ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 692 ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: روسىيىنىڭ گۈللىنىش ئارزۇسى يېڭى سىناققا دۇچ كەلدى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

uyghurjan
ئۈمىدۋار بولۇش يېرىم ئۇتۇق
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 10631
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2807
شۆھرەت: 2860 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 23700 سوم
تۆھپە: 228 نۇمۇر
ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 372(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 روسىيىنىڭ گۈللىنىش ئارزۇسى يېڭى سىناققا دۇچ كەلدى

روسىيىنىڭ گۈللىنىش ئارزۇسى يېڭى سىناققا دۇچ كەلدى




رۇسىيە دۆلەت بايرىقى




رۇسىيە دۆلەت زىمىن خەرىتىسى
















دۇنياۋى پۇل مۇئامىلە كرىزىسى باشلانغان 9 – ئايدا، روسىيە زۇڭلىسى پۇتىن فرانسىيە ‹‹فىگارو گېزىتى››نىڭ مۇخبىرىغا: روسىيە ئىقتىسادى تاشقى مەبلەغقە نىسبەتەن ‹‹تىنچ پورت››قا ئوخشايدۇ، چۈنكى روسىيە نېفىت ئېكسپورتىدىن ئوبدانلا كىرىم قىلىدۇ، يەنە دۇنيا بويىچە 3 – ئورۇندا تۇرىدىغان 500 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ئالتۇن تاشقى پېرېۋوت زاپىسى بار، دېگەنىدى. بىراق شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى ئايدا، روسىيە زور بېسىمغا دۇچ كەلدى: ‹‹كرىزىس ۋىرۇسى›› ئىقتىسادنى ‹‹يۇقۇملاندۇرۇپ››، نەچچە مىڭ كارخانا خادىم قىسقارتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، نېفىت باھاسى%50 چۈشۈپ كەتتى، رۇبلىنىڭ كۇرسى سىجىل چۈشتى. روسىيىنىڭ تاماشاسىنى كۆرۈشكە ئامراق بەزى غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇنىڭدىن تازا خۇشال بولۇپ: روسىيىنىڭ سەككىز يىل داۋاملاشقان گۈللەنگەن نېفىتچىلىكى خارابلاشتى، دېگەن تېمىدا بەس – بەستە خەۋەر بېرىپ، كەلگۈسىدە ‹‹خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى›› بولۇش ئويىدا بولۇۋاتقان موسكۋانىڭ ‹‹پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ مەركىزى›› بولۇپ قالدى،دەپ مەسخىرە قىلىشتى، ھەتتا ‹‹كرېمىل ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىشى مۇمكىن›› دېگەندەك پەرەزلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. روسىيە رەھبەرلىرى غەربنىڭ ئۈمىدسىز قاراشلىرىغا قارشى چىقىپ، روسىيىنىڭ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەندى،%50 ئامما روسىيە كەلگۈسى 15 – 20 يىل ئىچىدە قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىدۇ، دەپ قارىدى. روسىيىدىكى يەنە بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر نوقۇل نېفىتكە تايىنىپلا، روسىيىدىكى نەچچە ئەۋلادنىڭ ‹‹گۈللىنىش ئارزۇسى››نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان – بولمايدىغانلىقى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشقا باشلىدى.

