gul-sanam بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت
شەبنەم خەلق گېزىتىنىڭ ئىختىيارى مۇخبىرى سەبىخە بىلەن شەبنەمدىكى قابىل ياش باشقۇرغۇچى gul-sanam بىلەن ئايەملىك مۇنبەردە پەتىلەشكەچ قىسقا ئۈچۈر ئارقىلىق سۆھبەتلەشتىم. قىنى ئەمىسە تورداشلار سىلەرمۇ بىرگە بۇ سۆھبىتىمىزگە ئورتاقلىشىڭلار :ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم gul-sanam
سىزنىڭ توردىكى ئىسمىڭىز ۋە رىئالىقتىكى ئىسمىڭىز ، تەرجىمىھالىڭىزنى بىلسەم بولامدۇ؟
توردىكى ئىسمىم gul-sanam مەن بۇ ئىسىمنى ياخشى كۆرمەن ئەينى چاغدا قىزىمغا قۇيۇش ئارزۇيۇم بولسىمۇ ، قېينئانامنىڭ خائىشىغا ھۆرمەت قىلغان ئىدىم . رىئالىقتىكى ئىسمىم گۈلباھار .
مەن قايدۇ دەرياسىنىڭ مۇڭلىرىنى ئاڭلاپ ، باغراش كۆلىنىڭ تىمتاسلىقىغا چۆكۈپ ، كۆنچى دەرياسىنىڭ شاۋقۇنلىرىغا جۆر بولۇپ چوڭ بولدۇم . شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتىنىڭ سىياسى - قانۇن ، ئىگلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرۈپ دەسلەپتە بىر شىركەتكە خىزمەتكە چۈشتۈم . خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ كاساپىتى بىلەن ئۇزاق ئۆتمەي شىركەت ۋەيران بولدى . ئەمما دۆلەتتىن بىزنى باشقا ئورۇنلارغا يەنە تەقسىملىدى . ئەمما مەن ئىشنى يېڭىدىن باشلاپ ، 2005-يىلدىن باشلاپ ئۆزلىكىمدىن قانۇننىڭ تولۇق كۇرسىدا ئۇقۇپ ، دېپلوم ئالغۇچە بولغان ئارلىقتا ، مەلۇم قانۇن مۇلازىمەت ئورنىغا كىرىپ پېراكتىكا قىلدىم ، ئاندىن دىپلومام چىقاندىن كىيىن بۇلتۇر دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا قاتناشتىم . ئەمما ئۆتەلمىدىم . بىلدىمكى بۇ ئىمتىھاننىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ، ھەقىقى ماھارەتنى سىنايدىغان چوڭ ئۆتكەل ئىكەن . قانۇن سېستىمىسىدا ئىشلەۋاتقان مەخسۇس كۇرۇس ئۇقۇغانلارنىڭمۇ بۇ ئىمتىھاندىن ئۈتەلمەسلىكىگە قاراپ ئۈزۈمگە تەسەللى بەردىم . ئاخىرى بۇ يىل بۇ شاتلىق ماڭا نىسىپ بولدى .سىز ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدا كۆپلىگەن يازمىلارنى يازدىڭىز . نەسىرلىرىڭىزنىڭ ئومىمى ئەھۋاللى ئۈستىدە توختىلىپ باقسىڭىز ؟ ئاڭلىسام يىقىندا نەشىردىن چىقىدىكەن بۇ راستمۇ ؟مەن مۇنبەرگە قەدەم قويغىلى بىر يېرىم يىل بوپتۇ . بۇ جەرياندا ،نەسىر ،شئىر ،ھىكايە ، ئوبزۇر بولۇپ 150 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يىزىپتىمەن ، بەزىلىرى ژورناللاردا ئىلان قىلىنغان ئەسەرلەر ، يەنە بەزىلىرى ژورناللاردىلا ئۇلارنى يىغىپ بىر توپلام قىلىشنىڭ تەيارلىقىنى قىلىۋاتىمەن . ئاللا خالىسا ئۇ كۈنلەرگىمۇ ئاز قالدى .
