ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 4360 ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: موڭغولىيىدىكى خەنزۇ بالىلارنىڭ ئەھۋالى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

艾斯卡尔
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 10283
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 866
شۆھرەت: 914 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 11169 سوم
تۆھپە: 57 نۇمۇر
ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 315(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 موڭغولىيىدىكى خەنزۇ بالىلارنىڭ ئەھۋالى

موڭغولىيىدىكى خەنزۇ بالىلارنىڭ ئەھۋالى:

خەنزۇچە خەتنىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا يېزىشقا پېتىنالمايدۇ

   ئۇلانباتوردىكى ۋاقتىمدا بىر دوستۇم مېنى شۇ جايدىكى خەنزۇ پەرزەنتلەر مەكتىپىگە باشلاپ باردى.
   ئۇلانباتوردىكى بۇ مەكتەپ شەھەرنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغىراق توغرا كېلىدىغان بىر جايدا ئىكەن، بۇ جاينىڭ نامراتلار رايونىغا ئۆتۈدىغان پاسىل جاي ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى، ئۇنىڭ جەنۇبىدا بىنا بار بولۇپ، شىمال تەرىپىدە بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن، ئاددىي ئۆيلەر بار ئىدى.
   بۇ مەكتەپ قىزىل خىشتىن سېلىنغان ئىككى قەۋەتلىك  چوڭ بولمىغان بىر بىنا، بىنا قورشىلىپلا ھويلا شەكىللەندۈرۈلگەن بولۇپ، تەنتەربىيە مەيدانىمۇ يوق ئىدى. سىرتتىن قارىسىڭىز ئۇنى مەكتەپ ئىكەن دېمەيسىز، چۈنكى ئۇنىڭ ئىشىكىمۇ كۆرۈمسىز، مەكتەپ ۋېۋىسكىسىمۇ يوق، بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇغان ئاۋازىمۇ ئاڭلانمايتتى.
   --- ئوقۇغۇچىلار نەدە پائالىيەت قىلىدۇ؟— سوئالىم سورۇنغا باپ كەلمىگەندەك قىلاتتى.
   --- مەيدان بولمىغاندىكىن، پائالىيەت بولمايدۇ-دە!
   بۇ ھال شېنجېندىكى ھەربىر مەكتەپتە دېگىدەك بار بولغان رەزىنكىلىك يۈگۈرۈش يولى بار تەنتەربىيە سارايلىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما شەكىللەندۈرۈپ تۇراتتى.
   مەكتەپكە كىرگەندە ئالدى بىلەن قويۇق جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سېمونت ھەيكەل كۆزگە چېلىقتى: ئوغۇل بالا قولىدا نېمىنىدۇر تۇتۇۋالغان، قىز بالا كىتاب تۇتقان ئوڭ قولىنى يىراققا سۇنۇپ تۇرغان، ئۇلار ئاچقۇچ بىلەن ئېچىلغاندەك كۆرۈنىدىغان ئاينىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان ئىدى. ھەيكەلنىڭ تەگلىكىگە ئۇلانباتوردا كەم كۆرۈلىدىغان خەنزۇ يېزىقىدا:«مىللىي مەدەنىيەتنى جارىي قىلدۇرۇپ، ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرەيلى» دېگەن خەت يېزىلغان ھەمدە ئاستىغا 2001-يىل دېگەن يىلنامى يېزىلغانىدى، بۇ ئىلھامبەخش جۈملىدە جۇڭگونىڭ ئىنقىلابىي جاسارىتى بار ئىدى.
   --- بۇ مەكتەپ بىر جۇڭگو مۇھاجىرىنىڭ ئىئانىسى بىلەن قۇرۇلغان، --- دېدى دوستۇم.
   --- ئۇنىڭ چوڭ ئەمەسلىكىگە قارىماڭ، بۇ بىنانى سېلىشقا بەك كۆپ كۈچ كەتتى! موڭغولىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قەستەن قىيناۋاتقىنىمۇ ياكى باشقا سەۋەبمۇ بىلمىدىم. ئىشقىلىپ، مەكتەپ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىلتىماس قىلىش، كۆچۈش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى، 3 يىلدىن كۆپرەك ۋاقت كەتتى، ئاخىر قىيىندا بولسىمۇ بۇ ئىش رۇياپقا چىقتى!
