obul21c
ھالىتى :
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 52
شۆھرەت: 54 نۇمۇر
پۇل: 513 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:14(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-03-09
|
ئۇيغۇر توربەتلىرىنى بىرلەشتۇرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ
ئۇيغۇر توربەتلىرىنى بىرلەشتۇرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ
نۆۋەتتە، بىزنىڭ ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىمىز كۈندىن-كۈنگە كۆپلەپ قۇرۇلماقتا، ئۇيغۇر توربەتچىلىكىمۇ قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل مابەينىدە خېلى زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىتى. بىراق شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى بىزنىڭ تور پونكىتلىرىمىز تەرەققىي قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا جاپا تارتقانغا چۇشلۇق پايدا-مەنپەت يەتكۈزەلەيدىغان توربەتلىرىمىز ئاساسەن يوق دەپ قارايمەن. يەنە بىر جەھەتتە ھەر قايسى جەھەتلەردە مۇكەممەللەشكەن بىرمۇ ئۇيغۇر تور پونكىتى يوق. ھازىرقى تور بەتلىرىمىز ئاساسلىقى كۆڭۈل ئېچىش، مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش، ئاز ساندىكى خەۋەر-ئۇچۇر كۆرۈشتىن ئىبارەت مۇشۇ قېلىپ بىلەن چەكلىنىپ قېلۋاتىدۇ. كۆپلىگەن تور بەتلىرىمىز google ئېلانى قويۇش ئارقىلىق كىرىم قىلىپ، ئازراقمۇ بولسا چىقىمىنى يەڭگىللىتىۋاتىدۇ.... بۇ توغرىلىق تور ۋە تېلۋىزىيەدىمۇ كۆپلەپ مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى، لېكىن ئاخىرى يەنىلا كىشىنى قايىل قىلالىغۇدەك بىرەر جاۋاپ چىقمىدى..... ئەمدى بىز 1999-يىللارنى ئەسلەپ ئۆتسەك، شۇ يىللاردا ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىقى دەسلەپتە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ،2000-يىللىرى پىروگىراممىچىللىرىمىز بولسا ھەدەپ ھەر تەرەپتىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى تەتقىق قىلىشقا چۈشۈپ كەتتى. ئاخىرى شۇ شىركەتلەرنىڭ ئىچىدىن يەنە ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىلا قالدى. گەرچە ئۇيغۇر سوفىت شىركىتى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى كومپىيۇتېر ساھاسىدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن شىركەت بولسىمۇ، مىنىڭ قارشىمچە ئەگەر بۇ شىركەتتە ئالىم ئەھەت ئاكىمىزدەك تەمكىن،ئېغىر بېسىق، چىدامچان ئادەم بولمىغان بولسا بۇ شىركەتمۇ ئاللا قاچان يوقۇلۇپ كىتەتتى. شۇ ۋاقتىنىڭ ئۆزىدىمۇ نۇرغۇنلىغان مۇنازىرىلەر بولغان، يەنى ھەممىسى ھەرخىل ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچ ياسىغۇچە بىرلىشىپ قىلسا بولمامدۇ دىگەنگە ئوخشاش.