مەن بىر ئۇقۇغۇچى، بۇرۇن مېنى بىر سى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، شۇڭلاشقا ئۇ قىز ماڭا تەلەپ قۇيۇپ بىرگە ئۆتۈشكە دەۋەت قىلغان، مەنمۇ ماقۇل بۇلۇپ بىرگە ئۆتتۇق لىكىن كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەن بارغانسىرى چىكىنىپ كەتتىم. لىكىن ئۇ مەندىن چېنىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ناھايىتى تېز ئىلگىرلىدى. ئۇ ئۇيۇنغا ئامراق بالىلارغا ناھايىتى ئامراق ئىدى. بۇلۇپمۇ كۈندىزى دىبا، بىليارتخانا، تورخانا قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش سورىنلىرىدىن چىقمايدىغان ئۇقۇغىچىلارغا ناھايىتى ئامراق ئىدى. كىيىن مەنمۇ بارغانسىرى ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان بۇلۇپ قالدىم ئۇ ئاشۇنداق بالىلار بىلە ناھايىتى يىقىن ئۆتۈشكە باشلىدى، مەنمۇ ئاخىرى بىر قارارغا كىلىپ ئاشۇ تورخانا بىليارتخانىلاردىن چىقمايدىغان بالىلار بىلەن ئارلىشىپ ئاشۇ ياقتۇرىدىغان بالىلار دەرىجىسىگە يەتتىم، لىكىن ئۇ ماڭا يەنىلا قارىمىدى، شۇڭا مەنمۇ ئۇنڭىغا قارىماي دەپ ئۈمىدنى ئۈزسەم مەندىن كۆزىنى ئۈزەلمەيلا قالدى، مەنمۇ بىر ئىككى قاراپ كۈلۈپلا قويسا بىر نەچچە كۈنگىچە شۇنى ئويلاپ چىقاتتىم شۇنداق قىلىپ ئىچكىرى ئىمتاھانىغىمۇ قاتنىشالمىدىم. تۇلۇق ئوتتۇرىغا چىقىپمۇ ئۇنىڭدىن ئۈمىدنى ئۈزەلمىدىم پەقەت،، پەقەت پەقەتلا ئۈمىدنى ئۈزەلمىدىم. ئۇ ماڭا بىرلا سىرلىق ھەركەت ياكى بىرلا قېتىم كۈلۈپ قويسا ئىمتاھانلاردىمۇ ئۇ نېمە مەقسەتتە ماڭا شۇنداق قىلىدىغاندۇ دەپ ئولاپ كېتەتتىم. كىيىن ئۇ مېنىڭ ئالدىمدىلا 5 يېڭىن دوستۇم بىلەن ئارىلاشتى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بزنىڭ مەھەللىدىكى بالىلار ئىدى. ئۇ چاغلاردا ماڭا بىر نەچچە ئاغىنەم ھېسداشلىق قىلىپمۇ ماڭا ئىچى ئاغرىپمۇ تاماكىدىن ئىبارەت خۇشاللىق بىلەن كېسەلنى تەڭلا ئېلىپ كىلىدىغان ياخشى ھەمرانى دوست قىلىپ قويدى، مەن كۈندە چىكەتتىم دەرسلەرگە كىرمەي ئۇقۇغىچىلار ياتىقىدا سائەت سائەتلەپ تاماكا چىكىپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىم. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى، 3- يىللىققىمۇ چىقتۇق . سىنىپىمىزغا بىرنەچچە ساۋاقداش كىردى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ناھايىتى خوش چاقچاق بىر قىز بولىدىغان ئۇ ماڭا بەزى ۋاقىتلاردا ياردەممۇ قىلىپ قوياتتى، لىكىن بىز ئانچە تۇنۇشۇپمۇ كەتمەيتتۇق مۇناسىۋىتىمىزمۇ ئادەتتىكىچە ئىدى، كۈنلەر ئۆتۈپ مەن بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىم بىلەن شۇنى تالاشقان بۇلۇپ چاقچاقلىشىدىغان بۇلىۋالدۇق لىكىن ۋاقىت ئۆتكەنسىرى، مانئۇنى ياقتۇرۇپ قېلىشىمنى نەدىن بۆلەي ئۇ ماڭا شۇنداق ياخشىلىق قىلىشقا باشلىدى، بىز بالىلار بىلەن بىر يەرگە ساياھەتكە باردۇق ئۇ مەن بىلەن بىر گۇرۇپپىدا ئىدى، بىز تۇرپان قۇملىقىغا بارغۇچە ئۇنىڭ بىلەن ماشىنىدا ئولتۇرغاچ شۇنداق قىزغىن پاراڭلاشتۇق. ئۇ مېنىڭ تېلىفۇنۇمنى ئېلىپ ئىچىدىكى ئۇچۇرلارنى بىر-بىرلەپ كۆرۈپ بەزى ئەھمىيەتسىز ئۈچۈرلارنى مەندىن لازىممۇ ، ئۆچۈرۋېتەيمۇ دەپ قويغاچ يۇيىۋاتاتتى مەن شۇن داق خوش بۇلۇپ كەتتىم، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ تۇلۇق 1- يىللىقتىكى ۋاقىتلاردا كۆپ قىزلار بىلەن بۇنىڭدىنمۇ يېقىن ئۆتۈپ ئاكا سىڭىلدىنمۇ يېقىن بۇلۇپ كەتكەن بولساممۇ بۇنداق تۇيغۇغا قىلىپ باقمىغانكەنمەن. مەن شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنى كەلگۈسى ئايالىم دەپ تۇنىدىم، لىكىن ئىككى كۈندىن كىيىن بىز بىر نەرسە دېيىشىپ قالدۇق، بۇ ناھايىتى كىچىك ئىش ئىدى، مەن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدىم لىكىن مەكتەپكە بارغاندىن كىيىنمۇ ئۇ ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىپ قويمىدى، مەن ئىنتايىن ئوڭايسىزلاندىم، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچۇر بىلەن ئالاقىلىشاتتۇق. ئۇ دائىم مېنىڭ تېلىفۇنىمغا ئۇچۇر يوللايتتى، مەنمۇ ئۇنىڭ دادىسىنىڭ تېلىفۇنىغا ئۇچۇر يوللايتتىم(ئۇنىڭ تېلىفۇنى يوق ئىدى، لىكىن بىزنىڭ يوللاشقان ئۇچۇرلىرىمىزنى دادىسى بىلمەيتتى) لىكىن شۇ كۈندىن كىيىن شۇنچە كەچۈرۈم سوراپ ئۇچۇر يوللىسام جاۋاپمۇ يازمىدى، سىنىپتىمۇ ئۇنىڭغا بىر ئېغىز گەپ قىلمىدىم. مەن بۇرۇن بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالساممۇ ئۇنى ئايالىم دەپ قاراپ باققان ئەمەس. لىكىن مەن بۇنى ئايالىم دەپ تۇنۇيمەن. مەن ئالىي مەكتەپكە ئىمتاھان بېرىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن، لىكىن مېنىڭ نەتىجەم بۇرۇنقى سەۋەپلەر تۇپەيلى ئۇنىڭ نەتىجىسىدىن نەچچە ھەسسە تۆۋەن، مەن زادى قانداق قىلىمەن، مەن ئاخىرى بىر قاراغا كەلدىم دورداشلارنىڭ ماڭا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ماڭا ياردەم قىلىڭلار.
مەن ئۇنىڭغا بىر ئاي پۇرسەت بېرىمەن لىكىن ئۇنىڭغا بۇنى ئۇختۇرمايمەن، ئۇنىڭدىن بىر نەچچە قېتىم كەچۈرۈم سورايمەن، ئۇ مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە مېنى راسلا كەچۈرمىسە(ئۇنىڭ كەلگۈسىدە باشقىلار بىلەن قولتۇقلىشىپ ئالدىمدىن ئۆتۈپ كېتىشىنى خالىمايمەن.........................................................................) شۇ مەن ئەڭ ئاخىرقى قارارىمنى چىقاردىم ئۇ يەنىلا شۇنداق قىلىۋەرسە مەن ئۇنى ئۆيىدىن چاقىرتىپ ئەپچىقىپ ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بۇرۇن باشقىلارنى ياخشى كۆرگەن بولساممۇ ئۇلارنى ئەزەلدىن كەلگۈسى ئايالىم دەپ تۇنۇپ باقمىغانلىقىمنى، بۇرۇن ئۇچرىغان ئىشلارنى ھەممىسىنى دەپ مىنى كەچۈرۋېتىشىنى مەن بىلەن بىرگە ئۆتىشىنى، مەن ئالىي مەكتەپ ئىىمتاھانىدىن ئۆتەلمىسەممۇ مەن بىلەن بىرگە ئۆتەلەيدىغان ئۆتەلمەيدىغانلىقىمنى سورايمەن ھەم ئۆتىنىمەن، ئۇ ئەگەر ماڭا مېنى كەچۈرۈڭ ئۇنداق قىلسىڭىز مەن سىز بىلەن ئۆتەلمەيمەن دېگەن جاۋاپنى بېرىپ قالسا ئۇنى شۇ يەردە ئۆلتۈرۈپ تاشلايمەن ھەم ئۆزۈمنى ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن دەپ ئويلىدىم. مېنى توغرا چۈشىنىپ مۇنبەردىكى ئىلغار پىكىرلىك ئاكا-ئاچىلىرىمنىڭ ماڭا مەسلەھەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن زادى قانداق قىلىمەن......... مەن تۇرپاندىن XXXXXXXX XXXXX تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى.
[ بۇ يازما umidsiz تەرپىدىن2008-12-17 00:02دە قايتا ]