ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 884 ـ ئوقۇرمىنى
kyb5
ئۆمۈرلۈك شەرەپ
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 28934
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 190
شۆھرەت: 205 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1940 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 852(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 يۇرەك سانجىغىنى ئۈنۇملۇك داۋالاش

3§. يۈرەك سانجىقى
تۇنۇش:
يۈرەك مۇسكىلىنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان قان تۇمۇرلار كىرەكلىك قاننى قۇبۇلقىلىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى تۈپەيلىدىن، يۈرەك مۇسكىلىغا قان يىتىشمەي، يۈرەك ساھەسى تۇتقاقلىق، شىددەتلىك ئاغرىش بىلەن بىرگە نەپەس سىقىلىش، قورقۇش بىلەن بىرگە بەدىنى ئاجىزلار ھۇشىدىن كىتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىندىغان كىسەللىك كۆپۇنچە دەسلەپتە ۋۇجۇتقا كەلگەن ھۆل ئىسسىق ياكى قۇرۇق سۇغۇق مىزاج ئادەملەردە كۆپ كۆرلىدۇ.
سەۋەبى:
يۈرەك سانجىقى كەلتۈرۈپ چىىقىرىدىغان سەۋەپلەر كۆپ يەنى ھەرخل ھەزىم بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك كىسەللەر  كۆپ غەم-ئەندىشە قىلىش ،كۆپ ھاراق ئىچىش، كۆپ جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، ھەرخىل يۈرەك كىسەللىكلىرى، رىماتىزىم، چوڭ-كىچىك بۇغۇملار ئاغرىش قاتارلىق بەدەننىڭ دەسلەپكى مىزاجغا ماس بولمىغان غەيرى ئامىللار بەدەن ۋە يۈرەكنىڭ  دەسلەپكى مىزاجىنىڭ ئۆزىگە كىرەكلىكىنى قۇبۇل قىلىپ تۇلۇقلاش،  ئۆزىگە ۋاختىنچە بىكىرىكىنى چىقىرىپ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇپ باشقىلارنى تەمىنلەش، ئۆزىگە كىرەكسىزنى قۇبۇلقىلماي قايتۇرۇش كۈچىلىرىنى ئاجىزلىتىشتىن سۇددە پەيدا قىلىش سەۋەپلەرنىڭ ھەممىسى يۈرەك سانجىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالامىتى:
يۈرەك مىزاجىنىڭ KYB5 كۈچلىرىنىڭ تۇلۇق بولماسلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، يۈرەك ساھەسى تۇتقاقلىق سانجىلىپ ئاغرىيدۇ. تۇتۇش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەتتە بىر ئىككى مىنۇت ياكى 10~15 مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ. كىسەل تۇتۇش ۋاقتى ئۇزۇن، ئاغرىش كۈچلۈك بولغاندا، بىمارنىڭ يۈرەك ساھەسىنى بىر نەرسە بېسىۋالغاندەك يۈرەك قاتتىق ئاغرىيدۇ, ئاغرىش سول مۇرە ،سول يۇقۇرقى بىلەكنىڭ ئىچكى تەرپىدىن تاكى نامسىز بارماق ۋە چىمچىلاق بارماققىچە تارقىلىش بىلەن ئاغرىقنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن بىمار قۇسىدۇ، تەرلەيدۇ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ. كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ، مۈچلىرى سۇۋۇيدۇ. تومۇرى ئاجىزلايدۇ. ئېغىرلاشقاندا نەپەس قىيىنلىشىپ ھاياتىغا خەۋپ يىتىدۇ.
داۋالاش ئۇسسۇلى:
يۈرەك مىزاجىنىڭ KYB5 كۈچلىرىنى  كۈچەيتىپ راۋانلاشتۇرۇشقا قايتا چارە قىلىنىدۇ بىمارنى ياخشى ئارام ئالدۇرۇش بىلەن بىرگە يۈرەك ساھەسىگە خۇش پۇراق ئەتىر چېچىلىدۇ.
بابۇنى گۈلى،ئاق لەيلى گۈلى12گىرامدىن دورىلارنى خالتىغا سېلىپ قىززىتىپ يۈرەك ئۇدۇلىغا قۇيۇلىدۇ.
تانىكار، زەرچىۋە،12گىرامدىن، دورىلارنى يۇمشاق سۇقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئاق سەندەل ئەرىقىدىن 30مىللىلىتىر بىلەن قۇشۇپ، قازانغا سېلىپ، قىزىتىپ، يەرلىك ئۇرۇنغا قۇيۇلىدۇ. زۆرۈرىيەت تېپىلغاندا كىلىزما قىلىندۇ ياكى دورا سۈيىدە پۇت-قولى يۇيۇلىدۇ.
