ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 2555 ـ ئوقۇرمىنى
Ark-zat
ئەمەتجان مۇھەممەت
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 12
يازما سانى : 5344
شۆھرەت: 5746 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 37020 سوم
تۆھپە: 796 نۇمۇر
ياخشى باھا: 595 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1035(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-28

 قايغۇلۇق بىر كۈن

قايغۇلۇق بىر كۈن

ئاپتۇرى:ئوسمان ئىسمايىل شاھيارى

ئاۋازدا : ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات

(يېرىم مىنۇت ساقلاپ ئۈستىدىكى ساغۇچ رەڭلىك قويۇش كونۇپكىسىنى بېسىڭ
يەنە بولمىسا بەتنى يېڭىلاپ بىر مىنۇت ساقلاپ بېقىڭ)
  


2008-يىل 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاۋازغا ئېلىندى.

ئەزىز بوۋاق
شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
قوليازمىلىرىمنى رۇخسىتىمسىز ئىشلەتمەڭ!!!
مېنىڭ تېمىلىرىمنى  Ark-zat.Xabnam.com   دىن كۆرۈڭ.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-20 21:35 |
kontirul
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 35604
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 318
شۆھرەت: 319 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3159 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 319(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

ھىچنىمە  چىقمايدىغۇ؟

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-20 21:53 |
balik
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 67130
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 37(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-21

 

ھەقىقەتەن تەسىرلىك ئۇقۇلۇپتۇ،كۆزلىرىمگە ياش  كىلىپ كەتتى.رەخمەت.

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-20 22:16 |
dilbinur
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 35235
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 442
شۆھرەت: 443 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 960 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 307(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

بەك تەسىرلىككەن  ، كۆزلىرىمدىن ياشلىرىم توختىماي ئېقىپ كەتتى .

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
./read.php?tid-62869.html
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-20 22:21 |
munajat7
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 40796
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1195
شۆھرەت: 1317 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10936 سوم
تۆھپە: 137 نۇمۇر
ياخشى باھا: 140 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 436(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

ئەرلىكىمگە بوي سۇندۇرمىدى ،بەك تەسىرلىككەن  يىغلىماي بولمىدى. رەخمەت مۇشۇنداق تىمىلارنى يوللاڭلار ، دادىسى تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچىرغان قىزنى ئۆچىرۋىتىڭلار ،ھەم كونا ھەم سەل بولمىدى.

ئەزىز بوۋاق
خوپ ئۆزۆڭ دۇنيا بىراق،شەيتانلىرىڭدىن قورقىمەن،
بىگۇنانى باغلىغان ئارقانلىرىڭدىن  قورقىمەن.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-20 22:33 |
tograh0997
يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 38094
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4611
شۆھرەت: 4818 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1270 سوم
تۆھپە: 107 نۇمۇر
ياخشى باھا: 240 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 943(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

ھەقىقەتەن بەك تەسىرلىككەن

ھەقىقىي مىسۋاك
./read.php?tid-62328.html
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-20 22:46 |
97BIRTALGUL
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 40937
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 202
شۆھرەت: 203 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1970 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 699(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

ئىنتايىن ياخشى ئاۋازغا ئېلىپسىز ئۇلۇغ ئاللاھ ئەزىز تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن .

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
8&fm=0&gp=28.jpg
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-20 22:58 |
YANGRAH
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 68245
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 37(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22

 

بۇ ئەسلىمە يۈرەكلەرنى يەنە بىر رەت ئېچىشتۇردى.............
ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆتكۈر ئەپەندىگە ئالىي جەننەت ئاتا قىلغايسىز!!!!!

ئەزىز بوۋاق
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-20 23:30 |
DEWRANI
دەۋران دەردلىرى داۋاسىزدۇر.
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 55117
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 616
شۆھرەت: 750 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6227 سوم
تۆھپە: 141 نۇمۇر
ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1103(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-24

 

                               ئەلۋىدا            

-ئۇلۇغ ئالىم، مەشھۇر يازغۇچى، ئەل سۆيگەن شائىر  ئا.ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ يىللىقىغا مەرسىيە
(شائىر ئەخمەت ھەمدۇللانىڭ  شۇ ناملىق غەزىلىگە مۇخەممەس)


ئاھ، ئەلۋىدا! ئۆتكۈر ئاتا، ئىدىلە خىزىر گويا،
بارچە ئەل دىل بوستانىدا بۇلبۇلتىلە خۇشناۋا،
بىمەللا كەتتىلە ئەيلەپ تۈمەن دىلنى يارا،
ئەلۋىدا! ئۆتكۈر ئاتا، ئاھ ، ئەي قەدىردان ئەلۋىدا،
كۆك ئارا يانغان چاراقلاپ نۇرانە چولپان ئەلۋىدا.

