سىز بۇ تېمىنىڭ 393 - كۆرۈرمىنى
oyqankoz
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 68011
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 80 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 67(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

 ئەڭ ئاخىرقى يۇپۇرماق( ھېكايە)

                                          

                                                                                          ئەڭ ئاخىرقى يۇپۇرماق

                                                                                                    ھېكايە                              
                                                                                            ماھىرە ئابدۇقادىر                  

    ئالتۇن كۈز ئايلىرىنىڭ بىر كۇنى بوينۇمدىكى شايە رومالنى ئوينىغاچ خىيال كەپتەلىرىمىنى ھەر-ھەر يەرلەردە پەرۋاز قىلدۇرغاچ كىتىپ باراتتىم .مەن ماڭىغاچ مۇڭلۇق بىر جۈپ كۆزۇم بىلەن كۈز پەسلىگە قەدەم قويغان كائىناتتىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتنى كۈزىتەتتىم ۋە ئۇلار ئۈستىدە ئويلىناتتىم .
    يوللارنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى  قاتار-قاتار دەرەخلەر خۇددى تانسا كىچىلىكىدىكى قىز-يىگىتلەردەك بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل قارىشىپ تۇراتتى ،سەلكىن كۈز شامىلىنىڭ يىنىك سىلىكىشىدىن ئۇچۇپ چۈشىۋاتقان ساغۇچ يۇپۇرماقلار مۇشۇ كىچىلىكتىكى قىز-يىگىتلەرگە چېچىلىۋاتقان چاچقۇلاردەك بىر خىل رېتىمىدا ئۇچۇپ يەر يۈزىگە چۇشەتتى .
     كىتىپ بېرىپ تۇيۇقسىز يولىنىڭ بىر قاسىنىقىدىكى دەرەخ ئۇچىغا قونىۋالىغان بىر جۈپ قۇشقاچقا كۆزۈم چۈشىتى ،مەن ئۇلارنى كۆزىتىشكە باشىلىدىم .ئۇلار بىشىنى بىر-بىرىگە سۈركۈشۈپ تۇرغان بولۇپ بىر قۇشقاچ خۇددى نازلانغاندەك پات-پات بىشىنى كۆتۇرۇپ يېقىملىق سايراپ قوياتتى . مەن بۇلارغا قاراپ ئىچىمىدە «بۇلار ئاشىق-مەشۇق ئوخىشايدۇ» دەپ ئويلىدىم .
      تۇيۇقسىز غۇرقىراپ چىققان شامال بىلەن تەڭ قەلبىمىنى بىر خىل سوغۇق سىزىم چىرىمىۋالدى سوغۇق شامال ماڭا <<سەن تەنھا !>> دىگەن نىدانى يەتكۈزگەندەك غال-غال تىتىرەيىتىم .كۆزۈمگە پۈتكۈل مەۋجۇدات جۈپ-جۈپتى بىلەن كۆرنەتتى ،دەرەخ شىخىغا قونىۋالغان قۇشقاچلار جۈپ،يولنىڭ قاسنىقىدىكى دەرەخلەر جۈپ ،يەر بىلەن ئاسمان بىر-بىرى بىلەن جۈپ.....توۋا ،دۇنيادا مەنلام تەنھادۇرمەنمۇ !مەن ئۆز-ئۆزەمگە مۇشۇنداق پىچىرلايتتىم .
       مەن يەنىلا يولۇمنى داۋاملاشتۇردۇم ،كۆز ئالدىم قاراڭغۇ ،مەن ئىچىمدە بارلىق شەئىگە ھەسەت قىلاتتىم ،قەلبىمدە نەچچە مىڭلىغان نىمىشقا توخىتىماي جاراڭلايتتى .
       -مەن نىمىشقا بۇنداق يالغۇز؟
       -مەن نىمىشقا باشقىلاردەك خۇشال بۇلالمايمەن؟
       -نىمىشقا ھەممە نەرسە ئۆزىنىڭ بەخىتىنى ماڭا كۆز-كۆز قىلىدۇ ؟
       -مەن نىمىشقا ئۆزەمىنى كەمىسىتىمەن ؟
       -....لىكىن بۇ «نىمىشقىلار» يەنىلا جاۋاپسىز قالاتتى .
