ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2345» Pages: ( 1/6 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 3522 ـ ئوقۇرمىنى
turditohti
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 58030
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 245
شۆھرەت: 276 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2500 سوم
تۆھپە: 100 نۇمۇر
ياخشى باھا: 145 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 369(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 بىزدىكى يېڭى ئىللەتلەر

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما دۇنيا تەرپىدىن يورۇتۇلدى(2008-11-28)
تۇردى توختى

     مەن ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ ،مەكتەپ ئىچىدە ئۆز ھەلەكچىلىكىمنى قىلىپ ،ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھال-مۇڭ بولۇپ،ئوقۇغۇچىلاردىكى ئىنتىزامسىزلىق ۋە باشقا مەسىلىلەر ئۈستىدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ،مەكتەپ ئىچىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ مەيلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىزامسىزلىغى بولسۇن،مەيلى نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشدىكى سەۋەپلەر بولسۇن ،ياكى باشقا سەۋەپلەر بولسۇن مەسىلىنىڭ جاۋابىنىڭ %95نى مەكتەپتىن ئىزدەپ يۈرگەن بىر <<نادان>>ئوقۇتقۇچى ئىكەنمەن.
    يېڭى ئوقۇتۇش مەۋسۈمى باشلىنىش بىلەن بىرگە مەن بىر تەرەپتىن مەكتەپتە دەرس ئۆتكەچ يەنە بىر تەرەپتىن تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يېزا-كەنتلەرگە چۈشۈپ دېھقانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىشىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ يۈزمۇ -يۈز تۇرۇپ ئىشلەيدىغان يېزا خىزمىتىگە قاتنىشىپ قالدىم.بۇ جەرياندا مەن دېھقانلىرىمىزدا بۇرۇنقى كىشىلىرىمىز نومۇس بىلىدىغان بىر قىسىم ئىشلارنىڭ ھازىر شەرەپكە ئايلىنىپ ،مىللەت ئىجتىمائى ئەخلاقىدىكى بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىغىنى ئۆكۈنۈىش ئىچىدە ھىس قىلدىم.ھەم بۇنى تورداشلارغا سۇنۇپ سىلەر ياشاۋاتقان زىمىندىكى مىللىتىمىزنىڭ ئەخلاقى جەھەتتىكى مەسىلىلىرنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىگىنى بىلىپ بېقىش ئويىدا بۇ ئەرزىمەس تېمىنى سىلەرگە سۇندۇم.
    يېزا خىزمىتىنى ئىشلەش جەريانىدا مەن شۇنى ھىس قىلدىمكى بۇنىڭدىن5-10يىل ئىلگىرىكى ئاق كۆڭۈل،مەرت،لەۋزىدە تۇرىدىغان كىشىلىرىمىز ئىنتايىن ئازلاپ ،دېھقانلار پۇلنىڭ ئالدىدا قۇۋلىشىپ،قىزىل كۆزلىشىپ،ئۆزىمىزنىڭ گۈزەل ئەنئەنىسىنى يوقۇتۇپ قويۇپتۇ.مەن بۇ تېمىدا ئۆزۈم بايقىغان بىرنەچچە مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.
                                                  1.  تەمەخورلۇق
    مەن مەيلى كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزدە بولسۇن ،مەيلى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بولسۇن، قىسقىسى مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق يازما ئەسەرلەردە سوپى-ئىشان،باخشىلارنى تاماخور دەپ تەسۋىرلىگىنىنى جىق ئوقۇغان،دېھقانلارنى بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن جاپاغا چىداپ ئەمگەك قىلىپ،ئۆزىنىڭ ھالال تەرى ئارقىلىق ياشاپ كەلگەن ئۇلۇغ تائىپە دەپ ئۇلارنىڭ كۈچىنى خار قىلسىمۇ كىشىنىڭ ئالدىدا يۈزىنى چۈشۈرۈشنى نومۇس دەپ بىلىدىغان ئىسىل خىسلەتلىرى خاتىرىلەنگەن .بىزمۇ دېھقانلىرىمىزنىڭ مەردانە كىشىلەر ئىكەنلىگىنى بىلەتتۇق،ئەپسۇس ھازىرقى مىللىتىمىزنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بولغان دېھقانلىرىمىزنىڭ<< مەردانىلىغى>>زادى نەلەرگە كەتكەندۇ؟
    مەن بىر ھەپتىلىك تەكشۈرۈش جەريانىدا 100دىن ئارتۇق ئائىلىگە كىرىپ،دېھقانلارنىڭ كەلگۈسى مەنپەئەتى ،ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلىلەر، بولۇپمۇ قىسمەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن قېچىش ئەھۋالىنى ئىگەنلەش ۋە تەكلىپ پىكىر ئېلىش جەريانىدا، بالىلىرى مەكتەپكە بارمايۋاتقان دېھقانلىرىمىزنىڭ،شۇنداقلا باشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ كىرىپ، نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدىغانلىغىنى سورىغاندا، دېھقانلىرىمىزنىڭ بېرىدىغان جاۋابى بىر،ئۇ بولسىمۇ<<ھۆكۈمەت بىزگە نىمە بېرىپتۇ؟>>،<<ھۆكۈمەت باشقىلارغا بېرىدىكەن ماڭا نىمىشقا بەرمەيدۇ>>... ... <<شۇنىڭ ئۈچۈن مەنمۇ پۇل تاپاي دىدىم>>...دىگەندەك جاۋاپلار.  مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى ئاشۇ بېجىرىم ،قاۋۇل ،قىران ئەر_خوتۇنلارغا بەشتە كېپىل، 3پىشقەدەم ... قاتارلىقلار يەيدىغان رىزقلارنىڭ ،ئېرىشەلىسىلا ھالال بولىدىغانلىغى بولدى.بىز ئاجىزلاردىن تالىشىپ نىمىمۇ قىلارمىز؟بىزدىكى ئاجىز-ئۇرۇقلارنى يۆلەش ،ياردەم بېرىشتەك گۈزەللىك نەگە كەتتى؟
                                      2.بىزدىكى ئۆزىنى ھۆرمەت قىلماسلىق
    تەكشۈرۈش ۋە خىزمەت جەريانىدا يەنە بىزدە تۈزەتمىسە ۋە تۈزۈتۈش ئۈچۈن ھەممە بىردەك ھەركەتكە كەلمىسە بولمايدىغان بىر ئاپەتنىڭ يوشۇرۇنغانلىغىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم. بىز بىرنەچچە كىشى بىرنەچچە مىللەتتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا ساپ ئۇيغۇرلار بىر گۇرۇپپا بولغان خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىمىز ھەممىدىن ناچار بولۇپ ھىچقانچە نەتىجە چىقماي تەنقىد-تەربىيەنىڭ ئاساسى ئوبېكتىي بولۇپ قالدۇق.خىزمەت ئىشلىگۈچىلەرمۇ بىز خەق،خىزمەتنىڭ ئوبىكتىمۇ بىز خەق تۇرۇپ،نىمە ئۈچۈن تەنقىدنىڭ ئوبېكتىمۇ بىز خەق بولۇپ قالىمىز،؟بىز ياكى دېھقان قېرىنداشلار بىلەن مەخسىتىمىزنى ئۇقۇشالمىدىقمۇ؟ بۇ تەرەپلىرى ماڭا قاراڭغۇلۇق.پەقەت مېنىڭ خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا خۇلاسىلىغىنىم :بىز خەق بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەت قىلمايدىغان ،ئۆزىمىزنى چۈشەنمەيدىغان مۇشۇنداق زۇلمەت قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قاپتىمىز.بىزدىكى بۇنداق ئەسلىنى ۋە نەسلىنى ئۇنتۇش بىزنى قانداق كويلارغا سالۇر؟بىزدىكى بۇ دىلى قاراڭغۇلۇق ئاخىرى بىزنى شاللىنىدىغان ئوبېكتىغا ئايلاندۇرۇپ قويارمۇ؟مەن بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشكىمۇ ماجالىم قالمىغاندەك تۇيغۇلارغا چۆمگىنىمچە مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدىم. ھەم ئات ئۇستى مەدىنىيىتىگە ھەم تېرىمچىلىق مەدىنىيىتىگە غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشقان قەدىمقى مەدىنىيەتلىك مىللەت شۇنداقلا شاللىنىپ كېتەرمۇ؟ئىللەتنى تۈزەتمىسەك بۇنىڭ مۇمكىنچىلىگى مېنىڭچە خېلى زور.مەن مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋېتىپ ئەسئەت سۇلايماننىڭ <<دېھقىنى بار مىللەت يوقالمايدۇ>>دىگەن مەشھۇر سۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدىم.
                                        3.بىزدىكى يالغانچىلىق
    بىز ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئالدىدا يالغان گەپ قىلماسلىق،ئاق كۆڭۈل،سەمىمى ۋە باشقىلارنى ھۆرمەتلەشتە ئىسىل پەزىلىتىمىز بىلەن باش كۈتۈرۇپ مىللەتلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۇرۇشىگە ئېرىشىپ كەلگەن مىللەت.بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە بىلمەيدىغان كىشىلەر بار دىسە (ئەقىلى توشقان ۋە ئەقلى جايىدا كىشىلىرىمىز)مېنىڭ ھازىرمۇ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ،بىراق تەكشۈرۈش جەريانىدىكى رېئاللىق كىشىنى ئويغا سالماي قويمايدۇ.
    يالغانچىلىقنىڭمۇ بەزى ۋاقىتتا رولى بولىشى مۇمكىن. بىراق ئۇنىڭ باشقا كىشىلەرنىڭ  مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولغان چاغلىرىدا ئورنى بولىدۇ.دېھقانلىرىمىز بۇ نۇقتىنى قانداقلا چۈشەنسە بولىدىكەن دەپ قاراپ قالدىمۇ ھە دىسە قىپ-قىزىل يالغان گەپلەرنى كىچىك بالىغا دىگەندەك ئادەمنىڭ ئالدىغا سەۋەپ دەپ كۆرسىتىدىغان ئادەتلەر يېتىلىپتۇ.مەسىلەن:
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
-ياخشى تۇرغانسىز؟
-ھەر ھالدا ياخشى تۇردۇم.
-سىزنىڭ پەرزەنتىڭىز ئارزۇگۈل 10كۈن بوپتۇ مەكتەپكە بارماپتۇ،باشقا سەۋەپ بارمۇ؟
-ياق
-ئەمىسە نىمىشقا بارمايدۇ؟9يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مەزمۇنىنى بىلەمسىز؟بۇ ئىشىڭىزمەجبۇرى مائارىپ قانۇنىغا خىلاپ،بۇنى بىلىدىغانسىز؟
-بىلىمەن
-ئۇنداق بولسا......؟
-قىزىم بىلەن خوتۇنۇم مەن ئۆيدە يوق چاغدا بىر ئاز پۇل تېپىپ كېلەيلى دەپ پاختا تەرگىلى كېتىپتىكەن،مەن زادىلا ئالاقىلىشالمىدىم.ئۇلارنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيمەن... ...
    يۇقارقى دىئالوگتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،بۇ قىپ-قىزىل يالغانچىلىق.بۇمۇ مەيلى بولۇپ تۇرسۇن، 35-40نىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالغان بىر قاۋۇل ئەر ئۆزىنىڭ قىزى بىلەن خوتۇنىنىڭ نەدىلىگىنى بىلمەسلىكتەك ئاھانەتنى كۆتۈرگىلى نۇمۇس قىلمىغاندىن كىيىن، سىز يەنە نىمە دىمەكچى بىز خەقكە؟.
خوتۇن-قىزلىرىنى قۇرئان كەرىمدىنمۇ ئۇلۇغ بىلىپ،ياتلاردىن توسۇپ،ئۆز رىزقىنى ۋە قىزلىرىنىڭ ئىپپىتىنى قوغدايدىغان مىللەتنىڭ ئەۋلادى بىزما؟
                                               4.بىزدىكى چىشلەپ-تارتىشلار
    بىز خىزمەت جەريانىدا يەنە كىشىلىرىمىزنىڭ ئىچىدە بىر خىل بىر- بىرىنى چىشلەپ تارتىش خاھىشىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدۇق ھەم ھەيران قالدۇق.سىز قايسى بىر ئۆيگە كىرمەڭ ،سىزنىڭ ئېغىزىڭىزدىن سىياسەتنىڭ تەشۋىقاتلىرى چىقىپ بولغۇچە دېھقانلىرىمىزنىڭ ئېغىزىدىن <<مېنىڭ قېشىغا كىرىپ بۇ گەپلەرنى دەيدىكەنسىز ،پالانى ئەمەتنى نىمە قىلالايسىز،شۇمۇ يۈرۈۋاتىدىغۇ،ئاۋال ئاشۇنى بىر تەرەپ قىلسىڭىز مەن ھازىرلا سىز دىگەن ئىشنى قىلىمەن>> ،<<سىز تېخى پوكۇنىنىڭ نىمە قىلۋاتقانلىغىنى بىلمەيسىز>>... ...دىگەن گەپلەر.
بىزدىكى بىر-بىرىگە كۆيۈنۈش، ياردەم بېرىش دىگەنلەر نەگە كەتكەندۇ.ھەر كىم ئۆز ئىشىنى قىلىپ،ئۈزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزىنىڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشى كېرەكقۇ؟نىمە قىلىدۇ باشقىلارنى چىشلەپ-تارتىپ،بىز قاچاندىن باشلاپ باشقىلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىدىن ئۈگەنمەي يامان تەرەپلىرىدىن ئۈگىنىدىغان يامان ئادەتنى يېتىلدۇرۋالغاندىمىز؟
......
    مەن مۇشۇ قىسقىغىنە تەكشۈرۈش خىزمىتىدە(دەرستىن سىرتقى)يۇقارقى ئەھۋاللارنىڭ كىشىلىرىمىز بولۇپمۇ دېھقانلىرىمىز ئىچىدە بىر قەدەر ئومۇمىيلىققا ئىگە ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدىم.بۇنداق، ئاتا-بوۋىمىز نومۇس دەپ بىلىدىغان ئەخلاقىمىزغا يات نەرسىلەر بىزنىڭ روھىمىزغا سىڭىپ كىرىپ ،ئەقلىمىزنى بۇلغاپ،ساپايىمىزنىڭ تۆۋەنلىشىگە سەۋەپ بولىۋاتىدۇ.بىز بۇ نەرسىلەرنى قاچاندىن باشلاپ نومۇس بىلمەيدىغان ھالەتكە يەتتۇق،يۇقارقى قىلىقلار بىزنىڭ مىللىتىمىزگىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگىمۇ ئوخشاشلا نومۇس ھىساپلىنىدىغان ئىشلارغۇ؟بىزگە زادى نىمە بولدى؟ مېنىڭچە نامراتلىق ياكى پۇل ئادەمنىڭ ئار-نۇمۇس قارىشىنى ئۆزگەرتىۋەتمەسلىگى كېرەكقۇ؟بىزنىڭ ئاتا-بوۋىمىز بايلىق ئالدىدا ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويمىغان ،قىيىنچىلىق ئالدىدا تېخىمۇ باتۇر بولغان خەلققۇ؟.......
بىز چوقۇم يۇقارقى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلۇنۇپ،مىللىتىمىزدە يېڭىدىن باش كۆتىرىۋاتقان بۇ ئىللەتلەرنى تۈگەتمىسەك چوقۇمكى مىللىتىمىز زەئىپلىشىپ،ئۆزىنىڭ نۇرلۇق تارىخىنى يوقۇتۇپ قويۇدىغانلىغىغا ئىشەنگەندەك بولدۇم.

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+10(DEWRANI) ئەھمىيىتى زو ..
  • تۆھپە:+15(ئۇيغۇرۇم007) ياخشى ماقالە
  • ئەزىز بوۋاق
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-22 14:00 |
    uyenglish
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 62757
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 149
    شۆھرەت: 150 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1490 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-13

     

    بىز دە ئەسلىدە بار ئىللەتلەرمۇ يىتىپ ئاشاتتى

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 15:24 |
    ALBINNI
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 54413
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 382
    شۆھرەت: 383 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 671 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1350(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    راست  گەپنىڭ چىرايلىق بولۇشى ناتايىن يۇقارقى ئىللەت ھەر قانداق بىرىمىزدە ، ئازدۇر -كوپتۇر بولۇشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس . چۇنكى بىز بۇ جەمىيەتتە ھەر قانداق بىر ئىللەتتىن ئوزىمىزنى ھەر قانچە قاچۇرساقمۇ  قىسمەن ھاللاردا يەنىلا ئوزىمىز بىلىپ -بىلمەي شۇ ئىللەتكە شېرىك بولۇپ قالىدىكەنمىز . بۇ ئىللەت بىز بىلەنلا  كېتىپ ئەۋلاتلىرىمىزغا مىراس بولۇپ قالمىسىلا  بولاتتىغۇ .

    ئەزىز بوۋاق
    ئالبىننى  باھانىسى  جىق  .
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 15:48 |
    nur-zat
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 53195
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 225
    شۆھرەت: 226 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2225 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 333(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    ساۋاتسىز  دادۈيجاڭلارنىڭ يىتەكچىلىگىدە دىھقانلىرىمىزدا
    ھەرخىل يىڭى ئەيىپلەرنىڭ يىتىلىپ چىقىشى تەبى ئىش
    بۇلۇپقالدىغۇ ھازىر....

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 16:51 |
    Martian
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 64311
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 278
    شۆھرەت: 309 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2780 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 196(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    ئىنسان ئۆزىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى كۆرەلمەيدۇ، بىلەلمەيدۇ، بىلسىمۇ كەمچىلىك دەپ قارىمايدۇ. مانا بۇ بىزدىكى ھەقىقى قارغۇلۇق. كىمىكى بىزنىڭ ئەيىبىمىزنى يېشىپ بەرسە بىز شۇنى غاجايمىز،تىللايمىز. ۋە بولسا بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكىمىز كېلىدۇ. مانا بۇ بىزدىكى جاھىللىق. ئەگەر بىراۋ بىزگە ئىللىتىمىزنى تۈزىتىشكە ياردەم بەرمەكچى بولسا بىز ئۇنى ساراڭلارچە رەت قىلىمىز مانا بۇ بىزدىكى نادانلىق...
    خۇدا ھەممىمىزگە روشەنلىك ئاتا قىلسۇن.

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    ئانا تىل كۆزدۇر، ئۆزگە تىل كۆزئەينەك.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 17:22 |
    nol
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 11921
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 270
    شۆھرەت: 1033 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1639 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 348(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

        «  شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭىشمايدۇ » دىگەن ماقال بار . سۇئال سورىغان ئىكەنسىز دەل بولمىسىمۇ جاۋاپ بىرىپ باقاي ،يىتەرسىز تەرەپلىرىگە باشقىلارمۇ بىر نەرسە دەپ باقسا .                                         ھازىر بۇلۇۋاتقان ئىشلار ئۇرۇك ئۇرۇكنى كۆرسە ئالا بوپتۇ دىگەنگە ئوخشاش تەڭسىزلىك بۇلىۋەرگەنسىرى ، ھەق سۆزلىگەنلەر بۇرنىغا يەپ ، ئۇنى ياقلايدىغانلار ئازلاپ ،تاماشا كۇرىدىغانلار كۆپىيىپ ،يالغان سۆزلەپ ، ئەلنى سىتىپ ،قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ يۇرگەنلەر كىرىلىپ دۇنياغا پاتمىغاچقا ،ھالال ئىش قىلىدىغانلار دەسسىلىپ ،جان باقمىقى مۇشكۇل بۇلۇپ كەتكەچكە كىشىلەرمۇ بىلىپ بىلمەي شۇلارنى دوراپ قىلىۋاتىدۇ .بۇلۇپمۇ ھازىر ئۇششۇقنىڭ گىپى ئوتىدىغان بولۇپ كەتتى ، مۇشۇ رىئال دۇنيادا ياشاۋاتقان ئىكەنمىز سوغۇقتا توڭلاپ ، تۇمۇزدا تەرلىگەندەكلا ئەتىراپىمىزدىكى ناچار كىشىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرايمىز ، كىشىگە قىلغان مۇئامىلىنى تاتلىق تىتىپ قالسا تۇققانغىمۇ قىلىمىز . مۇشۇنچىلىك سوزلەي ، بىراق بىر تەكلىپىم ئىللەتنى كۆرسەتكىچە شۇ ئىللەتنى تۇرگە ئايرىش ئورنىدا نىگىزلىك قىلىپ شۇ نىڭ ھەر خىل تەسىردىن كىلىپ چىقىش ئىھتىماللىقىنى نەزەرگە ئىلىپ بۇنى قۇرئان ۋو ئەجىداتلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىللىرى بىلەن ئۆلچەپ بەك ئەيىپلەپ كەتىمىسەك ، شۇنىڭ ئورنىغا ئازىراق ۋاقىت چىقىرىپ شۇ كىشىگە نەق جايىدا  تەربىيە بەرسەك .

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 17:52 |
    orhun36
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 59196
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 523
    شۆھرەت: 524 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5149 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 834(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    ھەي مەنمۇ سەھرادا چوڭ بولغان ،راس گەپنى قىلغاندا دىخانلارنىڭ ئاڭ سەۋيەسى تۆۋەن بۇرۇن بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر-بىرىگە  بولغان مىھرى- مۇھاببەت چوڭقۇر ئىدى، ھازىر قارايدىغان بولساق ھەممىسى شەخسىيەتچى كۆڭلى قارا بولۇپ كەتتى بۇ ئەلۋەتتە بىر قىسىملىرى ھەممىسىمۇ ئۇنداق ئەمەس.

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    http://www.xabnam.com/chat/tohpikar/images/tanhakalip.gif
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 17:58 |
    kallak
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 35434
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 24
    شۆھرەت: 25 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 190 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 195(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    ناھايـتى  توغرا  دىدىڭىز

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 19:13 |
    turditohti
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 58030
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 245
    شۆھرەت: 276 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2500 سوم
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 145 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 369(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    Quote:
    بۇ مەزمون6قەۋەتتىكىorhun36نىڭ2008-11-22 17:58 دە يوللىغان يازمىسى   :
    ھەي مەنمۇ سەھرادا چوڭ بولغان ،راس گەپنى قىلغاندا دىخانلارنىڭ ئاڭ سەۋيەسى تۆۋەن بۇرۇن بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر-بىرىگە  بولغان مىھرى- مۇھاببەت چوڭقۇر ئىدى، ھازىر قارايدىغان بولساق ھەممىسى شەخسىيەتچى كۆڭلى قارا بولۇپ كەتتى بۇ ئەلۋەتتە بىر قىسىملىرى ھەممىسىمۇ ئۇنداق ئەمەس.

    سىز دىگەندەك بۇ ئىللەتلەر بىر قىسىم كىشىلىرىمىزدە بولسىمۇ تۈزىتىش ئۈچۈن تىرىشمىساق چۇقۇمكى بىر ئاپەتكە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 19:21 |
    DEWRANI
    دەۋران دەردلىرى داۋاسىزدۇر.
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 55117
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 548
    شۆھرەت: 650 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5527 سوم
    تۆھپە: 96 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 55 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 974(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    بىزدىكى تۈرلۈك نۇقسانىي- ئىللەتلەرنى تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئەتراپلىق، ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. بىزدە:<<ئىللەت تۈزەلمىسە، مىللەت تۈزەلمەيدۇ>> دەيدىغان ئاتىلار سۆزى بار. ئىللەتلىرىمىز راستىنى ئېيتقاندا، شۇ دەرىجىدە كۆپ. بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ھېس قىلىپ، ھېس قىلدۇرۇپ، تەدرىجىي تۈگىتىش مۇمكىن. مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېما يوللىغىنىڭىز ئۈچۈن رەخمەت!

    ئەزىز بوۋاق
    بۇرۇتۇڭ خەت تارتمىغۇچە، يۈرىكىڭ دەرد تارتماس
                        -ياسىنجان ئوسمان دەۋران
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 19:24 |
    turditohti
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 58030
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 245
    شۆھرەت: 276 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2500 سوم
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 145 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 369(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    Quote:
    بۇ مەزمون5قەۋەتتىكىnolنىڭ2008-11-22 17:52 دە يوللىغان يازمىسى   :
        «  شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭىشمايدۇ » دىگەن ماقال بار . سۇئال سورىغان ئىكەنسىز دەل بولمىسىمۇ جاۋاپ بىرىپ باقاي ،يىتەرسىز تەرەپلىرىگە باشقىلارمۇ بىر نەرسە دەپ باقسا .                                         ھازىر بۇلۇۋاتقان ئىشلار ئۇرۇك ئۇرۇكنى كۆرسە ئالا بوپتۇ دىگەنگە ئوخشاش تەڭسىزلىك بۇلىۋەرگەنسىرى ، ھەق سۆزلىگەنلەر بۇرنىغا يەپ ، ئۇنى ياقلايدىغانلار ئازلاپ ،تاماشا كۇرىدىغانلار كۆپىيىپ ،يالغان سۆزلەپ ، ئەلنى سىتىپ ،قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ يۇرگەنلەر كىرىلىپ دۇنياغا پاتمىغاچقا ،ھالال ئىش قىلىدىغانلار دەسسىلىپ ،جان باقمىقى مۇشكۇل بۇلۇپ كەتكەچكە كىشىلەرمۇ بىلىپ بىلمەي شۇلارنى دوراپ قىلىۋاتىدۇ .بۇلۇپمۇ ھازىر ئۇششۇقنىڭ گىپى ئوتىدىغان بولۇپ كەتتى ، مۇشۇ رىئال دۇنيادا ياشاۋاتقان ئىكەنمىز سوغۇقتا توڭلاپ ، تۇمۇزدا تەرلىگەندەكلا ئەتىراپىمىزدىكى ناچار كىشىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرايمىز ، كىشىگە قىلغان مۇئامىلىنى تاتلىق تىتىپ قالسا تۇققانغىمۇ قىلىمىز . مۇشۇنچىلىك سوزلەي ، بىراق بىر تەكلىپىم ئىللەتنى كۆرسەتكىچە شۇ ئىللەتنى تۇرگە ئايرىش ئورنىدا نىگىزلىك قىلىپ شۇ نىڭ ھەر خىل تەسىردىن كىلىپ چىقىش ئىھتىماللىقىنى نەزەرگە ئىلىپ بۇنى قۇرئان ۋو ئەجىداتلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىللىرى بىلەن ئۆلچەپ بەك ئەيىپلەپ كەتىمىسەك ، شۇنىڭ ئورنىغا ئازىراق ۋاقىت چىقىرىپ شۇ كىشىگە نەق جايىدا  تەربىيە بەرسەك .

    جاۋاپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت:دوراپ قىلۋاتىدۇ دىگەن بىر باھانەمۇ  قانداق؟

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 19:37 |
    555rikabatqi
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 59451
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 295
    شۆھرەت: 296 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2950 سوم
    تۆھپە: 570 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 489(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    بۇ ئىللەتلەرنى كىمدىن كۈرىمىز ئاشۇ دېھقاندىنمۇ ؟....................

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 20:46 |
    KINGT
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 38960
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 28
    شۆھرەت: 29 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 270 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 114(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    مەنچە دېھقاندىمۇ نىمە ئامال بولسۇن،پۈتۈن جەمىيەت كىشىلەرنى شۇنداق بولۇشقا قىستاۋاتسا..........ئەمما چوقۇم ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك،دېھقانلا ئەمەس ھەممىمىز!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-22 21:27 |
    turditohti
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 58030
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 245
    شۆھرەت: 276 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2500 سوم
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 145 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 369(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    Quote:
    بۇ مەزمون11قەۋەتتىكى555rikabatqiنىڭ2008-11-22 20:46 دە يوللىغان يازمىسى   :
    بۇ ئىللەتلەرنى كىمدىن كۈرىمىز ئاشۇ دېھقاندىنمۇ ؟....................

    بۇ ئىللەتلەرنى دېھقاندىن كۈرۈشنىڭ ئاساسى يوق،بىز ھەممىمىز تىرشىپ ئۇلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تىرىشساق بۇ مەسىلىنى بىر مەزگىلدىن كىيىن ھەل قىلىپ كېتەلىشىمىز مۇمكىن،مۇشۇ نوختىدىن قارىغاندا بۇ ئىللەتلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشىدە پۈتۈن جەمىيەتنىڭ مەسئۇليىتى بار

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-23 00:29 |
    گۈلشەن
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 64933
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2
    شۆھرەت: 2 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 20 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-02

     

    بۇ ئىللەتلەرنڭ بۇلۇپمۇ 4. بىر -بىرىنى چىشلەپ تارتىش دىگىنىڭىز خېلى ئالى مەلۇماتلىق زىيالىلىرىمىز ئارىسىدىمۇ بار بولغان يەردە دېھقانلاردا بۇلۇشى ئانچە ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس . ئالى مەكتەپ ئۇقۇغان بىلەن تارىخ ئۇقۇمىغان كاللىسى ئاددى بىر قىسىم كادىر يولداشلار مانا خەن باشلىقنىڭ ئالدىدا ئۆز  مىللىتىنى چىشلاپ تارتىپ يۇرۇۋاتسا ھەي كۆز ئالدىمدا يۈز بىرىۋاتقان بەزى ئىشلارغا ئەقلىم بەك ھەيران .گەپ قىلسا تېخى ئۆزىنى سېغىزخاندىن ساق چاغلاشلىرى......
    ئەمىليەتتە بۇنىڭ تۈپ يىلتىزى باشقىلارنى كۇرەلمەسلىك. ئادەمدە رىقابەت ئېڭى بۇلۇشى كىرەك . رىقابەت ئېڭى بولمىسا بولمايدۇ .لىكىن بەزىلەردىكى رىقابەت ئېڭى ئالاھىدە تەرەققى قىلىپ ئۆزىگە ، ئۆز قەۋمى - قېرىنداشلىرىغا ، مىللىتىگە بولغان مەسئۇليەت بۇرۇچ تۇيغۇسىنى ھەممىدىن مۇھىم ۋىجدانىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ قۇيۇۋاتىدۇ .شۇڭا بىرەرسى شۇنچىلىك ئىلگىرلەپ كەتتىمۇ ئۇنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرلىشى ئۇچۇن ياردەم قىلىش تۈگۈل ،تىرىشىپ توغرا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇنىڭغا يىتىشنى ئۇيلىماي مەن ماڭالمىغان بىر قەدەمنى ئۇ نىمىشقا مېڭىپ كىتىدۇ . مەن ماڭمىغاندىكىن ئۇمۇ ماڭماسلىقى كىراك ، مەن قىلامىغاندىكىن ئۇمۇ قىلماسلىقى كىرەك دەپ بىر ئاماللارنى قىلىپ خەن ئاكىسىغا چېقىۋاتىدۇ . نىمدىگەن نادانلىق بۇ ئەمدى .

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-23 02:26 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/6 total )
    XabnamBBS » مائارىپ ۋە بىز
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:12-18 22:33, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