ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 190 ـ ئوقۇرمىنى
@sukut
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 58554
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 63
شۆھرەت: 64 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 630 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 165(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 نىكاھ ئويۇنچۇق ئەمەس!

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى Naikon.x بۇ تېمىنى كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2008-12-16)
نىكاھ ئويۇنچۇق ئەمەس!



ئائىلە _ قۇرامىغا يەتكەن يىگىت-قىزنىڭ ئۇچۇرما بولغان قۇش باچكىلىرىدەك قانات قېقىپ تەمشىلىدىغان باراقسان بېغى! ئەمما ، نۇرغۇن يىگىت-قىزلار، ئەر-ئاياللار ،ھەتتا بوۋاي-مومايلارمۇ ئائىلە دىگەن نىكاھدىن كېيىن باشلانغان تۇرمۇش دەپلا قارايدۇ. مىللىتىمىزدە سادىر بولىۋاتقان ، ئائىلە قۇرغانلاردا سادىر بولىۋاتقان ، مىللەتنىڭ مەنىۋى ساپاسىغا داغ سېلىۋاتقان بىر قاتار نۇقسانلار ، ئىللەتلەر، بەخىتسىزلىكلەرنىڭ بىزنىڭ ئائىلە ۋە كىشىلىك ھەققىدىكى قاراشلىرىمىزنىڭ ئېچىلمىغانلىقى، بۇنىڭ ئىلمىي ئاڭ ۋە روھىي تەييارلىقسىزلىق بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلار زادى قانچىلىك؟!
بىزنىڭ قاۋۇل يىگىتلىرىمىز بىلەن نازۇك قىزلىرىمىز بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن مۇھەببەت ۋە ئائىلە ھەۋەسلىرىگە گىرىپتار بولسىمۇ ، ئۇلار بۇ جەھەتتە ھېچقانداق زۆرۈر تەربىيە كۆرمەيلا نىكاھلىق بولىدۇ. پەرزەنىتلىك بولىدۇ. ئۇلار تۇرمۇش سەپىرىدە تېزلا كۈتۈلمىگەن زىددىيەتلەرگە دۈچ كېلىپ، شامالدا دومىلىغان قامقاقتەك تەمتىرەيدۇ، بوھران ۋە پاجىئەلەرگە يولۇقىدۇ. بۇ ئوڭۇشسىزلىقىلار ئۇلار ئارقىلىق پەرزەنتىلىرىگە ، ئۇلارنىڭ دوسىتلىرىغا ، پۈتۈن جەمئىيەتكە كۈچلۈك مەنىۋىي لەرزە،ھەتتا روھىي بۇلغىنىش ئېلىپ كېلىدۇ. يىللار، ئەسىرلەر جەريانىدا بۇ ئىللەت ۋە بولغىنىشلار مىللەتنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئېغىر ، ھەتتا ھالاك قىلغۇچى تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئا. مۇھەممەتئىمىن :<ئائىلە>دىن

