ئاپتۇر : كامىلجان ناسىر(دىلداش)
ئەسرا بولسام سەن بىلەن ھەررەت، بۇلاق كەبى تاشار ھېسلىرىم . تاتلىققىنا شوخ نازلىرىڭدىن ، چەكسىزلىككە ئۇچار كۈيلىرىم .
ئارمانلىرىم تاپار تەسسەللى، ئۇچراشقاندا كۆزۈڭگە كۆزۈم. تۇنۇر ئىچرە تاپقاندەك لاۋا ، ئوت ئالىدۇ چۇغلۇنۇپ يۈزۈم.
ياپراق كەبى تىترەيدۇ لىۋىم، ئاچ بۆرىدەك قۇترايمەن شۇئان. تۇسۇپ قالار شۇدەمدە بىر كۈچ، ئورتاق تۇيغۇ بولسىمۇ ئايان.
باسالمىسام ھاياجىنىمى ، مىنى ھەرگىز كەتمە ئەيىپلەپ. كەچۈر مىنى ئۆتۈنەي جانان ، چۈشەن بۇنى سۆيگۈ كۈچى دەپ.
ئاپتۇر : كامىلجان ناسىر(دىلداش) قەشقەر يېڭىشەھەر ناھيىسىدە شىپاگەر. |