روسىيە ئىقتىسادىدىكى ئاجىزلىق ئاشكارىلاندى

گېرمانىيىنىڭ ‹‹ئەينەك›› ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ يېقىنقى سانىغا بېرىلگەن ‹‹روسىيە دۇنياۋى پۇل مۇئامىلە كرىزىسى بېسىمىدا ئازابلىق ئىڭرىماقتا›› ماۋزۇلۇق ماقالىدە، روسىيە دۇچ كېلىۋاتقان قاتمۇ قات بېسىم مۇنداق تەسۋىرلەندى: ھازىر، موسكۋادىكى ئىككى پاي بازىرىدا دائىم بازار تاقىلىپ قېلىۋاتىدۇ؛ ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرى ئىش ۋاقتىنى قىسقارتتى؛ نېفىت مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەنلىدى؛ ئىزچىل ئاۋات بولۇۋاتقان مۇلازىمەت كەسپىدىكىلەر خادىم قىسقارتىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ؛ موسكۋالىق نۇرغۇن كىشى بانكىغا ئامانەت قويغان پۇللىرىنى ئېلىۋېلىشقا ئالدىراۋاتقان بولسىمۇ، رەت قىلىنىۋاتىدۇ. كىشىلەر ئەتە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھازىرقى پەرەزلەر بىر – بىرىدىن قورقۇنچلۇق. قارىغاندا، روسىيىدە 1998 – يىلىدىكى پۇل كرىزىسى قايتا كۆرۈلىدىغاندەك قىلىدۇ››. بۇ ماقالىدە مۇنداق قارالدى: ‹‹پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ بېسىمىدا، روسىيىدە ئەمدى بۇلتۇرقى 80 مىليارد دوللارلىق ساپ كاپىتال كىرىمى بولۇشتەك مەنزىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ››.

‹‹ئامېرىكا ئاۋازى››نىڭ 16 – نويابىردىكى خەۋىرىدە: پۇل مۇئامىلە كرىزىسى روسىيىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە كېڭەيمەكتە، دېيىلدى. روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ھەقىقەتەن خادىم قىسقارتقان كارخانىلار رەسمىي ئېلان قىلىنغىنىدىن تۆت ھەسسە كۆپ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، روسىيىنىڭ ‹‹گۈللىنىش ئارزۇسى››غا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكىسى سانائىتى كارخانىلىرىمۇ تەسىرگە ئۇچرىغان، بانكىنىڭ ھەربىي سانائەت كارخانىلىرىغا بېرىدىغان قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى%50 ئۆسكەن، قەرز پۇلىنى تەستىقلاش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتكەن، ھالبۇكى، دۆلەت مۇداپىئە كارخانىلىرىدىكى مەبلەغ يېتىشمەسلىك مەسىلىسى روسىيە ئارمىيىسىنىڭ قورال – ياراغلىرىنى ئالماشتۇرۇش پىلانىنى كېچىكتۈرىدىكەن . روسىيە ئالەم قاتنىشى تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ‹‹ئالەم قاتنىشى كارخانىلىرى قەرز پۇلغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، يېڭى يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسىنى ياساشقا ئامالسىز قالدى، روسىيىنىڭ ئالەم قاتنىشى تۈرلىرى ۋە خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى بىلەن ھەمكارلىشىش پىلانىمۇ تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن››. خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: ‹‹روسىيىنىڭ ئىككى داڭلىق ماگناتى پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدا تەس كۈنگە قالغاچقا، ئۇلارنىڭ 2014 – يىلىدىكى سوچى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئىشلىتىلىدىغان ئايروپورت، پورت قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسىلەرگە مەبلەغ سېلىش پىلانى تېخىمۇ ئېنىقسىز بولۇپ قالدى››. گېرمانىيە ‹‹سۈرەت›› گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: ‹‹قابىللار ئىگىلىكىنى ياراتقان بۇ دۆلەت ھازىر قابىللارنىڭ بايلىقىنى ئاغدۇرماقتا، قابىللارنى پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدىكى ئەڭ زور زىيان تارتقۇچىلارغا ئايلاندۇرۇپ قويماقتا: ھازىرغىچە، روسىيىدىكى ئالدىنقى ئورۇندىكى 25 باي 230 مىليارد دوللار زىيان تارتتى. ياۋروپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بايلار كۇلۇبى، كاتتا سورۇنلاردا روسىيىلىكلەر خېلىلا ئازايدى››.
بىر ئاي ئىلگىرى، روسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى دۇنيانى قاپلىغان پۇل مۇئامىلە كرىزىسىگە ئانچە پىسەنت قىلمىغانىدى، تېلېۋىزور، گېزىتلەردە غەرب دۆلەتلىرىدىكى كرىزىس ئانچە – مۇنچە تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، روسىيە ئىقتىسادىغا تولۇق ئىشەنچتە بولغانىدى. ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى ئايدىكى ‹‹سودا ھەپتىلىك ژۇرنىلى››دا بېرىلگەن ‹‹كرىزىس سىرتىدىكى روسىيە›› دېگەن ماقالىدە: ‹‹پۇل مۇئامىلە كرىزىسى›› دېگەن سۆزلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن روسىيىنىڭ دىققىتىنى قوزغىمىغانلىقى ئەپسۇسلىنىلغان ھالدا تىلغا ئېلىنغانىدى. بىراق يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدە خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ بىراقلا تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، روسىيە ئىقتىسادىنىڭ زور زەربىگە ئۇچرىغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، روسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىلگىرىكىدەك ئۈمىدۋار بولالمىدى.