   --- مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى كەمچىل!--- دېدى دوستۇم خاتىرجەمسىزلەنگەندەك، گەرچە دۆلىتىمىزىدن بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ، ئوقۇتقۇچى كۈچى يەنىلا يېتەرسىز، ياخشى ئوقۇتقۇچىلار بولسا ئوبدان بولاتتى!
   خەنزۇ مەكتەپتە روشەن چۈشكۈنلۈك بار ئىدى، بۇ يەردىكىلەر خەنزۇچە خەتنىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا يېزىشقا پېتىنالمايتتى، بۇ ھال مەندە خەنزۇلارنىڭ ھايات كەچۈرۈش مۇھىتىغا قارىتا ئەندىشە پەيدا قىلىپ قويدى.
   كېيىنكى بىرقانچە كۈندە، شۇ جايدىكى كورىيەلىكلەر ئاچقان ئۇلانباتور ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەمەلىيەتتە يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئوقۇتۇلىدىغان، ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنى كورىيە ئالىي مەكتەپلىرىگە ئەۋەتىدىغان مەكتەپ ئىدى)غا باردىم، كورىيەچە خەتلىك ۋېۋىسكىلارنى ۋە يورۇق ئازادە سىنىپلارنى ھەممىلا جايدا كۆرگىلى بولاتتى، ئىختىيارسىز كۆڭلۈم غەش بولدى.
   --- بىز ئۈچۈن تەشۋىق قىلىپ قويالامسىز؟ --- دېدى مۇھاجىر دوستۇم تۇيۇقسىز.
   ھەي، ئەگەر ئۆزۈم موڭغولىيىدە قېلىشنى خالىسام، خىزمەت مەسىلەممۇ ھەل بولمامدۇ؟ خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولالىشىمدا گەپ يوق، بۇ ئويدىن روھلىنىپ تۇرغاندا، دوستۇم ئەپسۇسلۇق بىلەن «تەمىناتى يۇقىرى ئەمەس، كەلگەنلەرنى ئەپقالماق تەس» دېدى.
   مەكتەپكە بارغان ۋاقتىمىز بالىلار مەكتەپتىن تارىغان ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بولۇپ، بىنادىن چىقىش بىلەن، ئوقۇغۇچىلار ساۋاقداشلىرى بىلەن، ئاتا-ئانىسى بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىشىپ كېتىشتى، يات ئەلدە مەن ئۆزۈمنى دۆلىتىمىز ئىچىدىكى مەلۇم شەھەردە تۇرغاندەك يېقىملىق تۇيغۇغا كەلدىم.
   --- بىز ئۈچۈن تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ، بىزگە ئىئانە بېرىدىغان ئاقكۆڭۈل كىشىلەر چىقىپ قالسا، مۇھىتىمىز ياخشىلىۋالايلى، --- دېدى دوستۇم ماڭا ۋەزىپە تاپشۇرۇپ --- كەلگەنلەرنى ئېلىپ قالالىغىدەك بولۇپ قالسۇن! --- ئەمما مېنىڭ نەدىمۇ ئۇنچە تەسىرىم بولسۇن!
   ئۇلانباتوردىكى خەنزۇلار ئۆزلىرىنىڭ «جۇڭگولۇق» ئىكەنلىكىنى ئەزەلدىن ئەستىن چىقارمىغان ئىدى، بۇ دۆلەتتە ئۇلار كۈرمىڭ قىيىنچىلىققا، چەتكە قېقىشقا، قوغلىنىشقا ئۇچرايدىغان ناچار مۇھىتتا ياشايدۇ، يۆلەنچۈكىمىز بولغان ئانا ۋەتەن ھېسداشلىقىنى بىلدۈرمىگەن ۋە قوبۇل قىلىش خاھىشىنى ئىپادىلىمىگەن ئەھۋالدا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى كۈچەپ ساقلاپ كېلىۋاتاتتى.
   «دۆلىتىمىزدىكى چەت ياقا رايونلاردىكى نۇرغۇن مەكتەپنىڭ تېخى سىنىپىمۇ يوق، بالىلار تالادا ئوقۇۋاتقان تۇرسا!» دەپ ئويلىدىم مەن.
   شۇنداقتىمۇ ئۇلانباتوردىكى خەنزۇ مەكتىپىدە، شۇ جايدىكى خەنزۇلارنىڭ روھىدىن تەسىرلەندىم، مۇشۇنداق بىر مۇھىتتا، «بالىلار چوقۇم جۇڭگوچە مائارىپنى قوبۇل قىلىشى كېرەك» دەيدىغان «جۇڭگولۇق»لاردىن سىز تەسىرلەنمەمسىز؟
   گەرچە بۇ يەردىكى خەنزۇلار موڭغولىيىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇنىڭ نېمە كارايىتى، پەقەت چاقناپ تۇرىدىغان «جۇڭگولۇقنىڭ قەلبى» بولسىلا كۇپايە!
   مەن شۇ چاغدا كۆڭلۈمدە، ياردەم قىلالايدىغان ئىقتىدار ھازىرلىسام، «چوقۇم مۇشۇ خەنزۇلار مەكتىپىگە ياردەم قىلىمەن» دېگەن ئىرادىگە كەلدىم.

