| ||||||
sabiha bbs.xabnam | شەبنەمدىكى ئالى ئەزا koxuk بىلەن سۆھبەتبۇ تىمىنى bilgar ئىلگىرلەتتى(2008-10-25)
مۇنبىرىمىزدىكى قەدىمى يادىكارلىق قازغۇچى ئالى ئەزا koxuk بىلەن سۆھبەت شەبنەم خەلق گېزىتىنىڭ ئىختىيارى مۇخبىرى سەبىخە بىلەن شەبنەمنىڭ يەنە بىر تەجرىبىلىك ، قەدىمى يادىكارلىق قازغۇچى ئالى ئەزا koxuk ئەپەندى بىلەن شەبنەم كەچلەك مۇنبەر ئارامگاھىدا مۇنبەردىكى تىمىلاردىن ھۇزۇر ئالغاچ قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق سۆھبەتلەشتىم.قىنى تورداشلارمۇ بىرلىكتە ئورتاقلىشايلى! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم koxuk ئۇكام 1 - تەرجىمھالىڭىزنى بىلسەم بولامدۇ؟سىزنىڭ تورداشلارغا توردىكى ئىسمىڭىز ۋە رىئالىقتىكى ئىسمىڭىز ،مۇنبەردىكى باش سۈرتىڭىز توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بەرسىڭىز؟ نېمىشقا قوشۇق دەپ تىزىملاتىڭىزچوكىغا قارغاندا قوشۇقنى بەكرەك ياقتۇرامسىز يە؟ ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام سەبىخە ھەدە شەبنەم مۇنبىرىدىكى بارلىق تورداشلارغا ئوتلۇق سالام ! ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ مېنى زىيارەت قىلغان ئىقتىدارلىق باشقۇرغۇچى سەبىخە ھەدەمگە چىن كۆڭلۈمدىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. ( زىيارەت قىلدىغان سوئالنى ئەۋەتكىلىمۇ خېلى زامان بولدى، بەك ئالدىراش بولغاچقا ۋاقىتدا يازالمىدىم، خاپا بولماسسىز ھە! )ھەمدە مېنى يىقىندىن قوللاپ كەلگەن شەبنەم ئەھلىگىمۇ چىن دىلىمدىن كۆپ تەشەككۇر ئېيتىمەن. ئۆزەم توغىرلىق ئاز-تولا توختىلىپ ئۆتەي. ئىسىمىم : ئارخىپىمدىكى Email ئادرىسىمدا بار. تۇغۇلغان ۋاقتىم :1979.12 تۇغۇلغان جاي: ئۈرۈمچى كەسپىم : ئىنژىنىر ( يول-كۆۋرۈك) توردىكى ئىسىمىم توغىرلىق توختىلىپسىز. بۇ مېنىڭ قوشۇقنى چوكىدىن بەكرەك ياقتۇرغىنىمدىن ئەمەس(ئەمىليەتتە تاماق يىگەندە چوكىنى جىق ئىشلىتىمەن بولمىسا ) . بۇ نامنى كۆرسە ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىم چوققۇم مېنىمىكىن دەپ ئويلايدۇ. نەچچە تونۇش ، ساۋاقداشلىرىم سەن شۇمۇ دەپمۇ ئۇچۇر قىلدى. بۇ نامنىڭ كېلىش مەنبەسى مۇنداق: ئالىي مەكتەپنىڭ تەييارلىققا يېڭى كەلگەن مەزگىللىرىمىز ئىدى. ياتاقتا شاخماتنى تولا ئوينايتتۇق. مەن كۆپ ھاللاردا ئوينىماي تولا قوشۇق سالاتتىم. ئىچكىرىدىكى كۆۋرۈك قۇرۇلىشىدا قازا قىلغان رھمەتلىك ئاغىنەم بۇنىڭغا بەك جىلە بولاتتى. ئۇ «بەك قوشۇقكەنسەن »دەۋېرىپ سىڭىپ قالدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا بىر لەقەم قويۇپ قويدۇم . ئۇنىڭ ھەركىتى ئاستا بولغاچقا سۇدۇ ( چاققان) دەپ لەقەم قويدۇم. ئىككەيلەننىڭ بۇ لەقىمى بەكلا سىڭىپ كەتتى. 