ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 166 ـ ئوقۇرمىنى
بالاڭزا
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 67586
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-14

 ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى ئۇيغۇرئاي بۇ تېمىنى شېئىرىيەت گۈلزارى دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2008-12-14)
ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرى 1
ئۇيغۇر خەلىق ماقال – تەمسىللىرى
سودا – سېتىققا قارتىلغانلىرى
ئاتنى مىنىپ ئال ، مىلتىقنى ئېتىپ (ئال)
ئاتنى ساتساڭ يۈگەننى قالدۇر .
ئاتىسىغا يول قويغان سودگەەر پايدا تاپالماس   .
ئارپا خاماندا پۇل ، كۈمۈش كاندا  (پۇل)
ئات ئالساڭ مىنىپ كور ، چىنە ئالساڭ چىكىپ (كور ).
ئاتنىڭ يورغىسىنى ئال ، كىيىمنىڭ يارشىغىنى (ئال)
ئالسا بازارى چىقتى ، ئالمىسا سازايى( چىقتى)
ئال دىگەن مالدا پايدا بار .
ئالدىڭ پۇتتى ، ساتتىڭ يۈتتى .
ئادەم بار يەردە بازار بار ، بازار بار يەردە مازار بار .
ئاشلىق ئالساڭ تېرىق ئال ، چارۋا ئالساڭ تىرىك ( ئال)
ئالغۇچە ئالمان ، بەرگۈچە بەزگەك .
ئالىدىغان مال ئالتۇن بۇلۇپ كۇرۇنەر .
ئالماقنىڭ بەرمىكى بار ، چىقماقنىڭ چۈشمىكى (بار)
ئالغۇچە بىسمىللا ، بەرگۈچە ئەستاغپۇرللا .
ئاستا كەلگەن پايدىدىن ، ئىشتتىك كەلگەەن زىيان ياخشى .
ئالدى-بەردىدە ئادىل كىشىگە يول ئۇزۇن .
ئات ئالساڭ ئىگەر ئال ، ئىشەك ئالساڭ تۇقۇم (ئال)
ئاتام تاپقان بىكار پۇل ، ئۈزەم تاپقان شىكەر (پۇل)
ئالغان خاراپ بەرگەن ساۋاپ .
ئادىمى يوق بازاردىن تۇغى يوق مازار ياخشى
ئالتۇن بەرسەڭمۇ ماختاپ بەر .
ئاتاڭمۇ بازار ، ئاناڭمۇ بازار .
ئاز يىغساڭمۇ ھالال يىغ .
ئالاردا چاققان ، بىرەردە قاچقان .
ئالتىگە ئېلىپ بەشكە سات ، نامىڭ چىقسۇن سودىگەر .
ئالماقلىق زىرەكلىك بەرمەكلىك نادانلىق .
ئاتاڭنىڭ پۇلىغا ئالغاننى ، ئاتاڭ بىلەنمۇ ساتالمايسەن .
ئالىمەن دىسەڭ ئاۋال بەر .
ئالىمەن دىسە قوشلاپ بىرىپتۇ .
ئەتىگەنكى بازارنى ئوتكۈزمە ، كەلگەن خېرىدارنى كەتكۈزمە .
ئەخمەق سودا قىلار بازار كەتكەندە .
ئەخمەقنىڭ چوڭ سودىسى تىرە  جۇۋا .
ئەرزان ئىللەتسىز ئەمەس ، قىممەت ھىكمەتسىز ئەمەس ،
ئەرزان ئىللىتى بىلەن ، قىممەت ھىكمىتى بىلەن .
ئەرزانچىلىق بولسا ئالغۇچىدا ئىنساپ يوق ،قىممەتچىلىك بولسا ساتقۇچىدا ئىنساپ( يوق)
ئەرزىمەس تاۋار بەك پارقىرار .
ئەل ھۈكۈمى- لىللا ، قۇلنىڭ  پۇلى – تىللا .
بازاردا ئىككى نەرسە ئەرزان ،بىرى قېرى ئات ، يەنە بىرى كونا كات .
بازارغا كىرەەن بوز ئەرزان ، ئېغىزغا كەلگەن سوز ئەرزان .
بازاردىكى ھەر ماتانىڭ نەرقى بار ، بىر ماتانىڭ بىر ماتادىن پەرقى بار .
بازارنىڭ قېلىپى يوق .
بازاردا غوۋغا ، مازاردا سۇكۇت .
بازارنى ئاۋات قىلغان مال ، ھويلىنى ئاۋات قىلغان ت ال .
بازار چاققاننىڭ ، ئولجا تاپقاننىڭ .
بازارغا بورىنىڭ ئوزى كەلمىسىمۇ تىرىسى كىلەر .
بازار تاپسا قاسساپ بالىسىنىمۇ سۇيار .
بازار مېلى بىلەن ، بىدىك تىلى بىلەن .
باققالنىڭ ئالدى ، قاسساپنىڭ كەينى .
بارىدا قىممەت كۈرۈنمەس ، يوقىدا ئەرزان بىلىنمەس .
باغ ئالساڭ قىشتا ئال ، باغ ساتساڭ يازدا سات .
بەرگەندىن سورىماق تەس .
بەرگەننىڭ بېشى ئالغاندا ئوڭلىنار .
بەرمەسنىڭ باھانىسى تۇلا .
بەرگەن خۇداغا يېقىن ، بەرمىگەن گۇناھقا  يېقىن .
بېدىك ئىشەككە ئامراق .
بىرەرمەننىڭ بېشىنى ئالارمەن ئوڭلا .
بىزنىڭ بازارغۇ بازار نىمە ئالساڭ تېپىلار .
بىر ئەخمەق ئالغاننى مىڭ ئەخمەقمۇ ساتالماس .
پايدا بىلەن زىيان بىر تۇققان .