لىكىن ئۇلار بىرلىشىپ بۇلارغىچە ۋاقىت، تەرەققىيات،رىقابەت ئۇلارغا يول قويمىدى. قالغىنى قېلىپ ۋەيران بولغىنى ۋەيران بولدى... ھازىر بىز خەلقئارا ياق جوڭگونىمۇ قويۇپ تۇرۇپ ئۆزىمىز ياشاۋاتقان شىنجاڭنى مىسالغا ئالساق، رايۇنمىزدىكى خەنزۇلارنىڭ تور بىتى بىلەن بىزنىڭ تور بىتىمىزنى سېلىشۇتۇرساقمۇ، تور بەتلىرىمىزنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردە ھەقىقەتەن مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى تونۇپ يىتىمىز بۇ جەھەتتە مەن كۆپ سۆزىلمىسەممۇ بۇ ھەممىزگە ئايان. بۇرۇنقىلار بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەت كېينكى مۇۋاپىقىيەتنىڭ ئانىسى دەپ ناھايتى توغرا ئېيتقان. بىراق بىز مۇشۇ سۆزنى دەيمىزيۇ لىكىن قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئەمەل قىلالمىدۇق. مىنىڭچە كۆپچىلىكمىز ئىز،ئويغانغان زىمىن، ئانا يۇرت قاتارلىق تارىخى رومانلارنى ئوقۇپ چىققان، ئاتا-بوۋىللىرىمىز ھەممىسىدە ئوخشاشلا بىر خىل ئۇسۇل ئوخشىمىغان ھىلە نەيرەڭ بىلەن مەغلۇپ بولغان. ھازىرمۇ خۇددى شۇنۇڭغا ئوخشاش بىر مەزگىل ھەممىمىز ھەرخىل يوسۇندا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىللىرىنى ياساپ باقتۇق، ئاخىرىغا كەلگەندە بىرسى بولسىلا بىزگە كۇپايە ھەم قولايلىق بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتۇق. بىراق قانچىلىغان ۋاقىت، قانچىلىغان ئىقتىسادلار سەرىپ بولدى. قىسقىسى مىنىڭ بۇ تېمىنى يېزىشتىكى ئاسالىق مەخسىتىم، مىنىڭچە ئۇيغۇر بىز توربەتلىرى ياسىغان ۋاقىتتىمۇ يەنىلا كونا مەغلۇبىيەت يولىمىز بىلەن ماڭماي،كەلگۈسىنى،يىراقنى كۆزلىشىمىز تېىخمۇ زۆرۈر،مىنىڭچە بىر مۇكەممەل ئۇيغۇر تور پونكىتى قۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم ئۇيغۇر توربەت ئويۇشمىسى قۇرۇش زۆرۈر، بۇنداق بولغاندا ھەرقايسى جەھەتلەردە ھەممىمىزگە كۆپلەپ پايدا بولىشى مۇمكىن. شەبنەم تورى ، دىيارىم تورى، بىلىك تورى، ئۇيغۇر لىنىيسى تورى،سەلكىن تورى،ماكانىم تورى،ئىلغار تورى،بىلۋال تورى،......................... سىلەرنىڭ كىرىمىڭىلار چىقىمنى كۆتۈرۈپ قانچىلىك پايدا ئېلىپ كېلەلەيدۇ. بۇ يەردە بەزىلەر بەلكىم بۇ ئاداش پۇل دەردىلا قاپتۇ بىز مىللىتىمىزگە ئازراق بولىسمۇ بىلىم بىرىش، مىللىتىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن توربەت ياساپ چىقتۇق دىيىشىڭلارمۇ مۇمكىن. لىكىن بۇنى كۆپ سۆزلىمىسەممۇ بۈگۈنكى جەميەتتە ئىقتىسادى تەرەققى قىلغانلارنىڭ قانچىلىك ئورۇندا ئىكەنلىكى ھەممىزگە ئايان. مىسال: بىلىك كۇلۇبى باشقۇرغۇچىلار سانى 30 نەپەر ئەتراپىدا. مۇشۇ بۇيىچە ھىساپلىغاندا پەقەت 10 ئۇيغۇر تور پونكىتىنى مىسالغا ئالساق، ھەربىرسىدە ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 20 نەپەر باشقۇرغۇچى دىگەندىمۇ جەمئىي 200نەپەر باشقۇرغۇچى دىگەن گەپ. مىنىڭچە بۇ 200نەپەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ كەم دىگەندىگەندىمۇ 100نەپىرى خالىسانە تۆھپە قوشقۇچىلاردۇر. مەلۇم بىر توربىتى بوشلۇق ھەققىي يىلىغا 1000 يۈەن دىسەك. 