ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 903 ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئەرلەرمۇ خۇشال ئۆتۈشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

xabnam.com003
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 67508
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 19 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 140 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 120(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 ئەرلەرمۇ خۇشال ئۆتۈشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك.

tilek
رېئال تۇرمۇش ھامان رىقابەتكە تولغان بولۇپ، ھۇزۇرىمۇ، ئازابىمۇ بولىدۇ. ئەرلەرگە نىسبەتەن تۇرمۇش بەزىدە تېخىمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ. جەمئىيەت ئەرلەرگە تەسىس قىلغان ئوقۇشقا تېگىشلىك دەرىسلىك-<< نەتىجە يارىتىش>>، ھازىر بەزىلەر<< ئۈنۈم يارىتىش>>، دەيدۇ. لېكىن، مەيلى<< نەتىجە>> ياكى << ئۈنۈم>> بولسۇن، ئۇنى << يارىتىش>> ئۇنداق ئاسان ئەمەس.
   بىراق ئەرلەر مەيلى قانچىلىك << قىيىنچىلىق>>، قانچىلىك << دەرت- ئەلەم>> بولسۇن، تۇرمۇشنى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇشى، تۇرمۇشنىڭ سىناقلىرىغا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، تىرىشىپ مۇھىتقا ماسلىشىپ، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىشى كېرەك. مانا بۇلار ئەرلەر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردۇر.
ئاچچىقلىنىش ئۆزىنى ئۆزى خورلاشتۇر.
   ئاچچىقلىنىش بىز تۇرمۇشتا دائىم ئۇچرايدىغان ئەھۋال.<< ئاچچىقلىنىپ ئۆلەي دېدىم>> دېگەنمۇ بىر خىل دائىم ئېيتىلىدىغان ئادەت سۆزى.
   مەيلى شىركەتتە خوجايىنى بىلەن ئىختىلاپ بولۇپ قالسۇن، ياكى ئۆيىدە<< غەرەز ئۇقمايدىغان>> ئايالىدىن تەنبىھ يېگەندە بولسۇن، ئەرلەرنىڭ ھەممىسى دائىم بىر بۇلۇڭدا يالغۇز ئولتۇرۇپ، ئاچچىقلىنىپ، بۇرۇختۇرما بولىدۇ. بۇ خىل مەغلۇبىيەت تۇيغۇسى ۋە يوقىتىش تۇيغۇسىنى تىل بىلەن ئىپادىلەش قىيىن. ئەمەلىيەتتە نەدىمۇ شۇنچە كۆپ ئاچچىقلىنىش بولسۇن؟ ئامېرىكىلىق بىر جەمئىيەتشۇناس ئىلگىرى<< غەزەپلىنىش، خاتا چۈشىنىشكە چىداش كەيپىياتى>> دېگەن كىتابىدا مۇنداق دېگەن:<< ئاچچىقلىنىش ھەرگىز بىر خىل تۇغما كەيپىيات ياكى ھەرىكەت ئەمەس، ئۇنى كىشىلەر كېيىن ئۆگىنىۋالغان. ئاچچىقلىنىش ياكى ئاچچىقلانماسلىقىنى كىشى ئۆزى بەلگىلەيدۇ>>. دېمەككى، كىشىلەر ئاچچىقلىنىشنى ئۆزى كونترول قىلالايدۇ. مانا بۇ ئوخشاش بىر ئىشقا بەزىلەر ئاچچىقتىن يېرىلىپ كېتەي دېسە، لېكىن بەزىلەر ھۇزۇر - ھالاۋەتتە ياشاپ، قىلچىمۇ كۆڭلىگە ئالمايدۇ دېگەنلىكتۇر. سىز پەقەت ئاچچىقلىنىشنىڭ ئۆزى بىلەن ئۆزى قارشىلىشىش، ئۆزىنى ئۆزى خورلاش ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىزلا، ئاچچىقلىنىشنى تۇرمۇشىڭىزنىڭ تەم تەڭشىگۈچىسى قىلىۋالمىسڭىزلا، تەبئىي ھالدا ئۆزىڭىزنى << ئاچچىقتىن ئۆلتۈرمەيدىغان>> بولىسىز.
ئاچچىقلانمايمەن دېسىڭىز ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاسان
   ئالدى بىلەن، ئۆزىڭىزنىڭ ئىدىيىسىنى تەڭشەپ، ئۆزىڭىزنى ئۇنداق ئويلىماسلىققا، ھەرقانداق ئىشنىڭ ياخشى- يامان ئىككى تەرىپى بولىدىغانلىقىنى بىلىشكە، ياخشى تەرىپىنى ئويلاشقا ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، غەزىپىڭىزنى ئارقىغا سۈرۈشنى سىناپ كۆرۈڭ. ئەگەر سىز يولۇققان بىرەر ئىشتىكى بىۋاستە ئىنكاسىڭىز غەزەپلىنىشتىن بولسا، 15 سېكۇنىت ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئاندىن بۇرۇنقىدەك ئاچچىقلىنىڭ. كېيىنكى قېتىمدا 30 سېكۇنىت كەينىگە سۈرۈڭ. بۇ ۋاقىتنى ئۈزلۈكسىز كەينىگە سۈرۈپ، غەزپىڭىزنى كەينىگە سۈرەلەيدىغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىۋالغان بولىسىز. كەينىگە سۈرۈشنىڭ ئۆزى كونترول قىلىش. كۆپ قېتىم سىناپ كۆرسىڭىز، ئاخىرىدا غەزىپىڭىزنى پۈتۈنلەي كونترول قىلالايدىغان بولىسىز. ئۇنىڭدىن قالسا، ئاچچىقلانغان ۋاقتىڭىزدا، مەن باشقىلارنىڭ ئۇنداق قىلىشىنى خالىمايمەنۇ، نېمىشقا پەقەت ئۆزۈملا شۇنداق قىلىمەن دەپ ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاچچىقلانغان ۋاقتىڭىزدا، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە يېقىنلىشىپ، ئۇلارنىڭ مېھىر - مۇھەببىتى ئارقىلىق ئۆزىڭىزدىكى ئۆچمەنلىكنى تۈگىتىڭ. يەنە بىرخىل ئەپسىزرەك چارە- بىر << ئاچچىقلىنىشنى خاتىرىلەش خاتىرىسى>> يېزىپ، ئاچچىقلانغان ۋاقتىڭىز، ئورۇن ۋە ئىش، بارلىق ئاچچىقلىنىش جەريانىڭىزنى يېزىپ ماڭسىڭىز، سىز ناھايىتى تېزلا داۋاملىق ئاچچىقلىنىپ خاتىرە يېزىشنىڭ بىر ئاۋارىچىلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىڭىزنى ئازراق ئاچچىقلاشقا دەۋەت قىلىدىغان بولىسىز.
خۇشال ئۆتمەيدىغانلارنىڭ تىپىك تەپەككۈر شەكلى:
    سۇبيېكتىپ ھالدا پەرەز بىلەن ھۆكۈم قىلىش: ئەمەلىي ئاساسى بولمىغان ھالدا قارسىغىلا پاسسىپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ھەممە ئىشتا ئەمەلىي پاكىت بولۇشى كېرەك. خوجايىننىڭ بۈگۈنكى پوزىتسىيىسنىڭ ئىلگىرىكىدەك قىزغىن ئەمەسلىكىگە قاراپلا، خوجايىن مەندىن نارازى بولۇپ قاپتۇ دېگەن يەكۈننى چىقىرىش كۈلكىلىكتۇر. سىز بۈگۈن خوجايىننىڭ خانىمى بىلەن تەگىشىپ قالغانلىقىتىن، كەيپىياتىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىنى قانداق بىلىسىز!؟
ئايرىمىلىقنى ئومۇميىلىق دەپ قاراپ:
  ئىنچىكە تەرەپلەرنى تۇتىۋېلىپ، ھەممىگە پاسسىپ مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ. ئۇ يەر - بۇيەردىن ئۈزۈۋېلىش قايغۇ - ھەسرەتكە چۆكۈپ قېلىشنىڭ بىۋاستە سەۋەبى. ئىشلارنى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىڭ، ئۆزۈم بىلەن كۈچ ئېلىشاي دېمىسىڭىزلا، بىر نۇقتىنى قويۇۋەتمەي ئېسىلىۋالماسلىق كېرەك.
ئۆزۈمچىل بولۇش:
تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكى ۋە خاتالىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىڭىزگە ئارتىۋېلىپ، باشقىلارنىڭ بەختىسىزلىكى ۋە سەۋەنلىكى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئېلىۋالماڭ. بەزى ۋاقىتتا << بەك ۋىجدانلىق >> بولۇپ كەتسىمۇ ئۆزىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىن چاتا چىقسا، سەۋەبى سىزدە بولماسلىقى مۇمكىن. ئۆزىڭىزگە ھەددىدىن ئارتۇق قاتتىق تەلەپ قويۇۋالماڭ، سىز ئۆزىڭىزنىمۇ بوش قويۇۋەتمىسىڭىز، بۇ دۇنيادا يەنە قانداق ياشاش يولى بولسۇن.
ئامىنەم ياسىن (ت)

