ئەركىلىۋالاي ئەي جېنىم ئانا
قۇچىقىڭغا بېششىمنى قويۇپ ئەي ئانا، ھۇزۇرلىنىپ راھەتتە ياتقۇم كىلىدۇ. سىلاپ قويغىن چېچىمنى ئاستا قۇلۇڭدا ، چەكسىز بەخىت پەيزىنى سۈرگۈم كىلىدۇ.
ئەمگەكلەردە جاپالار تارتقان گەۋدەڭگە، قۇچاقلاپ چىڭ ئېسىلىپ تۇرغۇم كىلىدۇ. بىزلەر ئۈچۈن مېھنەتلىك يىرىك قۇلۇڭنى ، سىلاپ تۇرۇپ يۈززۈمگە ياققۇم كىلىدۇ.
چاخچاق قىلاي ئېچىلسۇن سېنىڭ شۇ كۆڭلۈڭ، كۈلۈپ تۇرغان يۈززۈڭنى كۆرگۈم كىلىدۇ. يېشىم خېلى چوڭ تۇرۇپ يىگىت بولساممۇ، شوخ بالىدەك ئەركىلەپ ئۆتكۈم كىلىدۇ.
2008 ـ 12 ـ 16 ـ كۈنى يىزىلدى. مەنبە ـــ بەگ مەھەللىسىدىن غەمسىز . |