‹‹بۇنىڭ ھەممىسىنى نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان››

روسىيىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ قېتىمقى كرىزىسىنىڭ روسىيە ئىقتىسادىنىڭ بايلىققا ئېغىر دەرىجىدە يۆلىنىۋېلىشتەك ئاجىزلىقىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ‹‹ئورال›› ماركىلىق بىر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى بۇ يىل يازدا 140 دوللارغا چىققاندىن كېيىن ئىزچىل تۆۋەنلىدى، ھازىر باھاسى 50 دوللاردىنمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى. روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ‹‹ئەگەر كەلگۈسىدە خەلقئارا نېفىت باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلىسە، روسىيىدە خام چوت قىزىل رەقىمى ۋە سودا پاسسىپ بالانىسى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاممىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسى يوقىلىشى مۇمكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەب بولغان››. روسىيە ‹‹نۇقتىئىنەزەر›› گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: ‹‹ئەينى چاغدا روسىيە ئىقتىسادىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى چېكىنگەن ئەھۋالدىمۇ مەزمۇت تۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان نەرسە نېفىت ئىدى، ھازىر نېفىت روسىيە ئىقتىسادىنى چېكىندۈرىدىغان دومىنو قارتاغا ئايلىنىپ قالدى››. روسىيىنىڭ دۇنياۋىلىشىش ۋە ئىجتىمائىي ھەرىكەت تەتقىقات ئورنى ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىدىكىلەر: ‹‹2009 – يىلىنىڭ بېشىدىمۇ نېفىت باھاسى يەنىلا ھەر تۇڭى 40 – 50 دوللار ئەتراپىدا بولۇشى، ھەتتا 2002 – يىلىدىكى 20 دوللارلىق سەۋىيىگە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن››، دەپ پەرەز قىلىشتى.

مەلۇم ئالىم توردا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق دېدى: ‹‹پۇتىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن سەككىز يىلدا ئەھۋال 1972 – يىلىدىن 1980 – يىلىغىچە بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش يامانلاشتى؛ ھازىر روسىيىنىڭ نېفتكە زور دەرىجىدە تايىنىۋېلىشى مەلۇم دەرىجىدە ھېلىقى كونا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاپ قالدى. ھازىرقى نېفىت كەسپى روسىيىنىڭ ئىمپېرىيە چۈشىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولالايدىغان – بولالمايدىغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس، ھازىرقى بۇ خىل ئەھۋال ھەقىقەتەن كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ››.

يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر روسىيىنى يەنە بىر يوشۇرۇن خەۋپتىن ئاگاھلاندۇردى. روسىيە ھۆكۈمىتى خەلق ئىگىلىكى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى ئاگانبېگيان مۇنداق دېدى: ‹‹روسىيە شىركەتلىرى ۋە بانكىلىرى چەت ئەلدىن تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىشقا زىيادە تايىنىۋالغانلىقتىن، كارخانا ۋە ئاپپاراتلارنىڭ تاشقى قەرزى ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى قەرزىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى. بۇ يىلنىڭ ئاخىرى ۋە كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا، روسىيە 160 مىليارد دوللار چەت ئەل قەرزىنى قايتۇرۇشى كېرەك، دوللار قىممىتىنىڭ تېز ئۆرلىشى ۋە كرىزىسنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، روسىيىدىكى نۇرغۇن كارخانا ۋە ئاپپاراتلار ئارقا – ئارقىدىن ۋەيران بولۇشى مۇمكىن. بۇ كىشىگە ئىختىيارسىز 1998 – يىلىدىكى روسىيىنى ئەسلىتىدۇ. ئەينى چاغدا، روسىيە ھۆكۈمىتى قىسقا مۇددەتلىك چەت ئەل قەرز پۇلى ئارقىلىق، مالىيە قىزىل رەقىمىنىڭ ئورنىنى تولدۇرغان، بۇنىڭ بىلەن قول كۆيدۈرىدىغان پۇل روسىيىنىڭ دۆلەت قەرزى بازىرىغا كىرگەن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى يۈز بەرگەندە، بۇ قول كۆيدۈرىدىغان پۇللار روسىيىدىن چەت ئەلگە كۆچكەن، 24 مىليارد دوللارلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسىغا تايانغان پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىمۇ بەربات بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنىدى››.

