ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 405 ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە 1  < ئەركىن سىدىق > پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

arman@
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 27639
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 158
شۆھرەت: 159 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1580 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-10

 ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە 1  < ئەركىن سىدىق >


ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە

ئەركىن سىدىق
2008-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى

بۇ ناھايتى ياخشى تىمىكەن كۇرۇپ بېقىڭلار

مەن ئىمكانقەدەر كۆپرەك نەرسە ئۆگىنىۋېلىش ئۈچۈن ئۆز كەسپىم بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق سېمىنارلارغىمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قاتنىشىشنى ئۆزۈمگە ئادەت قىلىۋالغان بولۇپ، شاڭخەيدە ئوقۇغان بىر يىل، ياپوندا ئوقۇغان ئىككى يېرىم يىل، ۋە ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيانقى 20 يىلنىڭ ھەممىسىدە بۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم. بولۇپمۇ مەن 2004-يىلى 1-ئايدا ھازىرقى ئىدارەمدىكى ئىشقا كىرگەندىن بۇيان، بۇرۇنقىغا پەقەتلا ئوخشىمايدىغان، «كىشىلىك تەرەققىيات» (ئىنگلىزچە «personal development» ياكى «personal growth») قا ئائىت سېمىنارلارغىمۇ خېلى كۆپ كىرەلەيدىغان بولدۇم. بىزنىڭ ئىدارىدىكى سېمىنارلار ۋە ئىدارىدىكى ھەممەيلەن ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىنلارنىڭ ھەممىسى ئىدارىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتنىشىدىغان پائالىيەتلەر بولۇپ، مەن ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى بىلەن ئۇلارغا ئىمكانقەدەر تولۇق قاتنىشىشقا تىرىشىپ كەلدىم. يالغۇز 2008-يىلى بىر يىلنىڭ ئىچىدىلا ئادەمنىڭ مېڭىسىگە ئائىت بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سېمىنارلاردىن جەمئىي ئۈچىگە قاتناشتىم. ئىدارىمىزنىڭ بۇنداق سېمىنارلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتى پەقەت بىرلا. ئۇ بولسىمۇ، ئىدارىمىزدىكى خادىملارنى ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ئىش ئۈنۈمىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزى ئارزۇ قىلغان خىزمەت دەرىجىسىگە ئۆسۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.

مەن ئالدىنقى ماقالەمدە «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» ۋە مېڭە بىلەن بەدەننىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالدىم. مۇشۇ ئۇقۇملارغا ناھايىتى يېقىن بولغان يەنە بىر ئۇقۇم بار. ئۇ بولسىمۇ، ئادەملەرنىڭ مېڭىسىنىڭ ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭىدىن ئىبارەت ئىككى پارچىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىدىن ئىبارەت. مېڭە ئىشلىتىش ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىققا قاراپ، ئادەملەرنى مۇنداق ئۈچ خىلدىكى ئادەملەرگە ئايرىش مۇمكىن: سول مېڭىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغانلار، ئوڭ مېڭىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغانلار، ۋە ئىككىلا مېڭىسىنى ئوخشاش دەرىجىدە ئىشلىتىدىغانلار. مەن بۇرۇن بۇ ھەقتە بەزى گەپلەرنى ئاڭلىغان، بەزى نەرسىلەرنى ئوقۇغان بولساممۇ، ئۇلارغا دېگەندەك قېتىرقىنىپ دىققەت قىلىپ كەتمىگەن ئىكەنمەن. پەقەت يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئۈچ سېمىنارلارغا قاتنىشىش ئارقىلىق مۇشۇ ھەقتە بىر قىسىم سىستېمىلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. ھەمدە بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپرەك نەرسىلەرنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن، بوش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ، بىر ئاز ئىزدىنىپ، بىر قىسىم ماتېرىيال يىغدىم. مەن ھازىر ئۆزۈم ئىگىلىگەن بىلىملەر ئاساسىدا ئۆزۈمنىڭ مېڭە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئاستا-ئاستا چۈشىنىشكە باشلىدىم. ئۇشبۇ يازمامدا مەن ھازىرغىچە توپلىغان ماتېرىياللارغا ۋە ئىگىلىگەن بىر قىسىم بىلىملەرگە ئاساسەن، سول مېڭە بىلەن ئوڭ مېڭە توغرىسىدىكى ئاساسىي ئۇقۇملارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئوتىمەن. مەن بىلىمەن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ھازىر قانداق قىلىپ ئاچ قالماسلىق، يالىڭاچ قالماسلىق، ئويسىز قالماسلىق ئۈچۈن تىرىشىپ-تىرمىشىۋاتىدۇ. مىللەتنىڭ ئەڭ چوڭ غەم-قايغۇسى قانداق قىلىپ مىللىي مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ھازىرچە بىر قىسىم كىشىلەرگە ئانچە كېرىكى بولماسلىقى تۇرغانلا گەپ. لېكىن، ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئاساسلىقى ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر، مەسىلەن، ئەمەل ئەھلى، ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى، مائارىپچى، زىيالىي، تەتقىقاتچى، يازغۇچى، شائىر، ۋە كومپوزىتورلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنى ئىلمىي ئاساستا قانچە تولۇق چۈشەنسە، ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى شۇنچە ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ سىستېمىلىق، تېخىمۇ ئىلمىي ۋە تېخىمۇ رەتلىك بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە بۇرۇنقىدىن ياخشىراق نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ نۇقتا ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم. ئادەم ياش ۋاقتىدا يەكۈنلەپ چىققان بەزى ئۇسۇل ۋە تەجرىبە-ساۋاقلار ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئۆمرىگە ناھايىتى زور پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. ياخشى ئۇسۇلنى كۆپرەك بايقىغانلار مۇۋەپپەقىيەتكە ئاسانراق ۋە كۆپرەك ئېرىشىدۇ. مەسىلەن، مەن بىلىۋال تور بېتى بىلەن ئۆتكۈزگەن يازما سۆھبەتنىڭ بىر يېرىدە، ئادەم بىر ئىشنى قىلىپ چارچىغاندا، ئۇ ئىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز باشقا بىر ئىشنى قىلسا، يەنىلا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدىم. ئۇشبۇ يازمامنى ئوقۇپ چىقسىڭىز، يۇقىرىقى ئىشنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالالايسىز. شۇڭا مەن ئۆز ئۆمرىدە ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پايدىلىنىشنى ئىستەيدىغان ھەر بىر قېرىندىشىمىزنىڭ بۇ يازمىنى كەم دېگەندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئىنگلىزچىدا «intuition» دېگەن بىر سۆز بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنگلىزچە لۇغەتتىكى مەنىسى «ھېچ قانداق ئىسپاتلاپ ھۆكۈم چىقىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرمەيلا، مەلۇم بىر پاكىت ياكى ھەقىقەت توغرىسىدا بىۋاسىتە ئېرىشكەن چۈشەنچە» ئىكەن. ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە ئىنتېرنېت لۇغىتى http://dict.yulghun.com دە بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «ھېسسىي تۇيغۇ» دەپ چۈشەندۈرۈلۈپتۇ. مەن ئۇشبۇ يازمامدا «intuition» دېگەن مەنىدىكى سۆزنى خېلى كۆپ يەردە ئىشلىتىمەن. لېكىن ماڭا نىسبەتەن «ھېسسىي تۇيغۇ» دېگەن سۆز بۇ ئىنگلىزچە سۆزنىڭ مەنىسىنى دېگەندەك تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغاندەك تۇيۇلغان بولغاچقا، ھەر قېتىم «تۇيغۇ» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەندە، كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرى يېرىم بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا «intuition» نىڭ مەنىسىنى ياخشىراق چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ئۇيغۇرچە سۆزنى بىلىدىغان ئوقۇرمەنلەر بولسا ئۇنى ماڭا ئېلخەت ئارقىلىق دەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىنگلىزچە «insight» دېگەن سۆزمۇ ھەم شۇنداق. ئۇنىڭ ئىنگلىزچىدىكى مەنىسى «مەلۇم بىر شەيئىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى توغرىسىدا ھېسسىي تۇيغۇ («intuition ») ئارقىلىق ھاسىل قىلغان چۈشەنچە» بولۇپ، يۇقىرىقى لۇغەتتە بولسا «پەرقلەندۈرۈش قابىلىيىتى، نەزەر دائىرە، كۆرگەن-بىلگىنى» دەپ چۈشەندۈرۈلۈپتۇ.

