| ||||||
naxtari | قارقاشنىڭ توي-ئۆرۈپ ئادىتىقارقاشنىڭ توي ئۆرۈپ ئادىتى. ئاساسى ئىككى كۈنلۈپ بۇلۇپ بىرىنجى كۈنى قىز تەرەپ ئائىلىسىنىڭ ئۆيدە تويغا چاقىرغان مىھمانلارنى چۈشتىن كىيىنگىچە ئوخشىغان پولو ۋە سېرىق ئاشتا كۈتىۋالىدۇ. ئەر تەرەپ مىھمانلىرى كەلگەندە ئۇنىڭدىن باشقا ئۆپكە-زاسۇي، قوغۇن تاۋۇز لار قېتىلىپ كۈتىۋالىدۇ. كۆپۈنچە قىزلار ئەتلەستىن كۆڭلەك كىيىپ بىر ئۆينىڭ بۇرجىكىنى بىزەپ دوستلىرى بىلەن قاتار ئولتۇردۇ. ئاز قىسمىللىرى ھازىرقى توي كۆڭلىكى كىيىپ ئولتۇردۇ. ئوغۇل تەرەپنىڭ مىھمانلىرى بولسا چۈشتىن كىيىنگە يىغىلىپ قىزنىڭ ئائىلىسىگە توي كۈچۈرگىلى ناغىر-سۇناينى چالغان ھالدا قىزنىڭ ئۈيىگە كىلىدۇ قىز تەرەپ مىھمانلىرى ئەر-ئايال ئىككى تەرەپكە بۆلنۈپ ئىشىك ئالدىغا چىقىپ قول ئېلىپ كۆرشۈپ ئۆيىگە باشلايدۇ. تاماقتىن كىيىن تويلۇقنى ئېچىلىپ نىكانى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن يىگىت قولدىشى، قىز قولدىشىدىن قىزنى چىقىرىپ بىرشىنى تەلەپ قىلدۇ. <<بۇيەردىكى قولداش بولغىچىنىڭ يۈكى خېلى ئېغىر بۇلۇپ توينىڭ ئادىدا ئىككى تەرەپننىڭ ئاتا-ئانىسى توي قىلغانلارنى تاللاپ بەلگىلەيدۇ، كۆپۈنچە ھالەتتە ئىككىدىن قولداش بۇلىدۇ. بۇلار ئىككى كۈنلۈك توي تۈگىگىچە يىگىت ۋە كىلىنچەككە دىنى تەلىم ۋە باشقا ئىشلارغا مەسئۇل بۇلىدۇ.>> قىلز قولدىشى بولسا كىلىنچەكنىڭ قىزنىڭ ئايىغى پاتمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ، بۇ ئۇلانىڭ ئازراق سۆيۈنچە تەلەپ قىلغىنى بۇلۇپ يىگىت قولدىشى يېنىدىن ئازراق چىقىرىپ بەرگەندە ئاندىن ئاياق پاتىدۇ ۋە قىز قولدىشى كىلنچەكنى يىتىلەپ يىگىت قېشىغا ئەكىلىپ قۇيۇدۇ. ئاندىىن جامائەت بۇ ئىككى ياشقا دۇئا قىلغاندىن كىيىن توي كۆچۈرلىدۇ. ئۆيدىن سىرىتقا چىقىپ بولغىچە ئارلىقتا ئوغۇل تەرەپ كەمپۇت چېچىپ ماڭىدۇ. كىچىك بالىلار بەس-بەستە تالشىپ خۇشال بۇلىدۇ. شەھەر ئىچىنى ئايلاندۇرغاندا بىر نەچچە يەردە ئارغامچىدا توسۇپ ئۇسۇل ئويناپ بىرشىنى تەلەپ قىلدۇ. قىز قولدىشى بىلەن ئوغۇل قولدىشى ئۇسۇل ئويناپ بىرىپ يولنى ئاچىدۇ. ئوغۇل تەرەپنىڭ ئۈيگە كەلگەندە كىلىنچەكنىڭ كەينىدىن كەلگەن مىھمانلارغا ھاردۇق چېيى قۇيلىدۇ.
