ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 2855 ـ ئوقۇرمىنى
ئۇيغۇرئاي
دىــل ئـازار خـۇدا بـىـزار
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 22655
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 1982
شۆھرەت: 2193 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 20100 سوم
تۆھپە: 553 نۇمۇر
ياخشى باھا: 443 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 750(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 مــاسكــا تـاقـىـغـان ئـىـتـلار...

tilek
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ تىمىنى tughrul نادىرلىدى(2008-11-12)

ماسكا تاقىغان ئىتلار.....
رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ
مەنبە:قەلەم





تـــۆۋە.تــــۆۋە
ما جاھان نىمە بولۇپ كىتۋاتىدۇ دەيمەن! ئاۋۇ خوشنىمىزنىڭ قىزى گۈلنارغا ،ئاپىڭىزنى چاقىرۋىتىڭە قىزىم دىسەم:
_ ئارزىگۈل ،سېنى خوشنىمىز رازىيە چاقىرۋاتىدۇ دەيدۇ. ئارزىگۈل چىقىۋىدى،
- قىزىڭ ،ئىسمىڭنى ئاتاپ يۈرۈيدىغۇ دىسەم، ۋاي خوشنام مەن ئەمدى 40 نىڭ قارىسىنى ئالدىم ،قىزىم 20 دىن ئاشتى ئىككىمىز تەڭلا تۇرمىزكەن. شۇڭا چەتئەللىكلەردەك ئىسمىمنىلا ئاتا دىدىم، بوپتىما؟
_ۋاي بولمامدىغان، تازا كەپتۇ،ئەمدى سىلىمۇ بىرىپ ئاپاڭلىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىڭلا ،ماقما؟ دەپ قويۇپ ئاچچىقىمدا يىنىپ چىقتىم.
بۇ ئادەملەر نىمە بولۇپ كىتۋاتىدىكىن، ئاۋۇ كۆڭۈلدىكى سۆز پىروگىرامىسىدا چىقىدىغان بىر چىرايلىق دوپپا كەيگەن قىز يوقاپ ،ئورنىغا بۇلۇڭدا تىكلەگلىك تۇرغان توبادەكلا بىر قىز چىقىپتۇ. گەپ قىلسا ئىغىزلىرنى ئۈچ بۇرجەك قىلىپ،ئۇيغۇرچىنى خۇددى يېڭى ئۈگەنگەندەك.

ئىشقا شۇنچە ئالدىرغىنىمغا قارماي ئاپام،شۇنداق ئاستا ھەركەت قىلىپ قاقشىغاچ ماڭا چاي تەييارلاپ بىرۋاتاتتى.
-ئاپا ،مەن ۋاق قالدىغان بولدۇم، چاينى يالغۇز ئولتۇرۇپ ئىچىدىغان بولدۇڭ مانا .....
-كەچتە بالدۇراق قايتىپ كەل ئەمسە،ئوخشۇتۇپ مانتا ئىتىپ تۇراي
-ماقۇل ئاپا.

ئىككى قەدەمدە بىر پۇتلۇشۇپ ئارانلا ئاپتۇبۇس بىكىتىگە كىلىۋالدىم. ئاياق مايلىغاننىڭ ئەتۋارى يوق بۇ يەردە،غۇدۇڭشىغىنىمچە بىردەمدىلا  ئىسكەتىنى يوقاتقان ئاياققا چاپلىشىۋالغان ئەخلەتلەرنى پۇتلىرىمنى سىلكىپ يىراقلارغا ئاتماقچى بولاتتىم.
-قىزىم،بىكەتتە ئۇسۇل ئوينىسىڭىز سەت تۇردۇ،ئۆيىڭىزگە بىرىپ ئويناڭ جۇما!
-كىم ئۇسۇل ئويناپتۇ،ئەخلەت تازلاۋاتىمەن مەن،ھۈرپەيگىنىمچە بىشىمنى كۆتۈردۈم
ما ئىشنى كۆرۈڭ ،خوشنىمىز ئەيساكامغۇ بۇ. سەل خىجىل بوپ قالدىم. نىمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرغاندا ئاپتۇبۇس كىلىپ قالدى. ھەر ھالدا تەلەيلىككەنمەن.
ئاپتۇبۇستا ئولتۇرغىدەك ئورۇن يوق،قارسام ساپلا چوڭلار ئۆرە تۇرغان،بىر-بىرىنىڭ قۇچىقىغا چىقىۋىلىشقا ئازلا قالغان بىر نەچچە قىز-يىگىتلەر چوڭلارنى كۆرمىگەندەك ئورۇندۇقلارنى ئىگەللەپ ئولتۇرۇپ  ھاياسىزلارچە چاقچاقلارنى قىلاتتى.
ئۇلارغا قارماسلىققا ،گەپلىرىگە قۇلاق سالماسلىققا تىرىشقان بولساممۇ ،بەزى كورىيەچە مۇھەببەت پۇراپ تۇردىغان گەپلىرى قۇلىقىمغا گۈپ-گۈپ ئۇرۇلۇپ تۇردى. شۇ ئارىدا ئاپتۇبۇس بىر بىكەتتە توختاپ يىنىمدىكىلا ئورۇندا ئولتۇرغان قىز-ئوغۇلنىڭ بىرى ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ قالدىغانغا ماڭدى
_ساراڭـــىـــــيۇ..............قىز ئۈنلۈك ئاۋازدا ئاپتۇبۇس دىرىزىسىدىن يىگىتكە ۋارقىرىدى.
_I love you يىگىت قوللىرى بىلەن ھاۋاغا يۈرەكتىن بىرنى سىزىپ ،ئوتتۇرغا بىر چىكىت ئۇرىۋەتكەندىن كىيىن ،كەينىگە بۇرۇلۇپ كىتىپ قالدى

