ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 9619 ـ ئوقۇرمىنى
otuken.cn
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 26678
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 126
شۆھرەت: 182 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1390 سوم
تۆھپە: 150 نۇمۇر
ياخشى باھا: 57 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 490(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-29

 جەننەتنىڭ ئىشىكى(سۈرەتلىك)

tilek
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kisek تەرپىدىن (2008-12-08)دە نادىرلاندى
جەننەتنىڭ ئىشىكى
(
ھەقىقى ۋەقە
)

ياراتقان پەرۋاردىگار بەندىلىرىگە يېقىن بولغاچقا دوزاقنى يەتتە ،جەننەتنى بولسا سەككىز قىلىپ يارىتىپتۇ.چۈنكى مۇھەببەتىڭ ھەقىقى ئىگىسى بولغان بالىلار ،ئاتىلار ،ئانىلار دۇنيادا شۇنداق كۆپكەن. ئۇلار  ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتتىن پەرىشتىلەرمۇ خىجىل بولىدىكەن.


.... بىر بالا دادىسى بىلەن يالغۇز ياشايدىكەن. ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەچكە ئۇلارنىڭ ئۆيى يازدىمۇ قىشتەك سوغۇق كۆرۈنىدىكەن.
ئەمما بالا دادىسى بىلەن ھەر ئاخشىمى ئۇخلىغىچە ئۆينىڭ ئىچى ئىسسىق بولۇپ قالىدىكەن .
ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن بالا دادىسى ئېتىزغا كەتكەندە ھويلىسىدا ئاپىسىنىڭ دوپپىسىنى كىيىۋېلىپ،ئورۇق مۈشىكى ۋە تامنىڭ شورىلىرىدىن كىرگەن خوشنىلارنىڭ توخولىرى بىلەن ئوينايدىكەن. بىرە-بىرە سىرتتىن ئاڭلىنىپ قالىدىغان خوشال بالىلارنىڭ سۈرەنلىرىنى ئاڭلىغاندا كونا ئىشىكنىڭ يوچۇقلىرىدىن ئۇزۇنغىچە قاراپ كېتىدىكەن. بىچارە بالىنىڭ كۆزلىرى سىرتتىن ئۆزىدە يوق بىر نەرسىنى ئىزدەيدىكەن.بىراق سىرتتىكىلەر شۇنداق خوشال كۆرۈنسىمۇ،بالىنىڭ ئىزدىگەن نەرسىسى ئۇچرىمايدىكەن. ئۇ ئىشىككە يۆلىنىپ مۈگدەپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كېتىدىكەن؟!
ئۇ ئاپىسى ھايات بولسا بالىلارغا ئوخشاش يۈگرەپ ئوينىيالايدىغانلىقى ،دادىسىنىڭمۇ يالغۇز بالىسىنىڭ ئاپىسى بارلىقىدىن سۆيۈنۈپ كۆڭلى ئارام تېپىپ قالىدىغانلىقى ،ئۆزىنىڭ دادىسىغا قاراپ تېخىمۇ خوشال بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاۋاتقانمىدۇ ؟
بىراق بىچارە بالا ئۇزۇنغىچە ئولتۇرۇپ كېتىدىكەن. چۈنكى ئۇنىڭ ئاپىسى يوقكەن.
دادىسى ئېغىر ئەمگەكتىن قايتىپ كېلىپ بالىسىغا تاماق ئېتىپ بېرىدىكەن، بالىنى جىق يىيىشكە زورلاپ ئۆزى بالىسىچەمۇ يىيەلمەيدىكەن.بالا تاماقنى چېچىپ قويسا قاتتىق دۈشكەللەيدىكەن. چۈنكى بالىسىنىڭ كېيىنچە مۇستەھكەم ئادەم بولىشىنى ئۈمۈت قىلىدىكەن.ناۋادا ئۇنىڭ ھازىرقىدەك يۈرەكسىز بولۇپ قالسا ئۆزىدىن كېيىن جاپا تارتىپ قالىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
چۈنكى بالىسىنىڭ ئاپىسى يوقكەن.