ئىككىنجى كۈنى سەھەردە قىز قولدىشى ۋە يەڭگە بولغىچى تۇخۇم ۋە باشقا ناشتىلىق ئېلىپ چىقىپ يىڭى ئەر-خۇتۇنلارنى كۆرگىلى چىقىدۇ. <<تويمىساڭ تۇيۇڭدا تۇيۋال>> دەپتىكەن دەپ بولدى دىگۈچە تۇخۇمنى مەجبۇرى يىگۈزىۋېتىدۇ. ئاندىن ئوغۇل تەرەپ ئائىلىسىدىن قىز تەرەپ مىھمانلىرنىڭ كىلىش ۋاختىنى بىلىۋېلىپ قىز تەرەپكە ئۆتۈپ كىتىدۇ. ئوغۇل تەرەپنىڭ ئائىلىسىدىمۇ ئوخشاشلا پولو ۋە لەغمەن بىلەن تويغا چاقىرغان مىھمانلىرنى كۈتىۋالىدۇ، قىز تەرەپنىڭ مىھمانلىرى كەلگەندە ئوخشاشلا كۆرشۈپ ئۆيگە باشلايدۇ. دەل مۇشۇ پەيتتە يىگىت بولغىچىنىڭ قىز تەرەپتىن ئالدىغان ئامانىتى بار.، قىز تەرەپنىڭ يەڭگىلىرى بولسا يىگىت كۆمىچىنى يۇشۇرۇپ ئەكىلىدۇ. يىگىت دەل شۇ يىگىت كۆمىچىنىڭ كۇيدا بۇلۇپ كۆرگەن ھامان قۇلدىن تارتىۋېلىپ نەخ مەيداندا بۆلۈشۈپ يەۋتىدۇ. شۇنداق قىلىپ مىھمانلارمۇ ئۇزاپ توي تۈگەيدۇ. ئۇچىنجى كۈنىسى ئوغۇل تەرەپ قۇلۇن-قوشنىللىرنىڭ ئاياللىرى توي قىلغان قىزنى ئېلىپ قىز تەرەپكە <<باش تاراق>> ئۈچۈن ئۆتۈپ كۆرسىتىپ ئاچىققاندىن توي ھەقىيقى تۈگەيدۇ. ___ باشقۇرغۇچى : ئۇيغۇرۇم007 تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-24
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
hujaabdulla دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | سىز قاراقاشلىق ئوخشىمامسىز؟ ئانا يۇرتۇم قاراقاشنىڭ توي - تۆكۈن ئادىتىنى سۇدەك بىلىدىكەنسىز -ھە ؟
لېكىن بىر يېرىنى مەن تۇلۇقلاي ، 2000- يىلىدىن ئىلگىرى، كۆچۈرۈلگەن قىزنى ئىشىكتىن ئاچىقىشتىن ئاۋال ھويلىدا ئوت كۆيدۈرۈپ ئوت ئۈستىدىن گىلەمگە سېلىپ ، تۆت يېگىت گېلەمنىڭ تۆت بۇر جىكىنى كۆتۈرۈپ ئۆتكۈزىدۇ، بۇنداق قىلسا بەخىتلىك بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ شامان دىنىنىڭ ئادىتى بولۇپ ، ئاتەشپەرەسلىك ھېسابلىنىدۇ، ئوتقا چوقۇنۇش دېگەن شۇ ؟ لكېن يۇرتۇمىزنىڭ ئادىتى ھەقىقەتەن ئۇيغۇر مىللى ئالاھىدىلىكىنى ئەسلى ھالىتى بىلەن ساقلاپ قالالىغان. | ||||
---|---|---|---|---|---|
perwajan | مىنڭ قارا قاشىلىق بىر خىزمەتدىشىم بولىدىغان .(قىز بالا) ئۇ تويىنى شۇ يۇرتتا قىلغان .راس قىزىغاندۇ ھەقچان. بى بايىتىمىز دەپ بارالىمىغان ئۇ ئۇزنىڭ تويىغا. ھۆددس زىيان بوپتۇدە مانا. جىڭ قارقاشلىق جايىلىتى ئۇ مەزلۇم.بىنى بى دەيتقان. (پاك دىيانەتلىك).
