كۆردۈم
-نىمىشقا خەجلىمىدىڭ؟
-خەجلىگىم كەلمىدى
بىلەمسەن قوزام سەن شۇ گەپلارنى دىگەن چېغىڭدا كۆزۈمدىكى ياشنى ساڭا چاندۇرماستىن ئەسنىگەن قىياپەتكە كىرۋىلىپ چاققانلىق بىلەن سۈرتۈپ ئۈلگۈردۈم...مەن ھەممىنى چۈشەندىم...ھەممىنى بىلدىم...سەن مىنىڭ جاپا بىلەن تاپقىنىمنى بىلىپسەن مىنىڭ شۇ جاپالارنى سەن ئۈچۈن تارىتقىنىمنى چۈشىنىپسەن،نەچچە كۈن ئۆتۈپ ئاپاشنىڭ كىچىك زىرەك تىلفۇنى يۈتۈپ كەتكەچكە مەن ئاپاشقا بىر كىچىك زىرەك ئەكىلىپ بەردىم گەرچە كىچىك زىرەك بىزە كۇنا بولسىمۇ سەن مىنىڭ قولۇمدىن شۇنچىكى قىزغىنلىقىڭ بىلەن خۇشالىقڭنى يوشۇرماستىن ئالغىنىڭدا ئاپامغا چوقۇم يارايدۇ دىگىنىڭدە مەن سىنىڭ مەن قىلغانلىكى بەرگەنلىكى ئىشلار نەرسىلەردىن شۇنداق قانائەتلىنىدىغانلىقڭنى ئەزەلدىن ياراتمايدىغان ھېسياتتا ئەمەسلىكىڭنى يەنە بىر قېتىم بىلدىم، ئىچ ئىچىمدىن شۇنداق ھاياجانلىنىپ كەتتىم...مەن بىلەتتىم سەن كەلسە كەلمەس ئادەملەرنىڭ نەرسىلىرىنى ئېلىۋىرىدىغان قىز ئەمەس سەن مىنى ياختۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن مەن بەرگەن نەرسىلەرنى قوبۇل قىلمايلا قالماستىن تېخى ياخشى كۆرۈپ ئالىدىكەنسەن...ئۆزۈممۇ بىلمىدىم نىمە ئۈچۈنكىن شۇنداق قورقۇنچاق لىشىپ كىتىۋاتىمەن، بۇ قورقۇنۇش قانداقتۇر بىراۋلاردىن قورقۇش ئەمەس دەل سىنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇش ئىدى،ماڭا مەجبۇريەت يۈزسىدىن بولسىمۇ بىرەر قېتىم سىلىقراق تەلەپپۇزدا گەپ قىلىپ بېقىشىڭنى خالايتىم ئەمما سىنىڭ سىلىق مۇئامىلەڭ سىپايە سۆزلىرىڭگە ئىرىشىشنىڭ ماڭا نىسىپ بولمايدىغانقىغا ئۆزۈمنى ئىشەندۈرەلمەيتىم...بىلەمسەن بىراۋنى ھەرقانچە جاندىن ئۆتۈپ ياخشى كۆرۈپ سۆيسەڭمۇ ئۇنىڭ ساڭا دۈشمەنلەرچە تەلەپپۇزدا قىلغان مۇئامىلىسىنىڭ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلىشى قەلبىڭنى يارا قىلىېىۋتىدىكەن،يارا ئۈستىگە يارا چۈشسە بىر يارا ساقايماستىن يېڭى يارا ئورۇن ئالسا يارا ئېغىز ئالىدۇ ،يارا ئورنىنىڭ ئەھۋالى ئېغىرلىشىدۇ،بىلەتتىم جېنىم سەن ماڭا سىلىق مۇئامىلە قىلىشتىن ھەر قاچان ئېھتىيات قىلاتىڭ چۈنكى سەن ماڭا سىلىق مۇئامىلە قىلغانسىرى مەن ساڭا تېخىمۇ ئامراقلىشىپ كىتەتتىم دە سەندىن ئۆزەمنى تارتالماي شۇنداقلا ساڭا ئىرىشەلمەسلىك ئۈستىگە ھەسسىلەپ ھەسرەت قوشۇلۇپ يەنىمۇ ئېغىر ئازاپلارغا مۇپتىلا بوللاتتىم،بىلەمسەن جېنىم قوزام مەن سىنىڭ ماڭا تۇتقان قوپال مۇئامىلەڭنىمۇ ئەنە شۇنداق ئۆزۈمگە كۆيۈنۈش نوقتاڭدىن تۇرۇپ قىياس قىلدىم چۈنكى مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن ئەمەسمۇ،سىنى دەپ تالايلىغان نەرسىلەردىن ۋاز كىچىپ كەلگەن ئەمەسمۇ...