ئاھالىنىڭ يېرىمى: روسىيە قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ

بەزى غەرب تەھلىلچىلىرىنىڭ قارىشىچە، روسىيىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى ۋە تۈزۈمىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى ئۇنىڭ ئىقتىسادىي كرىزىستا زور داۋالغۇشقا ئۇچرىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل ئىكەن. گېرمانىيە دۇنيا سىياسىيسى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى پروفېسسور ھانىس مۇنداق دېدى: نېفىتكە زىيادە تايىنىۋېلىش روسىيىدىكى يادرولۇق مەسىلە، كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىغا بىر نېمە دېيىشتە نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ياكى تۆۋەنلىشى، شۇنداقلا روسىيىنىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىغا قاراش كېرەك. بۇ قېتىمقى كرىزىس ئارقىلىق روسىيە شۇنى ھېس قىلىشى كېرەككى، نېفىت كىرىمى روسىيىنى ھەقىقەتەن ئاسانلا قۇدرەتلىك دۆلەت قىياپىتىگە كىرگۈزەلىسىمۇ، بىراق روسىيىدىكى نەچچە ئەۋلادنىڭ ‹‹چوڭ دۆلەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى››نى كۆرۈش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قۇربى يەتمەيدۇ.

ئەمەلىيەتتە، روسىيە رەھبەرلىرى پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدىن باشلانغاندىن بۇيان پۇقرالارغا ئۈزلۈكسىز مەدەت بېرىپ، روسىيىنىڭ مەبلەغ زاپىسىغا تايىنىپ كرىزىستىن قۇتۇلۇپ كېتەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. روسىيە ھۆكۈمىتى مالىيىدىن 6 تىرىليون رۇبلى ئاجرىتىپ، كرىزىسقا تاقابىل تۇرۇشقا ئىشلەتتى، روسىيە دۆلەت دۇماسى 350 مىليارد رۇبلىلىق تۈر پىلانىنى ماقۇللاپ، مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ ۋە يېزا ئىگىلىكىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئەۋزەل تۈرگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتتى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ روسىيە مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى لى فۇچۈەن روسىيىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، روسىيە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كرىزىسقا تاقابىل تۇرسا بولىدۇ، دېدى. لى فۇچۈەن روسىيىنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى، يەنى روسىيىنىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ماسلىشىشنى كۈچەيتكەنلىكى ھەم نېفىت باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى، روسىيىنىڭ بېلورۇسىيە بىلەن ئورتاق پىكىرگە كېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سودىسىدا رۇبلى بىلەن راسچوت قىلىشقا كېلىشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. مېدۋېدېۋ يېقىندا دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندا ‹‹ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، رۇبلىنىڭ خەلقئارا سودا پۇلىلىق رولىنى كۈچەيتىش››كە ھەيدەكچىلىك قىلدى. تەھلىلچىلەر: بۇ روسىيىنىڭ ‹‹ئېنېرگىيە قورالى››دىن پايدىلىنىپ پۇل مۇئامىلە قورالى ياسىغانلىقى، دەپ قارىدى. ئامما: روسىيە پۇل مۇئامىلە كرىزىسى جەريانىدا ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئاساس قىلغان ئىجادىي ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرىدۇ، دەپ قارىدى. روسىيە ت ئا س س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە پۇتىننىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: ‹‹ھەر بىر كرىزىس ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يېڭى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدۇ››، دېيىلدى.




‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن

ئەزىز بوۋاق
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-16 18:17 |
Nijad+H
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 40153
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 483
شۆھرەت: 393 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2714 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 232(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 

ئۇزاق ئۆتمەي بۇ كىرزىس...جۇڭگوغىمۇ يېتىپ كېلىدۇ.....
جۇڭگومۇ پونى ئېتىپ تۇرغان بىلەن بۇرنىغا پۇراپ تۇرۋاتىدۇ....

ئەزىز بوۋاق
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 18:30 |
HENRY
ئالاھىدە ئىلگىرلەش رەسىم يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 26768
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2476
شۆھرەت: 2487 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
ياخشى باھا: 72 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 570(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 

             جۇڭگودا ﺯﺍﯞﯗﺗﻼﺭ ﺗﺎﻗﺎﻟﺪﻯ، ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻼﺭ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ

ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺟﻴﺎﯕﺴﯘﻟﯘﻕ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﻰ ﺗﺎﯞ ﺷﯘﻟﯘﯓ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﻫﯧﺴﺎﺑﺎﺕ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﯞﻩﺗﺘﻰ، ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﮔﻮﻟﯩﭗ ﺗﻮﭖ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﻐﺎ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﺗﯜﻧﯜﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﻩﺗﺘﻰ.


ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ. ﺷﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﯞ ﺷﯘﻟﯘﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ 4 ﺯﺍﯞﯗﺗﻘﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪﻥ، 31 ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯜﻙ ﺗﻮﭖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، 4 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯩﺸﭽﻰ - ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ - ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﺴﻰ، 2 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻳﯜﻩﻥ ﻗﻪﺭﺯﮔﻪ ﺑﻮﻏﯘﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﮔﯘﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﯩﻼ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ.

ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺗﯜﮔﻪﺷﺘﯘﻕ ﺩﯦﺪﻯ، ‏ - ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻥ ﺟﻴﺎﯕﻠﯘﯓ ﮔﯘﺭﯗﻫﯩﻨﯩﯔ 300 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻣﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﻫﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﺎ ﻳﯘﻣﯩﯔ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ. 38 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻣﺎﻳﯘﻣﯩﯔ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﺘﺎﻛﺎﻥ ﻗﻪﻫﯟﻩﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺋﯩﺲ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﺴﯩﻨﻰ ﺷﻮﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ،‏ - ﮔﺎﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺧﯩﺮﻩﻟﻪﺷﺘﻰ، ﺗﺎﯞ ﺷﯘﻟﯘﯓ ﻣﺎﯕﺎ 850 ﻣﯩﯔ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﻗﻪﺭﺯﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻨﯩﯔ %60 ﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﮔﯘﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﻣﺎﺋﺎﺷﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﺎﻟﻤﺎﻱ ﮔﯘﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﺪﻯ.

ﺟﯘﯕﮕﻮ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ﺳﺎﯞ ﺟﻪﻧﺨﻪﻱ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﺍ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ 60 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ 70 ﻣﯩﯖﻐﯩﭽﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﯞﻩ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﺗﺎﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻳﯩﻞ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ 100 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

ﺯﺍﯞﯗﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ 10 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﺎﺭﻏﯘﭼﻰ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﺍ - ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺋﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺪﻩ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺯﺍﯞﯗﺕ، ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﮔﯘﺍﯕﺪﯗﯕﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 30 ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﺴﻼﻫﺎﺗﯩﻤﯘ ﮔﯘﺍﯕﺪﯗﯕﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﮔﯘﺍﯕﺪﯗﯕﻨﯩﯔ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ %30 ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺘﺘﻰ.

ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺷﯩﻨﺠﯩﻦ، ﺩﯗﯕﯟﻩﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭ ﻣﯘﻫﯩﺘﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ، ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﺎﺭﻏﯘﭼﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺳﯩﺠﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻼﺭ،ﺋﺎﻳﺎﻕ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ،ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﻪﻙ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﺎﺭﻏﯘﭼﻰ ﺯﺍﯞﯗﺗﻼﺭ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، 9‏ - ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﻪﻛﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﻮﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯧﻜﺴﭙﻮﺭﺗﻘﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺟﺎﻥ ﺑﺎﻗﻘﯘﭼﻰ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﻳﺪﯨﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﺪﻯ.

