ئۈرۈمچىدە گاز پارتىلاش يۈز بەردى
چوقا سۆز : بۇ ھەپتىنىڭ ئازنا كۈنلىرى ئەسلى خۇشال - خۇرام ھالدا ئارام ئىلىش بىلەن ئۆتسە بولاتتى . بىراق بىر نەچچە قېتىملىق گاز چىقىپ كىتىش ۋەقەسى بىلەن بۇ ھەپتىلىك ئازنا كۈنلىرى شۇ ۋەقەگە ئۇچرىغۇچىلارنى ئارام خۇدا ئازنا كۈنلەرنى ئۆتكۈزگىلى قويمىدى . بۇ ۋەقەلەر گاز ئوچاقنى توغرا ئىشلەتمەسلىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولۇپ ، سەمىڭىزگە شۇنى سالىمىزكى : قىش پەسلىدە ھاۋا ئالماشتۇرۇش تۆشۈكلىرى ئاساسەن ئىتىلىپ كىتىدىغان مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئۆيىڭىزنىڭ گاز ئوچاقلىرىنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ ! گاز ئوچاقنى توغرا ئىشلىتىڭ ! ئۆزىڭىز ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن گاز ئوچاقنى ئىشلەتكەندە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ ! ئۆز بىشىمچىلىق بىلەن گاز تۇرۇبىسىنى ئۆزگەرتمەڭ ! 13 - دىكابىر سەھەر سائەت 2:00 بولغاندا ، ئۈرۈمچى شەھىرى جۇجياڭ يولىدىكى گۇاڭيۈەن ئاھالىلەر ئولتۇراق مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ھۆسەنجان ئىنىسى بىلەن تېلېۋىزور كۆرۈۋاتاتتى . ئۇ تۇيۇقسىز تازىلىق ئۆيىدە يۇيۇنىۋاتقان قىز دوستىنىڭ چىقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ ، ھەم دەرھال يۈگۈرۈپ كىلىپ تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئىچىپ قىز دوستىنىڭ تازىلىق ئۆيىدە ياتقانلىقىنى كۆرىدۇ . ھەم ئىنىسىنى چاقىرىدۇ . بىر دەمدىن كىيىن ھۆسەنجان كۆز ئالدىنىڭ قاراڭغۇلىشىۋاتقانلىقىنى سىزىدۇ ھەم دوستىغا تېلېفون قىلىپ ياردەمگە چاقىرىدۇ . كىيىن دوستى بۇ ئۆيگە يىتىپ كەلگەندە بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئۆيدە ياتقانلىقىنى ھەم ئۆيدە قويۇق گاز پۇرىقى بارلىقىنى بايقايدۇ . شۇنىڭ بىلەن كىرا ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى بىلەن ئۇلارنى ئىلىپ دوختۇرخانىغا ئىلىپ بارىدۇ . تىببىي خادىملارنىڭ جىددى قۇتقۇزۇشى نەتىجىسىدە ئۇلار ئامان قالدى . كىيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇلارنىڭ گاز چىقىپ كىتىش ھادىسىدە مۇشۇنداق بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم بولدى . http://www.iyaxin.com/news/content/2008-12/14/content_567700.htm[ بۇ يازما ...yasir تەرپىدىن2008-12-15 02:02دە قايتا ]