>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
XabnamBBS -> مەشھۇر شەخىسلەر -> ئۇيغۇر ئايال دوكتۇرىمىز -رەيھانگۈل بەكتۇر خانىم

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 2962 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئۇيغۇر ئايال دوكتۇرىمىز -رەيھانگۈل بەكتۇر خانىم IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
diki-dikkang
يازما يوللاش ئۇستىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 465
شۆھرەت: 484 نۇمۇر
پۇل: 4471 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:195(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئۇيغۇر ئايال دوكتۇرىمىز -رەيھانگۈل بەكتۇر خانىم

دوكتور، ئىنجېنېر رەيھانگۈل بەكتۇر



www.biliwal.com ئۆز يازمىسى: ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئاز، لېكىن شۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ تەپسىلىي پاراڭلىشىپ باقسىڭىز ھەر بىرسىنىڭ بىر كەچتە سۆزلەپ تۈگىتەلمىگۈدەك، سىزنى زوق سېلىپ ئاڭلاتقۇزغۇدەك ھېكايىلىرى، كەچۈرمىشلىرى، تىرىشىش يوللىرى بار.
ئادەم ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئادەملەرنىڭ ھېكايىلىرىنى بەك ئاڭلاپ كەتمەيدۇ ۋە ياكى بەك قىزىقىپ كەتمەيدۇ. لېكىن دەل ئۆزى قىلىۋاتقان بىر ئىشنى باشقا بىرسىنىڭ ئۆزىدىنمۇ ئاشۇرۇپ قىلغانلىقىنى، قىلغاندىمۇ بەك چىرايلىق قىلغانلىقىنى كۆرسە، ئاڭلىسا قىزىقىپ سۈرۈشتۈرىدۇ. كەمتەر ئادەم بولسا ئۇ ئادەمگە زوقلىنىدۇ، ئاپىرىن ئوقۇيدۇ.


ئۇنداق بولمىسا يەنە سۈرۈشتۈرۈپ باقىدۇ. ئەگەر ئۇ ئادەم ئامېرىكىدا بولسا يەنە "ئۇ ئامېرىكىدا بولغاچقا شۇنداق قىلالاپتۇ، مەن بولغان بولساممۇ قىلالايتتىم" دەپ ئۆزىنى ئالدايدۇ. لېكىن ئۇ سىزنى ھەيران قالدۇرغان ئادەم سىز بىلەن بىر دەريادىن سۇ ئىچىپ بىر ھاۋادىن نەپەس ئېلىۋاتقان بولسىچۇ؟
مەن(Jeck) ئوتتۇرا مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغان. ئۇ ۋاقىتلاردا ئارزۇيۇم بەك چوڭ ئىدى. ئالىي مەكتەپنى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئۇنىڭدىن يۇقىرىسىنى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇسام دەپ ئويلايتتىم ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. كېيىن بىلدىمكى، مەن قىزىقىدىغان ساھەدە ئامېرىكىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېت خارۋارد بىلەن MIT ئىكەن. ئۆزۈمچە ياخشى تىرىشتىم دەپ ئويلايتتىم. لېكىن ئالىي مەكتەپتە ئالغان نومۇرۇم چىڭخۇانىڭ قوبۇل قىلىش سىزىقىغا يېقىنمۇ كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنىڭ نومۇرىغا ماس كەلگەن مەكتەپكە باردىم. شۇنداقلا يەنە مېنىڭ بۇنداق يۇقىرى نومۇر ئالالماسلىقىم يالغۇز مەندىكى مەسىلە ئەمەس، خوتەن نامرات، خوتەننىڭ مائارىپى مۇشۇنداق قالاق بولغاچقا، مەندىمۇ ئامال يوق دەپ ئويلىدىم. لېكىن يېڭى سىنىپقا كىرگەندىن كېيىن بىلدىمكى ئەسلىدە ئىش ئۇنداق ئەمەسكەن. خوتەنگە ئوخشاش نامرات جايلاردىن كەلگەن، مەندىن بىرەر يۈز نومۇرنى يۇقىرى ئېلىپ ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەن بالىلاردىنمۇ بار ئىكەن. ئۇلارنى بەلكىم ئىمتىھاندا بوش قويۇۋەتكەن بولسا كۆچۈرۈپ ئالغاندۇ دەپ يەنە تەن ئالمىدىم. لېكىن بىللە ئوقۇش جەريانىدا مەلۇم بولدىكى، ئۇلار ھەقىقەتەن مەندىن قابىلىيەتلىككەن. دېمەك، شۇ ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ئارقىلىق شۇ ۋاقىتتا يەكۈنلىدىمكى، ئادەم بىر نىشانغا يېتىمەن دېسە، شۇنداقلا ئۇ نىشانغا تىرىشىش ئارقىلىق يەتكىلى بولسا، نامراتلىق، رايونلار پەرقى ھەل قىلغۇچ سەۋەب بولالمايدىكەن. بىز پەقەت ئۆزىمىزگە ھەر خىل سەۋەب ئىزدەپ ، تەن ئالماي، باھانىنى باشقىلارغا دۆڭگەپ ئۆزىمىزگە تەسەللى تاپىدىكەنمىز. كېيىن ئىچكىرىگە كىرگەندىن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەردىمۇ ئۇيغۇرلار بار ئىكەن. ئۇلارنى سۈرۈشتۈرۈپ باقسام، نامرات جايلاردىن كەلگەن بالىلارمۇ خېلى بار ئىكەن. ماڭا ئوخشاش باشقىلار مەن قىلالمىغاننى قىلىپتۇ. ئىچىمدە قايىل بولدۇم.

