سىز بۇ تېمىنىڭ 185ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟-- -ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
xjkaxtexi

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 60509
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە10دانە
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :28(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-09-29
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟-- -ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار

                                                                    جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟
                  ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار

                                 (يولدىن ئازغان نادان ،ئەقىلسىزياشلارغابېغشلايمەن)

قاچسائۆيدىن قىز- ئوغۇل خەقلەر لەنەت دىمەسمۇ؟
ئۆزگە ئەلگە بىرلىش بىزلەردىكى ھەۋەسمۇ؟
ئۆز ئۇۋاڭدىن تانغىلى كۆڭلۈڭ راسلا بەك پەسمۇ؟
ئېيتقىن نادان پەرۋىشچىڭ غەم ئوتىدا قالماسمۇ؟
ئاتا-ئانا بىزئۈچۈن جاندىن ئەزىزئەمەسمۇ؟

يۇرتنى تاشلاپ نەمۇ،نە يۈرىسەڭ ئىتتەك لاغايلاپ ،
نەدە خامان ،نەدە چەش،نەچچە خالتا ،تاغارلاپ ؟،
شۇ بىچارە ئانىجان سىنى باققان ئاۋايلاپ ،
ئۆيلۈك –ئوچاق قىلغانغۇ قازان ،قۇمۇچ،چارۋىلاپ ،
ئاتا-ئانا بىزئۈچۈن جاندىن ئەزىزئەمەسمۇ؟ 

سىنى ئاناڭ تولغاق يەپ، نەچچە ئۆلۈپ تەس تۇققان،
پەپىلەپ ئاھ، قۇزام-دەپ،يۈدۈپ يۈرۈپ چۇڭۇتقان،
ئۆزى يىمەي يىگۈزۈپ، تاپقىنىدا ئۇقۇتقان،
بەخىت تاپسۇن بالام دەپ ئاق-قارىنى تۇنۇتقان،
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟

ئىسىت سىنى يۇرت خەلقى بالا بىلىپ باققانغۇ؟
تەنلىرڭدە كۈي بۇلۇپ ئانا سۈتى ئاققانغۇ؟
تالاي قېتىم ئوت كېىچىپ نانلىرىڭىنى ياققانغۇ؟
غەملىرىڭگە ھەر قېتىم قوي-كالىنى ساتقانغۇ؟
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟

تەۋرەتكىنى ئىسىڭدە قالمىدىمۇ باغرى تاش،
ھۆلدە قالساڭ قۇچاققا ئالىمىدىمۇ باغرى تاش،
قۇرۇق چۈۋەك ئاستىڭغا سالىمىدىمۇ باغرى تاش،
بىلەكلىرى نەچچە رەت تالمىدىمۇ باغرى تاش،
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟

ئويلايدۇ ئۇ بالامغا كەچتە نىمە بىرەرمەن؟
ئۆزى زاغرا غاجايدۇ ساڭا بىرىپ گۆش،لەغمەن،
بىزنى دەپ شۇ ئسسىقتا چاپار ئەنە تۇچ كەتمەن،
بارمىكىن ئاھ جاھاندا ئۇلارغا ئوخشاش بىر دەرتمەن،
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟

ھەي، ئۇلارنىڭ غەملىرى تاغدىن ئېغىر بىلەمسەن؟
ئورما ئورىسا ئاپتاپتا بىرەر نۆۋەت كىلەمسەن؟
نىمە دىسە ماقۇل-دەپ ،ھۆرمىتىنى قىلامسەن؟
يىغىسىغا تەڭ يىغلاپ، كۈلىكسىگە كۈلەمسەن؟
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟

ئۇ بىچارە كۈنى-تۈن ھەر تەرەپكە قاترىدى،
بالام ،بالام،بالام-دەپ،نى داۋاندىن ئاتلىدى،
چۆلدە ياتتى بىزنى دەپ،دەڭ، سارايدا ياتمىدى،
ئۇيقۇسىغا بىر قېنىپ بىرەر تاڭمۇ ئاتمىدى،
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟

ماجالىمۇ قالىمىدى ئائىلىنىڭ غېمىدا ،
ئۇھ دىيەلمەي تۈگۈمەس بارۇ-يوقنىڭ كېمىدا،
قۇلدەك ئىشلەپ يىل بۇيى بىر تىيىن يوق يېنىدا،
ئۇرۇقلىدى،مۆكچەيدى،گۆش قالمىدى تېنىدا،
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟

نەچچە ئانا توغۇتتا ئۈلۈپ كەتتى قينىلىپ،
داداڭ قالدى ئېتىزدا پۇت-قوللىرى يېرىلىپ،
لېكىن نەچچىڭ قالدىڭغۇ خىروئىنغا بىرىلىپ،
پۇل تاپقىنىڭ ئۆزەڭچە غازدەك كەتتىڭ كېرىلىپ،
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟


نەششە بىلەن بىرلىرىڭ ئۆلپەتلىشىپ تۈگەشتىڭ،
ئوغۇرلۇق قىلىپ تەپ-تارتماي،تەڭ يېرىمدىن ئۈلەشتىڭ،
تاماكىنى دەم تارتىپ، بىر-بىرىڭگە پۈۋلەشتىڭ،
ئېيتقىن قايسىڭ ئەل-يۇرۇتنى بىرەر قېتىم ئويلاشتىڭ؟
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟

پىچاق تىقىپ تۇققانغا سەت ھىجايغان نوچىسەن،
قاۋاق دېسە جان بىرىپ ھەر قەدەمدە قۇسسەن،
جىدىلىگە دۇنيانىڭ پەرۋانىدەك ئۇچىسەن،
قېرىندىشىم بەر جاۋاپ قاچان شەرەپ قۇچىسەن؟
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟

قىزلىرىمىز نايناقشىپ قاش ئاتقىنى نىمىسى؟
توسسا  ئۇنى ئانىسى قاخشاتقىنى نىمىسى ؟
نۇمۇس قىلماي ئەي پەلەك تەن ساتقىنى نىمىسى؟
مىللىتىمىنىڭ كۆزىنى ياشلاتقىنى نىمىسى؟
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟

سۇمبۇل چاچنى كىسىشىپ،ئالتۇن رەڭدە بۇيىدۇق،
رىستۇراندا،دىبادا شادىيانە ئوينىدۇق،
ئويناپ يەنە ۋاڭبادا بىرەرىمىز قانمىدۇق،
كۈننىڭ غەپلەت ئىچىدە ئۆتكىننى تۇيمىدۇق،
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟

قىمار بىلەن دوست تارتىپ، دەتتىكام-دەپ ئاتتىڭغۇ؟
ئوتتۇرۇپ ئاھ ئۆي-ۋاخنى،خۇتۇننىمۇ ساتتىڭغۇ؟
قىزارماستىن بىرلىرىڭ غەيرى بىلەن ياتتىڭغۇ؟
باققۇچىڭنىڭ ھالىدىن غەم-غۇسىگە پاتتىڭمۇ؟
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟

سودا قىلساق چىدىماي ئارقىمىزىدىن غاجاشتۇق،
كەلسە خېىرىدار بەس-بەستە يۈگۈرۈشتۇق،تالاشتۇق،
بىرى ئالسا بىر نىمە ھەممىز تەڭ ئولاشتۇق،
مەنپەئەتنىڭ ئالدىدا تۇققان دىمەي تۇلاشتۇق،
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟

يېزىپ چىقسام دەرت تۇلا،يۈرەك ئاڭا چىدامدۇ؟
ئەسكى ئىشنى قىلىشقا ۋىجدان يەنە ئۇنامدۇ؟
ئەجىر قىلماي ھەر ئىشقا خامان ئاشقا تۇلامدۇ؟
قەدىردانلار مەڭگۈگە بىزگە باقى بولامدۇ؟
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟

غەمگۇزارىڭ بارىدا كۆڭلۈڭ توقكەن،شاش ئىكەن،
تۈگەپ كەتسە مۇبادا كۆزلىرىڭدە ياش ئىكەن،
شۇلار بولماي يىگىنىڭ بەتتە ئەمەس تاش ئىكەن،
ئەشۇلارسىز شاھ بولغىن، خۇشاللىقنىڭ نەدىكەن؟
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟

خەت- خەۋرىڭ يوق سىنىڭ شۇ كەتكەنچە ئۆلدىڭمۇ؟
سىنى بەرنا،گۈل قىلغان ئانا يۇرىتنى سۆيدىڭمۇ؟
ئاتاڭ كەتتى قان يىغلاپ ۋاپاتىنى بىلدىڭمۇ؟
ئويلاپ باققىن بىرەر رەت كارسىنى قىلدىڭمۇ؟
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟

ھايات چېغى قەدەرىنى بىلەلمىدۇق نىمىشقا؟
كۈندە ئۈچ ۋاخ ئۆيگە كىلەلمىدۇق نىمىشقا؟
يېقەپ چۈشسە مۇبادا يۈلەلمىدۇق نىمىشقا؟
بالمىزغا كۆيگەندەك كۈيەلمىدۇق نىمىشقا؟
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟

ئاز مۇشاققەت تارتتىمۇ بىزنى ئادەم قىلىشقا؟
پۇچۇلانىدى تۇپىدا ئۆيىمىزنى سېلىشقا؟
چۈجە باقتى يازىچە بىز تال تۇخۇم ئېلىشقا،
كۆڭۈل قانداق چىدىدى شۇنداق تۇرۇپ يېنىشقا؟
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟

ئاغرىپ قالساڭ دۇختۇرغا ئېلىپ باردى ئۇخلىماي،
ئىنجىقلىساڭ قۇزام-دەپ، تۇرالمىدى يىغلىماي،
ئۆزى يېتىپ قالىسمۇ،كىسەل تارتىپ بۇلالماي،
قېنىنى ساتتى نەچچە رەت پۇل غېمىنى قىلالماي،
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟

ئەۋلاتلىرىم بىلىم ئال ! ئەمدى يۈرمەي ھەۋەستە،
يالىڭاچلىق مودا دەپ قوغلاشمىغىن بەس-بەستە،
ئوڭشىۋالغىن ئۈزۈڭنى بىرەر زەخمەت يەتمەستە،
كۈتىۋالغىن ،بېقىۋال ئۇلار تۈگەپ كەتمەستە،
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟

قاچىسىغا مىڭ قېتىم سېلىپ بەرسەڭ ناۋاتنى،
دۈلىسەكمۇ ئالدىغا پولو،مانتا،كاۋاپنى،
قىلدۇرساقمۇ مەككىدە نەچچە قېتىم تاۋاپنى،
ئاھ ئۇلارنىڭ ئەجىرگە بىرەلمەيمىز جاۋابنى،
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟

پىشسا قوغۇن ساپاقتا تۇرمايدىكەن بىلۋال،
گۇناھىڭنى تۇنىغىن، ساق چېغىدا تىلىۋال،
دۇئاسىنى ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ بىلىپ ئېلىۋال،
ھايات غەنى دېمىدە قۇچىغا قېنىۋال،
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟

پۇت قولغا  قانات بول،ئۇسسىغاندا بول بۇلاق،
يوقلا ئۇنى ھەرقاچان تاپقىنىڭدا گۈلە،قاق،
سېغىنغاندا مېغىزنى غۇدۇرمىغىن ئوكچا چاق،
سىنى بېقىپ ھالسىرىدى سەنمۇ ئەمدى ئۇنى باق،
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟

پەرىشتەڭنىڭ بېشىغا كەلسە ئەگەر كەلگۈلۈك،
نىمە بولسا ئۆيىڭدە ئۇنى سېتىپ بەرگۈلۈك،
قالار ۋاپا دۇنيادا، تۈگەپ كىتەر مال- مۈلۈك،
ئىزى تەككەن تۇپراقنى تۇتيا دەپ سۆيگۈلۈك،
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟

ئۇلار بولماي سەن نەدە ،ئۇلار بولماي جان نەدە؟
ئۇلار بولماي ئېتىزدا ساڭا ، ماڭا نان نەدە؟
ئۇلار بولماي يازغۇچى،ئالىم،شائىر،شان نەدە؟
ئۇلار بولماي بەگ-غۇجام،ئۇلار بولماي خان نەدە؟
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟

ئادەم ئەمەس ھايۋان ئۇ ئۆز نەسلىنى ئۇنۇتقان،
ئيتىڭلارچۇ نادانلار سىلنى زادى كىم باققان؟
قۇياش بولماي جاھاندا قېنى ،قاچان تاڭ ئاتقان؟
ياخشى كۈنلەر كۆرەمدۇ ئاتانىسىنى قاخشاتقان؟
ئاتا-ئانا بىز ئۈچۈن جاندىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟



                                                                            بۇتىما شىنجاڭ قاشتېشى كومپىيۇتېر مەكتىپىدە يېزىلىپ يوللاندى

                شىنجاڭ قاشتېشى كومپىيۇتېر مەكتىپى شەنبە،يەكشەنبىلك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ!