ئامېرىكىدا ئىنسان مېڭىسى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە يېزىلغان كىتابلارمۇ ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، دان پىنك ( www.danpink.com ) ئىسىملىك بىر مۇتەخەسسىس يازغان «بىر پۈتۈنلەي يېڭى قەلب» (ئىنگلىزچە « A whole new mind ») دېگەن كىتاب بار بولۇپ، بۈگۈن مەن ئاشۇ كىتابنى www. amazon. com تور بېتىگە كىرگۈزۈپ باقسام، مۇشۇ كىتابتىكى مەزمۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىتابلاردىن 2،359 دانىسى تېپىلدى. ئامېرىكىدا بۇ ھەقتىكى مەخسۇس ئايلىق ژۇرناللارمۇ بار. ئۇنىڭ بىرسى «ئىلمىي ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۆڭۈل ژۇرنىلى» (ئىنگلىزچە « Scientific American Mind Magazine »، http://www.sciam.com/sciammind/ ) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ئامېرىكىدا مەخسۇس ئوڭ مېڭىنىڭ كۈچىدىن قانداق پايدىلىنىش، ۋە ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۇسۇللىرى دېگەندەك مەزمۇنلاردا ھەر خىل كەسپىي ۋە باشقۇرۇش خادىملىرىغا تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بارىدىغان شىركەتلەرمۇ خېلى كۆپ ئىكەن. بىزنىڭ ئىدارىدە يۇقىرىقى ئۈچ سېمىنارلارنى ئېلىپ بارغانلارمۇ ئاشۇنداق شىركەتنىڭ ئادەملىرىدۇر.




1. ئىككى مېڭە، بىر بەدەن



كىشىلەر بىر بەدەندە ئىككى مېڭە بارلىقىنى ئەڭ ئالدى بىلەن بۇنىڭدىن 65 مىليون يىل ئىگىلىرى ياشىغان دىنوزاۋر (ئىنگلىزچە «dinosaurs») دا بايقىغان. ئىنگلىزچە « Tyrannosaurus Rex » دەپ ئاتىلىدىغان بىر دىنوزاۋر نىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 4 توننىدىن 6 توننىغىچە كېلىدىغان بولۇپ، بۇنداق چوڭلۇقتىكى بەدەنگە بىر مېڭە كىچىكلىك قىلىدىغان بولغاچقا، ياراتقۇچىمىز بۇ دىنوزاۋرغا ئىككى مېڭە بەرگەن ئىكەن. ئۇنىڭ بىرسى دىنوزاۋرنىڭ بېشىدا بولۇپ، بۇ مېڭە كۆرۈش، ئاڭلاش ۋە تۇغۇش خۇسۇسىيىتى (ئىنگلىزچە «procreative instinct») قاتارلىق سېزىملەرنى باشقۇرىدىكەن. يەنە بىرسى دىنوزاۋرنىڭ قۇيرۇقىدا بولۇپ، بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە يۆتكىلىش ۋە تاسادىپىي ھادىسىلەرنى كونترول قىلىش ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىكەن.