ئۆتكەن يىلنىڭ 8-ئايلارنىڭ ئاخىرلىرى بولسا كېرەك. ھازىرقى مەكتىپىمدىكى بىر نەچچە خەنزۇلار بىلەن كەچتە بىللە بولۇپ قالدىم. گەپ ئارىلىقىدا بىرسى مېنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى بىلىپ پاراڭلاشقىلى كېلىپتۇ. جىق سۆزلەپ كەتتى، بەزى گەپلەردىن كېيىن "ئۇيغۇرلارنى مەن كاۋاپچى بىلەن ئوغرى بولىدۇ دەپ ئويلايتتىم، لېكىن بۇ كۆز قارىشىم يېقىندا ئۆزگەردى" دېدى. "قانداق بولۇپ شۇنداق بولدى" دەپ قىزىقىپ سورىدىم. ئۇ دېدىكى، ئۇ ھازىرقى مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە ئېلېكتر ئىنجېنېرلىقى كەسپىنىڭ مىكرو دولقۇن، رادىئو تېخنىكىسى بويىچە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيدىكەن. ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىسى بىر يىللار بۇرۇن كولورادودا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا رادىئو تېخنىكىسى بىرلەشمىسىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا بىر ماقالە يوللىغان بولۇپ، ئۇ ماقالىگە كۆپ كۈچ سىڭدۈرۈپتۇ. ئۇ يىغىندا يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇنغان ئىلمىي ماقالىلىرى ئىچىدە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇلار چوقۇم مۇشۇ مۇسابىقىدە نەتىجە ئالىمىز دەپ چوڭ ئىشەنچ بىلەن ئولتۇرۇپتىكەن. لېكىن كۈتمىگەندە ئۇلار نەتىجىگە ئېرىشەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن نەتىجىگە كىم ئېرىشكەندۇ دەپ ئاختۇرۇپ قارىسا، رەيھان ئىسىملىك بىرسىنى ۋە ماقالىسىنىڭ تېمىسىنى كۆرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىمدۇر دەپ ئىزدەپ بېقىش نىيىتىگە كېلىپ، Googleدىن ئىزدەپ ئۇنىڭ ماقالىسىنى كۆرۈپتۇ ۋە بۇ ماقالىنىڭ راستتىنلا ئۆزىنىڭ ماقالىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ماقالىنى تەپسىلىي ئوقۇپ باققۇسى كېلىپ، يەنە ئىزدەش جەريانىدا كۈتمىگەن يەردىن يەنە باشقا بىر ئۇلىنىش ئۇنى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېتىنىڭ "چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپداشلىرىنىڭ 2005-يىلى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە شەرەپلىرى" دېگەن يېرىگە ئاپىرىپتۇ. قارىسا، ئۇ ئوقۇغۇچى ئەسلى قىز بالا ئىكەن، چىڭخۇئا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغانىكەن، ئەڭ مۇھىمى ئۇ بۇرۇندىن "كاۋاپچى ۋە ئوغرى " دەپ قاراپ كەلگەن مىللەتتىن ئىكەن...