مەكتىپىمىز ھەر قايسى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ شەنبە،يەكشەنبە كۈنلىرىنىنڭ  مەنىلىك ئۆتىشىنى كۆزدە تۇتۇپ شەنبە،يەكشەنبىلك 1يىللىق كومپىيۇتېر ئوقۇش ھەققىنى 500يۋەن قىلىپ بەلگىلىدى.سانى پەقەت30نەپەربىلەن چەكلىنىدۇ!!!تېلغۇن: 13079900060       3253646-0991
ھەمدە كومپىيۇتېر نىڭ ھەر قايسى كەسىپلىرىگە يىللق،ئالتە ئايلىق ،ئۈچ ئايلىق ۋە قىسقا مۇددەتلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ.(كەڭ كۇرساناتلارنىڭ كىلىپ دەرىس ئاڭلاپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ)

دەرىس ۋاقتى:پۈتۇن كۈنلۈك ،چۈشتىن بۇرۇن ،چۈشتىن كىيىن ۋە كەچلىك ئۇرۇنلاشتۇرلىدۇ.(دەرىسنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ۋاختىغا قاراپ ئۇرۇنلاشتۇرسا بۇلىدۇ)

ئادرىس:شىنجاڭ ئونۋېرىتېتى چوڭلار مائارىپ ئىنىستىتوتى يېنىدا

 

___ باشقۇرغۇچى : ئۇيغۇرۇم007 تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-24

 

شەبنەم نادىر ناخشىلىرىنى چۈشۈرۋېلىڭ
كومپىيۇتېر ،سىستىرالىق،شوپۇرلۇق،يانفۇن
| ۋاقتى : 2008-10-24 23:17 [باش يازما]
hujaabdulla

دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 40943
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 630
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە630دانە
شۆھرەت: 632 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6280 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :246(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-05-17
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ شېئىرنىڭ ئاپتۇرى  ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار  خوتەن قاراقاش ناھىيلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ  تىل -  ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇدىرى،  ھەم  تالانتلىق شائىر ،يازغۇچى ، نەسىر ئىجادىيتى  ئاساسىي ئۇرۇندا  تۇرۇدۇ،  بىزگە  دەرس  بەرگەن،    مانا  ھازىر  ئاشۇ  ئۇستازنىڭ  تەسىرىدە  ئۇيغۇرتىل-  ئەدەبىياتى  كەسپىدە  ئوقۇۋاتىمەن. 
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
غۇجىئابدۇللا
| ۋاقتى : 2008-10-24 23:39 1 -قەۋەت
otyak

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 22209
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1318
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1318دانە
شۆھرەت: 1404 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 13150 سوم
تۆھپە: 163 نۇمۇر
ياخشى باھا: 206 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :391(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-17
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بەك ياخشى يېزىلغان مۇخەممەس ئىكەن. مەن بۇ شېئىرنى كۆچۇرۋالدىم . رەھمەت.
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-10-24 23:47 2 -قەۋەت
sapra121

دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 58366
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 754
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە754دانە
شۆھرەت: 1164 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 390 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :226(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-08-30
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بەك ياخشى يىزىلىپتۇ ...........
ھەقىقىي مىسۋاك
ئاللا ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن ...
| ۋاقتى : 2008-10-25 00:41 3 -قەۋەت
yusuf

دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 19336
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 320
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە320دانە
شۆھرەت: 321 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3172 سوم
تۆھپە: 26 نۇمۇر
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :449(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-07-21
ئاخىرقى :2008-10-26

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بەك ئىسىل شىئىركەن دوستۇم  ، رەھمەت تىمىڭىزغا ،  ئاتا -ئانا بىزگە مەڭگۈلۈك باقىۋەندە ئەمەس ئىدىغۇ .،، لىكىن      ،،ھەي...
ئىنساننىڭ ياشلىقى ئازغۇنلۇقتا ئۆتسە كىيىنكى ئۆمرى خارۇ-زارلىقتا،،     
     
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
ئاقكۆڭۈللۈك _ سەمىمىيلىك ۋە باتۇرلۇقنىڭ مەھسۇلى.
| ۋاقتى : 2008-10-25 00:55 4 -قەۋەت
kok-sultan
تەۋپىق ئىزچىسى

ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 26286
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 2063
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2063دانە
شۆھرەت: 2295 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 12710 سوم
تۆھپە: 374 نۇمۇر
ياخشى باھا: 649 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :1815(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-25
ئاخىرقى :2008-10-26

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

قۇتيار ،ئىجادىيىتىڭزگە يەنىمۇ مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-25 10:31 5 -قەۋەت



Time now is:10-26 04:28, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation

互联网电子公告(BBS)服务资质