پۇلنىڭ تىلى يوق .
پۇلسىز يىگىت ئەمەن پۇرار .
پۇلى بارنىڭ ئۇزى ئوينار ، پۇلى يوقنىڭ كۈزى( ئوينار .)
پۇلنىڭ قەدرىنى ھاجى بىلۇر ،
قاننىڭ قەدرىنى سالجى( بىلۇر )
پۇلنى يىغار مىنىڭ ئاتام ، سىرقىرايدۇ يوغان يۇتام .
پۇل ساقلىغۇچە زەر ساقلا .
پۇلنى تاپار ئەرنىڭ ئېرى ،
مېغىزىنى چاقار خۇتۇننىڭ ئىككىنچى ئىرى .
پۇل پۇلنى تاپار .
پۇلى ئازنىڭ غېمى ئاز .
پۇل بار چاغدا ئون سەرگە ئەرزان ، پۇل يوق چاغدا بىر سەرگە قىممەت .
پۇل بولدى- كۇل بولدى .
پۇلى يوق تاللاشقا ئۇستا ، سېتىقچى داڭلاشقا ( ئۇستا )
پۇلى يوق قىممەت ئالار ، يوقسىز ئەرزان ساتار .
پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا .
پۇلنى پۇل قىلغانمۇ سودا .بىرنى ئون قىلغانمۇ سودا .
پۇل پىششىق ئاش .
پۇلى بارغا بازار ،پۇلى يوققا جازا .
پۇل دىگەن جانغا زىق .
تاۋۇز ئالساڭ چىكىپ ئال .
تاۋۇزنىڭ خېمى باققالنىڭ غېمى .
توىۇنىڭ تارغىقى يوق بازارچىنىڭ باغىقى (يوق)
توخۇغا بېقىپ كاتەك سال ، پۇتقا بېقىپ ئۈتۈك سال
تۇخۇمنى بۇيىغانغا تەمى تاتلىق بۇلۇپ قالماس .
تۈگە تالغا تويماس ، سودىگەر مالغا ( تويماس)
چارۋىنى قوتاندا سات ، مىۋىنى باغدا سات .
چۈشكىچە ئومرۈڭ بولسا چۇنىڭغىچە ئوقەت قىل .
چىراي كۇرۇپ ھال سورا ، بازار كۇرۇپ مال سورا .
خۇتۇن ئالساڭ قىز ئال دىدەك بولسىمۇ ، ئۇن ئالساڭ بۇغداي ئۇنى ئال كىپەك بولسىمۇ
خېرىدارغا يېلىنغۇچە ، مېلىڭنى خىللا .
داڭقاننى پايدا ئالىمەن دەپ ، قازاننى زىيان تارتىپتۇ .
دۇنيا پۇلدا چورگىلەيدۇ ، تۈگمەن سۇدا (چورگىلەيدۇ)
دۇمبە كورسىتىپ ئوپكە سېتىپتۇ .
زىيان ئاچچىق پايدا تاتلىق .
ساتقۇچىنىڭ سۇزى بار ، ئالغۇچىنىڭ كۇزى بار .
سالامدا دوستلۇق يوق ، سودىدا بوشلۇق يوق .
ساتقۇچى مېلىنى داڭلار ، ئالغۇچى ئۇزىنى (داڭلار)
سالا قىل –ئالا قىل .
ساخاۋەت قىلغان مالنىڭمۇ ھىساۋى بار .
سەھەر كەلگەن مۇشتتىن يانما .
سورىغان ئالۇر ، سورىمىغان قالۇر .
سودىگەرنىڭ ئىمانى – پۇل .
سودىگەر زەر ساقلا ، ياخشى خۇتۇن ئەر (ساقلا)
سودىەەرنىڭ يۇلى بىر ، رىسقى باشقا .
سودىگەر بازارغا ئامراق ،سۇپى مازارغا (ئامراق)
سودىگەر مال تاللايدۇ ، سىۋەتچى تال تاللايدۇ .
سودىگەر تۇققىنىنى تۇنۇماس ، بوجەن ئانىسىنى (تۇنۇماس)
سودا-سېتىق تىل بىلەن ، زىلچە –گىلەم قىل بىلەن .
سوزدىن –سوزنىڭ پەرقى بار ، ھەممە مالنىڭ نەرقى بار .
سۇنىڭ پۇلى سۇغا كەتتى، قالدى قېتىقنىڭ بەش پۇلى .
شەيىخ مازاردىن قالماس ، سودىگەر بازاردىن قالماس .
قاسساپ ماي قايغۇسىدا ، ئوچكە جان قايغۇسىدا .
قاش-تېشى سايدا تۇلا ، تېپىپ ساتسا پۇل بۇلا .
قەلەمگە رەڭ ياخشى ، سودىگەرگە دەڭ ياخشى .
قۇغۇننى‹‹ شىكەر- تەمسىللىرى ›› دىن دەپ سات ،
تاماكىنى ‹‹ زەھەر- تەمسىللىرى›› دىن دەپ سات .
قېرى كالىنى قاسساپقا بەر ، كاسات مالنى كاززاپقا (بەر )
كاجنى بازار ئوڭشار .
كەمبەغەل بۇلاي دىسەڭ نەق ئېلىپ نىسى سات.
كەپتەر ئالساڭ خىللاپ ئال سىدان –گۇرىدىن ،زىمىن ئالساڭ تاللاپ ئال ئېرىق بۇيىدىن
كەمبەغەل بولساڭ ئۈچ نەرسە ئال ،بىرى مادا ئىشەك .بىرى مىكيان يەنە بىرى بايتال
قارغۇغا بازارنىڭ نىمە ئىشى، تۈگىگە مازارنىڭ نىمە ئىشى .
كىرىشىنى سورىما باھاسىنى سورا .
گاچىنى سوزلەتكەن ئۇنىڭ پۇلى .
گوش ئالساڭ قوي گۈشى ئال سۇڭەك بولسىمۇ ،ئۇتۇن ئالساڭ ئۇرۇك ئۇتىنى ئال كۇتەك بولسىمۇ .
گىلەم ساتساڭ قوشناڭغا سات ، بىر بۇرجىگىدە ئولتۇرىسەن .
مالدىن زىرىكمەڭ ، خېرىدارغا تىرىكمەڭ .
مالنى ساتساڭ نەق سات ، راست گىپىڭنى قىلىپ سات .
مىڭ سەرنى يۇقاتقان بىر سەر .