ياراتقۇچىمىز ئىنسانلارغا دىنوزاۋرنىڭكىگە ئوخشاش ئىككى مېڭە بەرمەي، پەقەت بىر مېڭە بېرىپ، بۇ بىر مېڭىنى ئىككىگە بولۇپ بەرگەن ئىكەن. شۇڭا ئىنسانلارنىڭ مېڭىسى سول يېرىم مېڭە بىلەن ئوڭ يېرىم مېڭىدىن ئىبارەت ئىككى پارچىغا بولىنىدۇ. سول مېڭىنىڭ رەڭگى كۆكۈشرەك بولۇپ، ئوڭ مېڭىنىڭ رەڭگى ئاق بولىدۇ. سول مېڭە بىلەن ئوڭ مېڭىنىڭ ئىنچىكە تۈزىلىشىدە بۇنىڭدىن باشقا پەرقلەرمۇ بار بولۇپ، بۇ «ئاناتومىيىلىك سىممېترىك بولماسلىق»، دەپ ئاتىلىدۇ. ئىنسان مېڭىسىنىڭ بۇ ئىككى پارچىسى پەقەت كۆرۈنۈش ۋە تۈزۈلۈشتىن بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولۇپ قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئويلاش ۋە بىلىش ئۇسۇلىمۇ بىر-بىرسىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. ھەمدە ئۇلارنىڭ فۇنكسىيىسىمۇ بىر-بىرىنىڭكىگە پەقەتلا ئوخشىمايدۇ. بۇ «فۇنكسىيىدە سىممېترىك بولماسلىق»، دەپ ئاتىلىدۇ.




2. ئىككى مېڭىنىڭ ئوخشىمىغان فۇنكسىيىلىرى



كىشىلەر «مېڭە ئۈستۈنلۈكى نەزەرىيىسى» دېگەن ئىلىم ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقىنىغا ھازىر نەچچە ئون يىل بولدى. بۇ نەزەرىيىنى ئىنگلىزچىدا « Brain dominance theory » دەپ ئاتايدۇ (مەن بۇ ساھەدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىزدىنىشنى ئىستەيدىغانلارغا ئوڭايلىق بولسۇن ئۈچۈن بۇ نەزەرىيىنىڭ ئىنگلىزچە ئاتىلىشىنىمۇ يېزىپ قويدۇم). بۇ ساھەدە ھازىرغىچە بايقالغان بىلىملەر مۇنداق بىر نەرسىنى ئىسپاتلاپ بەردى: ئىنسان مېڭىسىنىڭ سول ۋە ئوڭ تەرىپىدىن ئىبارەت ئىككى قىسمى ئوخشاش بولمىغان ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان رولنى ئۆتەيدۇ، ئوخشاش بولمىغان ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، ھەمدە ئوخشاش بولمىغان ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ. يەنى سول مېڭە بەكرەك لوگىكىلىققا ۋە سۆزلەرگە مايىل بولۇپ، ئوڭ مېڭە بولسا ھېسسىي تۇيغۇ بىلەن ئىجادكارلىق ۋە تەسەۋۋۇرغا باي كېلىدۇ. سول مېڭە گەپ-سۆزلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بولۇپ، ئوڭ مېڭە بولسا سۈرئەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. سول مېڭە بىر نەرسىنىڭ پارچىلىرى ياكى بۆلەكلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بولۇپ، ئوڭ مېڭە بولسا ئاشۇ پارچىلار ياكى بۆلەكلەردىن تۈزۈلگەن بىر پۈتۈنلۈك ھەمدە ئاشۇ پارچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئائىت ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. سول مېڭە بىر نەرسە ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بارىدۇ، ۋە ياكى بىر نەرسىنى پارچىلايدۇ. ئوڭ مېڭە بولسا نەرسىلەرنىڭ بىرىكمىسى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، ۋە ياكى بىر نەرسىنىڭ پارچىلىرىنى بىرلەشتۈرىدۇ. سول مېڭە بىر نەرسىنى ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپ بويىچە ئويلاشقا مايىل بولۇپ، ئوڭ مېڭە بولسا بىر نەرسىنى ئومۇميۈزلۈك ۋە بىرلا ۋاقىتتا ئويلاشقا مايىل بولىدۇ. سول مېڭە ۋاقىتقا باغلانغان بولۇپ، ئوڭ مېڭە بولسا ۋاقىتقا باغلانمىغان بولىدۇ.

سول مېڭە ئادەمنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى ئالاقىلىشىش پائالىيىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. شۇڭلاشقا بىرەر ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراشقا ئوخشاش سەۋەب تۈپەيلىدىن سول مېڭىسى زەخىملەنگەن ئادەمنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە ناچارلىشىدۇ. ئۇنداق ئادەمنىڭ ئېغىز ۋە قول ھەرىكىتىمۇ ئىنتايىن قىيىنلىشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بولقا بىلەن مىق قاقالماس بولۇپ قالىدۇ. ئوڭ مېڭە بولسا ئالاقىلىشىش بىلەن ئاساسەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، ئۇ تاشقى دۇنيادىن ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ۋە ئۇلارنى ئانالىز قىلىشتىن ئىبارەت ئالاھىدە ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. شۇڭا ئوڭ مېڭىسى زەخىملەنگەن ئادەملەر ھەر خىل مۇزىكىلارنى پەرق ئېتەلمەيدىغان، باشقىلارنىڭ چىرايىنى تونۇيالمايدىغان، ئالدىدىكى نەرسىنى تاپالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئوڭ مېڭىنىڭ بىر قىسمى بىز ئاڭلىغان سۆزلەرنى چۈشىنىشىمىزگە مەسئۇل بولۇپ، يەنە بىر قىسمى بولسا بىزگە ئۆزىمىز كۆرگەن نەرسىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. باشقا بىر قىسمى بولسا ئۆز ھەرىكىتىمىزنى پىلانلىشىمىزغا مەسئۇل بولىدۇ.