قىز مەغرۇرلانغانچە ئۇياق-بۇياقلىرىغا،مېنىڭ يىگىتىمنى كۆردۈڭمۇ دىگەندەك قارايىتتى. شۇ ئاردا ئۇ قىزنىڭ تىلىفۇنى جىرىڭلاپ قالدى
-تاتلىق ئاپا،مەن كىتاپخانىدا...........خوش!
پاھ، ئەتىراپىمدىغۇ ھىچقانداق كىتاپ جاۋىنى كۆرمىگەنتىم. ئەجەپ ئۇستىكەن. دوختۇرخانىغا بارغۇچە قىزىق ئىشلارنى ئۇچىرتىپ تۇرىدىكەن ئادەم.
شۇنداق قىلىپ دوختۇرخانىغا ئاران كىلىۋالدىم

-ھەي قىزىم! قانداق يەردە ئوقۇغان سىز؟ مال دوختۇرلۇقنى ئوقۇمىغان بولغىيىتتىڭىز  ھە؟ بوشىراق تىقىڭ ما يېڭنىنى! مەن كالا ئەمەس.....

بىسمىللىسىغىلا بىرىنچى بىماردىن زەھەردەك گەپ ئاڭلىۋالدىم. ئۆزۈمگە ئاز ئاچچىقىمنى يېڭنىدىن چىقارغاندىن كىيىن.


كاللامدا لىق خىيال، تىخى تۈنۈگۈنلا يۈز بەرگەن ھۆسىن تۈزۈتۈش ۋەقەسى ھىلىدىن-ھىلىغا كۆز ئالدىمغا كىلىۋالاتتى.
ساۋاقدىشىم سۈبىھنۇر مەن بىلەن بىر بۆلۈمدە ئىشلەيدىغان چاققانغىنە، ئوماق بىر قىز. كىلەر ئايدا توي قىلدىغانغا تەييارلىق قىلىۋاتقاچقىمىكىن تۇيۇقسىزلا ئۇزۇن چاچلىرىنى،چىرايلىق قىزىرىپ تۇردىغان يۈزلىرىنى بىر ئۆزگەرتىپ باققۇسى كەلدى. بىر نەچچىمىزنىڭ <تەربىيەلىرىگە > قارماي ،شەھەردىكى <بىر قىتىمدىلا پەرىزاتقا ئايلىنىسىز> ھۆسىن تۈزەش شەھەرچىسىگە باردىغانغا تىلىفۇندا كىلىشىپ قويدى. ئۇنىڭ بىلەن يىقىن ئۆتكەچكە بۇ قىتىمقى تويىدا سەل ئاكتىپىراق بولۇپ ياردەم قىلمىسام بولمايىتتى. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن ھىلىقى <بىر نىمىگە ئايلىنىسىز> ھۆسىن تۈزەش ئورنىغا باردىم.
-بۇ يەردە بىرمۇ ئۇيغۇر ئىشلىمەيدىكەنغۇ؟ -دېدىم دوستۇمغا ھەيرانلىق بىلەن
-ھەي كالۋا! ھازىر نەدە بىر خىزمەت ئورۇنلىرى ئۇيغۇرغا ئىشىۋاتىدۇ؟ دوختۇرلۇقىمىزنى تارتىۋالمىغانغا خوش بولۇپ ياشايلى جۇما...
ئاجايىپ ھەشەمەتلىك ياسالغان بۇ ئورۇندا كىشى ئويلاشتىنمۇ قورقىدىغان ئىشلار ئادەمگە چىلىقىدىكەن.
نىمىنى كۆردۈڭ دىمەمسىز؟ چوقۇم بىلگۈڭىز بار شۇنداقمۇ؟
ماسقا تاقىغان ئىتلار..........قانچە دەمسىز؟
8 نى كۆردۈم
ئۈستىگە چىرايلىق رەخىتلەردىن كىيىم تىكىپ كىيگۈزۈپ قويۇلغان تۇمشۇقىغا ماسكا تارتىپ قويۇلغان پىستىلەر ھۆسىن تۈزەش ئورۇندۇقى ئۈستىدە كىرىلگىنىچە ئولتۇراتتى. ئاھ خۇدا ،قولىدا بىر ئىستاكاندا ئىچىملىك تۇرامدۇ نىمە ئاۋۇ ئىتنىڭ.
ئىتقا قارايمەن دەپ ،ئالدىمدىكى تۈرۈككە جاققىدە ئۈسىۋالدىم. ئۆزەمگە ئاز. ئىتلارنىڭ ئۇۋىسىغا كەلگەندىن كىيىن.