پەرۋىشلىرى بىرلە ئېچىپ گۈللەر ئۇز چېچەك،
بۇ گۈزەل ھۆر ماكانىمىز بولماپمىدى جەننەتتەك،
شۇ دەم بارچە كۆزلەردە لىغىلدار قان-ياش سىمابتەك،
كەتتى باغرىمدىن دېدى:يىگانە ئوغلان ئەلۋىدا.

«ئويغانغان زېمىن»دا بىز غەپلەتتىنمۇ ئويغۇنۇپ،
بېسىۋاتساق شان بىلەن ھەر قەدەمنى ئويلۇنۇپ،
ئۆزلە كېتىپ بىمەھەل قالدۇق ئەجەپ مۇڭلۇنۇپ،
ئاقتى تارىم ھەم ئىلى بەكمۇ ئاچچىق تولغۇنۇپ،
شاۋقۇنى يەتتى پەلەككە-سالدى چوقان، ئەلۋىدا.

بولغاچ سىلە ئەل ئۈچۈن ئەڭ غەمگۈزار چىن ئىنسان،
بۇ يولدا قان يۇتۇپمۇ ئەمەستىلە قاقشىغان،
تۇتتى ماتەم سىلىگە شۇڭا ھەتتا يەر-جاھان،
ئەنە قىر بېشىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى دېھقان،
بۇ شۇم خەۋەر ئەل كۆڭلىنى  قىلدى سەرسان، ئەلۋىدا.

ئۆمۈر بويى خەلقىم دەپ تالاي غەملەر يېدىلە،
ئەل قايغۇسى باش تارتىپ بولماس قايغۇم دېدىلە،
مۇشۇ ئويدا قالدى ھەم دىللىرىدا زېدىلەر،
پەزلى-ئەخلاق بابىدا شاھى-سۇلتان، ئەلۋىدا.

مىنۇتلىرى ئۆتمىگەچ ئەلنى ئالغا باشلىماي،
قايسى ئىنسان تۇرالار ئۆزلىرىنى ماختىماي،
ئارمانلىرى كۆپ ئىدى، ئەۋلادلىرى ئاقلىغاي،
ئەل-ۋەتتەن دەپ يازدىلا بىر ئۆمۈر ھېچ توختىماي،
ناملىرى-شۆھرەتلىرى تىللاردا داستان، ئەلۋىدا.

ئاھ، ئەلۋىدا!بارچە كۆزلەر ياش تۆكەر تارام-تارام،
كۆزلا ئەمەس قان-ياش تۆكەر لوپنۇر،  بوغدا، ھەم سايرام،
«ئۆمۈر مەنزىللىرى» مەڭگۈ قىلغۇسى قۇتلۇق داۋام،
«جايى جەننەت ئىچرە بولسۇن!»دېدى بارچە ئەل-ئاۋام،
قايغۇدىن ئۆرتەندى دىللار، كۆز يېشى فونتان، ئەلۋىدا!

                     ( دەۋران يازمىلىرىدىن)

ئەزىز بوۋاق
بۇرۇتۇڭ خەت تارتمىغۇچە، يۈرىكىڭ دەرد تارتماس.

                  ***      ***       ***
مەيلى دەۋران باقمىسا باقالمايمەن دەۋرانغا،
ياشالمايمەن تىزلىنىپ رامكىلانغان پەرمانغا.
چىن غۇرۇرۇم باشلىغان يولدا ماڭسام تەۋرەنمەي،
بېقىنمايمۇ دەۋرانغا يېتەلەيمەن ئارمانغا!

                    -ياسىنجان ئوسمان دەۋران
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 00:44 |
بأره
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 63757
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 271
شۆھرەت: 272 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2700 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 77(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

مەن ئاڭلىيالمىدىمغۇ قانداق قىلسا چىقىدۇ؟

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 00:46 |
tulpar-yurti
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 26263
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 752
شۆھرەت: 828 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7290 سوم
تۆھپە: 98 نۇمۇر
ياخشى باھا: 103 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 469(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

يىرىم مىنۇت ئەمەس ئون نەچچە مىنۇت ساقلاپ قويساممۇ قويۇلمىدى، ئىنكاسلاردىن قارىغاندا  بۇ ئاۋازلىق ئەسەر مەرھۇم يازغۇچىمىز ئۆتكۈر تىلەشۇۋ ئەپەندى بىلەن  مۇناسۋەتلىك قىلىدۇ.
ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان جايىنى جەننەتتە قىلسۇن.