مۇشۇ گەپلەر بىلەن ئۇ بالا جىق سۆزلىدى، جىق پاراڭلاشتۇق. بۇ بالىمۇ ئەسلى چىڭخۇادا ئوقۇيمەن دەپ تىرىشىپ ئۆتەلمىگەن بالا ئىكەن، مەندىمۇ بۇرۇن ئوخشاش ھېس تۇيغۇلار بولۇپ باققان بولغاچقا، ئۇنىڭ ھەيران قالغىنىنى چۈشەندىم. شۇنداقلا يەنە گەرچە ئۇ قىزنى تونۇمىساممۇ، بۇ بالىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلاپلا ئۇ قىزغا قايىللىقىم ئاشتى. ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا Google بىلەن baiduدىن ئىزدەپ بىردەمدە ئۇ ئۇچۇرنى تاپتىم، ئۇ خەنزۇنىڭ دېگىنى پۈتۈنلەي راستكەن. ئادەم ئوخشاشراق بىر نەرسە بايقىسا سېلىشتۇرغۇسى كېلىدۇ. قارىسام ئۇ قىزمۇ جەنۇبتىن ئىكەن، 90-يىللارنىڭ رېئاللىقىدا جەنۇبتىكى ئىككى شەھەرنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى بەك چوڭ پەرق قىلىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. مەن كىرەلمىگەن چىڭخۇاغا ئۇ كىرىپتۇ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان كەسپىمىزمۇ ئوخشىشىپ قالىدىكەن، بۇ دەرسلەرنىڭ قانداقلىقىنى مەن ئوبدان بىلىمەن. مەن ئېشىپ كەتسە 80-90، بولمىسا 60-70 نى ئاران ئېلىپ ئوقۇغان، ئۇ قىزنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداقلىقىنى مەن بىلمەيمەن، لېكىن قاراپ باقسام، ئۇ قىزنى ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ئىمتىھانسىز ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىپتۇ. قانداق ئادەمنى ئىمتىھانسىز ئاسپىرانتلىققا ئالىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم. ئۇ قىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ دەسلەپتە موتورولا شىركىتىدە ئىشلەپتۇ، ئۆتكەن يىلى يازدا يۇتا شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى (Utah State ئۇنىۋەرسىتي) تەرىپىدىن ياردەمچى پروفېسسورلۇققا تەكلىپ قىلىنىپتۇ. ئامېرىكىدا تۇرۇپ باققانلار بىلىدۇكى، ئامېرىكىدا باشقا خىزمەت تېپىش ئاسان بولغان بىلەن رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان ئالىي مەكتەپتە پروفېسسورلۇق خىزمىتى تېپىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. بۇنىڭغا مەن بىر ئىشنى مىسال ئالىمەن. ئۆتكەن يىلى يازدا مەن ئوقۇۋاتقان فاكۇلتېتمۇ بىر ياردەمچى پروفېسسورلۇق ئورنىغا ئىلتىماس قوبۇل قىلدى. ئۇ ۋاقىتتا مەن تېخى يېتەكچى ئوقۇتقۇچى تاللىمىغان بولغاچقا، بۇ ئىشقا ھەر ۋاقىت نەزەر سېلىپ تۇردۇم. چۈنكى ئەگەر مەن قىزىقىدىغان يۆنىلىشتىكى ياخشى ئادەم كېلىپ قالسا، شۇنى يېتەكچى ئوقۇتقۇچى تاللاش نىيىتىممۇ بار ئىدى. 2 ئاي ئىچىدە جەمئىي 40 تەك ئادەم ئىلتىماس قىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 20 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە پروفېسسورلارمۇ بار. لېكىن مۇتلەق كۆپچىلىكى شۇ يىل ئەتراپىدا پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزدەۋاتقانلار. ئەڭ مۇھىمى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن MIT (Massachuséts تېخنىكا ئىنستىتۇتى)، Harvard, Caltech