دادىسى ئۇخلىغىچە بالىسىغا قېلىنراق يوتقاننى بېرىدىكەن ھەم ئۈستىگە پەقەت بىر تاللا چاپىنىنى يېپىپ قويىدىكەن . ئۆزى بولسا بالىسىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى يۆگىكىنى ياستۇقىغا قويۇپ   تىتىلىپ كەتكەن (ئەمما دادىسىنىڭ دىيىشىچە بەكلا ئىسسىق)كونا يوتقاننى يېپىنىپ ئۇخلايدىكەن. بالا دادىسىنىڭ پۇشۇلدىشىنى ئاڭلىغاچ ،ئورۇق مۈشىكىنى قوينىغا سېلىپ ئۇخلاپ قالىدىكەن.
سىز يېرىل تېشىم دىگەن چۆچەكنى ئوقۇغانمۇ ؟ بۇ بالىمۇ چۆچەكتىكى يىتىم قىزدەك يىراقلارغا كېتىپ بىرەر تاشنىڭ ئىچىگە كىرىپ دۇنيادىن خاتىرجەم ياشاشنى ئويلىمايدىكەن.
ئۇنداق قىلسا ئاچچىقى يامان دادىسىنىڭ ھەر ئاخشىمى سوغۇق ئۆيدە تېخىمۇ يالغۇز قېلىشىنى خالىمايدىكەن.
سىز ئابىھايات دىگەن چۆچەكنى ئوقۇغانمۇ ؟ ئەمما ئۇ بالا ئابىھاياتنى ئۆزى ئىچىشنى خالىمايدىكەن.ئۇنىڭ بىلەن ئاپىسىنى تىرىلدۈرۈپ كەلسە ئۇنىڭ چىرايلىق بىر يوتقان ۋە ياستۇق تىكىپ بېرىدىغانلىقىنى ،ئۇنى دادىسنىڭ بېشىغا قويۇپ ياتىدىغانلىقى،يوتقاننى بولسا بالا ئۆزى دادىسىغا يېپىپ قويىدىغانلىقىنى ئويلايدىكەن.ئەتتىگەندە دادىسىنىڭ چاينى قاينىتىپ بولالماي ئىشىغا ۋاقچە قېلىپ ئاچچىقلىنىشىغا ئىچى ئاغرىيدىكەن. ئەگەر ئاپىسى بولسا ئۇلار ئويغانغاندا چاي تەييار بولۇپ قالىدىغانلىقى بالا ئوبدان بىلىدىكەن.
ئەمما ئۇنىڭ ئاپىسى ئەمدى تىرىلمەيدىكەن. نىمىشقا تىرىلمەيدىغانلىقىنى بالا بىلمەيدىكەن. ئۇ يەنە دادىسىنىڭ يۆگەكنى پۇراپ يېتىش ئۈچۈن ياستۇق قىلىۋانغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن. ئەگەر دادىسى بالىسىنى پۇراپ ياتسا ئۇنىڭ ئەركە بولۇپ قېلىشىدىن قورقىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن.يەنە دادىسىنىڭ يەيدىغان تاماق ئاز بولغاچقا بالىسىنىڭ تويماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يالغاندىن ئۇزۇن چاينايدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن.
بالا بۇلارنى بىلمىگەن بىلەن دادىسىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوقلىقىنى بىلىدىكەن.شۇڭا ھېچيەرگە بارغۇسى كەلمەيدىكەن.ھويلىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئاپىسىنىڭ دوپپىسىدەك كۆپ-كۆك ئاسمان بىلەن ئۇنىڭ چىرايىدەك ئىللىق ئاپتاپ بالىنى يىراق-يىراقلارغا كېتىشتىن توساپ تۇرىدىكەن.چۈنكى بۇلار باشقا يەردە يوقكەن. پەقەت ئۇ چوڭ بولغان مۇشۇ ھويلىدىلا شۇنداق ئىللىق نەرسىلەر بارئىكەن.
بالا بارا-بارا چوڭ بولۇپتۇ ، مەكتەپكە بېرىپتۇ. دادىسى بولسا ئۆزگەرمەستىن شۇ پېتتى تۇرۇپتۇ.بالا مەكتەپنى تۈگىتىپتۇ .ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمەپتۇ. ئۇ دادىسى بىلەن ئېتىزدا ئىشلەيدىكەن. ئەمما دادىسىدەك جىق ئىشلىيەلمەيدىكەن. دادىسى نىمىشقىكىن ھېرىمايدىكەن. ئىشلەۋېرىدىكەن.ئۇنىڭغا قاراپ ھېرىپ كەتكەن بالا پات-پات دەم ئېلىپ ئولتۇرۋالىدىكەن.
بالا ئاستا-ئاستا زېرىكىپتۇ .دادىسى باشقىلارنىڭ دادىسىدەك ئەمەسكەن.ئۇ پەقەت ئېتىزدا ئىشلەشتىن باشقا ئىش قىلالمايدىكەن. بالىسى ئۈچۈن يول مېڭىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويالمايدىكەن .ياكى پۇل چىقىرىپ بىرەر دۇكان ئېچىپ بېرەلمەيدىكەن.چۈنكى دادىسنىڭ ئەسكى ئۆيىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوقكەن.  بالا شۇ ياشقا كەلگەندىلا دادىسىنىڭ بەكلا يارىماس ئادەملىكىنى ھېس قىلىپتۇ. ئۇنىڭدىن بەكلا زېرىكىپتۇ.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادىسى كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن دۇيجاڭ بىلەن سوقۇشۇپ ئۇنى يارىلاندۇرۇپ قويۇپ تۈرمىگە كىرىپتۇ.باشقىلارنىڭ دىيىشىچە دۇيجاڭ "ئۆزەڭمۇ بىر يارىماس بولغاچقا بالاڭمۇ بىر يارىماس بولدى" دەپتىكەن.شۇ گەپكە دادىسى مۇشۇنداق تەتۈرلىك قىلىپ جىنايەتچى بولۇپتۇ. شۇندىن كېيىن بالا دادىسىغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كېتىپتۇ. چۈنكى ئەتراپتىكىلەر ئۇنى تېخىمۇ ياراتمايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ.
يا دادىسنىڭ تايىنى يوق ،ياكى ئاپىسى يوق باشقىلار ئالدىدا ماختانغىدەك ھېچنىمىسى يوق بالىلارنىڭ ئەزەلدىنلا دوستلىرى بولمايدىكەن. باشقىلار ئۇلارنى قاتارغا قوشۇۋالسىمۇ پەقەت مازاق قىلىپ ئويناش ئۈچۈنلا قوشۇۋالىدىكەن.
بالا تۈرمىگە دادىسىنى يوقلاپمۇ بارماپتۇ. كېيىنچە ئۇ ئىچكىرىگە كىرىدىغان بالىلار بىلەن يۇرتنى تاشلاپ يىراقلارغا كېتىپتۇ. ئۇ دەسلەپ ئىچكىرىگە بارغاندا بالىلار بىلەن ئوغۇرلۇق قىلىپتۇ.ئىشى ئەپلەشسە مېھمانخانىلاردا يېتىپتۇ.ئەپلەشمىگەندە بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردا تۈنەپتۇ.شۇنداق چاغلاردىلا ئۆيىنى ۋە دادىسىنى ئەسلەپ قويىدىكەن.كېيىنچە بالا بىر ئاشخانىدا ئىشلەپ يۈرۈپ ،ئاشخانە ئېچىشنىڭ ئەلىم-تەلىمىنى بىلىپ ئاخىرىدا تىرىشىپ ئىشلەپ بىر چوڭ ئاشخانە ئېچىپتۇ. ئۇ ئۆيلىنىپتۇ،نۇرغۇن پۇل تېپىپتۇ.قانداقلا بولمىسۇن ئۇ ئاخىرى يۇرتىغا قايتىپتۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئەللىك ياشقا يېقىنلاپ قالغان ئىككى بالىلىق،بىر نەۋرىلىك بولغان چوڭ ئادەم بولۇپ قالغان ئىكەن.
ئۇ يۇرتقا كەلگەندە ئېسىدە قالغان ئۆيىنىلا ئەمەس مەھەلىسىنىمۇ تاپالماپتۇ. سۈرۈشتۈرسە كونا مەھەلىلەرگە يېڭى ئولتۇراق جايلار چۈشكەن ئىكەن.ئۇ ناھايىتى تەستە ئىلگىركى خوشنىلىرىدىن بىرىنى تېپىپتۇ. خوشنىسىنىڭ دەپ بېرىشىچە ئۇ ئىچكىرىگە كېتىپ ئىككىنچى يىلى دادىسى تۈرمىدىن چىقىپتۇ. ئۇ تۈرمىدىن چىققاندا بەكلا ئاجىزلاپ كەتكەندەك كۆرۈنىدىكەن. ئۇ كۈندە ئىشىكنى تاقىۋېلىپ ھويلىسىدا كۈنلەپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىدىكەن.ئېتىزنىمۇ باشقىلارغا كۆتۈرە بېرىۋېتىپتۇ.ئۇنىڭ ئىشى پەقەت كۈنلەپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇشكەن. ئۇ خوشنىلار بىلەنمۇ بۇرۇنقىدەكلا ئانچە بېرىش-كېلىش قىلمايدىكەن.

