ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 2861 ـ ئوقۇرمىنى
almasyultuz
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 54741
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 99
شۆھرەت: 112 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 970 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 323(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 بۇزۇلغان توي

                                                      بۇزۇلغان توي

       يولنىڭ قارشى تەرىپىدە،بىر جۈپ قىز_يىگىت قىزغىن پاراڭلىشىپ كېتىۋاتاتتى.قارىماققا ئۇلار تۇلىمۇ بەخىتلىكتەك كۆرۈنەتتى.
        ئۇلار راستىنلا ئىنتايىن بەخىتلىك ئىدى. ئۇلار بۈگۈن بىر كۈننى بىرگە ئىنتايىن خۇشال ئۆتكۈزدى.چۈنكى بۈگۈن ئۇلارنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقىنىغا دەل 3 يىل بولغان كۈن،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قۇتلۇق توي مۇراسىمىغا بىر ھەپتە قالغان كۈن ئىدى.
       يىگىت يولدا كېتىۋېتىپ، ئەتراپىغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن قىزنىڭ قۇلىقىغا يىقىن كىلىپ: مەن سىزنى سۆيىمەن،سىزنى مەڭگۈ قەدىرلەيمەن.....____ دەپ ئاستا پىچىرلىدى.
قىز بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ،يىگىتكە قاراپ تاتلىققىنە كۈلۈمسىرەپ قۇيدى.
        ئۇلار ئەتە كۆرۈشكەچ بىرگە توي كۆڭلىكى كۆرگىلى بېرىشقا ۋەدىلىشىپ، بىر_بىرىگە قىيمىغان ھالدا ئايرىلدى.
        ئەتىسى ئۇلار كۆرۈشكەندىن كېيىن بىرلىكتە << توي كۆڭلىكى >> دۇكىنىغا توي كۆڭلىكى سېتىۋالغىلى باردى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئويلىغىنى بىلەن كۈتكىنى بىر يەردىن چىقماي قالدى.
        يىگىت دۇكانغا كىرىپلا، ئۇدۇلدا مودىلغا كىيگۈزۈلۈپ قۇيۇلغان قىزىل  ئەدىلەستىن تىكىلگەن توي كۆڭلىكىنى قىزغا كۆرسۈتۈپ : قاراڭە، بۇ توي كۆڭلىكى بەكمۇ چىرايلىق ئىكەن.خۇددى سىز ئۈچۈنلا تىكىلگەندەك ، سىزگە چۇقۇم بەك يارىشىدۇ. تېز  سىناپ بېقىڭە!____دېدى.
       بىراق قىز يىگىتىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ،ئازراقمۇ خۇشال بولمىدى.ئۇ سەل ئاچچىقلاپ: مىنىڭچە ماۋۇ توي كۆڭلىكى ماڭا ماس كەلگۈدەك،مەن مۇشۇنى سىناپ باقاي. سىزنىڭچە قانداق؟____ دېدى چىرايىنى ئاچماي.
       يىگىت بۇنى ئاڭلاپ: چاقچاق قىلمايۋاتقانسىز___ ھە؟! سىز بىزنىڭ توي مۇراسىمىمىزدا،ئاشۇ ياۋرۇپاچە توي كۆڭلىكىنى كىيمەكچىمۇ؟____دەپ سورىدى ھەيرانلىق بىلەن.
        قىز راستىنلا ئاچچىقلاندى: مەن سىزگە  چاقچاق قىلمىدىم،مەن بۇنى كىيمىگەن تەقدىردىمۇ،چۇقۇم باشقا ياۋرۇپاچە توي كۆڭلىكىنى كىيىمەن. ھەرگىز مىللىيچە توي كۆڭلىكى كىيمەيمەن.
        يىگىت: قىززىق،سىزگە زادى نىمە بولدى ؟ بىز ئۇيغۇر  تۇرساق نىمىشقا<< مىللىيچە توي كۆڭلىكى كىيمەيمەن،،،،>> دەپ تۇرىۋالىسىز؟ ____ دىدى.
        بىراق قىز ئويلىمىغان يەردىن: مەن ھەرگىز  مىللىيچە توي كۆڭلىكى كىيىپ توي قىلمايمەن.____ دەپ ئاچچىقلىغان پېتى دۇكاندىن چىقىپ كەتتى.
       يىگىت قىزغا نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي بىر ھازا تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن،قىزنىڭ كەينىدىن قوغلاپ چىقىپ قىزنىڭ بىلىكىدىن تۇتىۋالدى ھەم سورىدى: سىزگە بۈگۈن زادى نىمە بولدى،نىمىشقا << مىللىيچە توي كۆڭلىكى كىيمەيمەن،،،،>> دەپ تەتۈرلۈك قىلىسىز__ھە؟
       قىز: ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى، ئىشقىلىپ مەن توي كۈنۈم چۇقۇم ياۋرۇپاچە توي كۆڭلىكىنى كىيىمەن. ____ دېدى.
       بۇ يىگىت بىلەن قىز ساق يېرىم كۈن، توي كۆڭلىكى ئۈستىدە تالاش_تارتىش قىلدى. لېكىن ئۇلارنىڭ پىكىرى زادى بىر يەردىن چىقمىدى.   يىگىت ھەر قانچە چۈشەندۈرسىمۇ،قىز زادىلا مىللىيچە توي كۆڭلىكى كىيىشكە ئونىمىدى.
       قىز ئاخىرى بۇلالماي: مەن توي قىلمىسام قىلمايمەنكى،ھەرگىز مىللىيچە توي كۆڭلىكى كىيمەيمەن .____دەپ كېتىپ قالدى.
       يىگىت بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۆز قۇلقىغا ئىشەنمەيلا قالدى . شۇنداقلا ئۆزى سۆيگەن قىزنىڭ ،ئۆز مىللىتىدىن تانىدىغان بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى كېچىكىپ ھېس قىلغانلىقىدىن ئېچىندى.
      شۇنداق قىلىپ ئۇلار 2 كۈن بىر_بىرىنى ئىزدەشمىدى.
      3-كۈنى قىزنىڭ ئۆيدىكىللىرى ، يىگىتنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلەر  دىن  :<< ئەگەر كىيئوغۇل ، قىزىمىزنى توي كۈنى ئۆز ئارزۇسى بۇيىچە كىيگىلى قويمىسا ، ئۇنداقتا ئۇ ئاشۇ ئەدىلەس توي كۆڭلىكى بىلەن توي قىلسۇن.بىزنىڭ ئۇنىڭغا بېرىدىغا قىزىمىزيوق .>>دەپ گەپ ئەۋەتتى.
      بۇ گەپلەر يىگىتكە بەكمۇ ھار كەلدى . ئۇ قىزنىڭ نىمىشقا ئۆز مىللىتىنى نىمىشقا بۇنچە كۆزگە ئىلمايدىغانلىقىنى چۈشىنەلمىدى. ئۇ كۆڭلىدە<< ئۆز مىللىتىنى ئىتراپ قىلمايدىغان ئادەم بىلەن قانداقمۇ بىر ئۆينى تۇتقىلى بولسۇن ؟.......>> دەپ ئويلىدى ھەم قىز بىلەن يەنە بىر قېتىم مەسلىھەتلىشىپ بېقىش قارارىغا كەلدى.
       ئۇلار ئىككىسى كۆرۈشتى. لېكىن قىز يەنىلا ئۆزىنىڭ ئاشۇ پىكىرىدە ئىدى.قىز يىگىتكە : سىز مېنى ھەقىقىي سۆيسىڭىز، مېنىڭ  ياۋرۇپاچە توي كۆڭلىكىنى كىيىشىمگە قۇشۇلۇڭ بولمىسا ، مەن سىز  بىلەن توي قىلالماي،،مەن ،،،،___دېدى.
       يىگىت ئەمدى ھەممىنى چۈشەندى.قىزنىڭ ئۆز مىلىتىنى راستىنلا  ئىتراپ قىمايدىغانلىقىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن يىگىت :ئەمسە بىز توينى بىكار قىلايلى! كەچۈرۈڭ.مەن سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى قاندۇرالمايمەن.سىزگە بەخىت تىلەيمەن.،،____ دەپلا چىقىپ كەتتى.
شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ توي مۇراسىمى راستىنلا  بۇزۇلدى.
          
           *           *           *           *          *           *           *             *            *
        
      ئەتراپىمىزدا ، بۇنداق ئىشلار ئاز ئەمەس.بىر قىسىم قىزلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ چىرايلىق توي مۇراسىم كىيىملىرىمىزنى ياراتمايدىغان بولىۋالدى. ئۇلارنىڭ ياۋرۇپاچە توي مۇراسىمىغا، ياۋرۇپاچە توي كۆڭلىكىگە بۇنچە ئېسىلىشىغا ئەجىبا دەۋىرنىڭ تەرەققىياتى سەۋەپ بۇلغانمۇ ياكى << مودا>> قوغلىشىش سەۋەپ بۇلغانمۇ ؟
     ئۇنداق ئۆز مىللىتىمىزدىن تانىدىغان ئىشنى قىلمايلى!
     سىز مەيلى كىم بۇلۇڭ،سىزنىڭ تۇمۇرلىرىڭىزدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ قېنى،سىز نىمىلا قىلماڭ، قانداق كىيىنىڭ، قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇنلىنىڭ ،،،،، سىز ھامان بىر ئۇيغۇر مىللىتىسىز !
      قىز _ ئوغۇللار ئۆزىڭىزنىڭ بىر <<ئۇيغۇر مىللىتى >> ئىكەنلىكىڭىزنى ھەر گىز ئۇنتۇپ قالماڭ!
      
    

تېما تەستىقلىغۇچى : ئۇيغۇرۇم007
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-14, 12:44

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+20(REYAT51) بەك ياخشى يې ..
  • ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-14 20:37 |
    MIKNAT628
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 58183
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 46
    شۆھرەت: 47 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 333 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 71(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

    ھىتلىق كېچىلىكتىمۇ مۇشۇ  توغورلوق  ىتوت بارغۇ؟؟؟!~!~

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 21:34 |
    waLihan
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 66905
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 32
    شۆھرەت: 32 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 310 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 135(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    بۇيىگىت ئۇيغۇردەك ئشقىپتۇ  مىنىڭچە ئۇ قىزچاق بىرە ياۋرۇپالىق بىلەن تويقىلسا بولدىغان ئوخشايدۇ

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 21:39 |
    帅小子
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 38630
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 46
    شۆھرەت: 47 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 410 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 116(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    ياخشى تىمىكەن!بۇنداق ئشلار راستىنلا جەمىيتىمىزدە مەۋجۇت!

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 21:39 |
    sarsana86
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 67657
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3
    شۆھرەت: 3 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 30 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    بارىكاللا،ئوغۇل بالىدەكلا ئوغۇل بالىكەن!!
      مەندەكلەر ئەتلەس،چىمەن دوپپادەيدىغان بولسا تاس قالىمەن جېنىمنى بەرگىلى~~

    ھەقىقىي مىسۋاك
    مەن ياۋا توشقان~~~
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 22:26 |
    tanha230
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 61074
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1005
    شۆھرەت: 1006 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 9989 سوم
    تۆھپە: 12 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 395(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    ياشاپ كەتسۇن شۇ ئوغۇل بالا،ئاپىرىن شۇ ئوغۇلغا.

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
       
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 22:44 |
    716
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 57292
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 54
    شۆھرەت: 55 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 540 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 100 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 159(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    ھەجەپ توغرا  دىدىڭىز ...

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 23:14 |
    dilarami
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 14271
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 285
    شۆھرەت: 286 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2800 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 241(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    ئوغامبالا!....................     

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    پەلەك چاقى تۈگمەنمۇ؟
    ئۇن تارتامدۇ،ئادەممۇ؟...
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 23:29 |
    WENUS
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 55244
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 16
    شۆھرەت: 17 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 100 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 220(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    توۋۋا ،3يىل ئىجىل-ئىناق ئوتكەن ئاشىق-مەشۇق ئاشۇ3يىل ئىچىدەبىر-بىرىنى ئوبدان سىناشقان بولغىيتى.

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 23:52 |
    balik
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 67130
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 9
    شۆھرەت: 9 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 90 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 35(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    ئالامەت ئوغۇل بالىكەن!!!.....ئاشۇنداق قىزۋاللادىن خۇدايىم ساقلىسۇن......ئوغۇلۋالا............

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 00:43 |
    REYAT51
       2008.6.28رىــيــات
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30111
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1646
    شۆھرەت: 1790 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 20 سوم
    تۆھپە: 279 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 305 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2091(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى ناھايىتىمۇ زور تېما ئىكەن. ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر!

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    http://i222.photobucket.com/albums/dd28/green_lover_4ever/Islam/islam-_1.gif
    تاھىرغا ئۆزىنىڭ زۆھراسى ياخشى، مەجنۇنغا ھۆردىنمۇ لەيلاسى ياخشى.       
    مېنىڭ بۇ سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمغا،ۋەتەن گۈلزارىنىڭ رەناسى ياخشى.
    ھاياتىم گوياكى دولقۇنلۇق دەريا،قىرغاققا قارايمەن مەن ئۆزۈم تەنھا.
    مەنزىلىم ۋەسلىگە يىتەلمەي تۇرۇپ،بۇ كۆڭلۈم خالىماس ئارتۇقچە ھەمرا.
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 01:49 |
    yadiyar
    دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


    UID نۇمۇرى : 13070
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 246
    شۆھرەت: 245 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2250 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 356(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 10:37 |
    nigara616
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 9683
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1059
    شۆھرەت: 1059 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 10477 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 711(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    بۇ تىما قوربان ھىيتىلىق سەنئەت كىچىلىكىدىكى ھىلقى ئىتوتقا ئوخشاپ قالىدىكەن ھە ؟؟
    ئۇ قىز ئۇنداق دىگەن تەغدىردىمۇ ، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى يىگىت نىمە دىسە شۇنى ، كەيگىن قىزىم دىسە بولمامدۇ ؟
    ئۇلارمۇ ياۋرۇپالىشىپ كەتمەي .....       

