<<يېڭى مەدەنىيەت>>دېگەن ئاتالغۇنى<<مەدەنيەتنىڭ يېڭىلىنىشى>> دېسەك بەكىرەك مۇۋاپىق بولغۇدەك.
چۈنكى يېڭى مەدەنىيەت دېگەندە كۆپ ھاللاردا ئەسلىدىكى ئىسىل مەدەنيەتنى چۆرۈپ تاشلىۋېتىپ، باشقىلارنىڭ مەدەيىتىنى يېڭى مەدەنىيەت دەپ قۇبۇل قىلىش كۆزدە تۇتۇلۇپ قالىدىكەن.
بىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىمىز ئەنئەنىۋىي مەدەيىتىمىزدىكى قالاق تەرەپلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان
ماھيەتلىك،ئىلغار تەرەپلىرىنى-ئەسلى ھالىتىنى تېپىۋېلىشتور.
19 -ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆتۈرۈلگەن جەدىتىزىم ھەرىكەتلىرى ۋە
ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا ئىسلام مەدەنىيىتى چەمبىرىكىدىكى ئەللەردىكى ياشلار ئارىسىدا پەيدا بولغان ئىسلام ئەسلىيەتچىلىك ھەرىكەتلىرى،دەل ئىسلام مەدەنيىتىدىكى ئۆز- ئۆزىنى يېڭىلاش،ئەسلىگە قايتىش پائالىيەتلىرىدور.
بىزدە نەشىر قىلىنغان<<ئۆزلۈك ۋە كىملىك>>،<<تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ>>،<<بۆرە تۇتىم مەدەنىيىتى>>،
<<ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغۇسىدا>>،<<تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما>> ۋە<<چۈمبەلدىكى كۆز>>،<<دېڭىزدىكى
كوچا>>...دېگەن كىتابلار دەل بىزنىڭ ھازىرقى قېرىۋاتقان، زەئىپلىشىۋاتقان مەدەنىيىتىمىزنى يېڭىلاشقا،بىزنىڭ نەچچە
يۈز يىلدىن بېرى ئۇنتۇلغان خاس مەدەنيىتىمىزنى قېزىشقا،تېپىۋېلىشقا ۋە ئەسلىمىزگە قايتىشقا دائىر مەزمونلاردىكى كىتابلاردور.
خۇددى سۇتۇق بۇغراخان،تېمۇچىن،ناپائىلۇن،مۇستاپا كامال،سۇن جۇڭسەن،ماۋزېدۇڭ،گېتلىر...ۋە 4-ماي ھەركىتىدىكى ياشلارغا ئوخشاش ھەرقانداق بىر ئەلدە يېڭى مەدەنيەتنىڭ ياكى مەدەنيەتتىكى يېڭىلىنىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاكتىپلىرى،
يولباشچىلىرى كۆپ ھاللاردا قېنى قىزىپ تۇرغان ياشلاردور.
شۇنداق،ياشلار ھەمىشە خاتالىقتىن خالىي بولالمايدىغان،يىتەكلەشكە،تەربىيلەشكە ئېھتىياجلىق تەنتەكلەردىن بولسىمۇ،
ئەمما ئۇلار مىللەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى،ئىجاتچانلىقىنى ئۇرغۇتىدىغان، يېڭى مەدەنيەتنىڭ ھامىيلىرى بولمىش ئاۋانگارت
قوشۇندور.كۆپ ھاللاردا بىر ئەلدە ياشلار سانىنىڭ بىردىنلا كۆپۈيۈپ كېتىشى،شۇ ئەلدە بىر قېتىملىق يېڭى مەدەنيەت ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
21-ئەسىر، يەنى 1976_ يىلدىن بۇرۇن تۇغۇلغانلار ئۆلۈپ تۈگىگەندىن كېيىنكى بىر مەزگىل مېنىڭچە،ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نىسبەتەن بىر قېتىملىق يېڭى مەدەنيەت ئۇيغىنىش دەۋرى بولۇپ قالغۇسى!
____________________________________________________________
ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازمامدا ياشانغانلارغا بولغان قارىشىم سەل قوپال كەتتى. تورداشلارنىڭ شۇ تاپتىكى ھېسىياتىمنى توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ئەمىليەتتە مەنمۇ ھەرگىز ياش ئەمەس،بەزىدە ئۆزەمنى ياش چاغلاپ قالىمەن شۇ.
2008-يىل12-ئاينىڭ 14-كۈنى.