كۆڭۈل ئىلىشىش ئېغىر بولسا، ئاغرىق پەسەيگەندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىسسىق سۇغا 50 مىللىلىتىر ئەتراپىدا سىركە قۇشۇپ قۇستۇرلىدۇ.
قىزىلگۈل شەربىتىدىن 48 مىللىلىتىر ياكى دىنار شەربىتىدىن 48 مىللىلىتىرغا 120مىللىلىتىر ئەرەقى گۈلنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئازراق ئېلىپ ئىچىشكە بىرىلىدۇ.
يەل سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا، كىرەكسىز يەلنى ھەيدەپ چىقرىش ئۆچۈن بەدىيان بەش گىرام، ئەپتىمۇن ئۇرۇقى، رۇم بەدىيان ئۈچ گىرامدىن، بۇ دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇغا چىلاپ سۈزۈپ، سۈيىگە 48مىللىلىتىر دىنار شەربىتى ياكى 48 گىرام گۈلقەنىت ئارىلاشتۇرۇپ يەتتە گىرام جاۋارىش كۇمۇنى بىلەن بىرگە ئىچىشكە بىرىلىدۇ.
ھەببى كەبىردىن كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئىككى تالدىن تاماقتىن كېيىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىشكە بىرىلىدۇ.
ئۈچ قۇشۇق ئەجىب ئەرەقى بىلەن 10مىللىلىتىر ئەبرىشىم شەربىتى قۇشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.
ھىڭدىن 1. 0 گىرامنى بىردانە ئۇرۇقى ئىلىنغان قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ ئىچىگە سېلىپ يېيىشكە بېرىلىدۇ.
ئاغرىقنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن بىمار ھۇشىدىن كەتكەن بولسا بىر گىرام جەدۋارنى قىزىل گۈل ئەرەقىگە چىلاپ، گالغا تېمىتىلىدۇ .
ئاق سەندەل ئۈچ گىرام، ئىپار ، زەپەر بىر گىرامدىن، ئەرەقى گۈل 60مىللىلىتىر.دورىلارنى ئەرەقلەرگە چىلاپ بىمارغا پۇرىتىلىدۇ.دارچىن ئىككى گىرام، ئۇد بىلسان، ئېگىر، زۇرۇمبات، مەستىكى ئۈچ گىرامدەن، دورىلارنى قىزىل گۈل ئەرەقىگە چىلاپ يەرلىك ئورۇنغا سۈركىلىدۇ.
ئەگەر بۇ كېسەل سوزۇلما خاراكتېرگە ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسا:
داۋائىل مىشكى مۆتىدىلدىن بەش گىرام ياكى خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىردىن بەش گىرامنى كۈنىگە ئىككى قېتىم يېيىشكە بىرىلىدۇ.يۈرەكنىڭ ئاجىزلىشى كۆرۈنەرلىك بولسا 1. 0 گىرام ئەنبەر بىلەن 1. 0 گىرام ئىپارنى قايناق سۇ بىلەن ئۈچ-تۆت كۈنگىچە ئىچىشكە بېرىلدۇ.مۇپەررىھ ئەئىزەمدىن بەش گىرام ياكى مۇپەررىھ ياقۇتتىن بەش گىرامنى 120مىللىلىتىر قىزىلگۈل ئەرەقى بىلەن قۇشۇپ ئىچىشكە بىرىلىدۇ.
ھەببى خاسنى ھەر كۈنى ئىككى قېتىم، بىر دانىدىن تاماقتىن كېيىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.ئۇشەقتىن ئۈچ گىرامنى بىلسان يېغىدىن 36مىللىلىتىرغا ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا داكىنى چىلاپ يەرلىك ئۇرۇنغا قۇيۇلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
تەستە ھەزىم بولىدىغان يەل پەيدا قىلىدىغان، غىدىقلىغۇچى يىمەك-ئىچمەكلەردىن، مەسىلەن قېنىق دەملەنگەن چاي، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىشتىن، غەم- ئەندىشە قىلىش، قورقۇش، ئاچچىقلىنىش، ياڭيۇ، ئۈندۈرمە، ماش، ياغدا پىشۇرۇلغان تاماقلارنى ئىستىمال قىلىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش لازىم.
غىزاسى:
ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يىمەكلىكلەردىن پاقلان گۆشى شورپىسى، كاكچا نان، بولكا، تۇخۇ گۆشى شورپىسى قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىشىقا بېرىلىدۇ.
[ بۇ يازما kyb5 تەرپىدىن2008-12-07 12:38دە قايتا تەھ ]

