كۈندىلىك خاتىرىدە ساقلانغان سىرلار
مەن دوستۇمنىڭ ئۆيىدە ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى كۆرۈپ قىلىپ ،بەكمۇ ئازاپلاندىم ،ۋە ئۇنىڭ ئاخىرقى بەتلىرىنى تېما شەكلىدە يوللاپ قويدۇم ....باشقىلارغا ئىبرەت بولغاي!
* * *
كۈنلەر بەكمۇ تېز ئۆتمەكتە ،مانا سىنىڭ تويىڭغىمۇ ساناقلىقلا كۈنلەر قالدى.مۇشۇ كۈنلەردە ئاللا ھەقىقەتەنمۇ ماڭا چىدام-غەيرەت ئاتا قىلىۋاتىدۇ...بۈگۈن سەھەر سىنى يىراقتىن كۆرۈپ ئىچىمگە ئاجايىپ تىترەك ئۇلاشتى .پۈتۈن ۋۇجۇدۇم مۇزلاپ كەتكەندەك بولدى .ئۈچ يىل ئىلگىرى ئىكىمىز بىر جان بىر تەن ئىدۇق ،بۈگۈنكى كۈندە بولسا پۈتۈنلەي يات بولغان ئىككى .ئىنسانغا ئايلاندۇق .بۇلارنىڭ ھەممىسى سىنىڭ مۇھەببەتكە سەل قارىغانلىقىڭنىڭ نەتىجىسى !مانا مەن بىرىنىڭ ئايالى بىر بالىنىڭ ئاپىسىغا ئايلاندىم ،سەن بولساڭ توي ئىشىڭغا ئالدىراۋاتىسەن .مەن پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلاپ ئۆزەم قىلچە ياخشى كۆرمەيدىغان بىر ئىنسان بىلەن مەڭگۈ بىللە ياشاشقا مۇپتىلا بولدۇم
ۋاقىت ئۆتتى ئىش ئۆتتى ،ئۆتمۈشنى ئەسلەپ ئاھ ئۇرۇش ئازاپلىنىش بەكمۇ ئەخمىقانىلىك ! بولدىلا مەن بۇنداق ئاخماقلارچە ئازاپلارغا مۇپتىلا بۇلۇپ ياشاۋەرمەي ،رىئاللىققا قايتاي ...يەنە 20-30 يىل ياشاپ ئۆلۈپ كىتىدىغان ئۆمۈرغۇ بۇ ئاخىر .......
باشقىلارغا قىيداش باشقىلاردىن ئاغرىنىش ماڭا نىمە ئىلىپ كېلەتتى ؟! مەنمۇ بىپەرۋا ياشاپ باقاي .....
مەن مانا مۇشۇ تۇپراقتا ساڭا ئېرىشكەن ئىدىم ئارىدىن 6 يىل ئۆتكەندە يەنە مۇشۇ تۇپراقتا سىنى ئۆمۈرلۈك يۇقۇتۇپ قويىۋاتىمەن .يۈرىكىم بەزىدە پات ئارىدا يۈز بېرىدىغان بۇ رىئاللىقنى قۇبۇل قىلالمايدىغاندەك ئەنسىز سىلىپ كىتىدۇ....بىلسەڭ ،كىچە -كۈندۈز ساڭا تىلەيدىغىنىم ئىنسان بالىسى ئۆمۈر بۇيى قۇبۇل قىلالمايدىغان بەخىتسىزلىك !!!بۇ ھەرگىز شەخسىيەتچىلىكىمدىن ئەمەس ،مەن ئەنە شۇنداق ئازاپ ئىچىدە ياشاشقا مەجبور بولغا ئىكەنمەن سەنمۇ شۇنداق ياشىشىڭ كېرەك !بەكمۇ خۇشال بوپ كەتمە،كۆز يېشىڭ تېخىى كەينىڭدە !!ئاللا مەن تۆككەن ياشلارنى ساڭىمۇ ھەسسىلەپ تۆكتىرىدۇ .....
2006 . 11 . 21
كىچە چۈشۈمدە سىنى كۆردۈم ،سەن ماڭا قاراپمۇ قويماپسەن !مەن ساڭا شۇنچىلىك تەلمۈرگۈدەكمەن . سەھەر تۇرۇپ يۈرىكىم ئاچچىق ئىچىشىپ كەتتى . بۇ ئازاپلار چۈشلىرىمدىمۇ مىنى ئارامىمدا قويمايۋاتاتتى .
مانا بىر نەچچە كۈنلا قالدى سەنمۇ ئۆي ئۇچاقلىق بوپ كىتىسەن .نۇرغۇن -نۇرغۇن ئىمكانىيەتلەردىن پۈتۈنلەي قۇرۇق قالىسەن !نەچچە سائەتتىن كىيىن مەنمۇ دەم ئېلىشقا قايتىمەن .40 كىلومىتىر يىراقلىقتا سنىڭ تويۇڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتىمەن !! ھاياتىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئايرىلىش مىنوتلىرىدا خاتىرە دەپتىرىمنىڭ ئاخىرقى قۇرلىرىغا نىمىلەرنى قالدۇرۇشنى بىلەلمەي قىلىۋاتىمەن ..