-ياردىمىم كىرەكمۇ؟
-تۇرۇپ-تۇرۇپ قار بىسىپ قالغاندا پەيدا بولىدىغان جىندىن ئازراقلا پەرىقلىنىدىغان بىر توڭكەي چىش ئالدىمىزدا ھىجاراپ تۇراتتى.
-شۇنداق،توختاپ تۇرىڭە ئاۋال بىر سوئالىم بارتى. دوستۇمغا بىردەم جىم تۇر دىگەندەك قارۋالدىم
-ھە سوراڭ
-سىلەر بۇ ئورۇنغا<بىر قىتىمدىلا پەرىزاتقا ئايلىنىسىز> دەپ نام قويۇپسىلەر. ئەجەپ سىز ....
-10 تىيىنلىق پۇلنىڭ پارچىسىدەك گەپ قىلما ئاداش. سۈبھىنۇر بىقىنىمنى چىمدىدى
-جىم تۇر. مەن مۇلازىمەتچىنىڭ ئۆڭۈپ دەسمالدەك بولۇپ كەتكەن چىرايىغا كۆزۈمنىڭ قىرىدا قاراپ سوئالىمنى داۋاملاشتۇردۇم
-بۇ يەردە پەقەت ئادەملەرنىڭ ھۆسنىنى تۈزەمسىلەر ياكى ئىتلارنىڭكىنىمۇ تۈزەمسلەر؟
-بىز قوش مۇلازىمەت قىلىمىز. ئەگەر پۇلىڭىز بولسا ئۆيىڭىزدىكى ئىشەكنى ئەكىلىپ ھۆسنىنى تۈزەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.  ئاۋۇ ئورۇندۇقلاردا ماسكا تارتىپ ئولتۇرغان ئىتلار شەھەردىكى باي خىنىملارنىڭ ئىتلىرى. ئاۋۇ بوينىنى تىك تۇتۇپ ئولتۇرغىنى سىلەرنىڭ داڭلىق ناخشىچىڭلار نىياز ئەمەتنىڭ خانىمىنىڭ پىستىسى، يىقىندا گىرمانىيەدىن كەلتۈرۈلدى. خانىمنىڭ تەلىۋى بويچە پىستىنىڭ چاچ پاسۇنى،يۈزلىرنى خانىمنىڭكىگە ئوخشاش قىلىپ بىرىشىمىز كىرەك
-توۋا. بۇنىڭغا قانچە پۇل كىتىدۇ
-جىق ئەمەس 350 مىڭ
-ئەجەپ ئازكەن، ئۇنداق بولسا شۇنچە يوغان ئىشىكىمنى پارچە پۇللىرىمغا ياسىتىۋالسام بولغىدەك
-گەپنى ئاز قىل ئاداش،،سۈبھىنۇر خاپا بولغاندەك قىلاتتى
-ۋاي ماقۇل، ھە راس. ئىتلارنىڭ ھۆسنى تۈزىتىلىپ بولغاندىن كىيىن ماسكىسىنى ئىلىۋىتەمدا؟
-ياق ،ئىگىسى خالىغان ۋاقىتتا ئىلىۋىتىدۇ. چۈنكى ھاۋادىكى مىكروبلار بۇ نازۇك پىستىلەرنىڭ تىرىسىگە زەخىم يەتكۈزىدۇ
-نىمىدىگەن ئەتۋارلىق ھە بۇ ئىتلار، بىزنىڭ تىرىمىز بۇزۇلۇپ كەتكەن ھاۋاغا 365 كۈن چىلىشىپ تۇرىدۇ بولمىسا. بىزمۇ ماسكا تاقىۋالامدۇق يە؟
سۈبھىنۇر مېنى بىللە ئىلىپ كەلگەنلىكىگە پۇشايمان قىلغاندەك قىلاتتى.
ئۇنى ھۆسىن تۈزەش ئۆيىگە كىرگۈزۋەتكەندىن كىيىن، ئورۇندۇقلاردا راھەت بىلەن كىرىلىپ ياتقان ئىتلارنىڭ يىنىغا باردىم. ھەر بىر ئورۇندۇقنىڭ ئىككى تەرپىدە ئىككىدىن مۇلازىمەتچى قىز ،ئىتلارنىڭ يۈزىدىكى ماسكىلارنى ئىلىپ ئۇلارنى ياساشقا چۈشكەن ئىدى.  قىزىل گۈللۈك كىروسلۇدا ياتقان ئىت ،تۇيۇقسىزلا ۋاقراپ كەتتى.
-ئاستىراق دىدىمغۇ!
ۋاي ئاپام،لا ھەۋلە،ۋەلە قۇۋۋەتە،،،،،،،،،،،،،،،،،،،توختىماي بۇ ئايەتنى ئوقۇپ كىتىپتىمەن. لىكىن ئىتنىڭ قولىدا ئاپتۇماتىك باشقۇرۇلىدىغان بىر كۇنۇپكا تاختىسى بولۇپ ،ھەددىدىن زىيادە ئەقىللىق بولغاچقا شۇ تاختىنى ئاپتۇماتىك سۆزلىتىپ مەقسىتىنى ئىپادىلەيمىش..
مۇلازىمەتچىلەرنىڭ ئالايغانلىرىغا قارماي ھەر بىر ئىتنىڭ بىشىدا بىر نەچچە مىنۇتتىن زىيارەتتە بولدۇم. كۆزلىرىگە يالغان كىرپىكلەر قويۇلغان، كالپۈكلىرىگە لەۋ سۇرۇقلار سۈرۈلگەن ھىلىقى ناخشىچىنىڭ خوتۇنىنىڭ ئىتى بەك ئاقسالىق بىلەن ياتاتتى. 350 مىڭغا ئىتىنى ياسايدىغان پۇلى باركەن ،لىكىن بىزنىڭ ئارقىمىزدىكىلا كوچىدا ئولتۇردىغان ئاتا -ئانىسى ئولتۇرۋاتقان ئۆيدىن چاشقان يامانلاپ چىقىپ كەتكۈدەك ئەسكى.
ئەبلەخ! ئاتا-ئانام دەپ ناخشا ئىيتىپ شۇنداق جىق پۇل تاپتى. ناخشىسىدىلا كۆيۈمچان ھازىرقى غىتمەكلەر!

ھەر بىر ئىتنىڭ يىنىغا كىلىپ مۇلاھىزە قىلاتتىم. خۇددى ئادەمنىڭكىگە ئوخشايدىغان مەغرۇر كۆزلىرىگە ئۆچمەنلىك بىلەن تىكىلىپ ،مۇلازىمەتچىلەر كۆرمىگەندە تىخى بىر-ئىككىنى نوقىۋالدىم

ئالاھەزەل ئىككى سائەتلەر ئۆتكەندىن كىيىن ئارقا تەرپىمدىن جېنىم ئاداش، مەن تەييار بولدۇم دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. سۈبھىنۇر چىقىپتىدە دەپ كەينىمگە بۇرۇلدۇميۇ سىكۇنتىغا نەچچە يۈز مىتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئارقامغا ئۇچۇپ كەتتىم.
كۆز ئالدىمدا چېچىنىڭ ئالدى قىزىل ،ئىككى يىنى سىرىق،كەينى قانداقكىن بىلمەيمەن. قىشى رومبا شەكىلدە تىرىلغان، بۇرنىنىڭ بىر يىنىغا ئەتەي يوغان مەڭدىن بىرسى قويۇلغان، چىرايلىق لەۋلىرىنى سەل كۆتۈرۈپ تۇردىغان ھىڭگاڭ چىشتىن بىرسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان دەششەت سەت بىر قىز تۇراتتى.
ئۇ يۈگرەپ كىلىپ مېنى يۆلىگەن ئىدى، قولىنى ئىتتىرۋەتتىم
-بۇ مەن ئاداش،مېنى تونۇمدىڭما؟ قانداق چىرايلىق بولۇپ كىتىپتىمەنمۇ؟
-ئاۋۇ ئورۇندۇقلاردىكى پىستىلەردىن پەرقىڭ قالماپتۇ. سۈبھنۇرنىڭ شۇنچە ۋايساشلىرىغا قارماي ئۇنى يالغۇز تاشلاپ قايتىپ كەلدىم
ئۆيگە كىلىپ بولغان ئىشلارنى ئاپامغا سۆزلەپ بەرمىدىم، بىر ئىشلارغا ئاسانلا ھاياجانلىنىدىغان ئاپام ،بۇ ۋەقەنى كۆرگەن-بىلگەن ھەممىلا ئادەمگە يىيۋىتىشتىن يانمايىتتى.
مانا بۈگۈن ئىشقا كەلسەم سۈبھنۇر يوق. تىلىفۇن قىلىپ بىقىشنى ئويلىساممۇ تۈنۈگۈنكى ئاچچىقىم تىخى بىسىلمىغان ئىدى.
ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئاپام تاماقنى تەييار قىلىپ ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ
-بىر خەۋەرنى ئاڭلىدىڭمۇ قىزىم؟
-قانداق خەۋەركەن ئۇ؟
-سۈبھىنۇرنىڭ تويى بۇزۇلۇپتۇ. ئۇنى ئالىدىغان بالا تۈنۈگۈن كەچ قىزنى كۆرۈپلا قورقۇپ ھوشىدىن كىتىپتىمىش. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز ئەتىگەن ھۆسنىنى تۈزەتكەن ئورۇنغا بارسا ،دۇكان سىرتىغا <بۇ دۇكان قايتا ئىچىلمايدۇ> دىگەن ۋىۋىسكا ئىسىپ قويلۇپتۇ. ۋاي ئىسىت بىر چىرايلىق قىز بىكاردىن يۈزىنى بۇزۋىلىپ،يەنە يالغان چىش قويدۇرۋاپتىكەن، ئۇنى باشقا ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرى ئىلىۋىتىشتىن قورقۇپتۇ. چىرايىڭنى قايتا تۈزەتسەڭ بۇزىۋالىسەن دەپ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز بالا شەھەردىن ماسكا تارتىپ قايتىپ چىقىپتۇ.  قايتا ھۆسىن تۈزەتكىچە ماسكا تارتىپ يۈرەمىش
كۆز ئالدىمغا بايا قايتىش يولىدا ئاپتۇبۇستا ماسكا تارتىپ ئولتۇرغان بىر نەچچە قىزلار بىلەن دوستۇم سۈبھنۇر كەلدى
ھە ئەسلى ماسكا تاقىغان ئىتلار..........................................

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+10(tughrul)
  • ئەزىز بوۋاق

                    ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز

    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-12 09:49 |
    ظةلزات
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 61315
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 79
    شۆھرەت: 140 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 720 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 140(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىيىتى بولسا ،سىزگە ئاپىرىن.بەك ياخشى ئىدىيوم بوپتۇ،رەھمەت

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 10:20 |
    tahguli
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 63829
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 52
    شۆھرەت: 53 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 450 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 75(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    دىمىسىمۇ بۇنداق ئىشلار روھىمىزنى  غاجىلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان قىلىپقويىۋاتمامدۇ 

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 10:29 |
    ~Erki~
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 59031
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 24
    شۆھرەت: 27 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 259 سوم
    تۆھپە: 60 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    ماسكا تاقىغان ئىتلار ...

    ياخشى ئەسەرلەرنى يازىسىز جۇمۇ ...

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 10:41 |
    tughrul
    تۇغرۇل _ بۈركۈت سەردارى !
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 48638
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3206
    شۆھرەت: 71173 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6884 سوم
    تۆھپە: 145 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 44 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1313(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    بىزنىڭ بەزى ئادەملەرگە چەتئەللىكلەرنىڭ پۇقىمۇ دورىغۇ دەيمەن ! مەدىنيەت ئۈگەنسەك بۇلىدۇ ، لىكىن شاكىلىنى  ئايرىپ  ، مېغىزىنى ئۈگۈنۈشىمىز كىرەك ئىدى !!!

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 11:03 |
    atam
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 63178
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2
    شۆھرەت: 3 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 20 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 76(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-26

     

    شايتان              .............

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 11:05 |
    ALKAR512
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 62826
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 31
    شۆھرەت: 32 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 294 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 159(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز....

    ھەقىقىي مىسۋاك
    ھەممە ئشنى ئۈزۈمدىن باشلايمەن.
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 11:09 |
    turkkizi
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 35314
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 612
    شۆھرەت: 618 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5936 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 983(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    بۇ ئەسەر مېنى ھەم كۈلدۈردى ھەم ئويلاندۇردى.
    تىلىنىڭ چۈچۈك،يۇمۇرۇستىكلىقى ئادەمنى كۈلدۇرسە،ئەسەرنىڭ تېگىگە يۇشۇرۇنغان چوڭقۇر مەزمۇن ئادەمنى خېلىلا ئويلاندۇرىدىكەن.
    ھەر بىر ئەسىرىڭىز ئادەمگە يېڭىچە بىر تۇيغۇ،يېڭىچە بىر ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ.داۋامىق تىرىشىڭ ئۇيغۇرئاي سىڭلىم

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ،شۇڭا تۇرمۇشقا ھەر ۋاقىت ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن يۈزلىنەيلى....
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 11:09 |
    tanha.E
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 19609
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 235
    شۆھرەت: 236 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2131 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 462(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئەسەر بوپتۇ، تۈگەپ كەتمىسۇن دەپ، ئالدىرىماي ئوقۇساممۇ، ئاخىرى تۈگەپ كەتتى، دېمىسىمۇ ھازىر توي قىلىدىغان قىزلار گىرىمنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، جىندىن ھېچقانچە پەرقى قالمايدىغان بولدى.
      بۇنىڭدىن تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشىڭىزگە تىلەكداشمەن.

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 11:16 |
    ئىشەنچ
    قىزىم ، دۇنيا سىنىڭ قۇلۇڭدا !
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21746
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 2082
    شۆھرەت: 2632 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 111653 سوم
    تۆھپە: 40 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 110 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 992(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-26

     





    مانا ، مانا يەنە بىر ياخشى يېزىلغان ئەسەرنىڭ بىرسى ۋۇجودقا چىقىپتۇ ،،،، قەلىمىڭىز توختاپ قالمىغاي ئەزىزەم .

    ھەقىقىي مىسۋاك

    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 11:33 |
    suwadan
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10817
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 629
    شۆھرەت: 640 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6801 سوم
    تۆھپە: 70 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 562(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-25

     

    بەك ئىچىم ئېچىشىدىغىنى شۇكى ، بىر چىرايلىق قېشىنى تەردۈردۈم دەپ ئىنچىكە، كۆپ كۆك قىلىۋېلىشلىرى، ھەي ئىسىت، بۇرۇنقى قېشى قايتا چىقمايدىكەن ئەمەسمۇ،  ماسكا تاقىغا ئىتلار!

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    سۇۋاداندەك قامەتلىك،
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 11:52 |
    gulruk
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 61742
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 90
    شۆھرەت: 91 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 900 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 205(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن. ھارمىغايسىز. 

    ئەزىز بوۋاق
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 11:53 |
    kapitan818
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 59490
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 261
    شۆھرەت: 262 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2503 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 202(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     

    ئاياللار گۇزەللىكنى ياخشى كۆردۇ دەپ بەك ئاشۇرۋىتىدۇ بەزىلەر ~~~~~~~!
    بەك ياخشى يىزىپ سىز~~~~~~~~~~~~~~~~~~~!

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    ئاللا بىردۇر~~~~~~~~~~~~~~!
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 12:10 |
    buyluk
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 55011
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 115
    شۆھرەت: 116 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1140 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-30

     Re:

    مــاسكــا تـاقـىـغـان ئـىـتـلار...تېمىسنى قانداق قىلىپ بۇنداق قويغانسىز؟

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 12:38 |
    alsu
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 63797
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 93
    شۆھرەت: 94 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 930 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 62(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-24

     

    ياخشى يېزىپسىز ،تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى كۆپلەپ يېزىپ ئىلان قىلىڭ .....

    ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 13:07 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:12-30 19:07, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