كەچۈر ئانا
(XJTV-2 قانال « قانۇن ۋە پۇقرا» پروگراممىسىدا بۈگۈن كەچ كۆرسىتىلگەن ئۆز ئانىسىنى خارلىغان ئايال ھەققىدىكى تراگىدىيىلىك فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن )
كەچۈر ئانا، كەچۈر ئانا، كەچۈرگىن،
نادانلىقتا قويغان بولسام رەنجىتىپ.
ئوكيان گويا پەرزەنىت ئۈچۈن ۋۇجۇدۇڭ،
ياشاپ كەلدىڭ مېنىڭ ئۈچۈن جان تىكىپ.
مېنىڭ ئۈچۈن پىدا قىلىپ جېنىڭنى،
مۈشكۈلاتقا قەتئىي ئەگمەي كەلدىڭ باش.
سەن چىدىغان رىيازەتكە جان ئانا،
چىدىيالماس ئىدى ھەتتا قورام تاش.
سېنىڭ چىدام-غەيرىتىڭدىن شادىمان
ئادەم بولۇپ شانلىق سەپكە قېتىلدىم.
گۈلچېچەكلەر پورەكلىگەن چىمەندە،
جۇلالىنىپ پۇراق چاچتىم-ئېچىلدىم.
جېنىم ئانا، تەرلىرىڭدىن ئېچىلغان
گۈللىرىڭنىڭ سۈرىۋالغىن پەيزىنى.
كەچۈر ئانا،كەچۈر ئانا، كەچۈرگىن،
ئەمدى ئەسلا رەنجىتمەيمەن ھېچ سېنى!!!
( دەۋران نەزمىلىرى )
2008-يىل 18-دېكابىر،كەچ
(بۇ ئادرېس ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ بېقىڭ!)