(كالىفورنىيە تېخنىكا ئىنستىتۇتى)، Berkéléy ، كولومبىئا دېگەندەك ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر ئىدى. ئاخىرى شۇلارنىڭ ئىچىدىن MIT نى پۈتتۈرگەن، ھابىل تېلېسكوپىدا ئىشلەپ ياخشى نەتىجە قازانغان بىرسىنى ئالدى. ھازىرقى بار پروفېسسورلارنىڭ ئارخىپىغا قارىساممۇ، ھەممىسى ئاساسەن ئامېرىكىدىكى ئالدىنقى 10 داڭلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر. دېمەك، ئامېرىكىدا ئالىي مەكتەپتە پروفېسسورلۇق خىزمىتىگە ئېرىشىش ئاسان ئەمەس. بەزىدە مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ قورقۇپ قالىمەن، بۇ داڭلىق مەكتەپنىڭ بالىلىرى ھەممە يەرنى ئىگىلىۋالسا، كېيىن بىزلەر پۈتتۈرسەك نەگە بېرىپ خىزمەت تاپارمىز دەپ. رىقابەت ئىنتايىن كۈچلۈك. مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپ بىلەن رەيھانگۈل ئىشلەۋاتقان مەكتەپنىڭ ئامېرىكىدىكى دەرىجىسى ئاساسەن پەرقلەنمەيدۇ، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ شۇ ئورۇنغا ئىلتىماس قىلغاندا، ئۇ يەرگىمۇ نۇرغۇنلىغان شۇنداق قابىلىيەتلىك ئادەملەر ئىلتىماس قىلغان بولۇشى چوقۇم. لېكىن ئاخىرى رەيھانگۈل تاللىنىپتۇ. بۇلارنى ئويلاش ئارقىلىق ئۇ قىزغا بولغان قايىللىقىم تېخىمۇ ئاشتى ۋە ئالاقىلىشىپ باققۇم كەلدى. ئۇ قىزنىڭ فاكۇلتېتىدىن ئاسانلا ئادرېسىنى تېپىپ ئاددى قىلىپ خەت يازسام ئەتىسى ئەتىگەندىلا قايتۇرۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئالاقىلەردە ئۇ قىز توغرىلىق تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. ئانا تىلنى مەندىنمۇ ياخشى سۆزلەيدىكەن. ناھايىتى كەمتەر، چىقىشقاق قىز ئىكەن. ئۇ قىزنىڭ تەرجىمىھالىغا قاراپ بۇنداق ئوقۇغان قىزلار كىتابتىن باشقىنى بىلمەيدىغان كېلىدۇ دەپ ئويلىغانتىم. كېيىنكى ئالاقىلەردىن ھېس قىلدىمكى، ئۇ قىز ئەدەپ، قائىدە يوسۇنلارنىمۇ شۇنداق ياخشى بىلىدىكەن. شۇڭلاشقا بۇ قىزنى كەڭ قېرىنداشلارغا تونۇشتۇرغۇم، تەشۋىق قىلغۇم كېلىپ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىمۇ ئېتىزلىققا ئوت ئالغىلى، ئۆيدە تاماق ئېتىپ كىر-قات يۇغىلىلا سالماي، تەلپەك بىلەن بىرنى سالسا يىقىلىپ كەتمىسە ئەرگە بېرىۋەتمەي، ئالاھىدە بولمىسىمۇ نورمال ئوقۇش، ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرسەك، ئۇلارنىڭ بىز ئەركەكلەردىنمۇ ياخشى نەتىجە قازىنالايدىغىنىنى ئىسپاتلاپ بەرگۈم كېلىپ، بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. قېنى ئەمدى ئۇ قىزنىڭ ئۆزى بىلەن تونۇشايلى.