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yaxligim. دەرىجىسى :تېما چولپىنى | جەنۇبى شىنجاڭ بىلەن شىمالى شىنجاڭنىڭ توي ئادىتى ھەقىقەتەن ئۇخشىمايدۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yusuf دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ھەر جاينىڭ توي ئادىتىدە ئازدىن پەرق بولسا كىرەك ، بۇ پەرق شىمالدىن جەنۇپقا تەدرىجى چوڭقۇرلىشىپ بارىدۇ ... توۋا ،،،
| ||||
---|---|---|---|---|---|
MARSHALL دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەسىملىك ماتىرياللار بولغان بولسا تولىمۇ ياخشى بۇلاركەن...
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tim0998 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | دىيارىمىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئۆرىپ ئادەتلىرىدىن خەۋەردار قىلغان بۇرادەرلىرىمىزگە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
xamxar111 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | بىرەر پارچە رەسىم يوللىۋەتمەپسىز ............
بىر چاغلاردا توينى سىن (شېشاڭ) غا ئالمىسا تويدىن يېنىۋالغان قىزلارنىمۇ ئاڭلىغانتىم . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
IMPERATOR دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | توۋا............
مەن بىر دوستۇمغا يىگىت قولداش بولغان،نىمە قىلىشنى بىلمىگەچكە ئىككىنجى كۈنى سائەت10لار بىلەن كەپتىمەن،كەلسەم قىل قالدى تىللاپ رەسۋايىمنى چىقىرۋەتكىلى...........مەن قارقاش پۇچاقچىدىن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
EFTALIT دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | توينىڭ ئاساسى ئادىتى 80% ئوخشايدىكەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ittipak دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىزنىڭ ئۆرىپە -ئادەتلىرىمىزگە قەتئى ئوخشىمايدىكەن . توي دىگەننى ئاددى ساددا داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزسەكلا بولدى .............
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
najmela دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | توي دىگەننى ئاددى ساددا داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزسەكلا بولدى . بۇنداق ھەشەمەتلىك قىپ نىمە كەپتۇ ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
naxtari | Quote:بۇ يازما1قەۋەتتىكىhujaabdullaنىڭ2008-10-24 16:35يوللىغان : لىكىن ھازىر ئۇنداق ئىشلار يوق، ئاددىسى يېزا بىلەن قارقاش ناھىيسىنىڭ توي ئۆرۈپ ئادەتلىرمۇ ئاز تۇلا پەرىقلىنىدۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
naxtari | Quote:بۇ يازما7قەۋەتتىكىxamxar111نىڭ2008-10-24 18:09يوللىغان : شۇنداق ئىشلارمۇ بولغان، مەنمۇ ئىسلامچە قىلىمەن دەپ سىن(شېشاڭ)غا ئالمىغان. توينىڭ ئۈچىنجى كۈنى ماۋۇ بىزنىڭ خان سىن غا ئالمىدىڭىز دەپ ئاغرىنىپ يۈرۈپتىكەن، سۇقۇشۇپ قېلىپ تويدىن كىيىنمۇ بىر ھەپتە بويتاق قالغان | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
فۇرقان دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مېنىڭچە، شىنجياڭدىكى ئەڭ ئېغىر، ئەڭ ھەشەمەتلىك توي يەنىلا شاياردا، بولۇپمۇ شايار يېزىلىرىدا بولامدىكىن دەيمەن. (تەپسىلاتىنى چوقۇم يوللاپ قويىمەن)
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|