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
  مەن بۈگۈندىن ئىتبارەن مۇنبەردىكى ناھەقچىلىقلارغا  سۈكۈت قىلىشنى لايىق تاپتىىم.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 11:12 |
rahbar
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 60158
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 349
شۆھرەت: 350 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3474 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 474(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

چىقمىدىغۇ.................؟ئىنكاسلارغا قارىغاندا ياخش ئوخشايدۇ؟

ئەزىز بوۋاق
ئىمان-ئىنساۋىمىز،ۋىجدان-غورورىمىز بىلەن ياشايلى!
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 11:50 |
SAWER~903
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 21087
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 227
شۆھرەت: 228 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2074 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 171(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

 

خۇدا،،،،،يۈرىكىم ئىزىلىپ كەتتى،،،،
ئەجەب تەسىرلىك ئاۋازغا ئىلىنىپتۇ،،،،،،
      

ئەزىز بوۋاق
بىزبولساق قورچاق.جاھان بولسا قورچاقۋاز.
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 18:26 |
佳吾兰
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 61225
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 672
شۆھرەت: 673 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6740 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 94(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-24

 

قېنى ھېچ نەرسە چىقمىدىغۇ

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 20:44 |
layli0317
لەيلى
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش موللا تاپقاق
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 23137
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1086
شۆھرەت: 1284 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10930 سوم
تۆھپە: 210 نۇمۇر
ياخشى باھا: 225 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1044(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