بۇ قىزنىڭ ئىسمى رەيھان بەكتۇر (رايھان باكتۇر)، ئاقسۇدا تۇغۇلۇپ، 18 يېشىدا ئالىي مەكتەپكە ئۆتكىچە شۇ يەردە ئۆسۈپ چوڭ بولغان. باشلانغۇچنى ئىككىنچى باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئوتتۇرا مەكتەپنى 2- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1992-يىلى دۆلەتلىك ئىمتىھاندا خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىيلار ئارىسىدا شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى بولۇپ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكتر ئىنجېنېرلىقى كەسپىگە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. دەسلەپتە بىر يىل مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەييارلىق ئوقۇپ، 1993-يىلى چىڭخۇئا ئۇنىۋېرسىتېتىدا رەسمىي ئوقۇش ھاياتىنى باشلىغان. 1998-يىلى ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، مەكتەپ تەرىپىدىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە ئىمتىھانسىز ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا كۆرسىتىلىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇغان. 2000-يىلى يازدا ئوقۇش پۈتتۈرۇش دىسسېرتاتسىيىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئامېرىكىنىڭ كلېمسون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكتىر ئىنجېنېرلىقى كەسپىگە دوكتور ئاسپىرانت بولۇپ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن قوبۇل قىلىنىپ، 8-ئايدا ئامېرىكىغا كەلگەن. ئۇ كەسپىي تەتقىقات جەھەتتە ياخشى ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەن بولۇپ ، 2005-يىلى بىرىنچى ئايدا ئۇنىڭ بىر پارچە ئىلمىي ماقالىسى ئامېرىكىنىڭ كولورادو شىتاتى بۇۋىلدىر (Coloroda Boulder) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا رادىئو تېخنكىسى ئىلمىي بىرلەشمىسى يىغىنىدا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. Googleدىن ئىزدىگەن ماتېرىياللاردىن مەلۇمكى، رەيھانگۈلنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىق خەۋىرى ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن.

ئادرېسى http://www7.nationalacademies.org/bisonews/Winter_2005_News.html

يەنە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بېتىدە، مەكتەپنى تونۇشتۇرغان يېرىنىڭ "چىڭخۇئا ئۇنۋېرىسىتېتى مەكتەپداشلىرىنىڭ 2005- يىلى قولغا كەلتۈرگەن شەرەپلىرى" دېگەن يېرىدە رەيھانگۈلنىڭ بۇ نەتىجىسىنى چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پەخرلىك نەتىجىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭ ئادرېسى تۆۋەندىكىچە:

http://join-tsinghua.edu.cn/bkzs ... 19&boardid=1301

ئادەمنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن، بولۇپمۇ نوپۇزلۇقلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىقى تەس. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى تىلغا ئېلىپ پەخرلەنگۈدەك ئىش قىلالىغان بىر ئۇيغۇر قىزىدىن بىزلەرمۇ ئەلۋەتتە پەخرلىنىشىمىز كېرەك. يەنە بىر يېرى، رەيھانگۈلنىڭ يۇتا (Utah) شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى تور بېتىگە قويۇلغان تەرجىمھالىدا ئۇ باكالاۋرلىق ئوقۇشىنى چىڭخۇادا ئوقۇپ، ماگىستېر ئاسپىرانتلىقنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئوقۇغان. لېكىن چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى باكالاۋر ۋە ماگىستېرلىقنى بىزدە ئوقۇغان دەپ يېزىپ قويۇپتۇ.

رەيھانگۈل ئامېرىكىدىكى ئوقۇش جەريانىدا ئوقۇشتىن سىرت يەنە مەكتەپنىڭ ھەرخىل پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان. 2003-يىلى ئۇ مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار بايرىمى (International Festiva)da)دا جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ (Chinese Student Association) ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرى كۆرگەزمىسى ( Uyghur fashion show) تەييارلاپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. شۇ ۋاقىتتىكى رەسىم مەكتەپنىڭ كېيىنكى يىللىق تەشۋىقات ماتېرىيالىنىڭ باش بېتىگە قويۇلۇپ تارقىتىلغان.

رەيھانگۈل 2005-يىلى 5-ئايدا ئوقۇشنى غەلىبىلىك تاماملاپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن موتورولا شىركىتىگە RF ئىنجېنېرى بولۇپ تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلىگەن . 2006-يىلى 3-ئاينىڭ بېشىدا ئۇتاھ)Utah( شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ياردەمچى پروفېسسور (Assistant پروفەسسور) لۇققا تەكلىپ قىلىنغان ۋە يازدا لوگان)Logan'ge(گە كۆچۈپ كېلىپ شۇ يەردە ئىشلەۋاتىدۇ.