مەيلى يازغىنىم مۇھەببەت بولسۇن ياكى نەپرەت بولسۇن ھەممىسى ساڭا بولغان ئىشقىمدۇر !ئىچىمدە ئاجايىپ بىر ئىشىق بار .بۇ ئىشىق ئۇزۇن يىللىق قان ياشلىرىم بەدىلىگە ئېرىشكەن بىردىن بىر بايلىقىم !ئىشىنىمەنكى سەندىمۇ ماڭا نىسبەتەن شۇنداق ئىشىق بار.سەن <نىكاھ ھەممىنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ دەپ قاراۋاتىسەن ،ئۈچ يىل ئىلگىرىمۇ مەن شۇنداق قارىغان ئىدىم .لىكىن بۇ پۈتۈنلەي خااتا قاراش !مۇھەببەت ،ۋاقىت قانچە ئۆتكەنسېرى شۇنچە چوڭقۇر شۇنچە چوڭقۇر بۇلۇپ كېتىدىكەن ....
مەنمۇ بىر قارارغا كەلدىم ،بىر ئامال قىلىپ بۇ يىل ئاخىرى يۆتكىلىپ چۈشۈپ كىتىمەن !سىنى ئۆمۈر بويى كۆرمەسلىك ئۈچۈن كىتىمەن !نىمىلا بولسۇن ئەمدى سەندىن يىراق تۇرسام ماڭا ياخشىراق ! شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزۈمنى ساڭا ئۆمۈر بۇيى كۆرسەتمەيمەن !بۇ جايدىكى بۇ تۇپراقتىكى ھەممە نەرسە ماڭائۆتمۈشنى ئەسلىتىدۇ ،سىنى ئەسلىتىدۇ !مانا بۇ مۇھەببىتىمىزنىڭ جانسىز شاھىتلىرى ئىچىدە يۈرۈكۈمنى مىنوتتا بىر تىلىپ ئۆتكۈم يوق !سەندىن نەپرەتلىنىمەن !سىنىڭ چىدامسىزلىقىڭ ۋە بىپەرۋالىقىڭنى ئۆمۈر بۇيى كەچۈرمەيمەن !
مۇشۇ مىنۇتلاردا يۈرىكىممۇ يىغلاۋاتىدۇ ئۈمۈرلۈك بەخىتسىزلىكىم ئۈچۈن ياش تۆكىۋاتىدۇ .....مەن راستىنلا يوپيورۇق قۇياش نۇرى ئاستىدا ،زۇلمەتكە تولغان روھىي ھاياتىمدا ئاخىرقى تىنىقلىرىمغىچە ياش تۈكۈپ ئۆتىدىغان ئوخشايمەن !
مەن سىنىڭ توي خوشاللىقىڭغا چۈمۈپ كىتىغانلىقىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن !ئاللا ئادىل !ئاللا قۇدرەتلىك !ئىشىنىمەن ئاللا ماڭا سالغان بۇ ئىشىقنى ساڭىمۇ سالغان ...بىزنىڭ رىشتىمىز ئۈزۈلمەيدۇ .بۇ رىشتە تاغلار ئارىسىدىكى مۇشەقەتلىك يوللاردا تاۋلىنىپ ،بۇلاقنىڭ سۈپ-سۈزۈك سۇلىرىدا پاكلىنىپ شەكىللەنگەن !بۇنى ئۈزىۋېتىش پەقەت ئاللانىڭ قۇلىدىنلا كىلىدۇ.
گەرچە ئىكىمىز ئىككى ياققا قاراپ ئۇزاپ كېتىۋاتقان بولساقمۇ ئىكىمىزنىڭ قەلبىدىكى بۇ ئىشىق ئەسلا يۇقالمايدۇ .بۇ ئىشىق يىللارنىڭ سىناقلىرىدا تاۋلىنىپ، قىيامەتتە چىچەكلەپ مىۋە بېرىدۇ .شۇنداق قىيامەتتە ئىكىمىز چۇقۇم بىللە بۇلىمىز .بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆكۈنمەيمەن ئەكسىچە خۇشال بۇلىمەن !چۈنكى پەقەت ئۇ دۇنيالا مەڭگۈلۈكتۇر .....بىز بىر بىرىمىزنى يەنە 30-40 يىل ساقلايلى بۇلامدۇ ؟!مەن يۈرىكىڭنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاۋاتىمەن ئۇ خۇشال بۇلىۋاتىدۇ...ماقۇللۇق جاۋابىنى بېرىۋاتىدۇ.چۈنكى سەن ئالتە يىل بۇرۇنلا يۈرۈكۈڭنى ماڭا بېرىۋەتكەن .سەن ھىچقاچان يۈرۈكۈڭنى ئېلىپ كەتمىدىڭ .شۇنىڭ ئۈچۈنلا قەلبمدە بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كەلدىڭ !
