ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 169 ـ ئوقۇرمىنى
ressam613
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 65489
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 28 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 280 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 123(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-24

 چىرىكلىككە يىڭى تەبىر  (فىليەتۇن)

بۈگۈنكى يىغىندا مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسىنىڭ شۈجىسى بىر ھەپتە جەريانىدا ئىشلەيدىغان مۇھىم خىزمەتلەر ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.
-يولداشلار دىققەت قىلايلى! بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز كىرەك.-دەپ سۆز باشلىدى شۈجى.
1)ھەپتېنىڭ تۆتىنچى كۈنى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دىمۇكىراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئچىلىدۇ. شۇڭا بارلىق پارتىيىلىك ئوقۇتقۇچى يولداشلار بۇيىغىنغا ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىشى لازىم.بولۇپمۇ ئۆزىدە ساقلانغان چىرىكلىك ھادىسىلىرى ھەققىدە ئەتىراپلىق ئويلىنىشى، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر قېزىپ ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم...
شۈجىنىڭ گىپى ئاخىرلىشىپ بولغۇچە تەرەپ-تەرەپتىن گودۇڭ-گودۇڭ گەپلەر ئاڭلانغىلى تۇردى:
-بىزدە يا ئەمەل بولمىسا...
-بىز بالا ئوقۇتۇشتىن باشقا ،بىرەرسىنىڭ ئشىنى ھەل قىلىپ بىرەلمىسەك....
-بىزگە كىممۇ پارا بىرەر؟.....
پاراڭ سالمايلى!!!-شۈجى جوزىغا مۇشتلىغىنىچە سۆزلەشكە باشلىدى:- نىمە،سىلەردە چىرىكلىك ھادىسلىرى يوقما؟ سىلەردىكى چىرىكلىشىش  ئەھۋالى رەھبىرى كادىرلاردىنمۇ ئىغىر.ھەرقايسىڭ ھۆكۈمەت  بەرگەن مائاش-تەمىناتنى تولۇق ئالىسەن.ئەمما،ھە دېسلا ئاغرىپ قالدىم دەپ دوختۇرخانىدا يىتىشىۋالىسەن.تىخى يەنە داۋاملىق رۇخسەت دەپ خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزىشىسەن،مائاشنى ساق ئىلىپ تۇرۇپ تولۇق ئىشلىمەسلىكنىڭ ئۆزى چىرىكلىك ئەمەسما؟بۇلاردىن باشقا ئائىلىدىكى چىرىكلىشىش ئەھۋالىنىۇ تولۇق ئوتتۇرىغا قويۇش......
شۈجىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئۆزۈم ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم.ئويلاپ باقسام مەندىمۇ چىرىكلىك ھادىسى خىلىلا ئېغىر ئىكەن. رۇخسەت ئىلىش،ئاغرىپ قىلىپ بالنىستا يىتىپ قىلىشنىغۇ قويۇپ تۇراي، ئۆتكەندە بىر خىزمەتدىشىمنىڭ ئىشى چىقىپ قىلىپ رۇخسەت سورىغاندا بىر سائەت دەرسىنى ئورۇنلاشتۇرالماي، مەندىن بىر سائەت دەرسىنى ئۆتۈپ تۇرۇشىمنى سوراپ، ماڭا يىلىنىپ بىرتال تاماكا تۇتقان.دىمەك،بۇ پارا ئالدىڭ دېگەن گەپ.ئائىلېدىغۇ ئەھۋال تىخىمۇ ئىغىر. چۈنكى،مائاش ئالغاندا داۋاملىق بىرەر يۈز سوم پۇلنى خوتۇنغا ئۇقتۇرماي قايرىۋىلىپ ئەل-ئاغىنىلەر بىلەن ھاراق ئىچتىم.خوتۇنۇم سودىلىققا بۇيرىغاندا بەرگەن پۇلىدىن زىغزىق چىقىرىپ لاتارىيە ئالدىم.دىمەك مەن ئائىلېنىڭ پۇلىغا يەپ-ئىچتىم،خىيانەت قىلدىم.
خوتۇنۇمنىڭ ئىشى تىخىمۇ چاتاق.چۈنكى بۇ كاساپەت، ھۆكۈمەت ئىسراپچىلىق قىلىشنى ،بۇزۇپ چېچىشنى تەكىتلەۋاتقان مۇشۇنداق پەيىتتە ھېلى ئۇ بايرام،ھىلى بۇ بايرام دەپ توختىماي كىيىم كىيىپ ئائىلېنىڭ پۇلىنى بۇزۇپ چاچتى.دىمەك، ئۇمۇ چىرىكلەشكەن. بۇلاردىن باشقا بالام دىگەن شۇممۇ مۇئەللىمىڭگە تاپشۇر دەپ بەرگەن يانداشما مەشىقنىڭ پۇلىغا خىيانەت قىلىپ، چوكا مۇز، تەييار چۆپ ئىلىپ يەپتۇ.دىمەك، ئائىلىدىكى ھەممەيلەن خىيانەتچى بوپتىمىز ، ھەممەيلەن چىرىكلىشىپتىمىز....
ئويلاۋىرىپ ھازىرلا مىنى، خوتۇن-باللىرىمنى تەپتىش مەھكىمىسىدىن تۇتۇپ ئەكىتىدىغاندەك قورقۇپ كەتتىم.
مەنبە:مەمەتتۇرسۇن مەتنىياز

تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-20, 11:55

 

ئەزىز بوۋاق
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-20 17:28 |
nina108
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 65757
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 106
شۆھرەت: 106 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 989 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 170(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-24

 

دىققەت بۇندىن كېيىن.............   

ئەزىز بوۋاق
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-20 21:52 |
tangsabasi
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 9200
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 883
شۆھرەت: 906 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 8340 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 644(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-25

 

ھا-ھا-ھا،بۇنداق بولسا بىزمۇ چاتاق،چىرىكلەشمىگەن ئادەم قالماپتۇ،ئەممازا فىليەتوندەكلا فىليەتون بوپتۇ،جېنى بار!

ئەزىز بوۋاق
دۇنيادا گۈزەللىك كەم ئەمەس،كەم بولغىنى ئۇنى بايقاشتا!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 00:12 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:12-25 09:25, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