دوكتور رەيھانگۈلنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى ئاساسلىقى ئېلېكتىر ماگنىت ئىلمى (Electromagnetics)، ئانتېننا (Antennas)، مىكرو دولقۇنلۇق توك يولى لايىھىلەش (Microwave Circuit Design) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇ فاكۇلتېتتا ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى ( Electromagnetics)، مىكرو دولقۇن ( Microwave) قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈۋاتىدۇ. ھازىر بىر دوكتور ئاسپىرانت، بىر ماگىستېر ئاسپىرانت ئۇنىڭ تەربىيىسىدە. 2007-يىلى ئۇ يەنە بىر دوكتور ئاسپرانت قوبۇل قىلماقچى. بۇ يەردە قىستۇرۇپ ئۆتۈپ قويىدىغىنىم شۇكى، ئەگەر مەكتەپنىڭ ئوقۇشقا كىرىش شەرتنى ھازىرلىغان، كەسپى توغرا كەلگەن ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىگە قىزىقىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بولسا ، رەيھانگۈلنىڭ بەكمۇ قوبۇل قىلغۇسى بار. بۇنى ئۇ بىر نەچچە قېتىم ئېيتقان.

رەيھانگۈل يەنە ئىشتىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى، بولۇپمۇ دالا پائالىيەتلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. تاغقا چىقىشنى، سەيلە قىلىشنى، يەنە كىلاسسىك مۇزىكا كېچىلىكلىرىگە بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئېسىدە چىڭ ساقلايدىغان ۋە ئۆزىنىڭ پائالىيتىگە سىڭدۈرگەن كۈچلۈك كۆز قاراشلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. مېڭە ئاكتىپ بولۇشى ئۈچۈن ئاۋال تەن ئاكتىپ بولۇشى كېرەك (person needs to be physically active to keep his or her mind active).
2. بىر ئادەمگە ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى ئۈمىد. ئەگەر سىز ئاكتىپ پوزىتسىيىدە بولسىڭىز ، نىشانىڭىز ئۈچۈن ئۈمىدلىك بولۇپ، قانداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى بىلسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئۈمىدلىك بولۇشىڭىزغا زور ياردىمى بار.

يەنە سوراپ بىلىشمچە، رەيھانگۈلنىڭ ئەسلى ئىسمى رەيھان گايىت بەكتۇر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى نەچچە يىللار بۇرۇن بەكتۇر دېگەننى فامىلە قىلىپ ئىشلىتىشنى قارار قىلغان. بەكتۇر دېگەن بەك تۇر، يەنە چىڭ تۇر، مۇستەھكەم تۇر، كۈچلۈك بول دېگەن مەنىلەردە. رەيھانگۈلنىڭ دادىسى ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئېتىقادى، ئىشەنچىدە چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىپ بۇ فامىلىنى قوللانغان ئىكەن.
.Dr. رەيھانگۈل بەكتۇرنىڭ ئالبۇمىنى توۋەندىكى ئۇلۇنىشتىن كورەلەيسىز:

http://www.biliwal.com/modules.p ... bnails&album=59

مەنبە: http://biliwal.com/GoogleTap_SG_article_1224.html

_____ مەسئۇل مۇھەررىر : جۇدا


ئۇيغۇر php تورى سىزنىڭ ياخشى تاللىشىڭىز!

زورىگۈل قۇتئال
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-04-13 13:50 چوققىغا قايتىش
ayturk
رەسىم يوللاش ئۇستىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 237
شۆھرەت: 248 نۇمۇر
پۇل: 2370 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:132(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئېسىل قىزكەن.ھەقىقەتەن پەخىرلەنگۈدەك. ئەسەرنىڭ ئاپتورى ( jeck )تۇرسۇنجاننىڭمۇ   ئامېركىدا مۇشۇنداق ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.    
        رەھمەت ئېسىل يوللانما يوللىغىنىڭىزغا.