       مەن مۇشۇ سوغۇق خىياللار ئىلكىدە ئاپتۇبۇس بىكىتىگە كېلىپ قاپتىمەن .مەن بىكەتتە ئولتۇرۇپ ئاپتۇبۇس ساقلىغاچ يەنىلا شەيىلەرنى كۈزەتتىم .تۇيۇقسىز بىر قېرىپ قالغان دەرەخكە كۆزۇم چۈشتى ،ئۇنىڭ يۇپۇرماقلىرى چۈشۈپ تۇگىگەن ئىدى .مەن ئىچىمدە <<سەنمۇ تەنھا قاپسەندە؟>>دەپ ئويلىدىم ۋەئۆزۈم تۇيمايلا ئۇ دەرەخ تەرەپكە قاراپ ماڭىدىم ،كۆزۇمگە بىر نىمە چېلىقىپ قالدى ،سىنچىلاپ قارسام ئۇ ئەسلىدە بۇ دەرەختىكى ئەڭ ئاخىرقى يۇپۇرماق ئىكەن
    شامال ئۇنى كۈچەپ سىلىكەتتى، لىكىن ئۇ يەنىلا چۇشمەيتتى ،ئۇ خۇددى دەرەخنى قۇلى بىلەن  چىڭ تۇتىۋالغاندەك دەرەخ شېخىغا يۆگىشىپ تۇراتتى.شامال خېلىغىچە ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىپ باقتى ۋە ئۇنى تېز پۈكتۈرەلمىگەنلىكىنى سەزگەندەك ئاستا-ئاستا توختاشقا باشلىدى .مەن ھەيران بولۇپ يۇپۇرماققا قارىدىم ئىچىمدە«بۇ دەرەختە تەنھا قالغان تۇرۇپ نىمىشقا ھەمىرالىرىنىڭ قېشىغا چۇشۇپ كەتمەي شامال بىلەن تىركىشىدۇ؟ »دەپ ئويلىدىم ۋە يۇپۇرماققا قاراپ بىلىپ-بىلمەي «نىمىشقا؟»دىگەن سۆزنى قىلىپ سالدىم. يۇپۇرماق يىنىك يەلپۇنۇپ «مەن ھاياتنى سۆيىمەن!»دەپ پىچىرلىدى .مەن بۇ نىدانى ئاڭلاپ قەلبىمدىكى پۇتكۇل نىمىشقىلارغا جاۋاپ تاپقاندەك بولدۇم، قەلبىمدىكى مۇز شۇررىدە ئېرىپ مەندە بىر خىل ئىللىق سېزىم پەيدا بولدى .
     مان بۇ ئەڭ ئاخىرقى يۇپۇرماقنىڭ تۇرۇتكىسىدە ئىڭىمدىكى بىر خىل خاتا سېزىمنى تۈگۈتۈپ ئۆز-ئۆزۈمگە :«مەن بۇ دۇنيادا تەنھا بولساممۇ،مەغلۇپ بولساممۇ ،لىكىن يەنىلا ھاياتنى سۆيىمەن. ھايات ئۈچۈن بارلىق ئوڭۇشسىزلىقلار بىلەن ئېلىشىمەن»دەپ پىچىرلىغاچ بىكەت تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.  
                                

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-18, 11:01

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-18 18:15 |
KarDikiHunqe
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 65370
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 21 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 210 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

ئۇلۇق ئاللا ھەممە شەيىنى جۈپتى بىلەن ياراتقان
شۇڭڭا سىز ىەرگىزمۇ تەنھا ئەمەس  

شىنجاڭ تور مەكتىپى
ئالغا ئىلگىرلە ئەسلىڭنى يۇقاتما
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 19:29 |
oyqankoz
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 68011
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 80 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 67(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07

 

مەن سىزنېڭ ھىكايېڭېزنې  ياخشى كۆرۈپ  قالدىم.                   

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-06 22:37 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:02-07 23:08, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