يانفون قوڭغۇراقلىرى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-07 11:07 |
axin
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 41821
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 115
شۆھرەت: 116 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1140 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 596(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

تىمىڭىزغا رەھمەت.
ئەمدى بىر ئۇيغۇرتىبابەت كەسپى خادىمى بۇلۇش سۇپۇتىمىز بىلەن ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرساق قانداق؟


1-يۇرەك سانجىقى كىسەللىكىگە بەرگەن تەبىرىڭىز سەل ئەمىلىيەتتىن يېراق بۇلۇپ قالدىمۇ قانداق؟ بەدەن ئاجىزلاش ،ھۇشۇدىن كىتىش ئەمىلىيەتتە يۇز بەرمەيدىغان ئالامەت.
2- ئاغراش ۋاقتى بولسا بىرمىنۇتتىن3 مىنۇتقىچە بۇلۇدۇ، ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىرى يۆرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى دەرىجىسىگە بېرىپ قالدۇ.
3-نەپەس قيىنلىشىپ ھاياتىغا تەتىھى يىتىدىغان دەرىجىسىدىكى يۆرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بۇلۇدۇ، يۆرەك سانجىقى ئۇ دەرىجىگە بارمايدۇ ، شۇ دەرىجىگە بىرىپ قالسا ئۇ يۆرەك مۇسكۇل تىقىلىمىسى بۇلۇدۇ.
4-يۇرەكنىڭ KYB5دىگەن ئۇيغۇرتىبابىتىدىكى قايسى قۇۋەت، قايسى روھقا تەۋە نەرسە؟؟؟

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى

payqeki.com
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 12:30 |
axin
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 41821
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 115
شۆھرەت: 116 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1140 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 596(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

يەنە بىرسى ئۇدى غەرقى ، ئىگىز دىگەن قاداق دورا؟؟

ئەزىز بوۋاق

payqeki.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 12:31 |
kyb5
ئۆمۈرلۈك شەرەپ
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 28934
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 190
شۆھرەت: 205 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1940 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 852(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

ئاشىن ئەپەندى، سىز ئۇتغۇرتىبابەت چىلىكتىن قىلچە خەۋىرىڭىز يوقدەك گەپقىلىپ سىز ،ئەلبەتتە شۇنداق يۇرەك سانجىغى دىگەن يۇرەك ئاتىريە سىپازمىلىنىپ ، تۇسلۇشتىن يۇرەك مۇسكىلىغا  قىسقا ۋاقىت قان يىتىش مەي يۇرەك سانجىغى3 قىسقىسى مىنۇتتىن يۇقۇرۇسى 15مىنۇتقىچە تۇتىدىغان كىسەلىك  .
ئادەتتە يۈرەك مۇسكىل تىقىلمىسىدا 3ساەتتىن 4ساەتكىچە تۇتىدۇ.
يۇرەك سانجىغىدا، يۇرەك مۇسكىلىغا قانيىتىش مىسە يۇرەكنىڭ بەدەننى قان بىلەن تەمىلىشى تۇلۇق بولمىغاچقا بەدەن ئاجىزلاش ،ھۇشۇدىن كىتىش ئالامەتلىرى بۇلىدۇ. مەن كىسەل داۋالاش جەريانىدا يۇرەك سانجىغىنىڭ ئۇ ئالامەتلىرىنى دايىم ئۇچرۇتۇپ تۇرمەن سىز يۈرەك سانجىغى توغرىسىدا كىتاپ كۈرۇڭ.
[ بۇ يازما kyb5 تەرپىدىن2008-12-13 13:52دە قايتا تەھ ]

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 13:01 |
kyb5
ئۆمۈرلۈك شەرەپ
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 28934
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 190
شۆھرەت: 205 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1940 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 852(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

بۇتىمىنىڭ يۇرەك سانجىغى بىمارلىرىغا نىسپىتەن ئەھمىيىتى يۇقۇرى.

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-13 13:42 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك تەتقىقاتى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:12-19 14:23, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