ئەلۋىدا ! مەن سىنى ئەمدى قىيامەتتە ،بۇلاق بېشىدا ،ئىگىز تاغلاردا ساقلايمەن !ئىشىنىمەنكى سەنمۇ ماڭا ئوخشاش كۆز ياشلىرىڭ بىلەن بارچە گۇناھلىرىڭنى پاكلاپ،شۇ مۇقەدەس جايلاردا مىنى ساقلايسەن .......
2006 .12 26
كۈندىلىك خاتىرەمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاق بېتىگىمۇ تۆۋەندىكى بىر قانچە قۇرلار چۈشۈشكە مۇيەسسەر بولدى ...
مانا دەم ئېلىشنى تۈگۈتۈپ يىنىپ چىقتىم ، ئۈلۈشكۈن تۇيۇڭ بولدى. نىكاھىڭلار ئوقۇلدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى كېچىسى چۈش كۆردۈم....چۈشۈمدە ئىكىمىز خۇددى 3-4 يىل بۇرۇنقىدەك شۇنداق يىقىن ئولتۇرۇپتىمىز ،ئىلگىرىكى 3 يىلدا چۈشۈمدە سىنى دائىم كۆرۈپ تۇرساممۇ پەقەتلا گەپ قىلمايتتىڭ ،ئەمما شۇ كۈنى ماڭا گەپ قىلدىڭ،«مەن پەقەت سىنىلا..پەقەت سىنىلا ..» بۇ گەپنى نەچچە رەت تەكرارلىغان بولساڭمۇ ،ئاخىرىنى پەقەتلا دىمىدىڭ .مەن پۈتۈنلەي چۈشەندىم ! شۇ گەپلىرىڭ ھازىرمۇ قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلاۋاتىدۇ.....
ئەنە شۇ كىچە ،مەن سەن بىلەن چۈشلۈرىمدە خوشلاشتىم ،سەنمۇ ماڭا ئوخشاش پەقەت مىنىلا ياخشى كۆرىسەن بولمىسا ئۇكۈنى چۈشۈمگە كىرىپ مەن بىلەن خوشلاشمايتتىڭ .توغرا سەن ئۇ گەپنى دىيەلمەيسەن ،ئۈمۈر بۇيى دىيەلمەيسەن !مانا بۇ بىر تىراگىدىيىلىك خاتىمە بولدى .لىكىن كىسىپ ئېيتالايمەنكى ،مەن ئۆزۈم قۇرغان بۇ تۇرمۇشنى پۈتۈن قەلبىم بىلەن سۆيەلمىدىم ! سەنمۇ ئۆزۈڭ قۇرغان بۇ تۇرمۇشنى ئەبەدى سۈيەلمەيسەن !!
مانا بۇ خەتلەرنى ئىشخانامدا ئولتۇرۇپ يېزىۋاتىمەن ،يالغان ئېيتمايمەن ،مەن شۇكۈنى بىرەر پاجىئەنىڭ يۈز بېرىپ توي ماشىناڭنىڭ ئۆرلۈپ ،سىنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىڭنى بەكمۇ ئارزۇ قىلدىم ھەتتا ئاللادىن تىلىدىم ! بەلكىم بۇ سىنى بەكلا ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن بولسا كېرەك .
مەن مۇشۇ دەقىقىلەردە ئۆزۈمنىڭ ئائىلىسى ،يولدىشى بالىسى بار ئايال ئىكەنلىكىمنى تۇلۇق ھىس قىلىۋاتىمەن ! بۇ ھىس قىلىش مىنى چىدىغۇسۇز دەرىجىدە ئازاپلىماقتا.بەلكىم بۇ ئازاپلارنىڭ ئاچچىق تەمىنى مەن توي ماشىنىسىغا چىققان دەقىقىلەردە سەنمۇ ھىس قىلىپ ئۆتكەن بولغىيتتىڭ ؟!! ئۇلۇغ ئاللا سەن چەككەن ئازاپلارنى مۇشۇ تۇپراقتا ماڭا چەكتۈردى ! دىمەك ،ئاللا ئادىل !!
ئەمما ئىشەنگىنكى ،ئىكىمىزلا مانا بۇ زىمىندا ،يورۇق قۇياش نۇرى ئاستىدا ،رەھىمسىزلارچە دەپسەندە قىلىۋەتكەن بۈيۈك مۇھەببەتنىڭ بىزگە ئاتاقىلغان خۇشاللىقىنى، ئاخىرقى تىنىقلىرىمىزغىچە بۇ تۇپراقتىن قايتا تاپالمايمىز ،قايتا......
2007 . 1 .2
* * *
بۇ پەقەتلا كۈندىلىك خاتىرىنىڭ ئاخىرقى بىر قىسمى ،مەن تۇلۇق ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن ، خېلى كۈنلەرگىچە بىئارام بۇلۇپ يۈردۇم .ئاخىرقى چىقارغان يەكۈنۈم پەقەت بىرلا ئېغىز سۆز :< مۇھەببەت ئەڭ بۈيۈك ھىسيات ! مۇھەببەتنى چۈشۈنەيلى ، مۇھەببەتنى قەدىرلەيلى ! >
[ بۇ يازما nazakat29 تەرپىدىن2008-12-17 00:27دە قايت ]