ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 288 ـ ئوقۇرمىنى
Chighan
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 67920
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ قەشقىرى ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ (2)

                           ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ (2)

      ئالدىنقى قېتىملىق ماقالىمىزدا  ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺗﯩﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻏﺎﺯﻯ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺗﯜﺭﻛﻮﻟﻮﮒ ﭘﺮﻭﻑ. ﺩﺭ. ﺋﺎﺧﻤﻪﺕ ﺑﯩﺠﺎﻥ ﺋﻪﺭﺟﯩﻼﺳﯘﻧﻨﯩﯔ 11 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ `ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 1000 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ` ﻣﺎﯞﺯﯗﻟﯘﻕ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ سۆزىنىڭ بېشىنى  تورغا يولىغان.

    مەھمۇت ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ 700 - 800 - ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ تۇنۇشتۇرغان ﺋﯩﺪﯗﻕ. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ماقالىمىزدا ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻨﻰ تۇنۇشتۇرمىز. 840 - ﻳﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ؟ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ؟ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻣﯘ؟ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ؟ ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘ ماقالىغا دىققەت قىلغايسىز.

                                               ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜﺷﻰ    

    
         ﭘﺮﻭﻑ. ﺩﺭ. ﺋﺎﺧﻤﻪﺕ ﺑﯩﺠﺎﻥ ﺋﻪﺭﺟﯩﻼﺳﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭼﯜﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﻰ سۆزلەپ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ غەربى يۇرۇتتا ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﻮﻗﻤﯩﺪﻯ؟ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﻳﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، 840 - ﻳﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ 13 ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ، 15 ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ. ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻛﺎﻧﺴﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ، ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﻮﭼﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺑﻪﺯﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ 840 - ﻳﯩﻠﯩﺪﺍ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ غەربى يۇرۇتتا ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ. 697 - ﻳﯩﻠﯩﺪﺍ غەربى يۇرۇتنىڭ ﺑﻪﺯﻯ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻛﯚﻛﺘﯜﺭﻙ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﻗﺎﭘﺎﻏﺎﻥ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ غەربى يۇرۇتقا ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. 697 - ﻳﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﻮﺭﺧﻮﻥ ﻳﯧﻨﯩﺴﻪﻱ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻦ غەربى يۇرۇتقا ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﺎﺭ. ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ 745 - ﻳﯩﻠﯩﺪﺍ ﻛﯚﻛﺘﯜﺭﻙ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﺪﺍﺭﻯ ﻣﻮﻳﯘﻧﭽﯘﺭ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ غەربى يۇرۇت ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺟﺎﻳﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.غەربى يۇرۇتنى ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ 6 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﺍ ﯞﻩ 7 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺗﻮﻟﯩﺲ خەنزۇچە ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﺗﯧﻠﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﻳﻪﻧﻰ 481 - ﻳﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ. ﺩﯦﻤﻪﻙ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ غەربى يۇرۇتىغاﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ."
                            مەھمۇت  ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ

    ﭘﺮﻭﻑ. ﺩﺭ. ﺋﺎﺧﻤﻪﺕ ﺑﯩﺠﺎﻥ ﺋﻪﺭﺟﯩﻼﺳﯘﻥ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: " ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، 840 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﺍ ﻗﻮﭼﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﻛﺎﻧﺴﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ 1028 - 1036 ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﺎﯕﻐﯘﺗﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﻗﻮﭼﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﺪﻯ. ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ غەربى يۇرۇت ﺯﯦﻤﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﻯ. 11 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ غەربى يۇرۇتىكى ﻳﻪﺭ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻤﯘ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﻛﯜﺳﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰﺍﻫﻼﭖ، ﻛﯜﺳﻪﻥ ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯘﭼﺎﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. ﻳﻪﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﺎ ﻛﯘﭼﺎﻏﯩﭽﻪ، ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﯩﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﻫﯩﻢ."

                                                  ھازىرقىﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻗﯘﻣﻰ

         ﭘﺮﻭﻑ. ﺩﺭ. ﺋﺎﺧﻤﻪﺕ ﺑﯩﺠﺎﻥ ﺋﻪﺭﺟﯩﻼﺳﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺳﯚﺯﯨﺪﻩ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻗﯘﻣﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: "ﺑﯘ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻗﯘﻣﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﻙ ﻣﯘﻫﯩﻢ. 1920 - ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ غەربى يۇرۇتىكى ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻗﯘﻣﻰ ﺗﺎﺯﺍ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، ﺋﺎﻗﺴﯘ، ﻳﻪﺭﻛﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ غەربى يۇرۇتنىڭ ﺷﻪﺭﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﯞﻩ ﻣﺎﻧﻰ ﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ 70 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺖ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭ ﺩﯦﻴﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ، ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﺪﯗﺭ."