قىشنىڭ بىر كۈنى خوشنىلار ئۇنىڭ ئېتىز تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. شۇ كۈنى دادىسىنى قەبرىستان تەرەپتە كۆرگەنلەرمۇ بارئىكەن.بەلكىم ئايالىنىڭ قەبرىسىنى يوقلىغىلى بارغان ئوخشايدۇ. بۇ خوشنىلارنىڭ ئۇنى ئاخىرقى قېتىم كۆرگىنى بولۇپ قاپتۇ.كېيىن دادىسى ئۇدا نەچچە ھەپتە ھويلىدىمۇ كۆرۈنمىگەچكە خوشنىلار ئەنسىرەپ ئىشىكنى بۇزۇپ ئۆيگە كىرسە ئۇ بىردىن-بىر يېڭىراق يوتقاننى يېنىغا سېلىپ قويۇپ ،ئۆزى ناھايىتى كونا بىر يوتقاننى يېپىنىپ ئۆلۈپ قالغان ئىكەن. خوشنىلار ئۇنى يۇيۇپ تاراپ يەرلىككە قويۇپتۇ.ئۇنىڭدىن قالغان ھېچ بىر ئىقتىساد بولمىغاچقا ئۆيىنى بىرىگە سېتىپ نەزىرلىرىنى قىلىپ يەرلىككە قويۇپتۇ.
بالىنىڭ دادىسى شۇنداق ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭغا ئىلگىرى ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمىگەندەك ئۆلۈپ كەتكەندىمۇ بىرەر مىراسمۇ قالدۇرالماپتۇ.ھەتتا بالىنىڭ ئەسلىمىسىدىكى كىچىككىنە ھويلىنىمۇ ئېلىپ كېتىپتۇ. . . .