    ئەزىز بوۋاق
    (كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق ، كۈلەي دەپمۇ كۈلەلمەيمەن ..)
    (مەن ئىشەنگەن ياخشى يار يالغۇز ئەمەسكەن ،،،)
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 12:45 |
    hunbari123
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22678
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 488
    شۆھرەت: 568 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4670 سوم
    تۆھپە: 35 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 45 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 222(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    بۇ تىما مەن ئۇچىراتقان ئىش بىلەن قارمۇ قارشىكەن، قانداق دىسەڭلار؟ بىر كۇنى مەن سىرىتتىكى ئىشلىرىمنى تۈگۈتۈپ ئۆيگە قايتىش ئۇچۇن ئاپتاۋۇز بىكىتىگە كەلدىمدە 63 - يول ئاپتاۋۇزىنى ساقلاپ تۇردۇم، ئۇزۇن ئۆتمەي بىكەتكە 25، 26 ياشلاردىكى بىر جۈپ قىز - يىگىت كەلدى، ئۇلارنىڭ تۇرۇلۇپ كەتكەن قاپىقىدىن بىر - بىرىگە قېيداپ قالغانلىقى ئېنىقتى. ئۇلار بىكەتتە سەل تۇرىۋەتكەندىن كېيىن يىگىت چش يېرىپ گەپ باشلىدى « سەن راسلا تۇيىمىزدا شۇ سەھرالىقنىڭ كىيمىنى كىيەمسەن؟» ، بۇ گەپنى ئاڭلىغان قىز سەل تېرىكەن ئىپادىدە « بۇ قانداق گەپ؟ ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئاق كۆڭلۈكى گۇل، ئۆزىمىزنىڭ ئەتلەسلىرى كۈل كۆرۈنىۋاتامدۇ؟ بىلىپ قۇيۇڭ سىز ۋە مەن ئەنە شۇ سەھرالىقلارنىڭ ئەزاسى جۇمۇ!» ، « ئىش قىلىپ قانداقلا بولمىسۇن ئۇنداق مەتو نەرسىنى كەيمەيسەن، بولمىسا بۇ توينى قىلمايلى!» يىگىت شۇنداق دەپ قىزغا تەتۇر قارىۋالدى، بۇ پەلىپەتىش گەپتىن قىز شۇنچىلىك سەسكەندىكىن يىگىتكە بىر تىكىلىپ قاراپ تۇرىۋىتىپ، چىن كۆڭلىدىكى نەپرىتى بىلەن ئالايدىدە ئاپتاۋۇز بىكىتىدىن مېڭىپ كەتتى. يىگىت بولسا خۇددى قىزنىڭ كەتكىنىنى كۆمىگەندەك بىكەتتە تۇراتتى. بۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن  كۆرمىگەن بولسام قەتئى ئىشەنمىگەن بۇلاتىم، توۋا يىگىتلىرىمىزگە نىمە بولدى ئەمدى؟ شۇنىڭغا قارىغاندا مەسىلىلەرنى قىزلاردىنلا ئىزدەۋرمەي يىگىتلىرىمىزدىنمۇ ئىزدىسەك ئاندىن ئاقىلانىلىق قىلغان بولىمىزكەن، ئىشقىلىپ تىمىدىكى شۇ يىگىتكە ئاپىرىن ئوقۇيمەن، ئۇ توغرا قىلىپتۇ، ئۆز مىللىتىدىن ۋە ئۆزلىكىدىن تانغان ئۇنداق قىز بىلەن توي قىلغان تەغدىردىمۇ، ئۇ قىز ھامىنى بىر كۈنى باشقا ئېغىر كۈن كەلگەندە يىگىتنىمۇ تانىدۇ.

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    ۋاپادار بول،مۇھەببەت ۋاپادارلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 13:14 |
    200888maxal
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 41486
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1750
    شۆھرەت: 1772 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7498 سوم
    تۆھپە: 65 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 145 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 686(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    ھەي ئىسىت بىر ياۋروپاچە توي كۆينىگىنى دەپ ياخشى بىر ئەردىن ئايرىلىپ قاپتۇ دە بۇ قىز .

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 13:23 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:12-18 23:02, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