كۈچلۇك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر1985- يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان«ئىز»نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن،كىتابخانلارنىڭ ئارىسىداكۈچلۇك تەسىر قوزغاپ، يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنبىرىدە كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلىپ قىلىدىغان چولپان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى- ئاخىر«قەشقەركېچىسى»،«ئىز»، «ئۆمۈ ر مەنزىللىرى»، «ئويغانغان زىمىن» قاتارلىق كىتابلىرى نەشىرقىلىندى. ئۇنىڭ يەنە «شېئىر ۋە شائىر»،«تۇرپان تەسىراتلىرى»،«قەشقەر كېچىسى»،«ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك» قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلىرى خەنزۇ تىلىغاتەرجىمە قىلىنىپ «شېئېرىيەت»، «مىللەتلەرئەدەبىياتى»، «غەربىي دىيار ئەدەبىياتى» قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىندى.    1982-يىلى1-ئايدا «خەلق گېزىتى»دە ۋە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»تەتقىقاتىغا دائىر ئوبزورلار مەجمۇئەسىنىڭ2- سانىدا<<قەشقەركېچىسى>>ھەققىدە مەخسۇس ئوبزورلار ئېلان قىلىنىپ،بۇ نادىر ئەسەر«ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۈلزارىدىكى  ئاجايىپ ئېسىل گۈل» دەپ مەدھىلەندى. بۇ داستاننىڭ ياپون تىلىدىكى قىسقارتىلغان تەرجىمىسى1985-يىلى ياپونىيدە نەشىر قىلىنغان«جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەجمۇئەسى» نىڭ2-توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن . خەنزۇچە تەرجىمىسى1988- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرپىدىن ئايرىم كىتاب بولۇپ بېسىلغان ، ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. مۇشۇنداق مول نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كىلىۋاتقان ئىستىداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرپھىم ئۆتكۈر 1923- يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇرا ھال تىجارەتچى ئائىلىسىدەدۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاتا- ئانىسىدىن كپچىكلا ئايرىلىپ، يپتىم قالغان. دادىسى تىلەش بىگىم ئاتۇش تىجەنلىك كىشى بولۇپ،ئالەمدىن ئۆتەر چېغىدا، ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئابدۇرپھىمنى قۇمۇل مۆتىۋەرلىرىدىن بولغان دوستى ئوسمان ھاجىغا ئوغۇللۇققا بېرىۋەتكەن. ئوسمان ھاجىم كۆپنى كۆرگەن، ئوقۇمۇشلۇق، تەرەققىپەرۋەر كىشى ئىدى.   ئۇ ئۆمۈر بويى پەرزەنت يۈزى كۆرمىگە بولغاچقا، ئابدۇرېھىمنى ئىنتايىن ئارزۇلاپ ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىگەن. ئۇنى ئۆزى ئوقۇتۇپ خەت ساۋادىنى چىقارغاندىن كپيىن، دىنىي مەكتەپكە بەرگەن. دىنىي مەكتەپتە دەرىسلىك قىلىنغان كىلاسسىك ئەسەرلەر ئىچىدە«سوپى ئاللا يار» دىگەن كىتاب تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك ئاممىباب، گۈزەل، تەسىرلىك بولۇشى ۋە ۋەزنىنىڭ جاراڭلىقلىقى بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان. شۇنىڭ ئۈ چۈن ئۇ ئىككى مىڭ مىسرادىن ئارتۇق شېئىردىن تۈزۈلگەن بۇكىتابنىڭ كۆپ قىسمىنى يادىلاپ بولغان.    1934- يىلى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر باشلانغۇچ مەكتەپتە پەننىي بىلىم ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان.ۋە1936-يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، ئۈرۈمچى بىرىنچى گىمنازىيىدە ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1939- يىلى شىنجاڭ دارىلفۇنىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن.1942- يىلى بۇ مەكتەپنىڭ پىداگوگىكا فاكولتپتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپ تۇرمۇشى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۈچۈن يېڭى ھايات دەۋرى بولغان.ئۇ ئوقۇش جەريانىدا لىن جىلۇ، لى زىلياڭ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنىڭ، شۇنىڭدەك دۇجۇڭيۇەن ئەپەندى ۋە سوۋپت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن ئايۇپ مەنسۇرى قاتارلىق ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەسىرىدە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىگە ئىگە بولغان.   ئۇ بۇ مەزگىلدە«گاڭ قانات لاچىن»،«دولقۇنلۇق ھايات»، «يېڭى جۇڭگو گۈلىستانىغا»،«تامچە قاندىن مىليۇن چېچەكلەر»، «چىن مودەن» (ل.مۇتەللىپ بىلەن بىرلىشىپ يازغان) قاتارلىق شېئىر، داستان، ۋە درامىلارنى «شىنجاڭ گېزىتى»، «يېڭى نۇر» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر ئەدەبىيات سېپىگە ئۈمىدلىك ياش كۈچ بولۇپ قوشۇلغان.      1943-يىلى باھاردا، مىللىتارسىت شېڭ شىسەي«تەرەققىپەرۋەر»لىك نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆزىنى گومىنداڭ قوينىغا ئاتتى. چېن تىيەنچۇ، ماۋزىمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنى ۋە نۇرغۇن ئىلغار زاتلارنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارغا دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ياش شائىرمۇ بۇ بوراندىن ئامان قالماي1944-يىلى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى .ئۇ1945- يىلىنىڭ باشلىرىدا تۈرمىدىن چىقىپ، نەشىرىيات ئورۇنلىرىدا تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى.1946 -يىلى ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «يۈرەك مۇڭلىرى» تاش مەتبەئەدە بېسىلىپ چىقتى. ئازاتلىقتىن كپيىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر خېلى بىر مەزگىل، ئاساسەن تەرجىمانلىق،كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن،جۈملىدىن چەت ئەل تىللىرى ۋەئەدەبىياتنى ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتنى توختىتىپ قويمىغان ئىدى. لپكىن شۇ چاغلاردا ئۇ «سول» لۇشيەنىنىڭ كاساپىتى بىلەن مەتبۇئات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان.    پەقەت پارتىيە11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتىتىنىڭ3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كپيىنلا، شائىر قايتىدىن ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە ئىگە بولدى ۋە تولۇپ- تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئەدەبى ئىجادىيەتكە كىرىشتى . ئۇ قىسقىغىنا بىرنەچچە يىل ئىچىدە «ياخشى »، «كېرەك بولسا»، «ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس»، «بوغدا ئانام»،«مەن ئاق بايراق ئەمەس»،«قەشقەر كېچىسى»، «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»، «گۈل ۋە ئازغان» قاتارلىق شېئېر، داستان ۋە باللادىلارنى،«ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» رومانلىرىنى ئېلان قىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇرئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى تولۇق نامايەن قىلغان ئىدى. ئەپسۇسكى بۇ ھارماس قەلەمكەش،ئىستىداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم تىلەشوۋ ئۆتكۈر 1995-يىلى 10-ئايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خەيرىلەشتى.

ئەزىز بوۋاق
بىر يۈرەككە تۇتىشار قەلەم،
بىر يۈرەككە تىغ ئۇرار ئەلەم.
بىر يۈرەكتە ياشنايدۇ ئالەم،
بىر يۈرەكتە تۇنجۇقار ئادەم.
 
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 20:46 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
XabnamBBS » مەشھۇر شەخىسلەر
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:12-24 06:35, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