ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار
ئۇيغۇر ئىگىلىك مۇنبىرى(http://igilik.com/bbs) قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە ھەر قايسىڭلارنى قىزغىن قوللىشى ئاستىدا تىز تەرەققى قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى !
ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى ۋە ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ئازدىن بولسىمۇ نەپ تەگكۈزۈش ئۈچۈن مۇنبىرىمىزنى قۇرۇپ چىقتۇق !
ھەر قايسى ئەزالارمۇ ئۆزىنىڭ بىلىدىغان ، كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى مۇنبىرىمىزدە بايان قىلىۋاتىدۇ ھەم قىلماقتا !
مەنمۇ نەچچە كۈندىن بىرى ئويلاپ كىلىۋاتقان بىر مەسلىھەتىمنى ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىغا سۇندۇم .
تەپسىلىي ئوقۇپ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغايسىلەر !جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىمۇ خېلى كۆپىيىپ قالدى . بۇ بىر خوشاللىنارلىق ئىش .
بۇنىڭغا ئەگىشىپ تېلۋىزوردا ئېلانمۇ خېلى كۆپىيىپ بەزىلەرنى قوللىشىغا ئېرىشسە بەزىلەرنىڭ بىزارلىقىنى قوزغىماقتا ...!
بۇنداق بۇلىشىدا مىللى كارخانىلار مىڭ بىر تەسلىكتە قۇرغان ئىگىلىكىنى باشقىلارغا تەشۋىق قىلمىسا بولمايدۇ - ئەلۋەتتە ! بىراق شۇنداق كارخانىلارنىڭ كۆپلىكىدىن ماس ھالدىكى ئېلانلارمۇ كۆپلەپ بىرىلىپ . تىلۋىزور كۆرگۈچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا !ئەمدى ئۇيغۇر كىنوچىلىقى توغرىسىدا بىر ئاز توختىلاي :
بۇرۇن كىچىك ۋاقتىمىزدا ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان كىنولار ھېلىمۇ ئېسىمدە . « تاش ئۈستىدە ئېچىلغان گۈل » « جۇشقۇن ياشلىق » « سىرلىق كارۋان » ....................ئىشقىلىپ بەكلا جىق .............بۇ كىنولار ھازىرمۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىگە مۇيەسسەر بولماقتا ... بۇ كىنولارنى ئۆزەممۇ ياقتۇرۇپ كۆرىمەن !
شۇنداق بولغاچقا ، ئۇيغۇرچە كىنولار چىققاندا ھەممە ئادەم تالىشىپ سېتىۋالىدىغان كەيپىيات بارلىقققا كەلگەن .لىكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، كىچىك كىنو شىركەتلىرى ۋە ئۈن - سىن شىركەتلىرىنىڭ ئاۋۇشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرچە كىنولارنىڭ سۈپىتى ھەقىقەتەن بەكلا چۈشۈپ كەتتى .
ھەتتا ئۇيغۇرچە كىنولار چىقىپتۇ دىسە كىشىلەر بىزار بولۇپ : « يەنە ھېلىقىدەك تېتىقسىز كىنو ئىشلىگەندۇ تايىنلىق !» دەپ ۋايسايدىغان ، بۇرۇنقى نادىر كىنولارنى سېغىنىدىغان بولۇپ قالدى ...
بۇنداق بولشىنى مەن تۆۋەندىكىدەك تەھلىل قىلدىم .
1 . مەبلەغ ئاز ، ئىقتىساد كەمچىل
2 . تېخنىكا ناچار ، رىژىسورنىڭ ئىقتىدارى ئاجىز
3 . قوللاپ كام ( چۈنكى ئاشۇنىڭدەك ناچار كىنولار ھەدەپ بازارنى ئىگەللىۋالغاچقا كىشىلەر بۇنداق كىنو پىلاستىنكىلىرىنى سېتىۋېلىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالغان )
ئەمدى گەپنى يىغىنچاقلىغاندا :
1 . ئۇيغۇر كىنوچىلىقى زاۋاللىققا يۈز تۇتىۋاتىدۇ !
2 . مىللى شىركەتلەرنىڭ ھەدەپ قۇرىلىشى بىلەن بېرىلىۋاتقان ئېلانلار باشقىلارنى بىزار قىلىش تۇيغۇسى شەكىللەندۇرمەكتە !
شۇنىڭ ئۈچۈن مىللى شىركەتلەر ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنى قوللاپ ئاز - ئازدىن بولسىمۇ مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ بەرسە ، كىنو شىركەتلىرى بولسا كىنونى ياخشى ئىشلەپ ئاخىرىدا ئۆزىنى قوللاپ بەرگەن كارخانىنىڭ ئېلانىنى قىستۇرۇپ بەرسە ... ياكى بولمىسا كىنو ئارىلىقىدا بەزى كۆرۈنۈشلەرگە شۇ كارخانىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئالاھىدە كۆزگە كۈرۈندۈرۈپ بەرسە ، بۇمۇ بىر خىل تەشۋىقات بۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن !
بۇنداق بولغاندا ئېلان چىقىمىمۇ ئازىيىپ قېلىشى مۇمكىن ، ھەمدە ئۇيغۇر كىنوچىلىقىمۇ ماس ھالدا تەرەققى قىلىپ ياخشى كىنولار مەيدانغا كىلىشى مۇمكىن !ھەر قايسى كارخانىچىلارنىڭ ھەمدە ئۇيغۇر كىنوچىلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان جاپاكەشلەر ئۈچۈن ئويلىغانلىرىمنى يوللاپ قويدۇم . سىلەرنىڭ ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن !ھۆرمەت بىلەن : ئۇيغۇر ئىگىلىك مۇنبىرى !
http://igilik.com/bbs/[ بۇ يازما ikbal تەرپىدىن2008-12-14 19:09دە قايتا تە ]