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-21 20:38 |
tograh0997
يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 38094
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4677
شۆھرەت: 4894 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 117 نۇمۇر
ياخشى باھا: 255 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 988(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

ئەھمىيەتلىك تېمىكەن، خوشاللىق ئادەمگە ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىدۇ، ئادەم خوشاللىنىشنى ھۇزۇرلۇنىشنى بىلىشى كېرەك،

ئەزىز بوۋاق
./read.php?tid-62328.html
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 20:42 |
خۇشچاقچاق
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 17844
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2031
شۆھرەت: 21014 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 31 سوم
تۆھپە: 23 نۇمۇر
ياخشى باھا: 73 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 593(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

مەزمۇنلۇق تېمىكەن، رەھمەت!!!

ھەقىقىي مىسۋاك
نۇپۇس كۆپىيۋاتىدۇ ، بىراق ئادەملەر ئازىيۋاتىدۇ
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 21:13 |
duxman007
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 62466
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 77
شۆھرەت: 78 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 770 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 142(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

  ياخشى تىمىكەن ، خۇشال ئۆتكەنگە يەتمەيدۇ ، ئاچچىقلاش باشقىلارنىڭ گۇناھى ئۇچۇن ئۆزىنى جازالىغانلىق بولىدۇ.

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 22:21 |
200888maxal
ئالاھىدە ئىلگىرلەش رەسىم يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 41486
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1839
شۆھرەت: 1861 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 8388 سوم
تۆھپە: 65 نۇمۇر
ياخشى باھا: 145 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 742(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

 

شۇڭا مەنمۇ بۇندىن كىيىن ئۆزۈمنى خۇشال تۇتاي دەيمەن

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 22:56 |
jazira2009
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 69047
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-29

 

بۇتىمىنى دەل ۋاقتىدا زىيارەت قىپتىمەن ئالدىنقى كۈنى كەچ بىردەملىك ئاچچىقتىن ئىغىر كۆڭۈلسىزلىك تارتىۋالدىم .سىزنىڭ بوتىمىڭىزغا كۆپ رەخمەت

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-29 18:56 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:12-30 13:06, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