كۈنلەر ئۆتۈپتۇ...بالىمۇ بوۋاي بوپتۇ .ناھايىتى كاتتا جامائەت ئەربابى بولۇپتۇ. مەكتەپ ساپتۇ،يول ياسىتىپ يىتىملارنىڭ بېشىنى سىلاپتۇ . ئەمما يەنىلا بالىلىق چاغلىرىدىكىدەك خوشال بولالماپتۇ. داۋاملىق ئىچىنى ياق! يۈرىگىنى بىر ھەسرەت تاتىلاپ ئۇنى خوشال قىلماپتۇ.
بىر كېچىسى چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپ ئۆزىنى ئىلگىركى ئەسكى ئويىدە دادىسىنىڭ يېنىدا ئۇخلاۋاتقاندەك ھېس قىلىپتۇ. ئالدىراپ چىراقنى ياندۇرسا يەنىلا ھازىرقى ياسىداق ئۆيىدە مامۇق يوتقاندا ياتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئىلگىركى بالا ھازىرقى بوۋاي
ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىپتۇ .ئايالى بالىلىرى نەۋرىلىرى يىغىلىپتۇ.ئۇنىڭدىكى بۇ ھالەتكە ھەيران قاپتۇ.سەۋەبىنى سوراپتۇ،دۆختۇرلارنى چاقىرىپتۇ.ئەمما ھېچكىم بىلەلمەپتۇ. بوۋاي شۇندىن كېيىن كۈندىزى خىيال بىلەنلا ئولتۇردىغان بولۇپ قاپتۇ.كېچىسى بولسا چىراقنى ئۆچۈرۈپ قويۇپ ياتىدىكەن ،چىراقنى كېچىدە يېقىشقا يول قويمايدىكەن.ئۇنىڭ كېچىدە يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ بالىلىرى چىراقنى ياقسا ئۇلارنى تىللاپ چىراقنى ئۆچۈرۈشكە بۇيرۇيدىكەن....كېيىنچە بالىلىرى كېچىدە ئۇنىڭ يىغىسىنى ئاڭلىسىمۇ چىراقنى يېقىشتىن قورقۇپ ئاۋاز چىقارماي جىم ئولتۇردىغان بولۇپتۇ.ئاخىرى ئۇلارمۇ بوۋاينىڭ بۇ ساراڭلىقىغا كۆنۈپ كارى بولمايدىغان بوپتۇ.
دوختۇرلار بوۋايغا نېرۋا كېسەللىكى دەپ دىئاگىنوز قويۇپتۇ.
بوۋاي كۈنلىرىنى بالكونغا چىقىپ خىيال سۈرۈپ ئۆتكۈزىدىكەن.ئاخشىمى بولسا يالغۇز بىر ئۆيدە ياتىدىكەن.  شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئانىسىدىن،دادىسىدىن قالغان خاتىرىلەرنى ئىزدەيدىكەن.ئەمما ئەتراپىدا ھېچقانداق بىر ئىزنانى تاپالمايدىكەن.