كىشىلەر مېڭىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىنى تەڭلا ئىشلىتىدىغان بولسىمۇ، كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ مېڭىنىڭ بىر تەرىپىنى ئىشلىتىشى يەنە بىر تەرىپىنى ئىشلىتىشىگە قارىغاندا سەل كۆپرەك ياكى ئازراق بولىدۇ. مانا بۇ «مېڭە ئۈستۈنلۈكى نەزەرىيىسى» نىڭ ئاساسلىق ئىدىيىسىدىن ئىبارەت. سۆزنى قىسقا ئېلىش ئۈچۈن، كىتاب ۋە ماقالىلەردە ئادەملەر بىر مېڭىسىنى يەنە بىر مېڭىسىگە قارىغاندا كۆپرەك ئىشلىتىدىغان ئادەملەرنى «سول مېڭىلىق» ۋە «ئوڭ مېڭىلىق» ئادەملەر، دەپ ئالىدۇ. ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ئادەملەر مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا بىر-بىرى بىلەن ئوخشىمايدۇ. بۇنى بىز ئادەملەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، دەپ ئاتايمىز. ئادەملەر ئەقىل-پاراسەت جەھەتتىلا ئەمەس، ئىقتىدارىنىڭ نامايەندىسى جەھەتتىمۇ بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ. بەزى ئادەملەر گەپ-سۆزلەردىن تەشكىل تاپقان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ناھايىتى قادىر بولسا، يەنە بەزىلەر ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان نەرسىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا قادىر كېلىدۇ. مانا بۇلار ئۇلارنىڭ سول مېڭىلىق ياكى ئوڭ مېڭىلىق بولۇشىدىن كېلىپ چىققان ئەھۋاللاردۇر.

سول مېڭىلىق ئادەملەرنىڭ مىساللىرىدىن ئادۋوكات، بوغالتىر ۋە ئىنژېنېر قاتارلىقلار بار. ئوڭ مېڭىلىق ئادەملەرنىڭ مىساللىرىدىن بولسا كەشپىياتچىلار، ئارتىس بىلەن مۇزىكانتلار ۋە مەسلىھەتچىلەر بار.

ئەسلىدە ھەر بىر ئادەم مېڭە ئىشلەتكەندە، مېڭىنىڭ بىر تەرىپىدىن يەنە بىر تەرىپىگە ئاسانلا ئۆتەلەيدىغان بولسا ئەڭ ياخشى بولغان بولاتتى. لېكىن، كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ئۆز مېڭىسىدىكى ئۈستۈنلۈكتە تۇرىدىغان تەرىپىدە بىردىن «راھەت رايونى» بار بولۇپ، ھەر بىر ئەھۋالنى مېڭىسىنىڭ ئۆزى ياخشىراق كۆرىدىغان بىر تەرىپىدە بىر تەرەپ قىلىدۇ. بولقا ئىشلىتىشكە ناھايىتى ئۇستا بىر ئادەم ھەممە نەرسىلەرنى بىر تال مىققا ئوخشىتىپ ئويلايدۇ. موزدۇز ئۇستام ھەممە نەرسىلەرنى بىر جۈپ ئاياغقا ئوخشىتىپ ئويلايدۇ. ماشىنا رېمونت قىلىشقا ناھايىتى ئامراق ۋە ناھايىتى ئۇستا بىر مېخانىك ھەممە نەرسىلەرنى بىر ماشىنىغا ئوخشىتىپ ئويلايدۇ. قىسقىسى، ئوڭ مېڭىلىك كىشىلەر بىلەن سول مېڭىلىك كىشىلەر شەيئىلەرگە ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن قارايدۇ. ئۆز مېڭىسىنىڭ مەلۇم بىر «راھەت رايونى»نىلا ئىشلىتىپ، باشقا قىسمىنى ئىشلىتىشكە زادىلا ئىنتىلمەيدىغان كىشىلەرنى مېڭە ئىشلىتىش جەھەتتىكى «ھۇرۇن كىشىلەر» دەپ ئاتاش مۇمكىن.

بىز بىر سول مېڭە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن دۇنيادا ياشايمىز. بۇ دۇنيادا گەپ-سۆز، ئۆلچەم ۋە لوگىكىلار ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئىجادچانلىقى، كۆڭۈل تۇيغۇسى، سېزىمى ۋە سەنئەتچىلىكى قاتارلىق يەنە بىر تەرىپى ئىككىنچى بىر ئورۇنغا قويۇلغان. مەسىلەن، 90 پىرسەنتتىن ئارتۇق كىشىلەر ئوڭ قوللۇق بولىدۇ. ئوڭ قولنىڭ ئۇششاق ھەرىكىتى سول مېڭىنىڭ پائالىيىتى بىلەن باغلانغان بولىدۇ. سول قولنىڭ ئۇششاق ھەرىكىتى بولسا ئوڭ مېڭە ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ. سول مېڭە كىشىلەر ياخشىراق كۆرىدىغان ئوڭ قولنى كونترول قىلغانلىقى، ھەمدە سۆزلەشنىمۇ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئالىملار «سول مېڭە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ» دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان. دەسلەپكى بىر مەزگىل ۋاقىتتا، كىشىلەر سول-قوللۇق ئادەمنىڭ مېڭە ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئوڭ-قوللۇق ئادەمنىڭكى بىلەن قارمۇ-قارشى بولىدۇ، دەپ قارىغان. لېكىن، كېيىنچە سول قوللۇق ئادەملەرنىڭ تەڭدىن تولىسى سۆزلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا يەنىلا سول مېڭىگە تايىنىدىغانلىقى بايقالغان. سۆزلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىن باشقا ئىشلاردا سول-قوللۇقلار بىلەن ئوڭ-قوللۇقلارنىڭ مېڭىسىدە قانداق پەرقلەرنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى تەتقىقات ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ.

بىر ئادەمنىڭ قايسى مېڭىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى شۇ ئادەمنىڭ گېنى بىلەن پىسخولوگىيىلىك ماسلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ. ھەمدە بىر ئادەمنىڭ قايسى مېڭىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى شۇ ئادەمنىڭ ئويلاش ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ئويلاش ئۇسۇلى بولسا، شۇ ئادەمنىڭ ماھارىتى، بىر ئالاھىدە خىلدىكى بىلىملەرنى توپلاشقا بولغان ھەۋىسى بىلەن ئىقتىدارى، ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيىسى، ئىش بېجىرىش سۈپىتى، ھەمدە شۇ ئادەمنىڭ باشقا ئادەم، پۇل، ماددىي مال-مۈلكى، تەبىئەت، ھەمدە ئۆزىنى قورشاپ تۇرغان باشقا بارلىق نەرسىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر مېڭىنىڭ ئىقتىدارى يەنە بىر مېڭىنىڭ بەدىلىگە تەرەققىي قىلىدۇ. يەنى، بىزنىڭ ئوڭ مېڭىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى تۇيغۇسىغا تايىنىپ ھەقىقەت ۋە پاكىتلار توغرىسىدا توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئىقتىدارىمىزنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. بۇ ئىنسانلار ئۈچۈن بىر ناھايىتى پايدىسىز ئەھۋالدۇر.


