12-ئاينىڭ14-كۈنى باغداد خەۋىرى
ئامېرىكا زوڭتۇڭى بۇش 12-ئاينىڭ14-كۈنى تۇيۇقسىز ئىراقنى زىيارەت قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئىراقنىڭ زوڭلىسى مالىجى بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ سىتىراتىگىيە رامكا كېلىشىمى ۋە ئامېرىكا ئەسكەر تۇرغۇزۇش كېلىشىمىنى تۈزدى.
پېرېزىدېنت بۇش، مالىجى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بۇقېتىملىق مۇخبىرلار زىيارىتى يىغىنىدا:'بىزنىڭ يەنە قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىمىز بار،بۇ قېتىملىق جەڭ تېخى ئاخىرلاشمىدى'دېدى.مالىجىمۇ 'ئىراق ھەر تەرەپتىن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۋاتىدۇ'دېگەن ئىدىيەسىنى بىلدۈردى.
پېرېزىدېنت بۇش گېپىنى ئەمدىلا تۈگەتكەن شۇ پەيىتتە بىر ئىراق مۇخبىرى ئۆزىنىڭ بىرجۈپ ئايىقىنى پېرېزىدېنت بۇشقا قارىتىپ ئاتىدۇ،بۇشنىڭ چاققانلىق ئۆتۈۋېلىشى بىلەن بۇ ئاياقلار تەگمەيدۇ.
بۇ قېتىملىق ھەمكارلىق كېلىشىمدە،ئامېرىكا كېلەر يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىراقنىڭ يېزىلىرىدىن چېكىنىپ چىقىشنى،2012-يىلىنىڭ ئالدىدا پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىش توغرۇلۇق مەزمۇنلار خاتىرىلەنگەن.
مەنبە:شىنخۇا تورى،تېڭشۈن تورى.