ﺯﺍﻛﺎﺯ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﻡ ﯞﻩ ﺯﺍﻛﺎﻟﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺳﻮﻣﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﻼ ﻗﻮﻳﺎﻳﻠﯘﻕ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮﻻ ﭘﻮﺷﻪﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﺎﺭﻏﯘﭼﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﻰ ﻣﯩﺴﺎﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﺴﺎﻕ، ﺑﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﯨﺮﯦﻜﺘﻮﺭﻯ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ: ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺗﺎﺭﯨﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﭘﯘﻝ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.

ﺷﺎﯕﮕﺎﯓ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺑﺎﺵ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻫﯧﺴﺎﺑﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺷﺎﯕﮕﺎﯕﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ 70 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺯﺍﯞﯗﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ %15 ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﺮﺍﻗﻰ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺯﺍﯞﯗﺗﻼﺭ 2‏ - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﺎﻫﺎﺭ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺪﺍ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﮔﯜﺍﯕﺪﯗﯕﺪﺍ ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ 20 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﻥ - ﺗﯜﻧﺴﯩﺰ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

ﺳﻪﻧﺪﯗﯕﺪﺍ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﻮﺭﺕ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﭘﯘﻝ - ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻛﺮﯨﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺯﻩﺭﺑﯩﺴﯩﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﺮﯨﺰﯨﺴﯩﻤﯘ؟

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شەبنەم پۇلى:+20(totem)
  • ھەقىقىي مىسۋاك
    توپ دىگەننى مەندەك تىپىدۇ!!
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 18:35 |
    $vmid$
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 64598
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 7
    شۆھرەت: 8 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 70 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

                      

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 18:44 |
    uyghurjan
    ئۈمىدۋار بولۇش يېرىم ئۇتۇق
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10631
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2807
    شۆھرەت: 2860 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 23700 سوم
    تۆھپە: 228 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 372(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    «موسكۋا كۆز يىشىغا ئېشەنمەيدۇ »

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 18:52 |
    yarxari0999
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 67816
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 21
    شۆھرەت: 21 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 210 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    بۇ  دولەت   يوقىلىدىغانغا  ئاز  قالدى   بۇ  ئىپلاس  روسلانىڭ   قىلغىنى   ئاز  ئەمەس

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 18:52 |
    HENRY
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 26768
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2476
    شۆھرەت: 2487 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 20 سوم
    تۆھپە: 25 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 72 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 570(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    بۇ روسلار قانداق بۇلۇپ مۇشۇنداق كۆپ زىمىنغا ئىرىشىۋالدى؟؟؟ بىلىدىغانلار جاۋاپ بەرسەڭلار ؟؟؟؟؟؟؟     

    ھەقىقىي مىسۋاك
    توپ دىگەننى مەندەك تىپىدۇ!!
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 18:55 |
    kirmolla
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 11107
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 170
    شۆھرەت: 171 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1600 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 141(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    بۇ روسلارنىڭ كۆرىدىغان كۈنى ئالدىمىزدا تېخى. مەن بۇ رۇس چوشقىلىرىغا ناھايتى ئۆچ.

    ھەقىقىي مىسۋاك
    مەن ئادەم
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 19:35 |
    naway0999
    مۇنبەر قىززىقچىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 29430
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1345
    شۆھرەت: 1346 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 11034 سوم
    تۆھپە: 3 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 200(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    سابىق زۇڭتۇڭ يىلىتسىن روسيەنى ھالاكەت قىرغىقىغا ئەكىلىپلا قويغان ئىدى.پوتىن چدىقىپلا روسيەنىڭ تەغدىرىنى ئۆزگەرتتى. مىدۋىدىف بولسا ئىزچىل پوتىننىڭ سىياستىنى يۈرگۈزۈش يولىدىن تايمايدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.ئەگەر ھازىرقى پۇل مۇئامىلە كىرزىسى بۇندىن 8  يىل ئاۋال يۈز بەرگەن بولسا ،روسيە دىگەن سۆزمۇ بۇ چاققىچە تارىخقا ئايلىنىپ قالار ئىدى.

