| ||||||
200888maxal | باشقىلارنىمۇ ئۆزىڭىزدەك كۆرۈڭ باشقىلارنىمۇ ئۆزىڭىزدەك كۆرۈڭ
ئەسقەر ئەھمىدى داڭلىق بوكس پادىشاھى مۇھەممەد ئەلى بىې قېتىم ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ بىريەرگە كىتىۋاتقاندا ،ئايرۇخانقىز يۇلۇچىلارغا بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىۋېلىشنى ئەسكەرتىدۇ بىراق مۇھەممەد ئەلى ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ ،بخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىمايدۇ .ئايرۇخانقىز ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ كۈلۈپ تۇرۇپ<<ئەپەندىم ،بخەەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىۋېلىڭ >>دەيدۇ ،بىراق مۇھەممەد ئەلى ئۆزىگە تەمەننا قۇيۇپ <<مەن دۇنياغا داڭلىق بوكس پادىشاھى ،بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىۋېلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق >> دەيدۇ ،ئايرۇخانقىز كۈلۈپ تۇرۇپ<<ئەپەندىم سىزنىڭ ھەممىگە قادىر بۇلىشىڭىز ناتايىن ،سىز بوكس پادىشاھى بولغان بىلەن ئايرۇپىلان ھايدەشنى بىلەمسىز ؟>> دەيدۇ مۇھەممەد ئەلى بۇ گەپنى ئاڭلاپ ،خىجىل بۇلۇپ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىۋالىدۇ ھەمدە شۇندىن ئىتىبارەن ئۆزىنى ئاددى بىر ئادەم ھىساپلايدۇ . بىر قىسىم كىشىلەر ئازراق نەتىجە قازانسىلا ،ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ باشقىلارنى كۆزگە ئىلماي گىدىيىپ يۈرۈيدۇ ،يەنە بىر قىسىم كىشىلەر كىچىككىنە ئەمەل تۇتسا ھاكاۋۇرلىشىپ تىرىسىگە پاتماي قالىدۇ،دوستلاردىن يۈز ئۆرۈيدۇ ،ھەتتا ئۆز ئاتا - ئانىسىنىمۇ تۇنىمىغىلى تاس قالىدۇ يەنە بەزىلىرى ئىككى - تۆت تال پۇل تاپسا ئۆزىنى ھېچكىمگە تەڭ قىلماي كىرىلىپ يۈرىيدۇ ،بەزىلەر پۇلدىن باشقا نەرسىنى دوست تۇتمايدۇ ،ھەتتا بەزىدە ئازراق مەنپەئەت ئۈچۈن ۋېجدان غۇرۇرىنى يۇقۇتۇپ قۇيىدۇ.ئەملىيەتتە سىز قانچىلىك نەتىجە قازىنىڭ ياكى قانچە چوڭ ئەمەل تۇتۇڭ ۋە ياكى سىز مىليونىر بۇلۇڭ بەرىبىر باشقىلارغا ئوخشاش ئادەم . كونىلاردا <<ئىززەت قىلساڭ ھۆرمەت تاپىسەن >>دەيدىغان گەپ بار.باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشىشنى ئويلىغان ئادەم ئاۋال باشقىلارنى ھۆرمەتلىشى لازىم .تارىختا ئۆتكەن داھىلىرىمىز ،ئالىملىرىمىز ئكزىنىڭ كىچىك پېئىللىقى ،سەمىمىلىكى كەمتەرلىكى بىلەن خەلقنىڭ قەلب تكرىدىن ئۇرۇن ئالغان .ھاكاۋۇر مەنمەنچى ئادەملەر ئەل نەزىرىدىن چۈشۈپ ھالاك بولغان،ئەگەر ئازراقلا نەتىجە قازىنىپلا ياكى ئازراقلا ئەمەل تۇتۇپلا ئۆزىمىزگە تەمەننا قۇيۇپ ،باشقىلارنى ئۆزىمىزگە تەڭ قىلماي يۈرسەك ئەلنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كىتىمىز ،شۇڭا ئۆزىمىزنى قانداق كۆرسەك باشقىلارنىمۇ شۇنداق كۆرەيلى . مەنبە: ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى2008- يىلى 2458- سانىدىن ئېلىندى ___ باشقۇرغۇچى : ئۇيغۇرۇم007 تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-24
| ||||
---|---|---|---|---|---|
xax.yegit دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بەك ياخشى تىما ئىكەن رەخمەت سىزگە .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
لاچن | ھەنىم بولسا ئايروخانقىز بوكىس پادىشاسى مۇھەممەت ئەلىگە بوكىس پەليىدىن بىر جۇپ بىرىپ ،ماڭە ئەمسە دەپ ئايروپىلاندىن ئىتتىرىپ چۇشۇرىۋەتمەپتۇ .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ylkun يالقۇن دەرىجىسى :تېما چولپىنى | بۇ يەردەئېيتىلغان ئىللەتلەر ھەرقانداق بىر ئىنسانننىڭ ئۆتكەن ھاياتىدا بار بولغان،
مۇھىمى ئۇنى بەزىلەر تىزلا ئۆزگەرىتكەن ، بەزىلەر مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن، يەنە بەزىلەر مەڭڭۈ ئۆزگەرتەلمەسلىكى مۇمكىن ، بۇ تىمىنى شۇلارنىڭمۇ كۆرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ittipak دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بەك ياخشى تىما يوللاپسڭز رەخمەت سىزگە ئۇنى دىسە بەزى كىشىلىرىمىز ئازراق پۇل تاپسا ياكى بىرەر نەتىجە قازىنىپلا ئادەمنى تۇنۇمايدىغان بۇلىۋالىدۇ ھەتتا بەزىلىرى ئۆز ئايالى ئوماق بالىلىرىدىن تېنىپ ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىك قىممىتىنى يۇقۇتىدۇ......
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
100marhaba دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بەك ياخشى تىما ئىكەن
باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشىشنى ئويلىغان ئادەم ، ئاۋال ئۇلارنى ھۆرمەتلىشى كېرەك. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|