oyster
ھالىتى :
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 123
شۆھرەت: 126 نۇمۇر
پۇل: 1169 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:109(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-18
|
بۇ ۋەھشى ۋەقە راست بولغانمۇ ؟
تورداش دوستلار بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغانلار بارمۇ ، ئۆرۈمچىلىك دوستلار ئىچىدە بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغانلار بارمۇ ؟ بۇ ۋەقە زادى راست بولغانمۇ ؟ مەن بۇ ۋەقەنى ئۈرۈمچىگە دوختۇرخانىدا ياتقان تۇققۇنۇمنى يوقلاپ بارغاندا دوختۇرخانىدا ياتقاندا بىر نەچچە ئۈرۈمچىلىك بىمارلار قىلشىقان پاراڭدىن ئاڭلىغان ئىدىم . 3 يىل بولۇپتۇ . ھازىرغىچە ئىزچىل ئويلىنىمەن .زادى بۇ ۋەقە راستمۇ ياكى يالغانمۇ دەپ . بىلىدىغانلار بارمۇ ؟ مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ تېمامنى توغرا چۈشىنىپ مۇنبەرگە يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
مەن 2004 - يىلى مۇنداق بىر ۋەقە توغرىلىق ئاڭلىغان ئىدىم . ئۇ ۋەقەنىڭ راست ياكى راست ئەمەسلىكىگە ئىشەنچ قىلالمايمەن . ئەمما ھەر قېتىم بۇ ھىكايىنى ئويلىغاندا ئىچ - ئىچىمدىن جۇغۇلداپ كېتىمەن ... 2004 -يىلى يىل ئاخىرى ۋاقىتلار ئىكەن ، ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونىدا بىر ئائىلىلىكلەر بىناسىدا ئىككى خوشنا ئولتۇرىدىكەن ئۇلارنىڭ بىر ئائىلىلىكى تۇڭگان يەنە بىر ئائىلىلىكى ئۇيغۇر ئائىلىسى ئىكەن . بۇ ئىككى ئائىلە ئۇزۇن يىللىق خوشنىلار ئىكەن . ھەر ئىككى ئائىلىنىڭ ئوغۇللرى بىر مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن . ئەمما كېلىشمەسلىك يۈز بېرىپتۇ ، بىر كۈنى ئۇيغۇر ئائىلسىدىكى ئوغۇل بالا مەكتەپتە توپ ئويناۋېتىپ تۇڭگان خوشنىسىنىڭ بالىسىنى توپ ئويناۋېتىپ ناھايىتى قاتتىق يىقىتىۋېتىپتۇ ، تۇڭگان بالا شۇ يەردىلا بىر يىقىلىش بىلەن ئاغرىق ئىچىگە ئۆتۈپ كەتكەنمۇ قانداق ئۆلۈپ قاپتۇ ، ئۇيغۇر ئائىلسىدىكىلەر قانداق قىلارىنى بىلمەي تۇڭگان ئائىلسدىكىلەردىن كۆپ ئەپۇلار سوراپتۇ ، تۇڭگان بالىنىڭ ئاتا- ئانىسى ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن بولدى خۇدا بالىنى ئېپ كەتتى ، بەلكىم رىسقى شۇنچىلىكتۇ ، بىز سىلەرنىڭ ئوغلۇڭلاردىن ئاغرىنمايمىز دەپتۇ ، ئۇيغۇر بالىنىڭ ئاتا- ئانىسى كۆڭلى شۇنچىلىك يېرىم بولۇپتۇ ۋە شۇنداقلا تۇڭگان خوشنىسىنىڭ گەپلىرىدىن شۇنداق سۆيۈنۈپتۇ ۋە كۆڭلىدىكى گۇناھكارلىق تۇيغۇلىرى يېنىكلگەندەك بولۇپتۇ . ئارىدىن بىر نەچچە كۈنلەر ئۆتۈپ تۇڭگان خوشنىسى نەزىر قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇيغۇر خوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئولارنىڭ ئوغلىنىڭ ئىش - پىشلەرگە قارىشىپ بېرىشىنى سوراپتۇ . ئۇيغۇر خوشنىلار خوشاللىق بىلەن بولىدۇ دەپتۇ ، ئۇلار ئويلايدىكەن ئوغلىمىز ئاغىنىسىنىڭ روھنى خوش قىلسا ئەجەپ ئەمەس دەپ . ئۇ كۈنى ئۇ تۇڭگانلار نەزىر قىلىپ تۇققانلىرىنى ئاساسەن ئۇزۇتۇپ بولۇپ بۇ ئۇيغۇر خوشنىسىنى كەچكە يېقىن چاقىرىپتۇ . شۇنغىچە بولغان ۋاقىتتا ئۇيغۇر خوشنىلار ئوغلىنىڭ تېخىچە يوقلىغىدىن ئەنسىرىگەن بولسىمۇ ئەمما تۇڭگانلار ئائىلىسىگە كەلگەن مېھمانلارنىڭ كۆپلىكگە قاراپ ئۇلار ئشىلىرىغا يېتىشەلمەيۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىپتۇ . لېكىن خوشنىسى ئۇلارغا ئالايىتەن مېنىڭ تۇققانلىرىم كەتكەندىن كېيىن كەچكە يېقىن نەزىرگە كىرىڭلار دەپ قويغان ئىكەن . شۇنداق قىلىپ كەچرەك بولغاندا ئۇيغۇر ئائىلىسى شۇ بالىنىڭ ئاتا- ئانسى ، بوۋا- مومىسى ۋە كىچىك ئاپىسى ، ئۇكىلىرى بولۇپ ھەممىسى بۇ تۇڭگان خوشنىسىنىڭ ئۆيىگە پەتىلەپ كىرىپتۇ ؛ تۇڭگان خوشنىسى ئۇلارغا پولۇ تارتىپتۇ ، پولۇغا گۆش شۇنداق كۆپ بېسىلغان ئىكەن . ئۇلار پولۇنى شۇنداق ياخشى يەپتۇ ۋە ئوخشىغانلىقىنى ھىس قىلىپتۇ . ئەمما غەلىتە يېرى بۇ تۇڭگانلار بۇ تاماققا پەقەت ئېغىز تەگمەپتۇ . ئۇلار ئوغلىنى سورىسا ، ئاۋۋال تاماق يەپ تۇرۇڭلار مەن ئوغلۇڭلارنى بىر نەرسە سېتىۋېلىشقا ئەۋەتكەن دەپ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىپ تۇرۇپتۇ . ئۇلار تاماقنىمۇ يەپ بوپتۇ ، دەل شۇ چاغدا ئۆلۈپ كەتكەن تۇڭگان بالىنىڭ ئاتا- ئانىسى سۆز ئېچىپ بايا سىلەر يىگەن پولۇغا بېسىلغان گۆش نىمىنىڭ گۆشى بىلدىڭلارمۇ دەپتۇ ۋە ئۇلارغا قاراپ بىزنىڭ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ بېقىڭلار دەپتۇ . ئۇيغۇر ئوغۇلنىڭ دادىسىنىڭ يۈرىكى قارتتىدە قىلغاندەك بوپتۇ ۋە دەرھال ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ قارىسا جوزىدا ئۆز ئوغلىنىڭ تېنىدىن جۇدا قىلىنغان كاللىسى قان تامچىلاپ تۇرغىدەك . دادا خۇددى يۈرىكىگە پىچاق ئۇرۇلغاندەك بولۇپ ئۇرۇق - تۇققانلىرى قېشىغا چىقىپتۇ ۋە ئۇلارغا باياتىن بېرى بىز ئوغلىمىزنىڭ گۆشى بىلەن ئېتىلگەن پولۇنى يەپتۇق دەپتۇ . شۇ يەردە ئوغۇلنىڭ بوۋىسى ۋە ئانىسى ئايلىنىپ كېتىپ كەينىگە يىقىلىپتۇ . تۇڭگان خوشنىسى بالىنىڭ كاللىسىنى تۇتۇپ كۆتۈرگىنىچە ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ ۋە بايا سىلەر ئۆز ئوغلۇڭلارنىڭ گۆشىنى يىدىڭلار . سىلەرچە سىلەرنىڭ ئوغلۇڭلار بىزنىڭ ئوغلىمىزنى ئۆلتۇرسە بىز قاراپ تۇرارمىزمۇ دەپتۇ .
تەستىقلىغۇچى: چىن مودەن
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-04-12 11:33 |
| |