3. شائىرلارنىڭ مېڭە ئىشلىتىش ئۇسۇلى

نۇرغۇن ۋاقىتلاردا مېڭىنىڭ ئىككى پارچىسى ناھايىتى مەدەنىيەتلىك تام قوشنىلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار داۋاملىق ئوتتۇرا تامدىن بىر ئامال قىلىپ ئۆتۈپ، يەنە بىر تەرەپ بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىدۇ. تۆۋەندە مەن ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان ئىشلار توغرىسىدا بىر قانچە مىسال كۆرسىتىپ ئوتىمەن. ئوقۇغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە شېئىر يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار خېلى كۆپ. شۇنداق بولغاچقا، مەن گەپنى ئالدى بىلەن شائىرلاردىن باشلاي. كۆپىنچە كىشىلەر شېئىر يېزىش مېڭىنىڭ پەقەت بىر تەرىپىنىلا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. لېكىن، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. بىر پارچە شېئىر يېزىش جەريانى تۆۋەندىكىدەك مېڭە ئىشلىتىش باسقۇچلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. (1) شائىر ئالدى بىلەن ئوڭ مېڭىسىنىڭ كۈچى بىلەن بىر خىل ئىلھامغا ۋە بىر قىسىم ئوي-پىكىرگە ئىگە بولىدۇ. (2) ئىشنى سول مېڭىگە يۆتكەپ، تاپقان ئوي-پىكىرلەرنى رەتلەپ، بىر قەغەزگە ياكى كومپيۇتېرغا يازىدۇ. (3) ئىشنى ئوڭ مېڭىگە يۆتكەپ، شېئىرنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تۈزىتىپ چىقىدۇ. (4) شېئىرنى ئېلان قىلىپ بېرىدىغانلارنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىش ئۈچۈن، ئىشنى سول مېڭىگە يۆتكەيدۇ. (5) تەنقىدچىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئوي-پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئوڭ مېڭىگە يۆتكەيدۇ. (6) ئۆزىگە ھۇجۇم قىلغانلاردىن ئۆچ ئېلىش پىلانىنى تىزىش ۋە ئۇسۇلىنى تېپىش ئۈچۈن، ئىشنى يەنە سول مېڭىگە يۆتكەيدۇ.

ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئارىسىدا «ئەگەر يېزىلغان بىر ئەسەرنى بىر تۈپ دەرەخكە ئوخشاتساق، ھېسسىيات بىلەن ئىلھامنى ئۇنىڭ يىلتىزىغا ئوخشىتىش مۇمكىن» دېگەن سۆز بار. بۇ يەردىكى «ھېسسىيات بىلەن ئىلھام» نەدىن كېلىدۇ، بىلەمسىز؟ ئۇلار يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈلگەندەك ئوڭ مېڭىدىن كېلىدۇ. ئادەتتە سىزگە قاتتىق تەسىر قىلىدىغان بىر ئىش يۈز بەرگەندە، سىزنىڭ ئوڭ مېڭىڭىز ئەڭ ئاكتىپ بىر ھالەتكە كېلىدۇ. بۇنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە مۇنداق بىر ئەھۋالنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ: سىزنىڭ بىر ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىڭىز تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى. شۇنىڭ بىلەن سىز ئۇ كىشى توغرىسىدا بىر ئەسلىمە يازماقچى بولدىڭىز. ئەگەر سىز بۇ ئەسلىمىنى ئۇ كىشى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە يازسىڭىز، ئۇنى بىر يىلدىن كېيىن يازغانغا قارىغاندا ھەممە جەھەتتە جىق ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىسىز. ئوتكەن ھەپتە مېنىڭ بىر خىزمەتدىشىم ئىشخانامغا مېنى ئىزدەپ كېلىپتۇ. ئۇ 2008-يىلى 11-ئاينىڭ «دۇنيا رومان يېزىش ئېيى» ئىكەنلىكىنى، ئۆزىمۇ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، شەھەرلەر ئارا رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن، لوس ئانژېلىس يازغۇچىلار گۇرۇپپىسى تېخىمۇ كۆپ يازغۇچىلارغا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئەگەر مەن بىلىدىغان يازغۇچىلار بولسا ئۇنىڭغا دەپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى. بۇ پائالىيەتنىڭ بىر مەخسۇس تور بېتى بار ئىكەن: http://www.nanowrimo.org , ھەمدە ھازىرغىچە قايسى شەھەرنىڭ گۇرۇپپىسى روماننى ئەڭ كۆپ يازغانلىقىنى مۇنۇ تور بېتىدىن كۆرگىلى بولىدىكەن: http://www.nanowrimo.org/eng/wordcount_stats مەن پاراڭلار ئارا ئۇنىڭغا سول-مېڭە بىلەن ئوڭ-مېڭىنىڭ گېپىنى قىلسام، ئۇ «بۇ ئىشنى بىز ھەممىمىز بىلىمىز: ئادەم ئوڭ مېڭىسىدە ئويلاپ، سول مېڭىسىدە يازىدۇ،» دېدى. دېمەك، ئامېرىكىدىكى يازغۇچىلار ئۈچۈن بۇ ئۇقۇم ئانچە يات نەرسە ئەمەس ئىكەن. مەن قانداق قىلىپ ئوڭ مېڭىنى ئىشقا سېلىش، قانداق قىلىپ ئىلھام بىلەن ھېسسىياتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش توغرىسىدا مۇشۇ يازمامنىڭ ئاخىرىدا ئازراق توختىلىمەن.