                                         ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻣﯘ؟

        ﭘﺮﻭﻑ. ﺩﺭ. ﺋﺎﺧﻤﻪﺕ ﺑﯩﺠﺎﻥ ﺋﻪﺭﺟﯩﻼﺳﯘﻥ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﺎﯞﺯﯗﻟﯘﻕ ﻧﯘﺗﯩﻘﯩﺪﺍ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: "ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻤﺎﻗﭽﯩﻤﻪﻥ. ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺴﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯗﺭ. ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﺎﺭ. ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺴﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻫﯚﻛﯜﻣﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﺳﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻼﺭ ﻳﺎﻏﻤﺎ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ. ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﺑﺎﺭﺗﻮﻟﺪ ، ﺯﻩﻛﻰ ﯞﻩﻟﯩﺪﻯ ﺗﻮﻏﺎﻥ، ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﺭﻩﺷﺎﺕ ﮔﻪﻧﭻ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻏﻤﺎ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘﻻﺭ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ `ﻫﯘﺩﯗﺩ - ﺋﯩﻞ ﺋﺎﻟﻪﻡ` ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﯞﻩ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﯘ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﻳﺎﻏﻤﺎﻻﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ. `ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ.` ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﻛﯩﻢ؟ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺩﻩﭖ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺩﯦﻤﻪﻛﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻳﻪﻧﻪ `ﻣﯘﺟﯩﻤﻪﻟﯩﺖ ﺗﻪﯞﺍﺭﯨﺦ` ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ: `ﻳﺎﻏﻤﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﯩﻐﺎ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﺩﻩﻳﺪﯗ`. ﺩﯦﻤﻪﻛﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻫﯚﻛﯜﻣﺪﺍﺭﻻﺭ ﻳﺎﻏﻤﺎ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ. ﻳﺎﻏﻤﺎ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺩﯗﺭ. ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﺎﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺩﯗﺭ. ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﺪﺍﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺩﯗﺭ. ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎﻥ."

               ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ

      ﭘﺮﻭﻑ. ﺩﺭ. ﺋﺎﺧﻤﻪﺕ ﺑﯩﺠﺎﻥ ﺋﻪﺭﺟﯩﻼﺳﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯨﯟﺍﻧﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: "ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺩﯨﯟﺍﻧﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. `ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﯩﺪﯗﺭ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯨﻴﺎﻟﯧﻜﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺪﯗ`. ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺩﯨﻴﺎﻟﯧﻜﺘﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ."
            

                                                           تۇركىي ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ

         ﭘﺮﻭﻑ. ﺩﺭ. ﺋﺎﺧﻤﻪﺕ ﺑﯩﺠﺎﻥ ﺋﻪﺭﺟﯩﻼﺳﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: "ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺗﺎﻻﻱ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ. ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻤﯘ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻣﯘﺳﺘﯘﺭ. 1000 ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯘﻟﯘﻏﺪﯗﺭ."

  مەنبە تۈرۈك خەۋەرلىرى

تېما تەستىقلىغۇچى : qumqazi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-16, 16:53

 

ئەزىز بوۋاق
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-17 00:31 |
sardar218
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 67924
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 

سىزەگەكوپ رەخمەت!!
http://www.tudou.com/programs/view/FpkvDVb-XF0/

ھەقىقىي مىسۋاك
http://www.tudou.com/programs/view/FpkvDVb-XF0/
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 01:22 |
OTBAXHAWASKAR
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 67895
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 43
شۆھرەت: 43 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 430 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 

ناھايتى نۇچى ئادەمدە...سىزەگەكوپ رەخمەت!!

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 02:04 |
pantekin840
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 67359
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

  راس شىنجاڭدا ئەزەلدىن ئۇيغۇرلار ياشاپ كەلگەن،ناۋادا ئۇ چاغلاردا شىنجاڭدا باشقا مىللەت ھۈكۇمرانلىق قىلغان بولسا،  قىرغىزنىڭ زەربىسىدىن قاچقان ئۇيغۇرلارنى سىغدۇرامتى.   شۇنداق كۈچلۈك دۆلەتلەرنى قۇرالامتى؟؟؟

ئەزىز بوۋاق
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 02:39 |
Hajekashgar
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 67725
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
شۆھرەت: 12 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 120 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

مۇشۇنداق ياخشى تىمىنى يوللىغىنىڭلاغا رەخمەت! قاراخانىيىلار ئەۋلادلىرى مەڭگۇ ئۇلۇغ ! مەخمۇت قەشقەرى ھەقىقى ئۇيغۈر !

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 03:58 |
kaplan917
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 66855
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 37
شۆھرەت: 37 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 354 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 127(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 

رەخمەت قېرىندىشىم .مەن بۇنىڭ 1جىسىنى يوللىغانتىم
سىز ماڭا ياردەملىشىپ ئايىغىنى يوللا پسىز
كۆپ خۇرسەن بولدۇم !!!   

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 05:07 |
yadiyar
دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


UID نۇمۇرى : 13070
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 246
شۆھرەت: 245 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2250 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 356(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !

ئەزىز بوۋاق
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 09:07 |
rahbar
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 60158
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 262
شۆھرەت: 263 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2604 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 430(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 

داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ..........

ئەزىز بوۋاق
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 09:44 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » تارىخ بەتلىرى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:12-18 23:12, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