پەقەت كۆزىنى يۇمۇپ خىيال سۈرگەندە ئۆزىنى كىچىك چېغىدىكى ھويلىسىدا ئورۇق مۈشۈكىنى ئويناپ ئولتۇرغان ،دادىسىنىڭ تاماق ئېتىش ئۈچۈن يانمايۋاتقان ئوتنى پۈدەۋاتقان ھالىتىنى ئەسلەيدىكەن . ئۇ خىيالىدىلا دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە كۆرەلمىگەن ئىلگىركى ھويلىسىنى ،ئاپىسىنىڭ دوپپىسىدەك كۆپ-كۆك ئاسماننى ،ئۇنىڭ چىرايىدەك ئىللىق ئاپتاپنى كۆرەلەيدىكەن.ئاخشىمى بالىسىنىڭ يۆگىكىنى پۇراپ يېتىش ئۈچۈن بېشىغا قويۇۋالغان دادىسىنى كۆرگەندەك ئۇنىڭ پۇشۇلدىشىنى ئاڭلىغاندەك بولىدىكەن. بوۋاينىڭ ئۆمۈر بويى تىرىشىپ ئاخىرىدا ئېرىشكەن ھەقىقى بەختى كېچە-كۈندۈز خىيال سۈرۈشكەن.
شۇ چاغدا دادىسىنىڭ دۇيجاڭنى نىمىشقا ئۇرغانلىقىنى چۈشىنىدىكەن.ئەمەلىيەتتە دادىسىنىڭ نەزىرىدە ئوغلى شۇ يېشىغىچە تايانغان تېغى ئىكەن.بالىسى ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمىسىمۇ يالغۇز ھاياتىدا ھېچكىم بېرەلمىگەن ھەمراھلىقنى كۆڭلىنىڭ بىر پارچىسىنى پەقەت ئوغلىلا بېرەلىگەنلىكىنى،بۇنى بالىسىدىن باشقا قانچىلا ياراملىق ئادەم بولسىمۇ دادىغا بېرەلمەيدىغانلىقىنى شۇ سەۋەپتىن بۇ ھاقارەتنىڭ ئېغىر كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىدىكەن. دادىسى بىلەن نامرات بولسىمۇ بىر-بىرىگە يۆلەك ۋە ھەمرا بولۇپ ياشىغان شۇ ۋاقىتلارنىڭ، شۇ ۋاقىتتىكى تۇيغۇلارنىڭ ھازىرقى بەختىدىن نۇرغۇن ئارتۇقلىقىنى ھېس قىلىدىكەن.
بوۋاي كۈنسېرى ئاجىزلاپ كېتىپتۇ .بالىلىرى خىزمەت بىلەن ئالدىراشكەن،بوۋاي بىلەن پاراڭلىشالمايدىكەن.چۈنكى بوۋاي بەكلا چۈشىنىكسىز گەپلەرنى قىلىدىكەن. ئەمما ھەممىسى بوۋايغا كۆيۈنىدىكەن. ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسى تەل ئىكەن. بوۋاي بەكلا ياۋايىلىشىپ كېتىپتۇ .ئۇ باشقىلار بىلەن گەپلەشمەيدىكەن ، ئۇ تۇققانلىرىدىكى مېھرىبانلىقىنىڭ مەسئۇلىيەت ئۈچۈنلىكىنى بىلىدىكەن. بوۋاي ساناقلىق مىنۇتلىرىدا بولسىمۇ بىر مۇھىم نەرسىگە ئېرىشىشنى ئىزدەيدىكەن. ئەمما ئۇ نەرسە مەۋجۇت ئەمەسكەن. مەيلى بالىلىرى ياكى نەۋرىلىرى بولسۇن ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرىدىكەن ئەمما بوۋاينىڭ كىيىملىرىنى دادىسى يۆگىكىنى پۇرىغاندەك پۇرىمايدىكەن. ياخشى كۆرۈش ھەركەت-ئېغىزدا بولمايدىكەن.چۈنكى دادىسى بوۋايغا سېنى ياخشى كۆرىمەن دەپ باقماپتىكەن،ئۇنىڭ مىجەزىدىن بۇنداق دىيىشنى خالىمايدىكەن، بوۋاي ئاخىرقى مىنۇتلاردا ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ پەقەت دادىسىنىڭ مۇھەببىتى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپتۇ. ئەمما بۇ مەڭگۈلۈك مۇھەببەتنىڭ مەڭگۈلۈك ھىجرانغا ئايلانغانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ. بوۋاي بەكلا تۈگىشىپ كېتىپتۇ. ئۇ كۈنسېرى ئاجىزلاپ كېتىپتۇ.كېيىنچە تاماقتىنمۇ قاپتۇ.

