مەھمۇد كاشغەرى توغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قۇشۇلغان ۋاقتى: 2008-12 -15
ئۇيغۇر خەۋەر تورى تىز خەۋىرى: 15-دىكابىر چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى كۇتۇپخانىسىنىڭ 2-قەۋىتىدە داغدۇغۇلۇق پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىپ،مەھمۇد كاشغەرى توغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەندى.يىغىنغا ماھىنۇر قاسىم،مىجىت ناسىر،ئامىنە غاپپار قاسىم،ئىمىن تۇرسۇن،مىر سۇلتان ئەپەندى قاتارلىق جامائەت ،ھۆكۈمەت ئەربابلىرى قاتناشتى ۋە ئابلەت ئابدۇرېشىت،تۈمۈر داۋامەت،ئىسمايىل ئەھمەد قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تەبرىك تېلېگراممىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.يىغىن باشلىنىشىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ھامۇت .مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرى ئابلېز ئابدۇرېھىم.شىنجاڭ پىداگوكىگا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مۇدىرى ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازاد سۇلتان ئەپەندى قاتارلىقلار تەبرىك ئۈمىد سۆزلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
يىغىندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئادەمىيات ئىنىستۇتىنىڭ ئۇقۇغۇچىللىرى مەھمۇد كاشغەرىگە ئاتالغان شېئىرنى دىكلاماتسىيە قىلدى،يەنە ئابلىز شاكىر قاتارلىقلار ئىجراسىدىكى «مەھمۇد كاشغەرى»ناملىق ناخشا ئورۇندالدى.
ئاخىرىدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇراخمان ئەبەي سۆز قىلدى ۋە يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نى تۇنۇشتۇردى. تورىمىز تەۋسىيەسى:بۇ كىتاب پەقەت مىڭ نۇسخىلا بېسىلغان پات ئارىدا بازارغا چىقىدۇ.بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالاھىدە نەشرى . خالىس ھاجىم ئاخىرىدا لۇغەتنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى نەشرىگە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئىمىن تۇرسۇن،مىر سۇلتان ئەپەندى قاتارلىقلارغا بۇ كىتابنى سوۋغا قىلىپ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»توغرىسىدا توختىلىپ «بۇ بىر ئادەمنىڭ رىزقىنى يەنە بىر ئادەمنىڭ يىيەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ دېدى»دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى
مەنبەسى:
http://www.uyhawar.com/mahmud/ يېغىننىڭ قەدەم باسقۇچلىرى تاماملانمىغاچقا يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك نەق مەيدان سۈرەت ئاۋاز ھۆججەتلىرى يوللانمىدى،يېغىن تاماملانغاندا داۋاملىق يوللىنىدۇ
[ بۇ يازما uynews تەرپىدىن2008-12-15 13:27دە قايتا ت ]