ئۇيغۇر تور ئەدبىياتى توغرىسىدا ئويلىغىنىمنى سۆزلەپ باقاي ، ئېنتىرنىت تورى ئائىلىلەرگە بۆسۈپ كىرگەندىن كىيىن نۇرغۇن قولايلىقلارنى ياراتتى ،بولۇپمۇ تور ئەدەبىياتى ئۇچقاندەك تىز راۋاجلاندى . ئەلۋەتتە ، ئەسەر يىزىشتىكى مەقسىتىمىز باشقىلار بىلەن ئورتاق بەھىر ئېلىش . تور ئەدبىياتى نۇرغۇن ھەۋەسكارلارنىڭ ئىلھام بۇلىقىنى ئاچتى ، مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتىپ ،قۇدۇققا چۈشكەن تاشتەك غايىپ بولىدىغان ئەسەرلىرىدىن كىيىن ئىلھامى شامال سوققان توزغاقتەك قاياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەن ھەۋەسكارلار ، بىۋاستە مۇنازىرىلىشىش ھەم ئەسەرلىرىنى تىز ئېلان قىلىپ پىكىرلىشىش پۇرسىتىگە نائىل بولدى . شۇنىڭ بىلەن زور بىر تۈركۈم ھەۋەسكارلارنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتى قېزلىشقا باشلىدى ، تور ئەدەبىياتىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ . چۈنكى قەلەملەر تاۋلىنىش ، ئۆزىدىكى كەم ھەم ئارتۇقنى بايقاش پۇرسىتىگە بىۋاستە يۈزلىنىشتىن كىيىنكى ئىلھامنىڭ كۈچى ،مۆلچىرىمىزدىنمۇ كۈچلۈك بۇلىشى مۈمكىن . بەزىدە بۇ يەردە دىيەلىگەن ئاچىق گەپلەرنىڭ بىرەر جۈملىسىنىمۇ مەتبۇئاتلاردا دىيەلىشىمىز مۈمكىن بولايدىغان ،ئاچچىق سۆزلىرىمىزنىمۇ دەۋالدىغان پۇرسىتىمىز بار .سىز شەبنەم مۇنبىرىگە رىئال مۇھىتىكى ھەقىقى ئىش ۋە ھەقىقى ۋەقەلەرنى قەلىمىڭىزگە پۈتۈپ مۇنبەرگە يوللاپ كەلدىڭىز ! شەخسەن ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى «يولدۇشۇمنى ئۆلتۇرمەن» دىگەن تىمىڭىز بولدى ، ئاڭلىسام شۇ ئەسىرىڭىز ئىلان قىلىنغاندىن كىين ئىرىڭىز توردىن بۇ ئەسەرنى كۆرۈپ نەچچە كۈن سىزدىن ئەنسىرەپ ئۇخلىيالماپتىكەن ، بۇ ئىش راسمۇ ؟ ھاھاھاھاھا قىزىقچىدە سىز . ئۇ ئەسەرنى باغۋەننىڭ <<ئايالىمنى ئۆلتۈرۋىتىمەن >> ناملىق ئەسرىدىن ئىلھام ئېلىپ يازغان ، يېزىپ بۇلۇپلا يولدىشىمغا ئۇقۇپ بەرسەم ،ئۇ كۈلۈپ كەتكەن ئىدى . ئۇ مىنىڭ بەك مىھرىبانلىقىمنى ، ئۇنى ھەتتا بىر تال پاشا چېقىۋالسىمۇ يۈركۈم ئاغرىيدىغىننى ئۇ بىلگەش ،بۇ تەسەۋۇرلىرىمدىن ھۇزۇرلىنىپ كۈلۈپلا قويدى خالاس .سىزنىڭ يازغان شېئىرلىرىڭىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا ئىرىشىۋاتىدۇ . «ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى دۇنياغا تونۇتۇش» ھەققىدىكى كۆز قارىشىڭىزنى سۆزلەپ باقامسىز ؟بۇ سۇئالىڭىزنىڭ ۋەزنى خېلى ئېغىركەن، ئۇيغۇر شېئىريىتى بىر بالداقنى ، گۇڭگا شېىرلاردا تېخىمۇ ھىس قىلىۋاتىمىز . بۇ توغرىسىدا مىنىڭ بىر نەرسە دىيىش سالاھىيتىم يوق ، چۈنكى گۇڭگا شېئىرلارنى مەنمۇ بەك چۈشىنىپ كەتمەيمەن ، مەنا چوڭقۇرلىغىدا گاڭگىراپ قېلىپ ،بەزىدە ، بۇ ھىچنىمە بولسا ، ئاپتۇر بۇ شېئىرلارنى يېزىپ نىمىشكە ۋاقتىمىزنى ئالغاندۇ دەپ غۇدراپ قۇيۇشتەك ئاچچىق مەندەمۇ بار ، بۇ توغرىسىدا بەرقى تورىدا جىدى مۇنازىرە بۇلىۋاتىدۇ ، ئۇيغۇر شېئىريىتىگە قىزىققۇچى دوسلىرىمىزنىڭ كىرىپ ياندىن ساۋات ئاڭلىشىغا تېلەكداشمەن ، بەلكى بۇ تىمىنى ئۇستازلىرىمىز كۆرسە چۇقۇم پىكىر قاتناشتۇرۇپ بېكىشى مۇمكىن .