بوۋاينى شۇنداق ھەسرەت توختىماي قىينايدىكەن. دادىسىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە بوينىغا ئېسىلىپ تۇتۇپ " جېنىم دادا،يالغۇز دادا ، مەن سېنى شۇنداق ياخشى كۆرىمەن " دىيەلمىگەنلىكىگە ،سەكرات پەيتىدە يالغۇز دادىسىنىڭ ئورۇق قوللىرىنى تۇتۇپ ئىلگىرى سۆيۈپ باقمىغان ئورۇق يۈزلىرىگە قانغۇدەك سۆيۈپ ھەمرا بولالمىغانلىقىغا ئۇنىڭ بېشىنى قۇچىغىغا ئېلىپ ئانىسىنىڭ يېنىغا ئۇزۇتۇپ قويالمىغانلىقىغا ئۆكۈنىدىكەن.ئەگەر شۇنداق قىلالىغان بولسا دادىسىنىڭ ئۆزىدىن تۈمەنمىڭ رازى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ،ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان ئوغلى ئۈچۈن بۇ ئالەمنىمۇ تېگىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. دادىسىنىڭ نامرات تاۋۇتىنىڭ ئالدىدا ھېچكىم ماڭمىغانلىقىغا ئۇنىڭ ھاياتلىقىدىلا ئەمەس،ئۆلگەندىمۇ يالغۇز كەتكەنلىكىگە ئۈنسىز يىغلايدىكەن.

بوۋاي ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا دادىسىدەك ياتالماپتۇ.چۈنكى ئۇنىڭ يېنىغا سېلىپ قويىدىغان دادىسىنىڭ كونا يوتقىنى يوق ئىكەن. دادىسى بولسا بالىسىنىڭ يۆگىكىنى پۇراپ يېتىپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.ئەمما بوۋاينىڭ پۇرىغىدەك ھېچنىمىسى قالماپتۇ. پەقەت ئاخىرقى دەملەردە بالىلىقتا قالغان مۇھەببەتنىڭ ئارزۇسىلا قاپتۇ،ھەسرىتىلا قاپتۇ........................شۇنداق مۇھەببەتلىك ھەسرەتلەر بىلەن ئاخىرى بوۋاي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ .

يۇرتتىكىلەر ئۇنى داغدۇغا بىلەن كاتتا ئۇزۇتۇپتۇ .نامىزىغا مىڭلىغان ئادەملەر قاتنىشىپ،ئۇنىڭ ئەلگە قىلغان خىزمەتلىرىنى باھالاپ "كاتتا ئادەمتى" دىيىشىپتۇ.
ئەمما بوۋايلا ئاخىرقى تىنىقىدا دادىسىنىڭ ھەقىقەتەن كاتتا ئادەملىكىنى ھېس قىلىپتۇ . خۇداغا يىغلاپ قىلغان بارلىق ياخشى ئەمەللىرىنى ، دادىسىغا بېغىشلاپتۇ.
مەخپى نەزىر-سەدىقىلەر قىلىپ ياش كەتكەن مەزلۇم ئانىسىنى ۋە يالغۇز كەتكەن بىچارە دادىسىنى جەننەتنىڭ ئىشىكىدە بولسىمۇ قۇچاغلىۋېلىشنى خۇدادىن تىلەپتۇ.

قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان.
Abdurehim ablathan
2008-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى

ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننىڭ يازمىلىرى
http://www.choghlan.com/munbar/Tags.asp?TagID=7
[ بۇ يازما otuken.cn تەرپىدىن2008-12-07 18:39دە قايت ]

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+10(ELSHER) ئالقىشلانغا ..
  • ياخشى باھا:+5(yigana2) ئىسىل
  • شەبنەم پۇلى:+20(dil-rus)
  • ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    بۇرۇنقى زاماندا،ئورخۇن-سېلىنگا دەريا ۋادىلىرىدا پايانسىز ئورمانلىرى بىلەن ،چەكسىز بەرىكەتلىك يېشىل يايلاقلىرىنى ،ھەيۋەتلىك ئىگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدىغان ئاجايىپ بىر زىمىن بولغان ئىكەن .بۇ جايدا ياشايدىغان باتۇر خەلىقلەر ،خۇدادىن ئۆتۈنۈپ ئېرىشكەن ئانا تۇپرىقىنى «ئۆتۈكەن» دەپ ئاتايدىكەن.
                      www.otuken.cn
                    دەرسلىك ماتىرياللىرى 
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-07 18:25 |
    makanqi
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 61979
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 223
    شۆھرەت: 224 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 669 سوم
    تۆھپە: 23 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 195(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-29

     

    ئاللاھ ئۇلۇغ،جەننەتنىڭ ئىشىكى ئىمانلىق،ئاللاھقا سادىق ياخشى بەندىلەرگە ئېچىقلىقتۇر.
    ئىشقىلىپ ھەرقانچە يامان ئىش قىلساقمۇ دوزاق بىلەن جەننەتنى ئويلاپراق ئىش تۇتىلى،
    بىزنى بۇدۇنيادىن خوشلىشىپ بارار جايىمىز ئەنە ئەشۇ يەرلەر..

    ھەقىقىي مىسۋاك
    ھاياتنىڭ لەززىتى ئۇنىڭ ئەگرى-توقايلىقىدا!
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 18:33 |
    xjaks
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 63866
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 137
    شۆھرەت: 638 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 721 سوم
    تۆھپە: 9 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 382(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    مەن  نىمە دىيشمىنى بىللەمدىم،،،لىكىن بۇ پانىى ئالەمدىكى  جەننەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى چۇشەندىم....ئەي قىرىنداشلار ئاتا-ئانىمزنى قەدىرلەيلى،
    ئاتا ئۇلۇغ،ئانا مىھرىبان....  

