ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
دىنى قېرىنداشلىق
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، ئۇ ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە ئۇنى دۈشمىنىگە تاپشۇرۇپ بەرمەيدۇ. كىمكى ئۆز قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىنى راۋان قىلسا، اﷲ ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋان قىلىدۇ. كىمكى مۇسۇلماندىن بىر مۇشەققەتلىكنى كۆتۈرۈۋېتىدىكەن، اﷲ ئۇنىڭدىن قىيامەت كۈنىنىڭ مۇشەققىتىدىن بىر مۇشەققەتنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپىدىكەن. اﷲ مۇ قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ«. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]
بۇ ھەدىسنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: مۇسۇلمانلارنىڭ بىرى ـ بىرلىرى بىلەن قېرىنداش بولغانلىىقى ۋە بۇ قېرىنداشلىقنىڭ مۆمىنلەر ئارىسىدا شەپقەت، ھەمكارلىق رە دوستلۇقنىڭ كۈندىن كۈنگە كۈچىيىشى ، ئۇمۇملاشمىسىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىۋالالايمىز.
شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان، دىنى قېرىنداشلىق ھەقلىرىگە ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە رىئايە قىلىشى، دىنى قېرىندىشىغا قانۇنى ۋە ئەخلاقى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى لازىم.
مۇسۇلماندىنى قېرىنىدىشى ئۈچۈن شەخسى مەنپەئىتىدىن كىچەلىشى ، ئۇنىڭغا زىيان ئېلىپ كىلىدىغان ھەر قانداق ئشنى قىلىماسلىقى لازىم.
مۇسۇلمانلار بىر ـ بىرىنىڭ ئىھتىياجىنى قامدىشى، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشى، ئېيىپ ۋە كەمچىلىكلىرىنى يېپىشى دىنى قېرىنداشلىق مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر.
[ بۇ يازما a:juxkun تەرپىدىن2008-12-21 22:21دە قايتا ]