جۇڭگو پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرلەش چوڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
شىنخۇا تورى بېيجىڭ 15 – دېكابىر تېلېگراممىسى : خۇ جىنتاۋ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى
ۋۇ باڭگو ، ۋېن جياباۋ ، جيا چىڭلىن ، لى چاڭچۈن ، شى جىنپىڭ ، لى كېچياڭ ، خې گوچياڭ ، جۇ يۇڭكاڭلار يىغىنغا قاتناشتى
جۇڭگو پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ يىغىنى 15 – دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى . ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ خاتىرىلەش چوڭ يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى .
خۇ جىنتاۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان ئۇلۇغ دەۋردە ، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشتەك ئۇلۇغ ۋەزىپە—مەملىكىتىمىزدىكى كەڭ پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك پەن – تېخنىكا تەشكىلاتلىرىغا مۇقەددەس ھەم شەرەپلىك بۇرچنى يۈكلىدى . مەملىكىتىمىزدىكى كەڭ پەن – تېخنىكا خىزمەتلىرى بىرنىيەتتە ، كۆتۈرەڭگۈ روھ ، قەتئىي جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەپ ، ئەستايىدىل خىزمەت قىلىپ ، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇش ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشى لازىم .
يىغىنغا ، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن ۋۇ باڭگو ، ۋېن جياباۋ ، جيا چىڭلىن ، لى چاڭچۈن ، شى جىنپىڭ ، لى كېچياڭ ، خې گوچياڭ ، جۇ يۇڭكاڭ قاتارلىقلار قاتناشتى .
يىغىنغا يەنە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىنىڭ مەسئۇللىرى ، ھەر دەرىجىلىك پەن – تېخنىكا جەمئىيەتلىرى ، مەملىكەتتىكى ھەر قايسى ئىلمىي جەمئىيەتلەر ۋە پايتەختتىكى پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 3000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى .