مۇھەببەت
سۆيگۈم بولسۇن ئۆز رايىم بىلەن.
دىلىم كۆيسۇن دىل رايىم بىلەن.
سېنى سۆيەي ئۆز مەيلىم بىلەن،
ھەرگىزمۇ بولمىسۇن بۇ مەجبۇر بىلەن.
مۇھەببەت ھەر دان ئەمەس ھەر يان چاچقىلى،
مۇھەببەت پال ئەمەس يولدا ئاچقىلى،
بۇ كۆڭلۈم بىر تاش ئەمەس زورلاپ تاڭغىلى،
مۇھەببەت مال ئەمەس پۇلغا ساتقىلى.
تىلىكىم شۇ بولسۇن ئۆتەي بىر بىلەن،
ياشلىقىم ئۆتمىسۇن قارا دىل بىلەن.
قويمىغىن بىر ئۆمۈر بۇ ئارمان بىلەن،
تىلەيمەن ئۆتۈشنى ۋاپادار بىلەن.
تىلىكىم ساقلىغىن يامان كۆزلەردىن،
ساقلىغىن بەدنىيەت يامان كۆزلەردىن،
يىراق قىل سۈيقەستلىك يات نەزەرلەردىن.
تىلەيمەن ياشاشنى ياخشى يار بىلەن.
[ بۇ يازما 雪莲 تەرپىدىن2008-12-28 19:49دە قايتا تەھرى ]