yuksakdil
ھالىتى :
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 624
شۆھرەت: 625 نۇمۇر
پۇل: 6240 سوم
تۆھپە: 2 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:134(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-11
|
5 خىل ئادەم سىزنىڭ دوستىڭىز بولالايدۇ
خىل ئادەم سىزنىڭ دوستىڭىز بولالايدۇ
جەمئىيەت ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى ئۆزگىرىپ، بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتا مەلۇق مەقسەت نىشانىدىن سىرت، نام ئابرۇي ۋە زور مەنپەئەتنى قوشۇمچە قىلىۋاتىدۇ. بۇ پەيتتە، كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى كۆپ ئېنىق بولمىغان راست ۋە يالغانلار ئارىلىشىپ كېلىپ، بىزنىڭ «دوست»قا بولغان كۆز قاراشلىرىمىزغا ئازراق ئەندىشە ئارىلاشماقتا. ئىنسان كىشىلىك تۇرمۇش مۇساپىسىدە ھەرگىزمۇ بىر ئۆمۈر يالغۇز تەنھا ياشىيالمايدۇ. ھەر ۋاقىت ئۆزىنى چىن قەلبىدىن ياد ئەيلەيدىغان دوستقا ئېرىشىشنى ئۈمىت قىلىدۇ. بۇ بىر كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان، تەقەززا قىلىدىغان ۋە ئۈمىت-ئارمانلارغا تولغان جەرياندۇر. شۇنداق بولغان ئىكەن، بىز بىراۋ بىلەن تونۇشۇپ، ئۇزۇن جەريان كۈتمەيلا ئۇنى «دوست» قاتارىغا ئۆتكۈزمەسلىكىمىز كېرەك. پەقەت تۆۋەندىكى 5 تۈرلۈك كىشىلەرلا سىزنىڭ ھەقىقى دوست بولۇشىڭىزغا تېگىشلىكتۇر. 1. مەدەت بېرىش تىپىدىكى دوست. بۇ خىلدىكى كىشىلەر دائىم سىزگە مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ تۇرىدۇ. سىز ئۇ دوستىڭىز بىلەن بىللە بولغاندا خۇددى ھەممە ئىشلىرىڭىز ھەل بولۇپ كەتكەندەك، بارلىق قىيىنچىلىقلىرىڭىز ئاسانغا چۈشكەندەك ھېسسىياتقا كېلىپ، سىزگە غايەت زور ئىلھام بېرىپ، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا يار-يۆلەك بولۇپ تۇرىدۇ. 2. ئېتىراپ قىلىش تىپىدىكى دوست. بۇ خىلدىكى كىشىلەر دائىم سىزگە ئىلھام بېرىش بىلەن بىرگە، ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى، ئالاھىدىلىكىڭىزنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر يەنە ئىنتايىن كەڭ قوساقلىق ئەتراپلىق ئىنچىكە بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، سىز باشقىلارنىڭ ئىنكاسىدا ئۆز نەتىجىڭىزنى، خوشاللىقىڭىزنى كۆرمىگىنىڭىزدە، بۇ دوستىڭىز دەل شۇ چاغدا سىزنىڭ تولىمۇ توغرا قىلغىنىڭىزنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە سىزگە زور خوشاللىق ئاتا قىلالايدۇ. 3. ئورتاق قاراش تىپىدىكى دوست. بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى سىزنىڭ قىزىقىشىڭىزغا ئەڭ يېقىن بولۇپ، ئادەتتىكى پىكىر-ۋە كۆز قاراشلاردىمۇ ئورتاقلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. دائىملىق مۇناسىۋەتتە ئوتتۇراڭلاردا جىپسىلىشىش پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. ئورتاق بولغان قىزىقىش ۋە تۇرمۇش نىشانى ۋە باشقا بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە سىز دائىم ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ تونۇپ تۇرىسىز. بۇ خىل مۇقىم بولغان ئورتاقلىق سىزگە دائىم بىر خىل ئارامبەخش ۋە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرىدۇ. 4. ياردەم تىپىدىكى دوست. بۇ خىل دوست سىز بىلەن تونۇشۇپلا، تېز پۇرسەتتە ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە تونۇشتۇرىدۇ. ئۇ دوستىڭىزنىڭ دوستى سىزنى ھەر ۋاقىت تونىيالايدۇ. بۇ خىل دوست سىز شان-شەرەپ قۇچقىنىڭىزدا ئانچە پەيدا بولۇپ كەتمەيدۇ. پەقەت سىز مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا پەيدا بولۇپ سىزگە ئەمەلىي ياردەم بېرىپ، سىزگە ئۈمىت ئاتا قىلىدۇ. سىزنىڭ ئاكتىپ پسىخىكىڭىزغا ھەر ۋاقىت يورۇق چىراق يېقىپ بېرەلەيدۇ. 5. ھەمرا تىپىدىكى دوست. بۇ خىلدىكى دوست پەقەتلا يېڭى خەۋەر بولسا، مەيلى خوش خەۋەر ياكى قايغۇ خەۋەر بولسۇن بىرىنچى بولۇپ سىزگە ئېيتىدۇ. ھەرۋاقىت سىزگە قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. دائىم پىكىرلىشىدىغان ۋاقىت ئاز بولسىمۇ، ئۇ ياقنىڭ دوستلۇققا بولغان چىن ئەقىدە، ساپ كۆڭلى سىزگە ئۈن-تىنسىز ھەمرا بولۇپ كۆڭلىڭىز توق تۇرىدۇ. يۇقىرىدىكى مەزمۇنلاردىن كېيىن، نىشاننى ئېنىق قىلىپ كۆڭلىڭىزنى كەڭ تۇتۇپ، ئۇلارنى قوبۇل قىلىڭ. چىن دوستلۇققا تاللاڭ. ئۇلارغىمۇ چىن دوستلۇقنى يەتكۈزۈڭ. لېكىن بەكلا يۆلىنىۋالماڭ. بۇ توغرىسىدا ئامېرىكا يازغۇچىسى پىئېرنىڭ ئېيتقان مۇنداق سۆزى بار: «سىز ئىنتايىن يېقىن دېگەن دوستىڭىزدىن، ھەر ۋاقىت بارلىقىڭىزنى كۈتۈپ يۈرمەڭ». 2007-يىل 16-ئاپرېل
________ جۇدا تەستىقى
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-04-16 16:24 |
| |