ئەسسالام تورداشلار !
ھازىر 163 ۋاڭيى تورىدا جوڭگودىكى ئايال ئىگىلىك تىللىگۈچىلەرگە بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە «ئۈرۈمچى سۇلتان ئېسىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى»نىڭ باش لىدىرى مۇبارەك خانىم مۇ بار. كەڭ تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. بىر ئادەم بەش-ئالتە بېلەت تاشلىيالەيدىكەن.
بېلەت تاشلاش ئادىرىسى:
http://lady.163.com/special/00261MPK/businesswomann.html مۇبارەك خانىم
«ئۈرۈمچى سۇلتان ئىسىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى خېمىيە زاۋۇتى» ھەققىدە:
شىنجاڭدا يېڭىدىن قۇرۇلغان مىللى كارخانا «سۇلتان ئېسىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى» ئۈرۈمچى شىمىگو رايونىنىڭ باداۋان سانائەت رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 4000 كۇۋادرات مېتىر، چىش پاستىسى، تېرە ئاسىراش بۇيۇملىرى، رەڭلىك گىرىم بۇيۇملار، ھەر خىل يۇيۇش تۈرىدىكى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت. زاۋۇتتا تەيۋەن، ياپونىيە، تۈركىيە، كورىيە، فرانسىيە ۋە جۇڭگودىكى داڭلىق زاۋۇتلار ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى تېخنىك خادىملارنى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، سۈپەت جەھەتتە خەلقئارالىق سۈپەت ئۆلچىمى بويىچە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرالايدۇ. گىرىم بۇيۇملىرى ۋە چىش پاستىسى جەھەتتە شىنجاڭنى تولۇق تەمىنلەش كۈچىگە ئىگە، يىلىغا 30 مىلىيون دانە چىش پاستىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە.