<< ئۆز ئانىسىنى ئۇرغان ئۇيغۇر ئانا>> توردا ئاشكارلانغاندىن كېيىن پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەتتا خەنزۇ تور بېكەتلىرى ھەم چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ۋە ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ قىزىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلىنىپ مەزكور ۋەقە يۈز بەرگەن يۇرتتىكى ۋە بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلگەن بارلىق تورداشلار ۋە ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ توسۇپ قالغۇسىز كۈچلۈك ئىنكاسلىرى بىلەن ھېلىقى ئىنسان تېرىسىگە ئورۇنۇۋالغان ئالۋاستى خوتۇن ئاخىرى سوت مەيدانىغا يالاپ ئېلىپ كىرىلدى. بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىگە خوشاللىق ياشلىرى ئولاشتى...ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرى ئۆزىنىڭ كارامىتىنى كۆرسەتتى...چوغلان،باغداش،خوتەن قاشتېشى،دىيارىم،سەلكىن،شەبنەم...قاتارلىق مۇنبەرلەردە جادۇگەر خوتۇن توغرۇلۇق ھەر خىل تېمىلار ئارقا ئارقىددىن ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا دولقۇنى كۆتۈرۈپ ئۇ جادۇگەر خوتۇنغا كىرگۈدەك چاشقان تۆشۈكىمۇ تېپىلماي قالدى...مەن ۋە نۇرغۇنلىغان تورداشلار توردا كۆپلىگەن ماقالە ئىنكاسلار يازدۇقبۇ يازمىلار مەسئولىيەتچان مۇخبىر ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىكى نىياز قاھارنىڭ قەلىمى ئارقىلىق گېزىتكە چىقىرىلىپ تورغا كىرەلمەيدىغان ئاممىنى خەۋەرلەندۈرگەندىن كېيىن تور ۋە مەتبۇئاتنىڭ ۋاستىسى بىلەن جەمئىيەتتە تېخىمۇ زور غۇلغۇلىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولۇپ ئۇ جاۇگەر خوتۇننى ئاخىرى قارا باستۇردى...تاياق-توقماق دەستىسى ئەمەس ئۆز يۈرەك باغرىدىن تۆرەلگەن مەلئوننىڭ خورلىشىدا ئىچباغرى لەختە قان بولغان بىچارە ئانا ياتقان يېرىدە ئەمدى خوشال بولارمۇ؟! چۈنكى12-ئاينىڭ18-كۈنى كەچتە شىنجاڭ2 قانىلىدا ئۇ جادۇگەر خوتۇن سوتلانغان نەق مەيدان كۆرسىتىلىدىكەن...
خەنزۇ تور بېكەتلىرىدە جەمئىيەتتىكى بولمىغۇر قىلىقلارنى سۈرەتكە تارتىپ مەلۇم شەخىس ۋە ئورۇنلارنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىدىغان(人肉搜索)دەيدىغان بىر ئىش باركەن، مەسلەن:كوچا ئاپتۇبۇسىدا بىر ياشانغان بوۋايغا ئورۇن بوشتۇپ بەرمىگەن ياش بالىنىڭ سۈرىتىنى يانفۇن ئارقىلىق تورغا يوللىغاندىن كېيىن، ئۇ ئەدەپسىز ياشنىڭ ئىسمى، ئۆيىنىڭ ئادىرىسى، خىزمەت ئورنى، يانفۇن نومۇرى،ئۆينىڭ تېلفۇن نومۇرى، ئىشخانە نومۇرى،كىملىك نومۇرى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىسمى، ئائىلىسدىكىلەردىن تارتىپ ھەممىسىنى تورغا يوللاپ چاۋىسىنى يايىدىكەن...گەرچە بۇ قىلىق ئۇيغۇرچە ئەخلاققا يات بولسىمۇ ئازراق بىر قىسىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئۇيغۇر تورىدا ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەرزىيدۇ...شۇنداق جادۇگەرلەرنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى يېيىشىمىزغا ياردىمى تېگىدۇ دەپ ئويلاپمەن...يەنە خەنزۇ تور بېكەتلىرىدە << كەرىفور>>نىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلىش شوئارى چىقىپ <<كەرىفور>>زىيان تارىتتى ھەم جۇڭگومۇ بىلىپ بىلمەي بەزى زىيانلارغا ئۇچىرىدى...بىزمۇ<<ئانىسىنى ئۇرغان ئانا>> ۋەقە توردا چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇر تورىنىڭ كۈچىنى تونۇپ يەتتۇق!بىزنىڭ مۇنبەر ۋە تورلىرىمىزمۇ نۇرغۇنلىغان بولمىغۇر نەرسىلەرنى بايقۇت قىلىشقا يارايدىكەن...
ھۆرمەتلىك تورداشلار قاتار چاي، خاتا چايلارغا بېرىلمەي، بىمەنە ئولتۇرۇشلاردىن ۋاز كېچىپ12-ئاينىڭ18-كۈنى تېلېۋىزوردىكى ئەھمىيەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈشكە ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ قويۇڭ...بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئەنئەنىۋى مېھرى-مۇھەببەتتىن بىلىپ بىلمەي يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن ھاياتىدىكى بىر قېتىملىق ئۇنتۇلماس دەرس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن...(تەپسىلاتىنى بىلىدىغان تورداشلارنىڭ ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن)...
2008-يىلى12-ئاينىڭ16-كۈنى
ئىككى كۈن قالدى...