خەنزۇچە مەنبە:http://www.uighurbiz.cn/news/2008/1201/article_8188.html
مەنبە: خاقانىيە تورى www.hakaniya.com

تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-16, 09:00

 

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-16 13:25 |
shebnem.com
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 67878
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 

بىچارىلەر!
ئۇنداق جاپا تارتىپ مۇڭغۇلىيەدە ياشىغۇچە، جۇڭگوغا قايىتىپ كەتسىلا بولمىدىمۇ!؟

ئەزىز بوۋاق
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 19:59 |
naway0999
مۇنبەر قىززىقچىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 29430
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1352
شۆھرەت: 1353 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 11104 سوم
تۆھپە: 3 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

ئىدىيەنى ئازات قىلىپ ،ئىلمى تەرەققىيات كۆز قارشىشىنى تىكلىگەندىلا ،ئىجتىمائى ئىختىسادى تەرەققىياتنىڭ ھەم تىز ھەم ياخشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەندە،قۇش تىللىق مائارىپنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويغاندا ...............................ئاندىن ئوڭشىلىدۇ  

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 20:12 |
bityon
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 18806
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1266
شۆھرەت: 1267 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2860 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 514(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

<<مىللىي مەدەنىيەتنى جارىي قىلدۇرۇپ، ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرەيلى»

==============================================

بۇ   شۇئارنى  دىيەلەيدىغان  باشلىق  قاچان  چىقار  ..

ئەزىز بوۋاق
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 20:34 |
perwajan
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 29673
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1465
شۆھرەت: 1466 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1036 سوم
تۆھپە: 8 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 584(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

شىنجاڭغىلا  كەلمەي ! نىمە قىلادى جان باقالمايدىغان يەردە. بۇيەردە بىرئوبدان مەكىتەپلەرنى قۇرۇپ  شارائىتىنى ياخشلاپ بىرۋاتسا.