    ئەزىز بوۋاق
    ياخشى ئادەم ئولسىمۇ ياخشى نامى ئۆچمىگەي
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 18:40 |
    Malik
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 65994
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 171
    شۆھرەت: 171 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2420 سوم
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 275(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

      ئېسىل  تېمىكەن `~~~ھارمىغايسىز````

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    مەن ئەڭ ئېسىل.....
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 18:43 |
    manan
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23055
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 765
    شۆھرەت: 766 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7498 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 535(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-29

     

    نادىر تېمىلىرىڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىغاي .

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 18:52 |
    torch
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 66572
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4
    شۆھرەت: 4 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 40 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 60(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-26

     

    قالتىس تېمىكەن ،رەخمەت!!!     

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 19:06 |
    yultuz121
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 62771
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 60
    شۆھرەت: 61 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 600 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 138(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    、、ئاھ خۇدا ،ئۆزەڭ بار،ناھايىتى ياخشى تېمىكەن ،رەخمەتسىزگە ،رەسىملىك دەپ رەسىم بەرمىگىنىڭىزگە ئەجەپلەنمىدىم،چۈنكى ھەممىنى كۆرگەندەك بولدۇم،
    بىراق «رەسىمىلىك»دىگەن سۆزنى يەنىلا ئۆچۈرۋەتسىڭىز ياخشى بولامدىكىن دەيمەن ،
    ئاخىرىدا يەنىلا رەخمەت،تېمىڭىزغا كۆپـتىن كۆپ رەخمەت،

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 19:14 |
    MANXUNDAK
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 67012
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 7
    شۆھرەت: 7 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 60 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-09

     

    مەندەك ئاتا- ئانىسى ئۇلۇپ كەتكەنلەرنىڭ كۆز يېشى قىلىشى ئۈچۈنلا يېزىلغان تېمىكەنغۇ بۇ ،ھەي تەنھالىق

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 19:23 |
    ARISLAN.A
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 33712
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 211
    شۆھرەت: 212 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 979 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1074(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    رەسىملىك دېسىڭىز راستىنلا كىشىنى جەلىپ قىلىدىكەن!

    بۇ تېمىنى ئوقۇپ ئۇ بوۋايغا قول قويدۇم،بالا دېگەن شۇنداق بولسا!

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 19:28 |
    kurkum2002
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 15631
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 143
    شۆھرەت: 144 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1435 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 386(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    بەكمۇ تەسىرلەندىم، ئادەمنىڭ قەلب تارىنى چەككىدەك ھىكايىكەن...

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 19:40 |
    @mikrim@
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 64269
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 71
    شۆھرەت: 72 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 710 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 158(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-27

     

    راسلا ياخشى تېما ئىكەن،ھارمىغايسىز. دىمىسىمۇ ھازىرقى زاماندا «ياندىكى ھېسىپنىڭ قەدىرى يوق» دەپ ئاتا-ئانىنىڭ قەدىرىنى قىلمايدىغان پەرزەنتلەر بەك جىق،بۇ تېمىنى ئوقۇپ بولسىمۇ «پۇشماننى ئالغىلى قاچا يوق»لىغىنى ھەممە ئادەم چۈشەنسىكەن دەيمەن.ئۇلۇق اللا ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغاي!ھەر بىر پەرزەنت بولغانلارنىڭ ئىنساۋىنى ئۇلۇق اللادىن تىلەيمەن.

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 19:44 |
    WAPADAR-0992
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 62286
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 41
    شۆھرەت: 42 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 410 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 79(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-29

     

    بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تېمىكەن .رەھمەت سىزگە

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 19:51 |
    aHSaYaXa
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 65330
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 40
    شۆھرەت: 40 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 300 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 269(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-26

     

    راسلا بەك ياخشىكەن  
    ئوقۇۋىتىپ تاش قالدىم يىغلىۋەتكىلى

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 20:25 |
    佳吾兰
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 61225
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 732
    شۆھرەت: 733 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7340 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 117(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    يوللىغان تېمىڭىزغا رەخمەت.

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 20:54 |
    kaisar330
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 64763
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2
    شۆھرەت: 2 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 20 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 60(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-14

     

    رەخمەت!ماڭا بەك تەسىر قىلدى.يىغلاپ كۆزۈممۇ قىزىرىپ كەتتى!     

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 21:47 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
    XabnamBBS » جاھاندىكى ئىشلار
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:12-30 19:11, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