1937 -يىلىدىن 1945-يىلىغىچە داۋام قىلغان جوڭگو -ياپۇنىيە ئۇرۇشى خەلقئارالىق نۇقتىدىن قارىغاندا 2- جاھان ئۇرۇشىنىڭ بىرقىسمى .
ئۇنداقتا ، ياپۇنىيە ئۇرۇشتا 2-جاھان ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن جوڭگۇغا سالغان زىيىنى ئۈچۈن تۆلەم تۆلىدىمۇ - يوق؟
بۇ مەسىلىگە قىزىقىپ ،ماتېرىيال ئىزلىسەم مۇنداق يەكۈن چىقتى :
تۆۋەندىكىسى ياپۇنىيىنىڭ ئۇرۇشتىن كىيىن بىرقىسىم دۆلەتلەرگە بەرگەن ئۇرۇش تۆلەملىرى
ھىندۇنىزىيە : 8مىليارد ئامېرىكا دوللىرى
فىلىپىن: 8 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى
بىرما : 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى
ۋىيتنام : 39مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى
كورىيە : 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى
سىنگاپور : 25مىليۇن سىنگاپور دوللىرى
مالايىسىيا : 25مىليۇن مالايسىيا دوللىرى
تايلاند : 150مىليارد ياپۇنىيە يىنى
شىۋىتىسيە : 11مىليارد ياپۇنىيە يىنى
ئىسپانىيە : 20 مىليارد ياپۇنىيە يىنى
شىۋتسارىيە : 5مىليارد ياپۇنىيە يىنى
دانىيە : 7مىليارد ياپۇنىيە يىنى
مۇڭغۇلىيە : 50مىليارد ياپۇنىيە يىنى
جوڭگۇ : 0 يۈەن
بىراق جوڭگۇ يىقىنقى زامان تارىخىغا قارايدىغان بولساق جوڭگۇ ياپۇنىيىگە مۇنداق تۆلەملەرنى تۆلىگەن :
1874-يىلى ياپۇنىيە تەڭسىزشەرتنامە ئىمزالاپ جۇڭگۇدىن 5 مىليۇن سەر كۈمۈش شىلىۋالغان.
1895 -يىلىدىكى جوڭگۇ -ياپۇنىيە «جىياۋۇ ئۇرۇشى» دا جوڭگۇ مەغلۇپ بولوپ «ماگۇەن » شەرتنامىسىغا ئاساسەن ؛ ھەربىي خىراجەت ئۈچۈن 2مىليارد سەر ، ۋىيخەيۋىيدىكى ياپۇن ئارمىيىسى ئۈچۈن 1.5مىليۇن سەر ، ئۇرۇش تۆلىمى ئۈچۈن 30مىليۇن سەر كۈمۈش تۆلەم بەرگەن .بۇ ئەينى چاغدىكى ياپۇنىيە يىللىق كىرىمىنىڭ 4.5 ھەسسىگە تەڭ كەلگىدەك پۇل ئىدى.
1901 -يىلى سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ تەڭسىز شەرتنامىسىدىكى مەزمۇنغا ئاساسەن ئۇلارغا 31.5 مىليۇن سەر كۈمۈش تۆلەم بەرگەن .
تارىخىنى ئەسلىسەك ياپۇنىيە جوڭگۇغا تاجاۋۇز قىلىش جەريانىدا بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق ھالدا 30نەچچە مىليۇن ئادەمنىڭ ئۆلۆشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان ....
ياپۇنىيە نىمىشقا جوڭگوغا تۆلەم بەرمىگەن ؟
(تۆلەمگە دائېر سانلىق مەلۇماتلار خەنزۇچە yahooمۇنبىرىدىن ئىلىندى )