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 19:53 |
    Nijad+H
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 40153
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 483
    شۆھرەت: 393 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2714 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 232(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    Quote:
    بۇ مەزمون6قەۋەتتىكى HENRYنىڭ2008-12-16 18:55 دە يوللىغان يازمىسى   :
    بۇ روسلار قانداق بۇلۇپ مۇشۇنداق كۆپ زىمىنغا ئىرىشىۋالدى؟؟؟ بىلىدىغانلار جاۋاپ بەرسەڭلار ؟؟؟؟؟؟؟     

    بۇ توغرىسىدىكى تارىختا سۆزلەنگەن بايانلار كۆپ ئىكەن...لېكىن قانائەتلىنەرلىك
    جاۋاپ چىقمايدىكەن...
    يا مەن دۆتمۇ....

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 20:03 |
    totem
    توتېم
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22030
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 256
    شۆھرەت: 369 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2550 سوم
    تۆھپە: 200 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 82 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1225(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    ئامىركىدا باشلانغان ئېقتىسادى كىرزىس تىخى 1-باسقۇچتا تۇرماقتا.ئىككىنچى باسقۇچ تىخىمۇ زور خەلقارالىق ئىقتىسادى داۋالغۇچ ئىلىپ كىلىشى مومكىن.ئەمدى روسيەگە شامىلى يىتىپ كىلىپتۇ.قارىغاندا كىلەر يىلى ئاسىيادا زور بىر مەيدان ئېقتىسادى كىرزىس يۈز بېرىدىغاندىن بىشارەت بېرىۋاتقاندەك قىلامدۇ-قانداق؟

    ھەقىقىي مىسۋاك
    روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۈللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى!
    (ئا.مۇھەممەت ئىمىن)
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 20:29 |
    yadiyar
    دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


    UID نۇمۇرى : 13070
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 246
    شۆھرەت: 245 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2250 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 356(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 21:35 |
    nishan
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 13448
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 106
    شۆھرەت: 107 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 789 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 240(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    رۇس چوشقىلىرى(يەنە چوشقىلارنىڭ يامىنىمۇ بار)  بىر كۈندىلا دۇنيادىن غايىپ بولسا بۇ دۇنيا قانداق بولۇپ كىتەر ھە........ دەھشەت خىيالدە بۇ...       

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 04:15 |
    yarxari0999
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 67816
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 21
    شۆھرەت: 21 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 210 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    روسىيە   ئاساسلىقى   چار پادىشا  پېتىر   دەۋرىدىن  تاتىپ  ناھايىتى  گۇللەنگەن بولوپ  شۇچاغدىن   باشلاپ  مۇستەملىككىسىنى  كېڭەيتىپ  ياۋرۇپا  ۋە  ئوتتورا  ئاسىيانىڭ   نورغۇن  يەرلىرىنى بېسىۋالغان   قالغان  يەرلەرنى  سىتالىن  دىگەن  مۇناپىق   دەۋرىگە  كەلگەندە  گېتلىر  بىلەن  بىرلىشىپ  ياۋرۇپا  ۋە  ئوتتورا  ئاسىيانىڭ   نورغۇن  جايلىرنى   جۇملىدىن  شىنجاڭنىڭ  بەزىبىر  يەرلىرنى  بېسىۋالغان  شۇنىڭ  بىلەن  22مىليونلوق  زىمىنغا  ئېرىشكەن  پارچىلانغاندىن  كېيىن  19مىليونلوق  ياۋرۇپادىكى  زىمىنىلا   قېپ  قاغان بۇلارنڭ    تارىختا   مۇسۇلمان   ئەللىرگە  قىلغان  ئەتكەنلىرىنى   سوزلەپ   تۇگەتكىلى  بولمايدۇمۇشۇلانىڭ  كاساپىتىدىن   بىز  مۇشۇ  كۇنگە  قالغان  سەۋيەم   چەكلىك  خاتا  جايلىرىنى  تۇزتۇپ  سەمىمى  پىكىر   بېرىشىڭلانى   ئۇمۇت  قىلىمەن      

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 10:54 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    XabnamBBS » خەۋەر-ئۇچۇرلار
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:12-18 22:38, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