مەن بۈگۈن خىزمەت داۋامىدا يولۇقتۇرغان بۇ ئىككى مەسىلە ئۈستىدە كۆپ ئويلىنىش قىلدىم، ھەتتا چۈشلۈك تاماققىمۇ رايىم يوق ئىدى. بۇ مەسىلە گەرچە جەمئىيىتىمىزدە بىر قەدەر ئېغىر بولىۋاتقان مەسىلە بولسىمۇ يەنىلا تورداشلار بىلەن ئورتاق مۇنازىرلىشىش ئىستىكىدە كومپىيۇتۇر ئالدىغا كەلدىم.
ئەتىگەندىلا ئىشخانامنىڭ ئىشىكى چېكىلدى. كەينىدىنلا25-26 ياشلار ئەتراپىدىكى ياشقىنە ئايال كۆزلىرى ياش يۇقى ھالدا ئالدىراپ ئىشخانامغا كىرىپ كەلدى-دە، كۆز ياشلىرىنى تۇتۇۋالالماي دەردىنى تۆككىلى تۇردى.
ئۇ 2001-يىلى بىر مەھەللىلىك س بىلەن توي قىلغان بولۇپ، ئىنتايىن ئىناق ئۆتكەن ئىكەن ھەم ھازىر 5 ياشقا كىرگەن ئوغلىمۇ بار ئىكەن، س2003-يىلى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىجىرگەندىن كېيىن كۆپىنچە ھاللاردا سىرتتا ماشىنا ھەيدەيدىكەن ، ئادەتتە ئۆيگە كىلىدىغان چاغلىرىمۇ ئازلاپ كېتىپتۇ. 2007-يىلى 5-ئايدا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنچە 8-ئايدا ئۆيگە چىرايلىق ياسانغان 22 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر قىزنى باشلاپ كىرىپ:
_ مەن بۇ قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، كۆڭۈل دىگەن نەرسىگە بىر نىمە دىمەكمۇ تەسكەن خوتۇن. شۇڭا سەن توغرا چۈشىنەرسەن .
دىگىنىچە شۇ يوقاپ كەتكەنچە يەنە 2 ئاي ئۆزىنى كۆرسەتمەپتۇ. ئاخىرى بۇ ئايال بۇ ئەلەمنى ئىچىگەيۈتۈپ ، ھىچكمگىمۇ دەرد ئېيىتماي ئۇدۇل قىزنى ئىزدەپ تېپىپتۇ. ھېلىقى قىز ئۇنىڭغا :
_ مەن ئەسلىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ھەم قەشقەرگە خىزمەتكە بۆلۈنگەن ئىدىم، ئەمما س بىلەن بۇلتۇر تۇنۇشقاندىن بىرى بىز ئارلىشىپ كېلىۋاتىمىز ، ئۆز ۋاقتىدا س: مەن بىر يىلنىڭ ئالدىدا ئايالىم بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن بىر ئوغلۇم بار ، ئايالىمدا دىگەچكە، ئەڭ مۇھىمى مەن س نى ياخشى كۆرۈپ قالغاچقا خىزمەتتىنمۇ ۋاز كەچكەنمەن، ھازىر س سىزنى ياخشى كۆرمەيدىكەن ، ھەم مەنمۇ ئۇنى دەپ خىزمەتتىن ۋاز كەچتىم شۇڭا ئەڭ ياخشىسى سىز بۇ تۇرمۇشتىن ۋاز كىچىڭ ._ دەپتۇ.
شۇنداق قىلىپ بۇ ئايال س گە يىغلاپ قاقشاپ :
_ شۇ قىزدا نىمە ئارتۇق بولسا مەنمۇ تىرىشاي ، كۆڭلىڭىزنى ئالاي، ئوغلۇم ئۈچۈن بولسىمۇ زارىمغا قۇلاق سېلىڭ، قايتىپ كېتەيلى !_دەپ زارلاپتۇ.
ئەمما س قەتئىي نىيىتىدىن يانماپتۇ.
ئۇ ئايال يەنە دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ ، يولدىشىنىڭ بۇ قىلمىشىنى كىشىگە تىنماي نەچچە ئاينى ئۆتكۈزۈپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ س بىر كۈنى تۇيۇقسز پەيدا بوپتۇ. ۋە ئايالىغا ئۆي تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن يالۋۇرۇپتۇ. تۇرمۇشتىن ئەردىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن بىچارە ئايال ئۇنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلماپتۇ، شۇ ۋەجىدىن س ئالدىنقى كۈنى ئۇنى چاقىرتىپ چىقىپ :
_ ئەگەر مەندىن ئاجراشساڭ سېنى ئەر ئالغۇسىز قىلىۋىتىمەن ، يۈزۈڭنى بۈزىۋىتىمەن دىگەندەك تەھدىتلەرنى سېلىپ ئۇرۇپ كېتىپتۇ.
تاياق زەربىسىدىن دەردىنى يۇشۇرالمىغان ئايال نىكاھدىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىپ بىزگە كەلگەنىكەن.