مەن ھازىرغىچە ئۆز يازمىلىرىمدا مۇرەككەپ ياكى ئابستراكت ئۇقۇملارنى بىرەر مىسال ياكى ۋەقە ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ شەكىلنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئۆزۈم ئىزچىل تۈردە ھېس قىلىپ كەلگەن ئىدىم. لېكىن، ئۇنىڭ نېمىشقا ئاشۇنداق بولىدىغانلىقىنى ھازىرغىچە بىلمىگەن ئىدىم. ئەسلىدە كىتاب - ماقالە ئوقۇش سول مېڭىنىڭ پائالىيىتى بولۇپ، ئەگەر يازغان نەرسە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوي-پىكىر يۈرگۈزۈشىنى ئارىلاپ-ئارىلاپ سول مېڭىدىن ئوڭ مېڭىگە يۆتكەشكە مەجبۇرلىسا، ئۇ نەرسە ئوقۇرمەنلەرنى تېخىمۇ بەك قىزىقتۇرىدىغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇغان ماتېرىياللارنى چۈشىنىشىمۇ كۆپ ئاسان بولىدىكەن. يەنى يازغان نەرسىنىڭ ئىچىدىكى لوگىكا، ئانالىز ۋە سان-سىپىر ھېسسىيات، كەيپىيات، ئوخشىتىش، مۇبالىغە، چاقچاق، قىزىق پاراڭلار بىلەن ئارىلىشىپ كەلسە، ھەمدە پۇراق، تەم، ئاۋاز، شەكىل ۋە كۆرۈنۈش بىلەن باغلىنىشلىق بولغان نەرسىلەر بىلەنمۇ ئارىلىشىپ كەلسە، ئوقۇرمەنلەر ئېرىشەلەيدىغان ئۈنۈم كۆپ ياخشى بولىدىكەن. ئادەتتە بىر ئادەم قىزىقارلىق بولمىغان بىر نەرسىنى ئوقۇغاندا، ياكى ئوخشاش بىر ماتېرىيالنى ئۇزۇن ۋاقىت ئوقۇغاندا، ئۇنىڭ خىيالى ئاسانلا باشقا ياققا ئۇچۇپ كېتىپ، ئوقۇۋاتقان نەرسىدە نېمە دېيىلىۋاتقانلىقىغا ئەگىشىپ ماڭالماي قالىدۇ. بۇ سول مېڭىنىڭ ھەرپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، سىز ھەر بىر پاراگرافنى ئوقۇپ بولغاندا ئۆزىڭىزنى توختىتىپ، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ، ئۆز كۆڭلىڭىزدە بۇ جۈملە ياكى پاراگرافتا نېمىلەر دېيىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىكى قايسى مەزمۇن سىز ئۇچۇن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ۋە ئۇنىڭدىكى قايسى جۈملىلەرنى ئېسىڭىزدە ساقلىۋالسىڭىز بولىدىغانلىقىنى بىر قېتىم ئويلىۋېتىڭ. بۇ سىزنىڭ ئوڭ مېڭىڭىزنىڭ پائالىيىتى بولۇپ، مۇشۇنداق قىلىپ ماڭسىڭىز ئوقۇغان نەرسىڭىزدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلىنالايسىز.




4. يېڭىلىق يارىتىشچانلىق بىلەن ئوڭ-سول مېڭىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى



شائىرلارنىڭ سانى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلار ئىچىدە كەشپىياتچىلار ۋە يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنىڭ سانى بىر قەدەر ئاز. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئىچىدىن يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىغا پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن، مەن بۇ يەردە بىر مىسال ئېلىپ ئۆتەي. يېڭىلىق يارىتىشمۇ ئىككى مېڭىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدىغان ئىش بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر يېڭىلىق يارىتىشچانلىقنىڭ مۇنداق بەش باسقۇچىنى تېپىپ چىققان.
(1) تەييارلىق قىلىش (سول مېڭە پائالىيىتى): ئۇچۇر يىغىش، چوڭ مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىش، مەسىلىلەرگە ئېنىقلىما بېرىش، ۋە يەتمەكچى بولغان مەقسەتنى ئېنىقلاپ چىقىش.
(2) زېھىن بىلەن ھەرىكەتنى بىر ئىشقا مەركەزلەشتۈرۈش (سول مېڭە پائالىيىتى): ئۆز-ئۆزىڭىزگە تۇزۇم بېكىتىپ، قىلىۋاتقان ئىشىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ھەممە نەرسىلەرنى يوقىتىش، ھەمدە ھازىر دەرھال قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلارغا ئۆزىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈش.
(3) پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا ئاتلىنىش (ئوڭ مېڭە پائالىيىتى): قوشۇمچە ئەس-ھوشىنى ئىشقا سېلىپ، يىغقان نەرسىلەرنى بىرلەشتۈرۈش، ۋە يىغقان پارچىلارنى توغرا تەرتىپ بىلەن قۇراشتۇرۇش.
(4) تاسادىپىي ياكى تۇيۇقسىز ھاسىل بولغان چۈشەنچىدىن («insight») پايدىلىنىش (ئوڭ مېڭە پائالىيىتى): ئوڭ مېڭە پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىدە، ئادەم بەزىدە بۇرۇن ئويلىمىغان ياكى ئۈمىد قىلمىغان بىر چۈشەنچە ياكى ئىدىيە ھاسىل قىلىدۇ. كۆرۈنۈش، ئاۋاز، ۋە بىر ئەمىلى نەرسە توغرىسىدا بىۋاسىتە ئىگە بولغان چۈشەنچىلەرنى مۇتەخەسسىسلەرچە بىرلەشتۈرۈپ، قىلماقچى بولغان ئىشى توغرىسىدىكى چۈشەنچىنى بىر يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش.
(5) باھالاش (سول مېڭە پائالىيىتى): بارلىق ئامىللار ئۈستىدە ئانالىز يۈرگۈزۈپ، بۇ بىر ئۇقۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولامدۇ-يوق، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە بىر ئومۇميۈزلۈك باھالاش ئېلىپ بېرىش. ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ئىش ئېلىپ بارىدىغان قەدەم-باسقۈچلارنى پىلانلاپ چىقىش.

