تورداشلار ئۆي - مۈلۈك ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ ھەر بىر قىپى 1500 يۈەنلىك تاماكا چىكىۋاتقانلىنى ئاشكارىلىۋەتتى
يېقىندا جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرى جياڭنىڭ (江宁区) رايونلۇق ئۆي - مۈلۈك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جيۇ جيۇ گىڭ (周久耕) نىڭ يىغىن ئىچىۋاتقان سۈرىتى تورداشلار تەرىپىدىن ھەر قايسى نوپۇزلۇق خەنزۇتىلىدىكى تور مۇنبەرلىرىدە ئىلان قىلىندى . تورداشلارنىڭ دىققەت قىلغىنى بۇ ئىدارە باشلىقى بولماستىن بەلكى ئۇنىڭ قولىدىكى بىر قاپ تاماكا بولدى . تورداشلار ئىنچىكە سەپسىلىش ئارقىلىق جيۇ جيۇ گىڭ قولىدا تۇتۇپ چىكىۋاتقان بۇ تاماكىنىڭ نەنجىڭ تاماكا زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان نەنجىڭ (南京) ماركىلىق تاماكا ئىكەنلىكىنى بايقىدى . ھەمدە بىر قاپ تاماكىنىڭ 1500 يۈەن ئىكەنلىكىنى ئۇقتى . يېقىندىن بۇيان خەنزۇ يىزىقىدىكى ھەر قايسى تور مۇنبەرلىرىدە «نەنجىڭ شەھرى جياڭنىڭ رايونلۇق ئۆي - مۈلۈك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھەر بىر قىپى 1500 يۈەنلىك تاماكا چىكىدۇ» (南京市江宁区房产局局长抽烟1500元/条) دىگەن ماۋزۇلۇق تىما ئىلان قىلىنىپ ، بىردەمدىلا چىكىلىش قېتىم سانى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتتى . مەزكۇر تىمىنى يوللىغۇچى يۇقىردا تىلغا ئىلىنغان ئىدارە باشلىقى جيۇ جيۇ گىڭنىڭ بىر يۈرۈش يىغىن ئىچىۋاتقان سۈرەتلىرىنى قوشۇپ تورغا يوللىۋەتتى . ھەمدە ئۇنىڭ سول قولىدا تۇتۇپ تۇرغان تاماكىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ سۈرەتكە چىقاردى . خەنزۇچە يىزىقتىكى تور مۇنبەرلىرىگە مەزكۇر تىمىنى يوللىغۇچى دەسلەپتە بۇ تاماكىغا قاراپ بۇنى ئادەتتىكى تاماكا دەپ قالغان ، كىيىن سەپسىلىپ قاراپ ، بۇ بىر قاپ تاماكىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى سىزىققا سەپ سالغان . بۇ ئىككى سىزىق ئادەتتە بىر قەدەر ئىسىل تاماكىلاردىلا بولاتتى . كىيىن بۇنىڭ ھەقىقەتەن نەنجىڭ ماركىلىق تاماكىلار ئىچىدىكى(九五之尊) ئىكەنلىكىنى بىلدى . بۇ ماركىدىكى تاماكىنىڭ بىر چوڭ قىپى 1500 يۈەن ئىكەن .
مەزكۇر تىمىنى يوللىغۇچى بۇ سۈرەتلەرنىڭ قانداق كەلگەنلىكىنى ئىيتىشنى رەت قىلدى . ھەر قايسى نوپۇزلۇق خەنزۇچە يىزىقتىكى تور مۇنبەرلىرىدە بۇ تىما چاقماق تىزلىكىدە چىكىلىش قېتىم سانى جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى . تورداشلار : «بىر ئىدارە باشلىقى ، قانداق بولۇپ بۇنچە قىممەت تاماكا چىكەلەيدۇ ؟» دىگەن سوئاللارنى قالدۇرۇشتى . خەنزۇچە يىزىقتىكى تور مۇنبەرلىرىدە بىردەمدىلا غۇلا - غۇلا قوزغىغان بۇ ئىشنىڭ راست - يالغانىلىنى بىلىش ئۈچۈن ، مۇخبىر بۇنىڭغا قارىتا تەكشۈرۈش ئىلىپ باردى . تۆنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن جاڭنىڭ رايونلۇق ئۆي - مۈلۈك ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان بىر خادىم يۇقارقى ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىشخانا تېلېفون نۇمۇرىنى تەمىنلىدى . مۇخبىر تۆنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن خىلى ئۇزۇنغىچە تېلېفون ئۇرغان بولسىمۇ بۇ تېلېفوننى ئالىدىغانغا ئادەم چىقمىدى . چۈشتىن كىيىن سائەت 3 بولغاندا تېلېفون ئۇلىنىپ بىر ئايال خادىم تېلېفوننى ئىلىپ يۇقارقى ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىشخانىدا يوقلىقىنى ، يىغىن ئاچقىلى چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئىيتتى . ئىدارە باشلىقىنىڭ يۇقارقىدەك ئىسىل تاماكا چىكىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا بۇ ئايال خادىم ھىچنىمىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئىيتتى . مۇخبىر بۇ ئىدارە باشلىقىنىڭ يان تېلېفون نۇمۇرىنى سورىغاندا ، بۇ ئايال خادىم تېلېفوننى قويىۋەتكەن .
نەنجىڭ تاماكا زاۋۇتى خادىمىنىڭ ئىيتىشىچە ، «九五之尊» بولسا نەنجىڭ ماركىلىق تاماكىلار ئىچىدە ئەڭ ئىسىلى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن . بۇنى ئادەتتە سوۋغا - سالاملارغا ئىشلىتىدىكەن . نۆۋەتتە بۇ تاماكىنىڭ ھەر بىر چوڭ قىپىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى 1200 يۈەن ئىكەن . بۇ تاماكىنىڭ بىر چوڭ قىپىنىڭ بازار باھاسى 1500 يۈەن ، بەزىدە ھەتتا 1800 يۈەن بولۇپ كىتىدىكەن . سۈرەتتە : ئىدارە باشلىقى جيۇ جيۇ گىڭ چىكىدىغان تاماكا
سۈرەتتە : ئىدارە باشلىقى يىغىن ئىچىۋاتقان نەق مەيدان . (ئۇنىڭ قولىغا تاقىۋالغان سائەت ۋە قولىدا تۇتۇپ تۇرغان تاماكىغا دىققەت قىلىڭ )
سۈرەتتە : ئىدارە باشلىقى جيۇ جيۇ گىڭنىڭ قولىدىكى سائەت
http://news.sina.com.cn/s/p/2008-12-16/080916855947.shtml[ بۇ يازما ...yasir تەرپىدىن2008-12-16 15:16دە قايتا ]