شەبنەم تور تېلفونى - ئىشلىتىش قولايلىق ھەم ئەرزان !
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-04-13 14:17 چوققىغا قايتىش
mariya

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 120
شۆھرەت: 121 نۇمۇر
پۇل: 1200 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:45(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەلنىڭ پەخىرلىك قىزى دۇكتۇر ئېنجىنىر رەيھانگۈل بەكتۇر سىزنى قۇتلىقلايمىز
مەن سىزگە ھەۋەس قىلمەن   كۆز تەگمىسۇن قىرىندىشىم
ئەسەر ئەۋەتكەن قىرىندىشىمىزغا كۆپ رەخمەت


شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !

قكىىقسەايتۇيەىسۈىەۈ
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-04-13 14:53 چوققىغا قايتىش
turkbax

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 167
شۆھرەت: 167 نۇمۇر
پۇل: 1643 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:27(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-08-09

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مىللەتنىڭ پەخرىدە!!!   تېرىشىڭ ،خەلقىمىز سىزنى ئۇنۇتمايدۇ!!!


                                    بۈيۈك ئۇيغارىيە!!


شەبنەم تور تېلفونى - ئىشلىتىش قولايلىق ھەم ئەرزان !

★بۈيۈك ئۇيغارىيە →
                        ←گۈللە ئۇيغارىيە ★
 
 
★БУЙК ВАТАН★




[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-04-13 15:12 چوققىغا قايتىش
MILODIYA

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 282
شۆھرەت: 283 نۇمۇر
پۇل: 2820 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:105(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەھمەت ئېسىل يوللانما يوللىغىنىڭىزغا

ئۇيغۇر php تورى سىزنىڭ ياخشى تاللىشىڭىز!
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-04-13 15:32 چوققىغا قايتىش
sodiya0999
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 580
شۆھرەت: 581 نۇمۇر
پۇل: 5800 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:243(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەقىقى ئۇيغۇر قىزىدە ، دوكتورلوق كىيىمى نىمە دىگەن ياراشقان ، مانا بۇ ھەقىقى ئۇيغۇر قىزلىرى گۇزەللىگى ! بەك پەخىرلەندىم سىزدىن رەيھانگۈل خانىم ! اللە ھەممە ئىشىڭىزنى ئوڭ قىلغاي !
مۇشۇنداق ئېسىل تىمىنى بىزگە يوللاپ بەرگەن روزىگۈل سىزگىمۇ رەھمەت (كەچۇرۇڭ دىكى دىككاڭ دىگىم كەلمىدى)!


شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !

自然才是真
گۇزەللىك ئىزدىمە، ئۇسەندە

[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-04-13 15:51 چوققىغا قايتىش
saadat

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 451
شۆھرەت: 452 نۇمۇر
پۇل: 4510 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:186(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


سىزگە تېخىمۇ ئۇتۇق،بەخىت،غەيرەت تىلەيمىز!تېخىمۇ بەك غەيرەتتە تۇرۇڭ!

ئۇيغۇر php تورى سىزنىڭ ياخشى تاللىشىڭىز!

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك.بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-04-13 17:02 چوققىغا قايتىش
ALMAS
ئالاھىدە تۆھپە

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 98
شۆھرەت: 103 نۇمۇر
پۇل: 651 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:37(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2005-12-21

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەھمەت ياخشى يوللاپسىز~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

ئۇيغۇر php تورى سىزنىڭ ياخشى تاللىشىڭىز!
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-04-13 17:19 چوققىغا قايتىش
MUJAYIDIN

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 30
شۆھرەت: 30 نۇمۇر
پۇل: 219 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:7(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-06-28

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


اللە مەن شۇ قەدەر ھاياجانلىنىپ كەتتىم. تېخىمۇ تىرىشىپ مىللىتىمىزنىڭ كەلگۇسى سىلەر دەك تىرىشقانلارغا مەنسۇپ

ئۇيغۇر php تورى سىزنىڭ ياخشى تاللىشىڭىز!

?????????????
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-04-13 17:39 چوققىغا قايتىش
karmarwayit

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 269
شۆھرەت: 270 نۇمۇر
پۇل: 2690 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:57(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


شۇ   تاپتا   ھاياجانلانغىنىمدىن   ئۆزۈمنى بىسىۋالالماي   ئولتۇرپتۇمەن........................................
رەخمەت   سىزگ ە...............................


شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-04-13 21:03 چوققىغا قايتىش
xarkiya

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 66
شۆھرەت: 67 نۇمۇر
پۇل: 660 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:14(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ يوللانمىڭىز گە بەك رازى بولدۇم،داۋاملىق مۇشۇنداق نادىر يوللانمىلارنى يوللاپ تۇرۇڭ،مىنىڭ سىزگە بىر تەكلىۋىم باشقىلارنىڭ زىتىغا تەگمىگەن بولسىڭىز،ھەر كاللىدا ھەر خىيال. دىمەكچى بولغىنىم ئىسراپچىلىق.كۆپرەك ۋاقتىڭىزنى مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرىپ قىلىڭ.ئاتكاچىلىقىمنى كەچۈرۈڭ.

ئۇيغۇر php تورى سىزنىڭ ياخشى تاللىشىڭىز!
[10 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-04-13 21:05 چوققىغا قايتىش
xohkiz502

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 212
شۆھرەت: 213 نۇمۇر
پۇل: 2120 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:144(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-26

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەنمۇ شۇنداق قايىل بولدۇم مۇشۇ قىزغا، .ئۇ بەك غەيرەتلىك ئىكەن، مەن بۇ مەۋسۈمدە سەل ئىرادەم بوشاپ قالغان ئىدى،بۇنى كۆرۈپ شۇنداق خىجىلچىلىق ھىس قىلىۋاتىمەن، ئويلاپ قالدىم،خۇدا بىزنى مۇشۇ دۇنياغا ئوخشاش ياراتتى،ئۇمۇ ئۇيغۇر،مەنمۇ ئۇيغۇر،ئۇمۇ قىز،مەنمۇ قىز،نىمىشقا ئۇ قىلالىغاننى مەن قىلالمەيمەن،ئەمدى بىلدىم مەن ئەسلى بەك ئىرادىسىز،قانائەتچان ئىكەنمەن، بۇنىڭدىن كىيىن بۇقىزنى ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلىپ تېخىمۇ تىرىشىپ ئۈگىنىمەن!!!!! تىما ئگىسىگە رەخمەت!!!!!!

ئۇيغۇر php تورى سىزنىڭ ياخشى تاللىشىڭىز!


[11 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-04-13 21:34 چوققىغا قايتىش
tiniq-xamal

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 804
شۆھرەت: 839 نۇمۇر
پۇل: 6148 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:210(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ياخشى ئۇچۇر دېگەن مۇشۇنداق بولمامدۇ!!!!!!
مۇشۇنداق ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىرەك كۆرسە مىللىتىمىزگە بولغان ئىشەنچىسى كۆپرەك ئاچقۇسى


شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !

بىر نادان ساڭا ئۆگەتسە دانىش،
كۆلۈپ قويغىن ئاڭا، سەن قىلما كايىش،
ئىشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭگىراپ تاشلىشى
ئاتوم دەۋرىدىمۇ، تۇرمۇشتا بار ئىش.
[12 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-04-13 21:54 چوققىغا قايتىش
dil-rus
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1627
شۆھرەت: 1703 نۇمۇر
پۇل: 8489 سوم
تۆھپە: 40 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:407(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-05-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئاياللار ئۈچۈن بىر   ئەينەك   !   چاقنىغان   يۇتۇز .

ئۇيغۇر php تورى سىزنىڭ ياخشى تاللىشىڭىز!

      ئېسىڭدىن چىقىرىپ خوش بولساڭ مەيلى،
      ۋە لېكىن ئۇنتالماي چەكمىگىن ئازاب.
[13 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-04-13 22:41 چوققىغا قايتىش
MUK524

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 23
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 230 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:4(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-23

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەلنىڭ پەخىرلىك قىزى دۇكتۇر ئېنجىنىر رەيھانگۈل بەكتۇر سىزنى قۇتۇقلايمەن تىخىمۇ تىرىشىڭ خەلىق سىزگە مۇختاج

شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !

MUK524
[14 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-04-14 05:24 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:05-17 09:53, Gzip disabled eBay Eachnet