بىر ئادەتتىكى دوسىت سىزنى كۆرگەندە باش لىڭىشتىپ سىزگە كۈلۈمسىرەيدۇ،بىر ھەقىقى دوسىت سىزنى كۆرگەندە سىزدىن ئانچە بەك ھال سوراپ كەتمەيدۇ.
بىر ئادەتتىكى دوسىت سىزنىڭ ئىشىڭىز بار ۋاقتىدا ئىزدەپ كېلىدۇ،ھەقىقى دوسىت بولسا سىزنىڭ ئىشىڭىز بار ۋاقتىدا ئىزدەپ كېلىدۇ.
بىر ئادەتتىكى دوسىت سىز بىلەن ھاراق ئىچكەن ۋاقىتتا ،مۇشۇ رومكىنى ئىچىۋەتمىسەڭ بىز دوسىت ئەمەس دەيدۇ،ھەقىقى دوسىت بولسا بەك كۆپ ئىچىۋەتمە دەيدۇ .
بىر ئادەتتىكى دوسىت سىزدىن پۇل سوراپ كەلگەندە دائىم باھانە ئىزدەيدۇ،ھەقىقى دوسىت بولسا قانچىلىك قەرىز ئالماقچى بولغىنىنى دەيدۇ.
بىر ئادەتتىكى دوسىت سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىكى يىغىلىشقا سوۋغا بىلەن كېلىدۇ،ھەقىقى دوسىت بولسا ئەزەلدىن سىزگە سوۋغا ئەكەلمەيدۇ، بەلكى سىزگە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىدۇ.
بىر ئادەتتىكى دوسىت ئەزەلدىن سىزنىڭ يىغلىغىنىڭىزنى كۆرمەيدۇ،ھەقىقى دوسىت بولسا سىزنىڭ يىغلىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن سىزگە ئىككى مۈرىسىنى بېرىپ تۇرىدۇ.
بىر ئادەتتىكى دوسىت سىزگە بىر بوتۇلكا ھاراقنى ئىچكىچە ھەمراھ بولىدۇ، ھەقىقى دوسىت بولسا سىزگە ھەمراھ بولۇپ بىر كېچە سىز بىلەن پاراڭلىشىپ چىقىدۇ.
بىر ئادەتتىكى دوسىت سىزنى بىرەر يىل كۆرمىسە ناتونۇش ھېس قىلىدۇ،ھەقىقى دوسىت بولسا بىر قانچە يىل كۆرۈشمىسەڭلارمۇ بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك يېقىن ھېس قىلىدۇ.
بىر ئادەتتىكى دوسىتڭىزنىڭ تېلېفۇن نومۇرى تېلفۇن دەپتىرىگە يېزىۋالسىڭىزمۇ دائىم ئېسىڭىزدىن چىقىپ كېتىدۇ،ھەقىقى دوسىتنىڭ تېلېفۇن نومۇرى بولسا يېزىۋالمىسىڭىزمۇ شۇنداق ئېنىق ئېسىڭىزدە تۇرىدۇ.
بىر ئادەتىكى دوسىت سىزگە دائىم:نېمىشقا ھازىرغىچە قىز دوسىت تاپمايسەن دەيدۇ،ھەقىقى دوسىت بولسا سىزنىڭ قۇلاق تۈۋىڭىزگە ئەتە مەن ساڭا بىر يېڭى دوسىت تونۇشتۇرۇپ قوياي دەيدۇ.
بىر ئادەتتىكى دوسىت سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە كەلگەندە بەك تۈزۈت قىلىدۇ،ھەقىقى دوسىت بولسا سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە كەلگەندە ئۆزى توڭلاتقۇنى ئېچىپ ئىچىملىك ئېلىپ ئىچىدۇ.
بىر ئادەتتىكى دوسىت سىز خاتالىق سادىر قىلغاندا كۆرمەسكە سالىدۇ،ھەقىقى دوسىت بولسا سەن بۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ دەيدۇ.
بىر ئادەتتىكى دوسىت سىز ئېيىتقان ناخشىغا نىسبەتەن چاۋاك بىلەن ئالقىشلاپ بەك يېقىملىقكەن دەيدۇ،ھەقىقى دوسىت بولسا ئۆتۈنۈپ قالاي كېلەر قېتىم ئادەمنى بۇنداق قىينىما دېيەلەيدۇ.
بىر ئادەتتىكى دوسىت مۇۋاپىقىيەت قازانغان چاغدا سىز بىلەن ئانچە كارى بولمايدۇ،ھەقىقى دوسىت بولسا مەيلى سىز نېمىلا بولۇپ كەتمەڭ داۋاملىق سىزنى يوقلاپ تۇرىدۇ.
بىر ئادەتتىكى دوسىت سىزگە تاماكا سوۋغا قىلىدۇ،ھەقىقى دوسىت بولسا سىزنى تاماكا چېكىشتىن توسىدۇ.
بىر ئادەتتىكى دوسىت سىزگە ئىش بولسا تارتىنماي مېنى ئىزدە دەيدۇ،ھەقىقى دوسىت بولسا ئىشىڭ بولمىسا مېنى ئىزدەپ زېرىكتۈرمە دېيەلەيدۇ.
بىر ئادەتتىكى دوسىت سىزنىڭ ئىشىڭىز چىقىپ قېلىپ ئۇنى ئىزدىگەندە دائىم بۈگۈن بىكار ۋاقتىم يوق ئىدى دەيدۇ،ھەقىقى دوسىت بولسا سىزنىڭ ئىشىڭىز چىقىپ قالغاندا سىزگە تېلېفۇن ئۇرۇپ سىزدىن ھال سورايدۇ.
بىر ئادەتتىكى دوسىت سىز بىلەن راھەتتە بىرگە بولىدۇ،ھەقىقى دوسىت سىز بىلەن جاپادا بىرگە بولىدۇ.
بىر ئادەتتىكى دوسىت سىزگە ئۆزىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىرىنى دەپ بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ،ھەقىقى دوسىت بولسا سىزگە ئۆزىنىڭ پېكەلچىلىكلىرىنى،خاتالىقلىرىنى دەپ بېرىدۇ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا دەردىنى تۆكۈپ بېرىدۇ.
بىر ئادەتتىكى دوسىت سىز بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندىن كېيىنلا سىز بىلەن سىزنىڭ دۈشمىنىڭىزگە ئايلىنىدۇ،ھەقىقى دوسىت بولسا سىز بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندىن كېيىمۇ يەنىلا سىز بىلەن دوسىت بولالايدۇ.
مەنبە: ئۇيغۇر سىتاستىكا تورى