ئامېرىكا خەلقئارا ئاگېنتلىقىنىڭ تور پونكىتىدا 12 – نويابىر ‹‹جۇڭگونىڭ دۈشمەنلىرى›› سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىنىپ: ‹‹جۇڭگونىڭ كۆپلىگەن دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن ھەر خىل تالاش – تارتىشلىرى بولغانلىقتىن، ھەربىي ھازىرلىق ۋە قورال سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، بۇ يوشۇرۇن دۈشمەنلەرنى ئويلاشقان››، دېيىلدى. غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان زىددىيىتىنى ئۈزلۈكسىز تەكىتلەشتىكى نىيىتى دۇرۇس ئەمەس.
ئامېرىكا خەلقئارا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ‹‹جۇڭگو ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئىچكى ھۆججىتىنى تەھلىل قىلىشقا قارىغاندا، جۇڭگو ھەربىي ھازىرلىقلار ۋە قوراللارنى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشتا بارلىق يوشۇرۇن دۈشمەنلەرنى ئويلاشقان. مۇھىملىق تەرتىپى، يەنى ئەمەلىي ھەربىي توقۇنۇش پارتلاش مۇمكىنچىلىكىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە ئاساسلانغاندا، بۇ دۈشمەنلەر تەيۋەن، تەيۋەننى يوشۇرۇن قوغدىغۇچى ئامېرىكا ۋە ياپونىيە، ھىندىستان، ۋيېتنام، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى، روسىيە، ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ش ئا ئە ت ئىكەن››.
ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا خەلقئارا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرى جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن بولغان مۇرەككەپ تالاش – تارتىشىنى ئېنىقلاش بولماستىن، بەلكى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنى ‹‹جۇڭگو سىلەرنى يوشۇرۇن دۈشمەن، دەپ قاراۋاتىدۇ››، دەپ ئاگاھلاندۇرۇش، بۇ تەرىپى ئىغۋاگەرچىلىككە بەكرەك ئوخشاپ كېتىدۇ. يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە جۇڭگو بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە نىزا سالىدىغان بۇنداق خەۋەرلەر ناھايىتى كۆپ بولدى.
جۇڭگو – ھىندىستان مۇناسىۋىتى ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەكرەك زىغىرلايدىغان نۇقتا. بۇنىڭدىن سىرت، بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى جۇڭگو بىلەن ‹‹كونا دوست›› دۆلەتلەر ئارىسىغا ‹‹پىشاڭ›› قىستۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ تور پونكىتىدا بۇ يىل 8 – ئايدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە: ‹‹پيوڭياڭ بېيجىڭ ئۈمىد باغلايدىغان ئىتتىپاقداش ئەمەس. چاۋشيەننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئۇنىڭ رەھبىرىگە ئوخشاشلا ئالدىن بىلگىلى بولمايدۇ››، دېيىلدى.
بۇنىڭدىن سىرت، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى جۇڭگونىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى تەھدىتى، سۈنئىي ھەمراھقا قارشى قورالى ۋە ئاۋىئاماتكىسىنى توختىماي مۇبالىغە قىلىپ، ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئەندىشىسىنى بەلگىلىك دەرىجىدە كۈچەيتىۋەتتى.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ئارىسىغا نىزا سېلىشى ‹‹توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاش››نى مەقسەت قىلغان ئىكەن. ‹‹ئامېرىكا ئاۋازى›› تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىدە ۋاشىنگتون شەرق – غەرب مەركىزىنىڭ مەسئۇلى، دوكتور ساتۇ لىماينىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: ‹‹جۇڭگو، ياپونىيە، ھىندىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ رىقابىتىدە ئامېرىكا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىماقتا››، دېيىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ياپونىيە، جۇڭگو ۋە ھىندىستان بىلەن قوش تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشى ئاسىيادىكى ئۈچ چوڭ دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىشىشىنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن، بۇ ئەكسىچە ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىيىدە تۇتقان ئورنىنى ئۆستۈرىدىكەن. ئەمما دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بىر – ئىككى پارچە ماقالە تەسىر كۆرسىتىپ كېتەلمەيدۇ. بىرىنچىدىن، بۇ خىل ئىغۋاگەرچىلىك نەيرىڭى دانا ئەمەس. دۆلەتلەر ئارىسىدا تالاش – تارتىش بولۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ش ئا ئە ت غا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىمۇ تالاش – تارتىش يوق دېگىلى بولمايدۇ. تالاش – تارتىش بولسىلا، دۈشمەنلىشىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەر بۇ رېئاللىقنى تونۇپ يېتەلەيدۇ. ئىككىنچىدىن، جۇڭگونىڭ تىنچ قەد كۆتۈرۈشتەك چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىمۇ خېلى زور دەرىجىدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسىنى يوق قىلدى. جۇڭگو تالاش – تارتىشنى سۆھبەت ۋە سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. جۇڭگونىڭ روسىيە بىلەن بولغان زېمىن تالاش – تارتىشىمۇ تىنچ يول بىلەن، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلىندى، جۇڭگونىڭ ۋيېتنام بىلەن بولغان قۇرۇقلۇق زېمىن سۆھبىتىدىمۇ ئىلگىرىلەش بولدى. جۇڭگو 20 نەچچە يىلدىن بۇيان باشقا دۆلەتلەر بىلەن قوراللىق توقۇنۇشۇپ باقمىدى. بۇ ئەھۋال چوڭ دۆلەتلەردە ئاز كۆرۈلىدۇ، بۇمۇ جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنى خاتىرجەم قىلىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
ﻣﻪﻧﺒﻪ:
http://www.xamal.cn/NEWS/xamal.asp?id=957