مەن بۇ تۇرمۇش ھېكايىسىدىن ئويغۇنالماي تۇرۇپلا تېلفۇنۇم ئەنسىز سايراپ كەتتى .تېلفۇندىن:
_ ۋەي ،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، سىز بىلەن كۆرۈشەي دىگەنتىم، ۋاقتىڭىز بارمىدۇ؟ _ دېگەن ئاجىز بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
مەن:
_ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، بولىدۇ ، مەن ئىشخانىدا، كېلىڭ،_ دىدىم.
ئالاھەزەل 20 مىنۇتلاردىن كېيىن ئىشخانا ئىشىكى يەڭگىل چېكىلدى. ئىشخانامغا چىرايى سۇلغۇن، قاپ-قارا كۆزلۈك، يۇمۇلاق كەلگەن 21 ياشلاردىكى ئېغىر بوي بىرى كىرىپ كەلدى.
مەن ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىم، ۋە ئۇنىڭ ھاسىراپ كەتكەن ئېغىر تېنىغا قاراپ ئۇنىڭ ناھايىى تەستە كەلگەنلىكىنى جەزىم قىلدىم ۋە بىر ئىستاكان قايناق سۇ ئەكىلىپ بېرىپ نىمە سەۋەپ بىلەن مېنى ئىزدىگەنلىكىنى سورىدىم.
ئۇ ئېغىر بىر ئۇھ تارتىۋىتىپ :
_ مەن بۇ بۇلتۇر ت بىلەن مۇھەببەتلىشىپ بۇ يىل 3-ئايدا توي قىلغان ئىدۇق. ھازىر بويۇمدا ئۇنىڭ 7 ئايلىق بولغان بالىسى بار.
ئۆزۈممۇ بىلمەي قالدىم، بىز توي قىلىپ 2-3 ئايىدىن كېيىنلا ئۇ ماڭا باشقىچە بولۇپ قالدى. كۈنلەپ-كۈنلەپ ئۆيگىمۇ قايتمايدۇ. سۈرۈشتۈرسەم سىرتتا 50 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئايالنى تېپىۋاپتۇ. نىمىسىنى دەي ھەدە ؟! مان ئىزادىن ئۆلەي دىدىم، يىغلاپ يالۋۇردۇم. قورسىقىمدىكى بالنىڭ يۈزى بولسىمۇ ئۇنداق قىلماڭ! دىدىم. ئۇ ئەكسىچە ماڭا:
_ ماڭا خوتۇن بولىدىكەنسەن، ئۇنىڭ بىلەن چوقۇم ياخشى ئۆتىسەن، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئارلاشسام كارىڭ بولمىسۇن! دەيدۇ، مەن يا بىر ئىت -ئېشەك بولمىسام ، مەن بىر ئاجىز ئايالغۇ، مەن بۇ ئەلەمگە چىدىيالمىدىم، شۇنىڭدىمۇ خۇدايىم ئىنساپ بېرىپ قالار دەپ ، ئىنسابىنى تىلىدىم، كېچە-كېچىلەپ يىغلاپ بالام ئۈچۈن بولسىمۇ ئوڭشىلىپ قېلىشىنى تىلىدىم... ھەتتا قېينىئانام بولغان كىشىمۇ ئوغلىنى ياقلاپ ، مېنى ئۆيدىن چىقىشقا مەجبۇرلىدى. يولدىشىم چىقىپ كەتكىلى 20 كۈن بولدى.
تۈنۈگۈن مەن بىر قۇشنامنىڭ ئۆيىگە بولسىمۇ كۆچۈپ يولدىشىمنى ساقلاي دىدىم. قۇشنامنىڭ ياردىمىدە نەرسە-كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۋاتسام تۇيۇقسىز يولدىشىم پەيدا بولۇپ قالدى-دە، كۆزۈمدىن يوقالمامسەن، سەن بىلەن ئۆي تۇتقۇم يوق. ئىتنىمۇ كەت دېسە كېتىدۇ،_ دەيدۇ، ئادەم دېگەن چىداشلىق نەرسە ئىكەن، مەن روھىمنى يوقىتىپ قويدۇم ، قورسىقىمدىكى نارىسىدىنىڭمۇ يۈزى بولمىدى. مەن ئىزا-ئاھانەتكە چىدىمىدىم. ئاتا-ئانامغا دىيىشتىن خىجل بولدۇم . چۈنكى ئىككى ئاكام تېخى توي قىلمىغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىززەت -ئابرۇيىنى ئويلىدىم. مەن شۇ ئوي-خيال بىلەن ئاخشام ئۆيدىن چىقىپ نەگە بىرىپ نەدە تۇرۇشۇمنى بىلمەي ، خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەكتەك كاللام قوپ-قۇرۇق ھالدا كېتىۋىرىپتىمەن. ...
بىر چاغلاردا ئارقامدىن دادام، ئاكاملار كېلىپ ياندۇرۇپ كەلدى. ماڭا بۇ ئىش ئۆلۈمدىنمۇ ئارتۇق كەلدى. كېچىلەپ ئاپامنىڭ قىلغان نەسىھەتلىرى بىلەن سىزنى ئىزدەپ كېلىشىم ، قانۇن ئارقىلىق ئۆزۈمنى قوغداشنى ئويلاشتىم. دىدى.