10 ئۇيغۇر تور پونكىتىنىڭ تەخمىنەن 10000 مىڭ يۈەن بولىدۇ. ئەمدى مۇنداق ھىساپلاپ باقايلى 10 ئۇيغۇر تور بىتىنى بىرلەشتۇرسەك، 200نەپەر خادىمدىن 30نەپەر خادىم مەخسۇس باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالسا، قالغان 170نەپەر خادىم ئىچىدە ئەگەر 50 نەپەر خادىمنى پىروگىراممىچى دىسەك، ھەر 5 ئادەم بىردىن تىلغا پۇختا دەپ قارىساقمۇ، جەمئىي 10 خىل كومپىيۇتېر تېلى ئۇستىسى دىگەن گەپ، ئەگەر مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا بۇ بىر غايەت زور ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بولىدۇ. دىمەك ئۇيغۇر تور بەتلىرى بىرلىشىدىغانلا بولسا،يۇقارقى ئاددى ھىساپ ئارقىلىق بىز نۇرغۇنلىغان ئىختىساسلىقلارغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي،يەنە ئىسراپچىلىقنى تۈگۈتۈش بىلەن بىرگە ھەرجەھەتتە مۇكەممەل بولغان بىر ئۇيغۇر تور پونكىتى قۇرۇپ چىقالىشىمىز مۇمكىن. بۇ يەردە ياپۇنيىلىكنىڭ بىر سۆزى ئىسىمگە كىلىپ قالدى. ئەگەر بىر ياپۇنيىلىك بىلەن بىر جوڭگولۇق بەسلىشىپ قالسا، جوڭگولۇق ئۇتۇپ چىقىدۇ، ئەگەر ئىككى ياپۇنىيلىك بىلەن ئىككى جوڭگولۇق بەسلىشىپ قالسا مۇقەررەر بىز ئۇتۇپ چىقىمىز دىگەن. ئامېرىكا ۋە باشقا تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلىشى پايچېك ۋە فوند دىن ئىبارەت. مىنىڭ قارىشىمچە، بۇ ئىككى نەرسنى ئۆز-ئارا ئىشىنىش، قوللاش،ئىتپاقلىش،ئۆز-ئارا پايدا-مەنپەت يەتكۈزۈش دىسەك خاتالاشمايمىز. بىزنىڭ ھازىرقى ھالتىمىزدە بولسا يا بىرىمىز تەرەققىي قىلىپ باشقا چىقالمىدۇق،ياكى توختاپ قالمىدۇق، ئەمدى بىرسى توربەت قۇرۇشتىن ۋاز كىچىپ تاقاپ قويسا،بىرىمىز قۇرۇپ باقتۇق، باشتا ياخشى باشلاپ ئاخىرىغا كەلگەندە بەرداشلىق بىرەلمەي قالدۇق.مىنىڭچە بۇنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ھەرقايسى ئۇيغۇر توربەتلىرىنىڭ پايلىرىنى بىرلەشتۇرۈش،ئىختىساسلىق خادىملىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئورتارق تەرققى قىلىپ ئورتاق نەپكە ئېرىشىش بولسا كېرەك. دوستلار يۇقارقى پىلان مەن ئۇزۇندىن بېرى كۆڭلۈمدە ئويلاپ كېلىۋاتقان ئىش ئىدى، لىكىن دىيىشكە پۇرسەت تاپالماي يۈرگەن، بۈگۈن تور ئارقىلىق دوستلارغا سۇندۇم، كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ تىمىغا سوغوق قانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى، بۇلۇپمۇ ھەرقايسى تور پونكىت باشلىقلىرىنىڭ مۇشۇ جەھەتتە ئويلىنىپ بېقىشىنى، ئېگىلگەن باشنى پىچاق كەسمەپتۇ دەيدىغان گەپ بار، شۇڭا بىرەر تور پونكىتى باشلىقنىڭ باش بۇلۇپ مۇشۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى ئۆمۈت قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن: ئاددى بىر ئۇيغۇر تورداش obul21c
تەستىقلىغۇچى: چىن مودەن
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-04-16 11:40 |
| |