بەزى كىشىلەر «بىزنىڭ رومانچىلىقىمىز ئۇسلۇب جەھەتتىن غەربنىڭ رومانلىرىنى ئۈلگە قىلغان مەيلى <ئىز> بولسۇن ، <ئانايۇرت> بولسۇن ، ھامىنى شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسلۇبتىكى رومانلارنى غەرب ئەدەبىياتىدىن ناھايىتى ئاسانلا تىپىش مۇمكىن ، لىكىن «قۇم باسقان شەھەر » تامامەن ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتىكى ئەسەر ، چۈنكى بۇ ئەسەر ھەر قانداق ئېقىمنى ئەمەس ، بەلكى دەل ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنى ئۆرنەك قىلغان» دەپ قاراۋاتىدۇ . سىز بۇنىڭغا قانداق باھا بىرىسىز ؟ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﻭﻣﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺳﺎﻥ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯜﻧﺴﯧﺮﻯ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﺪﻯ . << ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ >> << ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺕ >> << ﺋﯩﺰ >> << ﻗﯘﻡ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭ >> ... ﺭﻭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﺴﺎﻟﯩﺪﯗﺭ .
ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ، ﺳﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺳﯜﭘﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ .
<< ﺭﻭﻣﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘﺳﻠﯘﺏ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻏە رﯨﺒﻨﯩﯔ ﺭﻭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ >> ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ، ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﻼﻧﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﺳﻠﯘﺏ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺩﻩﻝ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ، << ﺋﯘﺳﻠﯘﺏ >>ﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ . ﻏﻪﺭﺏ ﺭﻭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﺎ ﯞﻩ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﻣﺎﮬﺎﺭﻩﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﺘﺎ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ .
<< ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭ >> ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ << ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻴﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻮﻳﯘﻧﯘﭖ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭ >> ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﺭﻭﻳﺎﭘﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﻮﻗﯘﻝ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﺵ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ !
<< ﻗﯘﻡ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭ >> ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﻨﻰ << ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ >> ﺩﯦﻴﯩﺶ ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ، ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﮬﻮﺷﯘﺭ ﺋﯘ ﺭﻭﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ - ﻏﺎﺭﺍﻳﯩﭗ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﺘﺎ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . << ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ << ﺋﻪﯞﺭﯨﺸﻜﻪ >> <<ﻧﯘﺳﺨﺎ >> ... ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﻪﻧﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ . ﭼﯚﭼﻪﻙ - ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﮊﺍﻧﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﮊﺍﻧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﺘﯩﻦ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸىگە ﺋﺎﻳﺎﻥ .«مىللىيلىك ئەسەرنىڭ جىنى» دىگەنگە قوشۇلامسىز ؟ ئەگەر قوشۇلسىڭىز ، كىشىلەر بۇ يەردە دەۋاتقان «مىللىيلىك» كونكېرت ئەسەردىكى قايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ؟توغرا ئەسەرلەردە ئىپادىلەنگەن مىللىلىك ئەدەبى ئەسەرلەرنىڭ جېنى . «نوبىل ئەدبىيات مۇكاپاتى»مۇ ئەسەردە ئىپادە قىلىنغان مىلىلىكنى ئاساسى شەرتلەرنىڭ بىرى قىلىدۇ . مىللىلىك ھەر بىر مىللەتنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتىدۇ . يەنى ئۆزىگە خاس تىلى ،ئۆرىپ ئادىتى ، ئەن-ئەنىسى ، مىجەز خۇلقى ، روھى دۇنياسى ،ئېتقاد ۋە ئەقىدىسى . شۇندالا مىللى ئەنئەنىسى ، بۇنىڭدا بىز ياراتماقچى بولغان نوقتىلارنىڭ بىرى پېرسۇناژلارنىڭ روھى دۇنياسىدىكى مىللىلىكتىن ئىبارەت .يىزىقچىلىقتىكى باش تىما ئىدىيىڭىز ھەققىدە توختىلىپ باقامسىز ؟
بۇلىدۇ . تېمىللىرىم ئاساسەن لىرىكىنى ئاساس قىلىدۇ . نەسىرلىرىمدە ئاياللارنىڭ ئارمانلىرى گۈزەل ئىستەكلىرى . ئۇلارنىڭ پاك سۆيگۈگە بولغان ئىنتىلىشلىرى ، كۈتۈش ھەم پاك ئەقىدىسىنى بېغىشلاشتىن كىيىنكى مەھرۇملىقلىرى ئەكىس ئىتىدۇ . يۈرۈكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا دەۋرەپ مىنىڭدىن مەسۇليەت تەلەپ قىلىدىغان پەرزەنتتلىك ھەم ئانىلىق بۇرچۇمنىڭ نازارىتىدە يازغان ئەسرلىرىمنىمۇ قىزىم ھەم مىھرىبان ئاتا - ئانامغا سوغا قىلغان ئەسەرلىرىم بولۇش بىلەن بىرگە ئۇ نۇرغۇن ئانىلارنىڭ ، پەرزەتلەرنىڭ ساداسى دەپ قارايمەن .شەبنەم مۇنبىردىكى ھەمشىرە قېرىنداشلىرىڭىزغا قانداق كۆڭۈل سۈزىڭىز بار ؟
مەن مۇنبەرنىڭ ئاجايىپ سېھرىنى ،مەۋھۇمدىكى ھەمشىرىللىرىمىزنىڭ بىر بىرىمىزگە ساختىلىق قىلماي ھەقىقى دوسلۇق قۇلىمىزدىن سۇنالىغىنىمىزدىن بولدى ، دەپ قارايمەن . بىز ئەسەرلىرىمىز ئارقىلىق سىرداشتۇق . يىغلىساق تەڭ يىغلاپ ،كۈلسەك تەڭ كۈلدۇق ، ھەتتا رىئالىقتا قىزلار ئۇچراشقاندىمۇ ھېتىرقىشىپ قالماي ، قانماي مۇڭداشتۇق . ھىلالە سىڭلىم ئۇقۇشتىن قايتىپ كېلشىدىن خەۋرىم بار ئىدى . مەن ۋوگزالغا ئالدىغا چىقتىم . يۈرۈكىمىز تۇنۇپ چىڭ قۇچاقلىشىپ كۈرۈشتۇق ، ئايرىلدىغان چاغدا مەن خوش دەپ قىيالماي كىتىۋىتىپ تۇيۇقسىز ئارقىمغا قارىسام ھىلالەمۇ ئارقامدىن يۈگرەپ كىلىۋىتىپتۇ ، بىز ئۆزىمىز تۇيمىغان ھالدا يىغلىشىپ كەتتۇق ، گۈلگىنە ھەم نۇرىلار بىلەنمۇ بىر يەرگە كەلسەك گىپىمىز تۈگمەيدۇ . سائادەت بىلەن ، لەيلى سەبىخە ، خىسلەتلەر بىلەن كۈرەشتىم . يەنە مىھىرگىيا ،نەزىرە ، نۇرزىيە ، ئايقۇت ، ئاسپىرانت ، نازۇك -چىمەن ، مەجنۇنتال ، دىلنۇرۇم ،كېپىنەك ، خورما، چوغلۇق . دىل-رۇس ، ماھىدىلبەر ، ئاي جاھان ..........قاتارلىقلار بىلەنمۇ تېلفۇندا سائەتلەپ ھال ئەھۋالىشىپ كىتىمىز،مانا بۇ شەبنەم مۇنبىرىنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مىھىر مۇھەبىتى . ئەمما بەزى چاغلاردىكى دىل ئازارچىلىقلىرىمىزغا نىمە دەرمەن ، مەن ئىجتىمائى تىمىلاردىكى شوئار ھەم تەنبىھ خاراكتىردىكى نەرسىلەرنى يازمايمەن . بىراق بەزىلەرنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزىنى كۆرسەتكەندەك ، بىھۇدە دىل ئازارلىقىغا ئۇچرىغان ۋاقتىمدا شۇ قەدەر ئازاپلىنىپ بولدى ،مۇنبەرگە كىرمەيمەن دەيمەن يۇ ، دوسلىرىمىز بۇ يەردە بولغانلىقتىن كىرىپ قالىدىكەنمىز . كىم كىرمىسە ئەسەر يولاپ چاقىرىپمۇ ، مەجبۇرمۇ ئىزلەپ يۈرۈپ ئەكىرىش ئادىتىمىزگە ئايلانغان . ئەمما مەن نامى ئۇلۇق سۇپرىسى قۇرۇق سالاپەتلىكلىرىمىزنىڭ مۇنازىرگە چىداپ بۇلالمىسا يالغان ياۋداق سۆزلەر بىلەن باشقىلارنىڭ زىتىغا تەگمىسلىكىنى ، قارا چاپلاش بەدىلىگە ھۇزۇرلانماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن . چۈنكى بىز ھەمىمىز بىر ئۇيغۇر ، بىز ئاغزىمىزدا غۇرۇر ۋىجدان دىسەكلا ھىساپ ئەمەس ، ئۈزۈمىز ئۈچۈن يۇقىرى ھىساپلانغان غۇرۇر ۋىجدان باشقىلار ئۈچۈنمۇ بەك قىمەتلىك . سۆز دىگەن ئاتقان ئوق ،ئۇ چىقىپ كەتتىمۇ قايتۇرۋالغىلى بولمايدۇ ، دىل ئازار خۇدا بىزار ، ۋاقىتلىق ئۈزنى كۆرسىتىۋىلىپ ،كىيىن ئۇنداق ئەمەستىيەي ، پىروتوتىپتىيەي ، دىگەن سۆزلەر ھىچكىمنىڭ قۇلقىغا ياقمايدۇ . ئادەم دىگەندە مەيدان ، ئادىمىيلىك بۇلىشى كېرەك قىساسخورلۇق ئەقىلنى كونتۇرول قىلىۋالسا ،روھ ئىپلاسلىشىپ نەچچە يىل تىرىشىپ تىكلىگەن ئوبراز خۇنىكلىشىدىغان گەپ . شۇڭا مۇنبەردە ئىتپاقلىق ھەمىدىن مۇھىم . بىزگە خەۋىپ بىر بىرمىزدىن كەلمەيدۇ ، تۆت قاغا پوق تالاشسا ئوۋچىغا پايدا . شۇڭا قەلبىمىزدە پاكلىنايلى . تىمىلارغا ئىنكاس يېزىش شەرت ئەمەس ،يازمىساق ھىچ كىم بىزنى سالاپىتى ،سەۋىيەسى يوق دەپ قالمايدۇ . ئۈزۈمىز بىلگەن دائىردە ئۆزئارا ئىلمى پىكىرلىشىش ياخشى ئىش. مەن شەبنەمدىكى بارلىق ھەمشىرە قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىجىل ئىناق ئۈتۈشىگە تېلەكداشمەن .ئاڭلشىمىزچە سىز يىقىندا دۆلەتلىك ئەدىليە ئىمتىھاندىن يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئۆتۈپسىز . بۇ سىز ئۈچۈن خۇشاللىق بۇلۇپلا قالماي بەلكى مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار ئۈچۈنمۇ ياخشى بىر باشلىنىش بولدى، يەنە ئاڭلىسام بۇ ئىمتىھاننى دۆلىتىمىزدىكى قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ئىمتىھانكەن . سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش جەرياندىكى تەجىربىلىرىڭىزنى قىسقىچە سۆزلەپ بەرسىڭىز بولامدۇ ؟ ئەدىلىيە خىزمىتى ئۈچۈن جان كۆيدۇرۈپ تىرىشىپ - تىرمىشىۋاتقان سىزدەك بىر ياش ئايال ئۈچۈن نورمال ئۈگىنىش شارائىتى يارتىش تەس . لىكىن سىز غەلبە قىلدىڭىز ، بۇندىن كىيىنكى پىلانلىرىڭىزنى بلسەم بولامدۇ ؟ سەبىخە سىزگە رەھمەت . ئىلگىرى بىرقانچە قېرىنداشلىرىمىز مىنى زىيارەت قىلىشنى ئېيتقان ،ئەمما مەن مۇشۇ ئەدلىيە ئىمتىھانىسىدىن ئۆتكەندە ئاندىن زىيارەتنى قۇبۇل قىلاي دەپ ئويلىغان ئاخىرى تىلىكىمگەمۇ يەتتىم . يەنە بىر جەھەتتىن مەن زىيارەت قىلغۇدەك ئالاھىدە شەخسمۇ ئەمەس ، بولسا دىگىدەك گەپ چىققاندا ،ئازراق نەتىجەم بولغاندا گەپ قىلاي دەپ ئويلىغان . ئەىدلىيە ئىنتاھانىسى مەن ئۈچۈن بىر بېسىم ئىدى . ھەتتا ئىنتاھانغا ئاز قالغاندا نەچچە ئاخشام ئۇخلىيالماي <<ئەندىڭ>> ئىچىپمۇ ئۇيقۇغا زار بوپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىم . بۇ ئىمتىھاننىڭ قىيىنلىق ھەم چىنلىقى ئەڭ يۇقىرى ئىنتاھان ، جۇڭگونىڭ قارا قول كىرەلمەيدىغان ئىمتىھانىسىدىن مۇشۇلا قالدىمىكىن دەپ قالىمەن . . يېشىم 33 كە كىرگەچ ھەممىنى باشتىن ئۈگۈنىش ماڭا بەك تەس كەلدى . ئۈرۈمچىگە تەكرارلاش سىنىپىغا 2 ئايلىق ئۈگنىشكە چىققاندا ، كىچىك سىڭىللىرىم بىلەن بىر ياتاقتا تۇردۇم . ئۇلار بىر قېتىم كۆرگەننى مەن 2 ھەتتا 3 كۆرۈشۈم كېرەكتەك بىلىندى . شۇڭا ئۇلاردىن سەھەر تۇراتتىم . بەزى نەرسىلەرنى شۇ ئۈگۈنىشكە بارغاندا تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلدىم ، غەيرەت نۇرئەخمەت ، گۈلباھار .. خانىملارنىڭ دەرسىنى ئاڭلاپ شۇ قەدەر سۈيۈندۈم ، ئۇلاردىكى ئىستىدات دېت ،ئاندىن ۋاقىتنى كونتۇرول قىلىشى مىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلغان ئىدى . بىھۇدە ئۈتۈپ كەتكەن ، چۈشكۈنلەشكەن تالاي مىنىۇتلارغا ئۈكۈندۈم . شۇندىن كىيىن بىر غالىب كۈچ مىنىڭ روھىمنى سىلكىپ تۇردى . ئاخىرى نەتىجىمىز چىقتى ، ھاياجاندا كۆز ياش قىلدىم .بۇمۇ گويا تۇنجى ئەسرىم ئېلان قىلىنغاندا ،ئانام كىتاپنى تۇتۇپ يىغلاپ كەتكەندەك ،مەنمۇ نەچچە كۈنگىچە كىتاپنى سىلاپ ،باشقا دوسلىرىمنىمۇ كۆرشىنى ئارمان قىلغۈاندەك بىر ئىش بولدى . ماڭا خىزمەتتە بېسىم يوق . ئائىلىدە تېخمۇ يوق . يولدىشىم مىنى قوللايدۇ . ۋاقىتنى مۇۋاپىق تەڭشەلىشىمدىكى ئەڭ زور ھالقا مەن 3يىل بۇلاي دىدى ، قاتار چاي ھەم دوسلارنىڭ يىغلىشى دىگەندەك يىغلىش سورۇنلىرىغا قاتناشمايۋاتقىلى ، يەنە قۇيرىقى چىقماس ئادىمىگەرچىلىكلەرنىمۇ ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن . ئۆلۈم يىتىم ئاغرىق - سىلاقلارنى پەتە قىلغاندىن سىرت مىنىڭ پائالىيەت دائىرەم ئۆيۈم . ئاتا - ئانامنىڭ ئۆيى خىزمەت ئورنۇم . شۇڭا مەن يېزىقچىلىققا ، خىزمەتكە ، ئۈگۈنىشكە ،ئائىلىگە ۋاقىت چىقرالىدىم . ئىمتىھاننىڭ خۇلاسىسى چىقسا قىزىم ئۈچۈن قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشىم بار ئىدى . ئەمدى ئۇ ئارمانلىرىمغامۇ ئاللا ئىگەم يەتكۈزەر .