ئالتۇننىڭ پوقىمۇ پارقىرايدۇ.
بىر تاغار ياڭاقنى ياڭاقچىلىك تاش چاقار.
“بوياقچى، بوياقچى”، دېسە ساقىلىنى بوياپتۇ.
بۆرىنىڭ خىرس قىلىشىدىن، تۈلكىنىڭ ھىجايغىنى يامان.
چاشقاننىڭ ئۆلگۈسى كەلسە، مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىنى چىشلەر.
--- چەرچەندە ئېشەك ئۆلۈپتۇ --- دېسە،
--- ئۆپكىسىنى مەن قويغان --- دەپتۇ.
چۈجىنىڭ شۇملۇقىدىن، توخۇنىڭ ئەمچىكى يوق.
دوزاققا ئۆگەنگەن كۆڭۈل بېھىشكە كۆنەلمەپتۇ.
دۈشمەن سىرىڭنى ئوغرىلايدۇ؛
دوست خاتايىڭنى توغرىلايدۇ.
ئېقىلسىز باشنىڭ دەردىنى پۇت تارتىدۇ.
گېلىمدىن ئۆتكىنى غەنىيمەت، ئاغزىمدا گۇمانىم بار.
“ھارما”، دېسە ھاپاش بوپتۇ، “تېچمۇ”، دېسە بالاغا قاپتۇ.
ھارۋىنى ئات تارتىدۇ،
كۆلەڭگۈسىنى ئىت.
ھىلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ ئىچىدىن سېرىقى چىقماس.
ئىككى قوچقار ئۈسۈشكەندە بۆرىنىڭ قورسىقى ئاچىدۇ.
ئىشىك ئوچۇق بولسىمۇ سوراپ كىر!
--- ئىسراپچىلىق نەدە؟
--- پېشانىسى تەرلىمىگەن يەردە.
كېرەكسىز نەرسە ئەرزان بولسىمۇ قىممەت.
كىرىشتىن ئىلگىرى چىقىشنى ئويلا!
كۆتۈرەلمىسەڭ سالگىلىتىۋال.
مۈشۈك گۆشكە بويى يەتمىسە، “روزى تۇتتۇم”، دەر.
مۈشۈك ئۇخلىسا چۈشىدە چاشقان كۆرىدۇ.
نەسىھەت ئاچچىق، مېۋىسى تاتلىق.
ئۆتمەس پىچاق قول كېسەر.
ئۆيگە ئوغرى كىرگەندە، ئىتنىڭ سىيگۈسى كېپتۇ.
ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە!
ئۆيۈڭدىكى ئەھۋالنى قوشناڭدىن سورا.
پەلەككە ئالدىنىپ، خەمەكسىز قاپتۇ.
پەشنى كېسىپ، يەڭنى ياماپتۇ.
پىچىقىڭ ئىتلىك بولسا، ياغاچنىڭ قاتتىقى يوق!
پىلانسىز ئىش --- قېلىپسىز خىش.
پوققا چالما ئاتساڭ، ئۆزۈڭگە چاچرار.
قارغا بىلەن دوست بولساڭ، يېيىشىڭ پوق.
قازاننىڭ گۇۋاھچىسى چۆمۈچ.
قول قولنى يۇسا، قول بېرىپ يۈزنى يۇييىدۇ.
قول يەتمىگەن شاپتۇل “ئاچچىق”.
شامالنىڭ ئالدى قويۇن،
جېدەلنىڭ ئالدى ئويۇن.
سۈت ئىچىپ ئېغزى كۆيگەن قېتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر.
تاز تازنى كۆرسە بېشى قىچىشىپتۇ.
تېكە بولسىمۇ سۈت بەرسۇن.
تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق!
تۇغماس خوتۇن شۈمەك يىغىپتۇ.
ياغاچنىڭ قىممىتى ياغاچچىنىڭ ھۈنىرىدە.
تەييارلىغۇچى:----- I. N. Aptap
مەنبەسى:ئاپتاپ تور تۇراسى
http://almiliq.googlepages.com/home