يېڭى نەرسە ئىجات قىلىش جەريانى ئۈچۈن ئىنگلىزچىدىكى «intuition» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىدىكى «ھېسسىي تۇيغۇ» بىلەن «insight» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىدىكى «چۈشەنچە» ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بۇ نەرسىلەر ئادەمنىڭ كاللىسىغا خۇددى بىر نۇر چاقنىغاندەك ئۇشتۇمتۇت ۋە ناھايىتى تەز سۈرئەتتە پەيدا بولۇپ، يەنە ناھايىتى تەز سۈرئەتتە ئادەمنىڭ كاللىسىدىن غايىب بولىدۇ. مەسىلەن، مۇنچىغا چۈشۈۋاتقاندا، ئاياق يىپىنى باغلاۋاتقاندا، ساقال ئېلىۋاتقاندا، ماشىنا ھەيدەۋاتقاندا، ۋە ياكى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياكى يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كېتىپ يېرىم ئۇيقۇلۇق ھالەتتە تۇرغاندا. بۇنىڭ سەۋەبى، ھېسسىي تۇيغۇ ئوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكىتىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئوڭ مېڭە ئادەم بەدىنى ئەڭ راھەت، ئەڭ بېسىمسىز ھالەتتە تۇرغاندا ئەڭ ياخشى ئىشلەيدۇ. بۇ خىلدىكى ھېسسىي تۇيغۇ كۆپىنچە ۋاقىتتا ئاساسسىز ۋە ئانچە قاملاشمىغاندەك تۇيۇلىدىغان بولغاچقا، سول مېڭە بۇنداق تۇيغۇغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى چىقىپ، ئۇنى باستۇرۇپ قويۇشقا تىرىشىدۇ. شۇنداق بولغاچقا ئاشۇنداق ھېسسىي تۇيغۇلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بولۇپ، ئۇلارنى ھەرگىز كۆڭلىڭىزدىن قاچۇرۇپ قويماسلىققا تىرىشىڭ.




5. چۈشتىن پايدىلىنىپ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش


ئەگەر چۈشىڭىزنى توغرا ئۆرۈشنى بىلسىڭىز، چۈشىڭىز بەزى چاغلاردا بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرەلەيدۇ. ئادەمنىڭ چۈشى لوگىكا ۋە ئەمەلىيەتكە ھېچ قانداق چېتىشلىقى بولمىغان ھالەتتىكى كۆرۈنۈش، ھېسسىيات ۋە سۈرەتلەشلەرگە ئىنتايىن باي بولىدۇ. ئالىملارنىڭ ئېنىقلىشىچە، ئادەم چۈش كۆرگەندە ئاساسلىقى ئوڭ مېڭە ئىشلەيدىكەن. ئوڭ مېڭە تەسەۋۋۇرغا ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا باي بولغاچقا، ئەگەر سىز كۆرگەن چۈشلىرىڭىزنى ئوبدان خاتىرىلەپ ماڭسىڭىز، ۋاقىتنىڭ ئوتىشى بىلەن بەزى بىر سوئاللىرىڭىزغا چۈشىڭىز ئارقىلىق جاۋاب تاپالايسىز. شۇڭا سىز ھەر كۈنى ئورنىڭىزدىن تۇرۇپلا بىرىنچى بولۇپ چۈشىڭىزنى ۋە كاللىڭىزغا كەلگەن باشقا بارلىق نەرسىلەرنى خاتىرىلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىڭ. شۇ ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئاڭ-سېزىمىڭىزدە ساقلىنىۋاتقان مۇھىم ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايسىز.

6. سىز سول مېڭىلىك ئادەم تۈرىگە كىرەمسىز ياكى ئوڭ مېڭىلىققىمۇ؟





ئەگەر سىز سول مېڭىلىك بولسىڭىز، مۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىسىز:
ھەممە نەرسىنى ئانالىز قىلىسىز، ھەمدە يېڭى بىر ئىدىيىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ئۇ ئىدىيىنىڭ توغرىلىغىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىسپات تەلەپ قىلىسىز.
مۇقىملىق بىلەن تەرتىپلىكنى ساقلايسىز.
قائىدە-تۇزۇم بويىچە ئىش قىلىشنى خالايسىز، ھەمدە تۈزۈلمىگە ماسلىشىسىز.
ئۆزلۈكىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن قارارلارنى ئانچە ياقتۇرمايسىز.
ۋاقتىڭىزنى پىلانلاشنى ياخشى كورىسىز.
تەۋەككۈلچىلىك قىلىشنى ياخشى كۆرمەيسىز.
ئەگەر بىر ئەھۋال توغرىسىدا قارار چىقارماقچى بولسىڭىز، ئۇ ئەھۋالنى ئىنتايىن كۆپ ئانالىز قىلىسىز. شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئەھۋال توغرىسىدا قارار چىقىرىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.
باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاۋاتقاندا، سىز زېھنىڭىزنى ئىشلىتىلگەن سۆزلۈكلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سۆزنىڭ تەلەپپۇزىغا ياكى ئىشارىتىگە كۆڭۈل بۆلمەيسىز.
ماتېماتىكىدا گېئومېتىرىيىگە قارىغاندا ئالگېبرانى ياخشىراق كورىسىز، باشقىلار بىلەن ئوينىغاندا كۆڭۈل ئېچىشقا قارىغاندا رىقابەتلىشىش ئىدىيىڭىز كۈچلۈكرەك بولىدۇ.
يەتمەكچى بولغان ئېنىق نىشانىڭىز بار بولىدۇ.