دوستۇم سىز يەنىمۇ كۆپ خەۋەر ياكى ئۇچۇر ۋەياكى ناخشا - موزىكىلاردىن بەھرىمان بولاي دىسىڭىز:http://www.baykux.com غا مەرھەممەت قىلىڭ!!

تېما تەستىقلىغۇچى : ئۇيغۇرئاي
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-14, 00:21

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(dil-rus)
  • ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-14 02:45 |
    kok-sultan
    تەۋپىق ئىزچىسى
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26286
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 2597
    شۆھرەت: 2879 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 18070 سوم
    تۆھپە: 457 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 689 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2532(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

     

    ماقال-تەمسىللەر ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان بىباھا بايلىق.

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 08:40 |
    halpambag
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 59370
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 527
    شۆھرەت: 528 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5270 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 172(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

     

    توغرا، ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى_ خەلقمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرىدۇر.

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 09:08 |
    sardar5000
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 67529
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 9
    شۆھرەت: 9 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 40 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىلىرى ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتىمىز نىڭ يوقالماس ئەڭگۈشتۈردۇر.

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 12:57 |
    qoghlukguli
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 67459
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 11
    شۆھرەت: 11 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 110 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     Re:ئۇيغۇر خەلىق ماقال – تەمسىللىرى

    ئەقلڭىزگە ئاپرىن ،ماقال-تەمسىل گويا بىر يول.

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 14:08 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    XabnamBBS » خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:12-19 14:54, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