ئەزىز بوۋاق
 
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 21:05 |
balik
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 67130
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 35(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

تاشقى مۇڭغۇل ئەزەلدىن-ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىدى بۇرۇن

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 21:15 |
huljabay
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 39534
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 129
شۆھرەت: 130 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1290 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 332(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

تاشقى مۇڭغىلىيەنىڭ ئوممۋي نوپۇسى قانشا؟
خەنزۋلەر قانشا پىرانسىت ىگەلەيدۇ؟

ئەزىز بوۋاق
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 21:19 |
يىللار
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 62773
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 421
شۆھرەت: 422 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6574 سوم
تۆھپە: 21 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 275(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

ئىككى قەدەم يۇلدا بۇلغاندىكىن سەكرەپلا كېلىۋالماي ....

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 21:38 |
ghalip
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 108
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1174
شۆھرەت: 4182 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1685 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 3084(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

جۇڭگولۇقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى(ئەلۋەتتە خەنلەر) موڭغۇلىيەنى جۇڭگونىڭ يەرشارى پەيدا بولغاندىن بۇيانقى ئايرىلماس بىر قىسىمى دەپ، دۆلىتىمىزنىڭ تارىختىن بۇيانقى (كېڭەيسىمۇ تارايمايدىغان )زېمىن پۈتۈنلىكىدە چىڭ تۇرغاچقا موڭغۇلىيەلىكلەر خېلىلا ئۆچمىش.....     

ھەقىقىي مىسۋاك
ئۇيغۇرچىلىق
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 21:54 |
shebnem.com
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 67878
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 

مۇڭغولىيەنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى بۇ يەردە:
http://www.orkhun.com/bbs/read.php?tid=1185#5865

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 22:00 |
kukbura135
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 40571
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 30
شۆھرەت: 31 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 300 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

Quote:
بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىnaway0999نىڭ2008-12-16 20:12 دە يوللىغان يازمىسى   :
ئىدىيەنى ئازات قىلىپ ،ئىلمى تەرەققىيات كۆز قارشىشىنى تىكلىگەندىلا ،ئىجتىمائى ئىختىسادى تەرەققىياتنىڭ ھەم تىز ھەم ياخشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەندە،قۇش تىللىق مائارىپنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويغاندا ...............................ئاندىن ئوڭشىلىدۇ  

مۇشۇنىڭدىن باشقا گىپىڭىز يوقما سىزنىڭ؟؟؟؟؟؟؟؟تازا بىر تېتىقسىز كەنسىز!!!!!!
چەتئەلدە قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قۇيارمىش.مانا ئاشۇ مۇڭغۇليەلىكلەر ئوغۇل بالاكەن.

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 22:18 |
radar-XP
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 62516
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 269
شۆھرەت: 1218 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1737 سوم
تۆھپە: 4 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 361(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 

ۋاھ !مىنىڭ بېرىپ ئاشۇ بىچارە <<تۇغقان>> لارنى يوقلاپ كەلگىم كىلۋاتىدا !

ئەزىز بوۋاق
كۆكلەي دېسەڭ ئۇيغۇرۇم ، سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 22:45 |
بأره
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 63757
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 239
شۆھرەت: 240 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2380 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 

ئاغىينىلەر بەك قىزىقچى بۇلۇپ كرتىپسىلەر جۇمۇ!

ئەزىز بوۋاق
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 22:45 |
tulpar10
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 58220
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 

بۇخەق ئافرىقىغا مەكتەپ سېلىپ بىرىۋاتىدۇ،ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىىۋاتىدۇ،  ئافرىقىدا نىفىت بار  لىكىن دۆلەت ئىچىدىكى بىرقىسىم جايلار بىلەن كارى يوق     سەۋەپ  ئۇجايلاردا بايلىق يوق    

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 23:27 |
merigiya
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 67880
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 18 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 180 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 

بۇ خەنزۇ يولداشلار نەگىلا بارسا قۇمغا سۇ سىڭگەندەك سىڭىپ كېتەتتى،ئەجابا ئۇ يۇرتقا سىڭەلمەپتۇغۇ؟...

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 00:18 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
XabnamBBS » خەۋەر-ئۇچۇرلار
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:12-19 14:12, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