پالچى سىزچە ئەركىنلىككە.ئىنتلگۇچلەرترورچىلق قىلامدا ،ئۇلائەركىنلىك ئەمەس بەلكى ئۆزلىرگە ۋەئۆز خەلقغە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلدۇ ،نوچى بولسا دىپلۇماتىيە ئارقلىق ئەركىنلىك تەلەپ قىلسۇن
................................................................................................................................................
ئۆرگۈلەي! سىزنىڭ دىپلۇماتىيەلىرىڭىزدىن ھەجەپ كۈلگۈم كەلدا
سىزچە ئەمىسە پەلەستىنلىكلەرنىڭ كۈرشىمۇ تىرورلۇق بۇلامدۇ؟ چېچىنيىنىڭچۇ؟
تىرورلۇق دىگەنچۇ دوستۇم، سىز چوڭ بۆلگەن ئاشۇ دىپلۇماتىيە قۇرۇق شۇئارغا ئايلانغاندا ئاندىن ئەيدانغا چىقىدۇ....
تارىختا قايسى ئەل دىپلۇماتىيە يۇلى بىلەن ئەركىنلكە چىقىپتىكەن؟ مىنىڭ كۈزۈمنى بىر ئېچىپ قۇيۇڭا دوستۇم بىلۋالاي......
بىز تىرورلۇققا باھا بىرىشتە، ئالدى بىلەن تىرورلۇقنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى چۈشۈنىشىمىز كېرەك شۇڭا ھەممىنى بىر تەياقتا ھايدەپ باھا بىرىشكە بولمايدۇ..
سىز ئىنكاسىڭىزدا تىرورلۇق ئوز خەلقىگە بالايى ئاپەت ئېلىپ كىلىدۇ دەپسىز. بۇ سۆزنى نىمىنى ئاساس قىلىپ دىگىنىڭىزنى بىلمىدىم. قېنى دوستۇم قۇلۇڭىزدىن كەلسە تۈركىيەگە بېرىپ بۇ باساھەتلىك سۆزلۈرىڭىزنى ئاشۇ بىچارە كورتلارغا دەپ بېقىڭا قېنى ئۇلار نىمە دەيدىكىن...
شۇڭا مەن باشتىلا دەپ ئۆتتۈم بىز بىرەر كورت بىلەن كۈرۈشۈپ ئەسرا مۇلاقەتتە سۆزلۈشۈپ باقمىغاندىكىن ئالدىراپ بىر نەرسە دىمەيلى دەپ، بىز بۇ خەۋەرنى تاراتقۇلاردىلا كۈرىۋاتىمىز تاراتقۇلارنىڭ نىمىلىگىنى سىز چۈشۈنىسىز دوستۇم.ھەممىسى ئۈزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردۇ.
يېنە بىر تەرەپتىن ئويلىغاندا ئەرىك ھۇن بۇرادەرنىڭ دىگىنىنىمۇ خاتا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.ئۇنۇڭ مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىشەلمەي پارچىلىنىپ كەتكەنلىگىگە ئېچىنىپ سۆزلىگەنلىگىنى مەن چۈشەندىم. بولسا مۇسۇلمانلار بىرلىشىپ بىر بايراق ئاستىغا يىغىلسا بۇلاتتى( بىراق بۇ مەجبۇرى بولماسلىغى كەرەك. مىللەتلەر ئۆزلىرى خالىغان بۇلۇشى كېرەك) يىغىپ ئېيتقاندا تەكشۈرمىگەننىڭ پىكىر بايان قىلىش ھۇقۇقى يوق دەپتىكەن شۇڭا بىز نىڭ بۇ ئىشلارغا ئالدىراپلا باھا بەرمىگىنىمىز ياخشاراق...... بۈنچىلىك ئەقەللى ساۋاتنى سىزنى چۈشۈنىدىغۇ دەپ ئويلايمەن....
كەچۈرۇڭ كۆپ سۆزلەپ قويدۇم.
ئاخىردا مۇنبەرداشلارغا ئەسكەرتىش: سىلەردىن كۈتۈدىغىنىم بولسا بۇندىن كىيىن مۇنازىرلەشكەندە باشقىلارنىڭ مۇنبەردىكى ئىسمىنى تىشلەپ تارتىپ مۇنازىرە قىلمىساڭلار. مىنىڭ ئىسمىم پالچى بولغىنى بىلەن ئۆزەم پالچى ئەمەس
ئاللا خالىسا مەنمۇ بەش ۋاخ ئۇقۇيمەن نامازنى. قانداق قىلاي ئەمدى.مۇنبەردە ئادەم كۆپ بولغاچقا باشقا چىرايلىق، مەنىلىك ئىسىملارنى ھەرقايسى چوڭلۇرۇم تىزىملىتىپ بۇلاپتۇ. بۇنى تىزىملاتسام باشقىلار ئىشلەتمىگەن بۇلۇپ چىقتى شۇڭا بۇ ئىسىمنى قوللاندىم... توغرا چۈشەنگەيسىلەر
[ بۇ يازما palchi تەرپىدىن2008-12-22 10:14دە قايتا ت ]