13 ياشلىق ئۆسمۈر قىز ئاپەت رايونىغا 40 يۈەن ئىئانە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئانىسى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى
سىچۈەندىكى يەر تەۋرەپ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئىئانە قىلغان 13 ياشلىق قىز ئانىسى تەرىپىدىن نوغۇچ بىلەن ئۇرۇپ دەھشەتلىك ئۆلتۈرۈلدى . سۇ چيەن (宿迁) شەھەرلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا 1 - سوت ھۆكۈمى ئىلان قىلىپ ، شياۋفاڭنىڭ ئانىسى (جاۋابكار) غا قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 15 يىللىق قاماق جازاسى بىرىپ سىياسىي ھوقوقىدىن 5 يىللىق مەھرۇم قىلدى . شياۋفاڭ(جەبىرلەنگۈچى)نىڭ ئاتىسى 11 - دىكابىر مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا : «جازا بىر ئاز يىنىك بوپ قاپتۇ» دېدى ھەم نارازىلىق ئەرز بىرىپ «قىزى ئۈچۈن ھەققانىيەتنى ياقلىماقچى» بولدى .
شياۋفاڭ بۇ يىل 13 ياش بولۇپ ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىدى . بۇ يىل 12 - ماي ۋىنچۈەندە يەر تەۋرىگەن ۋاقىتتا ، شياۋفاڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن 40 يۈەن پۇل سوراپ ، ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش كىيىملىرىنى ئىلىپ مەكتەپكە بىرىپ ئىئانە قىلىدۇ . 18 - ماي شياۋفاڭنىڭ سىنىپ مۇدىرى ساۋاقداشلارنىڭ پارچە - پۇرات پۇللىرىنى ئىئانە قىلىشقا سەپەۋرەر قىلىدۇ . ئىككىنچى كۈنى شياۋفاڭ ئۆيىگە قايتقاندا ئىئانە يىغىش ئىشىنى ئاپىسىغا ئىيتىدۇ . شياۋفاڭنىڭ ئاپىسى (جاۋابكار) بۇ گەپنى ئاڭلاپ شياۋفاڭنى ئەيىبلەپ ، ئۇنىڭ قايتا - قايتا چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىماي نوغۇچ بىلەن ئۇنى ئۇرۇشقا باشلايدۇ . ئۇ شۇ ئۇرغۇنىچە بۇ قىزنىڭ ئاغزىدىن مازغاپ چىققۇچە ئۇرۇپ ، بەدىنىنى كۆكەرتىۋىتىدۇ . بەدىنىنىڭ (%25) قىسمىدىن قان ئاقىدۇ . ئاخىرىدا بۇ مەسۇمە قىز ئاۋازى ئۆچىدۇ . شۇ كۈنى كەچ سائەت 6:00 شياۋفاڭ دوختۇرخانىغا ئىلىپ بىرىلىش جەريانىدا ئۆلۈپ كىتىدۇ . سۈرەتتە : جەبىرلەنگۈچى قىزنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سۈرىتى .
http://bbs.iyaxin.com/viewthread.php?tid=18377