| ||||||
200888maxal | كۈز پەسلىدەكۈز پەسلىدە مۇنىرە تۇرسۇن كۈز پەسلىدە سارغايدى ياپراق ، كۈز پەسلىدە چۈشتى شېخىدىن . كۈز پەسلىدە ھەسرەت ياسىدى ، بىر بەخىتسىز كۆڭۈل بېغىدىن . كۈز پەسلىدە مۇزلىدى تۇپراق ، كۈز پەسلىدە يېشىللىق ئۇچتى. كۈز پەسلىدە ۋاپادار كۆڭۈل، ئۆز ئىزىدىن يىراققا كۆچتى . كۈز پەسلىدەئازابلىق ھەممە ، كۈز پەسلىدە مۆكتى قۇياشمۇ . كۈز پەسلىدەيۇقۇلۇپ بەخىت، سىرغىپ چۈشتى كۆزدىكى ياشمۇ . كۈز پەسلىدە چۈشكۈن چىرايلى ، كۈز پەسلىدە ئۈمۈدسىز ھەممە . كۈز پەسلىدە قالمىدى شوخلۇق ، ھايات گۇيا تىك داۋاننىڭ لېۋى. كۈز پەسلىدە يىغلار قەلبلەر، كۈز پەسلىدە كۈرۈنمەس ساما . كۈز پەسلىدە ئازاپ مولچىلىق ، بەخىت دىگەن گاھىدا ئەمما . پەقەت مەنلا كۈلىمەن شۇ تاپ ، ئۆزگىلەرنىڭ چىرايى غەمكىن . قانداقمۇ دەي بەخىتلىكمەن دەپ ، تۇرسا كۈزدە يۇلتۇزمۇ مىسكىن . مەنبە: ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى 2008-يىلى 2458- سانى ___ باشقۇرغۇچى : qumqazi تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-24
| ||||
---|---|---|---|---|---|
hanjar0991 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ھەجقەپ ياخشى شئېركەن رەخمەت،،،قەلمىڭىز توختاپ قالمىسۇن.....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|