سىنى شۇنداق يامان كۆرەي دەپ باقساممۇ ساڭا بولغان چەكسىز ئىنتىلىش غۇبارسىز مۇھەببەت مىنىڭ قەلبىمدە ئەبەدىل نەپىرەت مايسىلىرىنىڭ بىخلىشىغا يول قويالمىغىدەك،چۈنكى مەن سىنى بەك بەك بەك بەك بەك بەك بەك ياخشى كۆرىدىكەن مەن ئەمەسمۇ.يانچۇقۇمدىن قول ياغلىقىمنى ئېلىپ كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈش ئۈچۈن يانچۇقۇمنى ئىزدىدىم قول ياغلىقىمغا ياىداش قولۇمغا چىققىنى سەن توقۇپ بەرگەن كارتا سالغۇچ بولدى...مۇشۇ كارتا سالغۇچنى توقۇيمەن دەپ بارماقلىرىڭنىڭ تىرىسى چۈشۈپ تالاي يىڭنە سانچىلغىنىنى ،تىلفۇنۇمدىكى ئاسقۇچنى تىكىمەن دەپ كىچىنى تاڭغا ئۇۋلىغانلىرىڭنى ئويلىدىم،سىنى سېغىندىم بىلىۋاتامسەن قوزام سىنى بەكمۇ كۆرگۈم كەلدى.سىنى ھەر قېىم ئىچ ئىچىمدىن ئىنتىلىپ تۇرۇپ چاقىرىشلىرىم
-نىمە!
دىگەن سىلكىش ئارلاشقان قوپاللىقىڭ بىلەن جاۋاپلىناتتى،شۇنداقتىمۇ مەن سىنى چاقىرىشتىن زىرىكمەيتىم،چۈنكى سىنى ياخشى كۆرەتتىم...قارا ئومۇقۇم،تاتلىق قوزام،مەن سەن بىلەن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرۋاتىمەن،قىلبىمدىكى سۆيگۈ يارسىنىڭ ئەمدى ساقىيالمايدىغانلىق ئۆزۈمگە ئايان.سىندىن بەكمۇ سوراپ بىلگىم بار ئەمما تاكى بۈگۈنگىچە جاۋابىغا ئىرىشىپ باقمىغان شۇ گەپنى يەنە سوراپ باققىم كىلىۋاتىدۇ
-ماڭا نىمىشقا قوپال مۇئامىلەڭ بىلەن قوپال سۆزلەپلا يۈردىغانسەن؟
-مىنىڭ ئەزەلدىن شۇنداقلىقىمنى بىلمەمتىڭ !!!دىيىشىڭ ئېنىق...
بولدى جېنىم مەن قايسى بىر كۈتكەنلىرىمگە ئىرىشىپ كىتەلىگەن؟... مەن دىگەنغۇ مىنىڭ بۇ يەردە سەندىن باشقا كۆڭلۈم سۇ ئىچىدىغان ھېچ نەرسەم يوق دەپ،مەن سىنى دەپلا ياشاپ كەلدىم، ساڭا سۆزلىگەن سۆزلىرىمنى دەرت تۆكتۈڭ دەپ قارىما،مەن دەردىمنى ساڭا تۆكمەيمەن،ھەم سىنىڭ كۆتۈرەلمەيدىغانلىقڭنى بىلگەچكە ھەممە دەرت لەرنى مانا ئەمدى ئۆزۈم بىلەن يىراقلارغا ئېلىپ كەتمەكچىمەن...جېنىم سىنى شۇنداق سېغىنىپ ئەسلەۋاتىمەن، شۇ قوپاللىقىڭنى يادىمدىن نېرى قىلالمايۋاتىمەن،دايىم دەيتىڭ قاچانمۇ ئاڭلىماسمەن ئاۋازىڭنى،كۆزۈمگە سەت كۆرۈندۈڭ...دىگەندەك...