يوقارقى ئىككى ئائىلە -نىكاھ مەسىلىسىدەك ماجرالار ماڭا كۆپ ئۇچراپ تۇرسىمۇ سەھەردىلا مېنىڭ نېرۋامغا تەسىر قىلغاچقىمىكىن ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى. جەمئىيەت تەرەقىياتى قانچىكى تېز بولغانسىرى ، بىزدىكى ئەخلاقسىزلىقمۇ كۆپىيىپ تېز كۆپەيمەكتە.
بۇ ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە دەپ قارايمەن.

بۇ ئىككى تىراگىدىيدىكى مېنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرغىنى مۇنۇ ئىككى پىرسۇناژ بولدى . بىرى: ئالىي مەكتەپ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان زىيالي. يەنە بىرى: چاچلىرى ئاقارغان، پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان ، جەيناماز ئالدىدا ئولتۇرۇپ پەرزەنىت ئىشقىدا ، ئۇ دۇنيا ئىشقىدا كۆيۈشكە تېگىشلىك بولغان ، ئەمما روھىي بۇلغانغان دەۋزىقى ئايال.

ئەي ئوغۇل، كونىلاردا:<< كوچا سۆيگۈسى ئۆيۈڭنى بەربات قىلار، ئۆيۈڭنى خوتۇن مېھرى ئاۋات قىلار>> دېگەن گەپ بار. ھەرگىزمۇ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ، مۇقەددەس نىكاھقا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلما. << كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ، كۆڭۈل ھەر جايغا باشلايدۇ، سەمەرقەنىت ئالمىسىدەك ، ئاپىرىپ چۆلگە تاشلايدۇ>>. پاك ئايالىڭدىن ئالغان لەززەتنى باشقا ھەر قانداق خوتۇن ساڭا بېرەلمەيدۇ. پاكلىقتىن مۇقەددەس نەرسە يوق، ئۆزۈڭنى ھەرگىز بۇلغىما ، بۇنداق سۆھبەت ئەرلىك ئوتۇڭنى سائەتمۇ سائەت ئۆچۈرۈشتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ.
خۇددى يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازغاندەك ، بۇ قۇدۇقنى كولاپ ھەرگىز ئايىقىغا چىقالمايسەن. بۇ كوچىغا كىرگەن بىر ئەرنىڭ كۈنى قارايمىغان ، تارىختا نى-نى ئەرلەرنى تىرىك كۆمدۈرگەن نەرسە ئەنە شۇ نەپسى بالا ھەۋەستۇر. پەقەت ھاياتنىڭ مەنىسىنى مۇشۇ يولدىن ئىزدىمەكچى بولغان ئەرلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق < ئەقىل پاراسەت ئەڭگۈشتىرى> دىن

شۇنداق، جەمئىيەتنى قانۇن ۋە ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە، ئەلۋەتتە، بۇ لار قانۇن جازاسىنى تارتماي قالمايدۇ، ئەمما ئۇلار تارتىشقا تېگىشلىك ۋىجدان جازاسىچۇ؟

16-دېكابىر.

تېما تەستىقلىغۇچى : Naikon.x
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-16, 14:09

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+10(Naikon.x) ئالقىشلانغا ..
  • ياخشى باھا:+20(mehrigiya) بەك ياخشى يې ..
  • يانفون قوڭغۇراقلىرى
    مەڭگۈلۈك سۈكۈت!
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-16 19:21 |
    mehrigiya
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9032
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 1576
    شۆھرەت: 1714 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 15910 سوم
    تۆھپە: 483 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 389 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 719(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    ھەممەيلەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك تېما يوللاپسىز . ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر .

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    بولسىمۇ مىڭ تۇققىنىڭ ئاللاھقا ياد كۆڭلى چىگىش ،
    بىر خۇداغا ئاشىنا ياد تەن بىلەن دەرھال تېگىش .
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 23:02 |
    alikida120
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 67572
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 10
    شۆھرەت: 10 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 100 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    مەن بۇنى بايىلا سەلكىن مۇنبىرىدە كۆرگەن ئىدىم.

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 01:24 |
    OTBAXHAWASKAR
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 67895
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 43
    شۆھرەت: 43 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 430 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    ئويلىنىشقا تېگىشلىك تېما يوللاپسىز ....ھارمىغايسز.

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 03:19 |
    melal
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 65262
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 130
    شۆھرەت: 130 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1300 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 98(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    ھازىر ھەقىقەتەن نىكاھنى تىجارەت  ئورنىدا كۆرىدىغانلار جىقلاپ كەتتى ...

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 03:26 |
    qalikux2
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 61626
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 348
    شۆھرەت: 349 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3430 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 141(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    توۋا ؟!..................... زامان مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ، ئادەملەر نىمە بوپ كېتەر ؟.....................................50يىل بۇرۇن ياكى كىيىن تۇغۇلمىغىنىمغا ھەسرەتتىمەن !

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 04:04 |
    abdul1967
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 67864
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    شۆھرەت: 18 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 180 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    ھارمىغايسىز ياخشى تىمىكەن

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 12:42 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    XabnamBBS » نىكاھ-ئائىلە
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:12-18 23:08, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