ئەگەر سىز ئوڭ مېڭىلىك بولسىڭىز، مۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىسىز:
تەسەۋۋۇرغا باي بولىسىز.
پەرەز ۋە مۇنتىزىم بولمىغان ھېسسىيات بويىچە ئىش كورىسىز.
ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئوتكەن ئىسپات تەلەپ قىلمايلا يېڭى ئىدىيىنى قوبۇل قىلىۋېرىسىز.
يېڭىلىقنى ھەمدە بارلىق غەيرىي نەرسىلەرنى ياخشى كورىسىز.
پىلانلىق ئىش قىلىش ئەمەس ئۆزىنى تۇتىۋالالمىغان ھالدا ئىش قىلىشقا ئامراق كېلىسىز.
بىر ئىش قىلغاندا كۆپ ئويلانمايلا قارار چىقىرىۋېرىسىز، بىر ئىشنى «مېنىڭ كۆڭلۈم تارتتى» دېگەن سەۋەب بىلەنلا قىلىۋېرىسىز.
تەۋەككۈلچىلىك قىلىشقا ئامراق كېلىسىز.
باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلارنىڭ بەدەن ھەرىكىتىگە، ھېسسىي تەلەپپۇزىغا ۋە باشقا ئىنچىكە كۆرسەتمىلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىسىز.
ئۇچۇر قوبۇل قىلغاندا زېھنىڭىزنى ئۇنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىغا مەركەزلەشتۈرىسىز.
سول كۆزلۈك كېلىسىز (خۇددى ئوڭ-قوللۇق ۋە سول-قوللۇق ئادەم بولغىنىدەك، ئادەملەر سول كۆزلۈك ۋە ئوڭ ئۆزلۈك دەپمۇ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئەگەر ئىنگلىزچە بىلسىڭىز، ھەمدە بۇ ساھەدە كۆپرەك نەرسىلەرنى بىلىۋېلىشنى ئىستىسىڭىز، http://www.sciencedaily.com/releases/2007/03/070323135954.htm نى كۆرۈپ بېقىڭ).
ماتېماتىكىدا ئالگېبراغا قارىغاندا گېئومېتىرىيىنى ياخشىراق كۆرىسىز.
رىقابەتتىن قورقىسىز.
سىزنى قانچە ئەركىن قويۇۋەتسە، ئىشنى شۇنچە ئۈنۈملۈك قىلىسىز.
ئويۇننى ھېچ بىر مەقسىتىڭىز يوق ھالدا پەقەت كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈنلا ئوينايسىز.

ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە(1)
ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە(2)

تېما تەستىقلىغۇچى : alxarap
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-07, 09:34

 

ھەقىقىي مىسۋاك
http://uyghurqa.blogspot.com
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-07 15:58 |
gitarqi
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 1480
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2633
شۆھرەت: 2710 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 16283 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 52 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 767(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

ناھايتى ياخشى تىمىدىن بىر نى يوللاپسىز  رەخمەت ............  ...
  

ئەزىز بوۋاق
مەن ئۆزۈمنى يوقاتتىم ،تاپالمىدىم ئاختۇرۇپ .
تەبئەتتىن ئىزدىدىم ،پىغان چىكىپ ئاھ ئۇرۇپ .
---------بۆرە _________
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 18:17 |
AYDEG
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 63074
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
شۆھرەت: 32 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 310 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-13

 

مەن بۇسۆزنى
«سىزىم، بىۋاستە سىزىم»دەپ چۇشەندۇرمەن.

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 20:09 |
dilarami
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 14271
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 285
شۆھرەت: 286 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2800 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 241(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 

رەھمەت، ئۆزۈمگە دىئاگنوز قويۇۋالدىم....

ھەقىقىي مىسۋاك
پەلەك چاقى تۈگمەنمۇ؟
ئۇن تارتامدۇ،ئادەممۇ؟...
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 20:45 |
AYDEG
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 63074
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
شۆھرەت: 32 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 310 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-13

 

يازمىڭزغارەخمەت .ماڭا بىر ئەقىل قوشۇلغابدەك بولدۇم.
مەن بېر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى .بۇيازمىىڭىزماڭا ئېلھام بولدى .بىراق مەسلە نەزىيە بىلەن ئەمىليەتنى قانداق بىرلەشتۇرۇش ؟
مەن بولسام سول  خەي .

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 21:00 |
佳吾兰
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 61225
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 618
شۆھرەت: 619 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6200 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 85(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 

يوللىغان تېمىڭىزغا رەخمەت.

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 21:00 |
rahbar
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 60158
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 267
شۆھرەت: 268 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2654 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 430(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

بۇنىمۇ بىلىۋالدۇق،ياخشى تىمىلار ئۈزۈلمىسۇن!

ئەزىز بوۋاق
ئىمان-ئىنساۋىمىز،ۋىجدان-غورورىمىز بىلەن ياشايلى!
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 22:12 |
uz-qak
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 64607
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 20 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 190 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

ياخشى تېما يوللىغىنىڭىزغا رەخمەت!ئالىم ئەركىن سىدىقنىڭ ئىزدىنىشلىرىگە بەركەتلەر ياغسۇن ...مىڭە بەدىنىمىزدىكى ئالاھىدە مۆجىزە ۋە قۇماندان...بۇ قۇمانداننىڭ بىلگەن ،كۆرگەنلىرنىڭ قانداق بۇلىشى ئوز نۆۋىتىدە بىر شەخسنىڭ قانداق بۇلىشىنى ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن بىر قەۋىمنىڭ قانداق بۇلىشىنى بەلگىلەيدۇ...يەنىلا  ئىلمى قاراش،مائارىپقا تاينىشتىكى  ئاجىزلىقلارنى يىڭىشىمىز ،ئەڭ مۇھىمى مۇشۇنداق پايدىلىق تەتقىقات نەتىيجىلىرنى ئوقۇپ چۈشنەلەيدىغان،ھەم قوللۇنالايدىغان ساپا ھازىرلاش مۇھىم...

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-13 23:04 |
yolwas727
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 54541
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

تېمىقڭز ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن،رەھمەت.

ھەقىقىي مىسۋاك
ھاياتنىڭ پەيزى ئەگرى توقايلىقتا!
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 03:19 |
qalikux2
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 61626
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 349
شۆھرەت: 350 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3440 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 141(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

مەنمۇ مېڭەمىنى ئويغىتاي ~............................................

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 03:46 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » مائارىپ ۋە بىز
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:12-19 13:17, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