ئەمدى ئاڭلىمايسەن،ئەمدى كۆرمەيسەن ،جېنىم قوزام تىلفۇنۇڭنى بىردەم بىردەم سايرىتىدىغان قىسقا ئۇچۇرلىرىمنى جاۋاپ سىز قالدۇرغان خەتلىرىمنى ساڭا بېسىم بولغان ئىزدەشلىرىمنى<<باراي چۇ>>دىگەن ئۆتىنىشلىرىمنى ئەمدى ئاڭلىمايسەن، كوچىلاردا ئامراقلىقىمدىن ئارقاڭغا قايرىپ مەڭزىلىرىڭگە بوشقىنە سۆيۈشلىرىمدىن ئاخىرى قۇتۇلدۇڭ،كوچا ئاپتۇبۇسلىرىدا سىنى بىزار قىلىدىغان (يوغان ئىشلىرىمدىن)بىر يولىلا ئازات بولدۇڭ،مىنى سۆيۈپ قويە دىيىشلىرىمدىن بىزار لىق ھېس قىلغان ئىدىڭ مەن شۇ سەن بىزار بولغان ھەممىلا نەرسىلەرنى ئۆزۈم بىلەن بىرگە ئېلىپ كەتمەكچىمەن،ئەمدى ماڭا نىمىشقا تىلفۇن قىلمايسەن؟ئۇچۇر يوللىمايسەن؟سەن نەدە؟مەن سىنى ئالغىلى باراي...دىگەندەك بىزارلىقڭنى قوزغىغان سۆزلەرنى دىمەيمەن،بىردەم بىردەم ئاۋازىڭنى سېغىنىپ تىلفۇن قىلمايمەن،سەن جاۋاپ قايتۇرۇشقا ئىرىنىدىغان قىسقا ئۇچۇرلارنىمۇ يوللىمايمەن،پەقەت ۋە پەقەت سەن سوۋغا قىلغان مەن ئامراق شۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ كىتىمەن... ئۆزۈڭنى ئاسىرا ھەر قېتىم ئەتىگەنلىك تاماقنى ۋاقتىدا يىيەلمەي ئاشقازىنىڭ ئاغرىپ قالاتتى،ئەمدى دىققەت قىل،كومپىيۇتىرغا كۆپ قارايسەن كۆزۈڭگە ۋاقتى ۋاقتىدا دورا تېمىتىشنى ئۇنۇتما،قىشنىڭ كۈنلىرى ئاسانلا تىيىلىپ كىتەتتىڭ ئەمدى قاراپ ماڭ،سەن ھەقىقەتەنمۇ مىنىڭ قەلبىمدىكىدەك،ئارزۇ قىلغىنىمدىكىدەك ئەخلاقلىق قىز،سەن مەن ئۈچۈن تولىمۇ ئۆلچەملىك لايىق،ئەپسۇس تەرسامىجەزىم ساڭا ماسلىشىپ بولالمىدى،ئۆز قولۇمچە كەپتەر كاۋىپى قىلىپ بىرەر مەن دەپ ئويلىغان،ئىنسان شۇنداق نۇرغۇنلىغان ئارزۇ ئارمانلىرىغا يىتەلمەستىن ئۆمرىنى ھەسرەت نادامەتتە ئۆتكۈزسە كىرەك...مەن ساڭا سەن خالىمىساڭمۇ توختىماي ئۇچۇر يوللاپ ،تىلفۇن قىلىپ كۆنۈپ كەتكەن ئىكەنمەن،ئاۋازىڭنى بىردەم ئاڭلىمىسام كۆڭلۈم يېرىم بولىدىغان بولۇپ قاپتىكەنمەن،<كۆنگەن يامانمۇ كۆيگەنمۇ دىگەندەك...>جاھاندىكى بارلىق ياخشى نەرسىلەرنى ساڭا سوۋغا قىلسام دەپلا ئويلايتىم،چۈنكى سەن ياخشى نەرسىلەر بولسىلا سەممىنى ياخشى كۆرىمەن دىگەن ئەمەسمىدىڭ...سومكاڭنىڭ ئىچىدىن چىقمايدىغان نەرسە يوق ئىدى،
-ئالمابولامدۇ!!!،كۆتۈرۈپ بولالمىدىم دەيتىڭ
ئەمدى تاللا بازارلىرىدىكى ،ئالدىمغا ئۇچۇرغانلىكى ئوماق نەرسىلەرنى ئالغىم كەپ قالسا قانداقمۇ قىلارمەن ھە...
خەيرىيەت ئۆزۈڭنى ئاسىرا
خامشوخلا.
[ بۇ يازما hamxohla تەرپىدىن2008-12-23 17:08دە قايتا ]