6 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇشى جەريانىدا ئىسمىمىزدىن كۆرە لەقىمىمىز كۆپرەك چاقىرىلدى. شەبنەمگە تىزىملاتقاندا چىرايلىق ئاڭلىندىغان ئىسىمدىن بىرنى قويايمىكىن دەپ ئويلاشقان. كېيىن يەنىلا شۇنى لايىق تاپتىم. سىز شەبنەم مۇنبىرىگە قاچان ئەزا بولغان ؟ نىمە سەۋەبتىن ئەزا بولغان ؟ مەن شەبنەمگە 2007-يىلى 1-ئايدا «قوشۇق»دىگەن نامدا تىزىملاتتىم. شەبنەمگە نىسبەتەن كېيىنرەك تىزىملاتقان بولساممۇ، لېكىن «شەبنەم» نى بوۋاق ۋاقتىدىن تارتىپلا ياخشى بىلىمەن. ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپتىكى 8u8دىكى شەخسى تور بېتىدىن تەرەققىي قىلىپ ، ھازىرقىدەك ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكىچە ئارلىقتىكى تارىخىدىن ياخشى خەۋەردار. ئىلگىرى مەن ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىگە ئانچە ئېتىبار قىلمىغانكەنمەن. كىرسەم شەبنەمدە ناخشا ئاڭلاپ، كىنو كۆرۈپ دىگەندەك. 2006-يىلى 9-ئايدا قاناسقا كوماندىروپكىغا باردىم. بىر كۈنى ياتاقتا ئۆزەملا قېلىپ زېرىكىپ، تورغا چىقىدىغان يەردىن بېرنى تېپىپ، چىقمىغىلى ئۇزۇن بولغان شەبنەمنى ئېچىپ باقتىم. قارىسام ئۆزگىرىش خېلى چوڭ. ئۇ چاغدا مۇنبەردە بۇنداق قىززىق مۇنازىرىلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. كۆرۈپ ئىچىگە كىرىپلا كېتىپتىمەن. بەزى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ كۈلۈپ ئۈچەيلىرىم ئۈزۈلۈپ كەتتى. قايتىپ كېلىپ بىرەر ئايدىن كېيىن ئۆيگە تور تارتتىم. كېيىنچىرەك تىزىملاتتىم. ئۇ چاغدا كىرسەم تېما -ئىنكاسلارنىلا كۆرۈپ نەرسە يازمايتتىم. كېيىنچىرەك ئاز-تولا ئۇ كىتاپ- بۇكىتاپتىن ياخشىراق بىر نەرسىلەرنى تاللاپ يېزىپ ئەۋەتىپ باقتىم. بىرەر ئىككى تېمام بۇرۇن ئەۋەتىلىپ بولغان تېمىلار بولۇپمۇ چىقىپ قالدى. كېيىن بۇنىڭغا دىققەت قىلدىغان بولدۇم. ئىزدەش تور بىكەتلىرىدىن شۇ توغىرسىدا ماقالە بارمۇ يوق كۆرۈپ بېقىپ ئاندىن ئەۋەتتىم. كېيىنچىرەك خەنزۇچە تور بىكەتلىرىدىن ياكى ئۇ كىتاپ-بۇ كىتاپلاردىن ئۇنى -بۇنى تەرجىمە قىلىپ ، بەزى نەرسىلەرنى ئۆزەم قوشۇپ ،رەتلەپ دىگەندەك ئەۋەتتىم. شەبنەمدە سىز ئەڭ قىزىقىدىغان مەسىلىلەر قايسى؟ مېنىڭ قىزىقىشىم كەڭ دائىرىلىك. ھەممە نەرسىنى بىلىپ باققۇم كېلىدۇ. تېمىلارنى بەك تاللاپ كەتمەيمەن. مىنىڭ بىلشىمچە سىز مۇنبەرگە«دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى» سەھىپىسىدەك قەدىمى يادىكارلىقلارغا ئائىت تىمىلارنى تەرجىمە قىلىپ يولايدىكەنسىز، سىز بۇ كەسىپكە قىزىقامسىز؟ مەن تارىخى تېمىلارغا ئامراق. بىر كۈنى «دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى» دىگەن كىتاپنىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسى ئۇچراپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەدەنىيەت مۆجىزىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئەۋەتىش نىيىتىگە كەلدىم. ۋاقتىم چىقسىلا ئەۋەتىپ قويىۋاتىمەن. توردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم، بىلىۋالدىم. مەقسەت: ئۆزەم بىلگەن،ئۆزەمنىڭ قۇربىسى يەتكەن نەرسىلەرنى تەرجىمە قىلىپ بىلمىگەن تورداشلارغا يەتكۈزۈش. ئاڭلىسام سىزنى شەبنەم ئەپەندى بىر قانچە قېتىم باشقۇرغۇچى بولۇشقا تەكلىپ قىلغانىكەن. سىز رەت قىلىپسز، شۇنداقمۇ؟ شۇنداق، خىزمىتىم بەك ئالدىراش. يوللىغان تېمىلىرىمنىمۇ بوش ۋاقتىم چىقسىلا يوللاپ قويىمەن. ئاساسلىقى ۋاقىت يوق. بۇنىسى شەبنەمگە ئايان،قانداق ئىش بولسا شەبنەم بىلەن يۈز تۇرانە دىيىشسەكلا بولىدۇ. خىزمىتىڭىز بەك ئالدىراشكەن، يول-كۆۋرۈك لاھىيەسى ئىشلەيدىكەنسىز، كونىلار «يول-كۆۋرۈك ياساش ناھايىتى ساۋاپلىق ئىش » دەپ قويىدۇ، بۇ خىزمەتنى جاپالىق دەپ قارامسىز؟ بەزىدە ئاي-ئايلاپ ئۆيگە قايتمايدىكەنسىز، بۇنداق ۋاقتىلاردا قانداق ئويدا بولىسىز؟ خىزمىتىم ھەقىقەتەن ئالدىراش.ھازىر يول ياساش قۇرۇلىشىنىڭ يوقىرى پەللە مەزگىلى بولغاچقا، ۋەزىپە ئېغىر. ھېيىت -بايرام ، شەنبە -يەكشەنبىلەردىمۇ ناھايىتى ئاز دەم ئالىمىز. كۈندە 10 نەچچە سائەتلەپ كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ خەرىتە_ چېرتىيوژ سىزىمىز. سىرتقا ئۆلچەش خىزمىتىگە چىقىپ كەتسەك ئايلاپ قايتىپ كەلمەيمىز، بەزىدە بارىدىغان جايلىرىمىزنىڭ شارائىتى بەك ناچار، بەزىدە چۆل-قۇملۇقلاردا، دىڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر كېلىدىغان جايلاردا ئۆلچەش ئېلىپ بارىمىز، شۇ جايلاردا چېدىردا يېتىپ -قوپىدىغان گەپ. كۈندۇزى يول مېڭىپ ئۆلچەپ ، ئاخشىمى ئۆلچىگەن نەرسىىلەرنى ھېساپلايمىز، بەزىدە ھېساپلاپ تاڭ ئېتىپ كېتىدۇ. بەزىدە خېيىم -خەتەر قاش-بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدا بولۇپ قالىدۇ. مەكتەپ پۇتتۈرۈپ بىر يىل بولا -بولمايلا ئىككى ساۋاقدىشىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق، يىگىرمەسەككىزىمىز ئالتە يىل ناھايىتى ئىجىل -ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتكەن. بۇ ساۋاقداشلارغا بەك ئېغىر كەلدى. خىزمەتكە قاتنىشىپ دەسلەپتە« نىمىشقىمۇ مۇشۇ كەسپتە ئوقۇپ قالغاندىمەن ؟» دەپ پۇشايمانمۇ قىلدىم. ئويلاپ باقسام ھەممە كەسپنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق دەردى بارئىكەن. سىز شۇ كەسپنى جاپالىق ياكى ئەمەس دىيىشىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ پوزىتىسىيەسىگە باغلىق ئىكەن. ئۆزىڭىز شۇ كەسپنى ياخشى كۆرۈپ قىلسىڭىز جاپا بىلىنمەيدىكەن. ھازىر كۆنۈپ كەتتىممۇ جاپالىق بىلىنمەيدۇ. ساياھەتنىڭ ئورنىدىلا بىلىندۇ. ئاڭلىسام ئائىلىڭىزدىكىلەر سىزنىڭ تورغا چىقىشىڭىزغا سەل قارشى ئىكەن . راستمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. ئاپام ئۆزى توردىن يېڭى خەۋەرلەرنى كۆرىدىغان تۇرسا. ئۆيدىكىلەر مەن ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۆيگە كېلىپ كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرۇشۇمغا قارشى. ئىدارىدە سائەتلەپ ئولتۇرغاچقا، سالامەتلىكىمىدىن ئەنسىرەپ شۇنداق قىلىدۇ. ئۇيغۇر تورچىلىقىغا قانداق قارايسىز، زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا شەبنەم ئەھلىگە دەيدىغان قانداق يۈرەك سۆزلىرىڭىز بار ؟ ئۇيغۇر تورچىلىقى ئەمدىلا ئايىقى چىققان بالىغا ئوخشايدۇ. ئالدىدىكى يول تېخى ئۇزۇن. شەبنەم،دىيارىمدەك تور بىكەتلىرى ئەمدىلەدىن شېركەت قۇردى. نۇرغۇن ئۇيغۇرچە تور بىكەتلىرىنى ئاساسەن تورغا قىززىققۇچى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قۇرغان شەخسى تور بىكەتلەر دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ . مەزمۇن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش. دەسلەپ ناخشا-مۇزىكا ، كىنولار بىلەن باشلانغان. كېيىنچە مۇنبەر پەيدا بولدى. مۇنبەرلەردە خىزمەت قىلىۋاتقانلار ئاساسەن خالس ئىش قىلىۋاتقانلار. شەبنەم، دىيارىم ، سەلكىنلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ھازىر تور بىكەتلەر ئاساسەن تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى بىلەن كېتىۋاتىدۇ. ھەممە ئىشنىڭ باشلىنىشى ،يوقىرى پەللىسى ،پەسكويغا چۈشىشى بولىدۇ. قىزغىنلىق پەسكويغا چۈشكەندىن كېيىن نۇرغۇن تور بىكەتلەر توپا بېسىپ قېلىشى، شاللىنىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال ھازىرمۇ مەۋجۇت. ئىلگىرى ناھايىتى قىززىق مۇنازىرىلەر بولىدىغان بەزى تور بەتلىرى تاقىلىپ قالدى ياكى قىزغىنلىق پەسكويغا چۈشۈپ قالدى. تور شېركىتى بولۇپ قۇرۇلغانلار بارماق بىلەن سانىۋالغىدەك نەچچىلا. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تور شېركەتلىرىنىڭ كۆلىمى كىچىك، مەبلەغ كەمچىل. نۇرغۇن ئىشلارغا قۇربى يەتمەيدۇ. گوگۇل ئېلانى، تور بەت ياساش، بەزى شېركەتلەر بەرگەن ئېلاندىن كىرگەن كىرىمدەك چەكلىك كىرىم مەنبەسى بار. ئۇلارنى قوللايدىغان چوڭ شېركەتلىرىمىز، چوڭ بايلىرىمىز يوق..... ئارمان بار ، شۇنىڭغا چۇشلۇق دەرمان يوق. ماڭىدىغان يول ئۇزاق، ئاشىدىغان داۋان تېخى جىق. تاقىلىپ قېلىش، شاللىنىپ كېتىش خېيىم خەتىرى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت. شۇڭا تورچىلىقىمىز بىزنىڭ داۋاملىق قوللاپ بېرىشىمىزگە موھتاج. ئۇيغۇرنىڭ 80%-90% ى دېھقان. بۇ دېھقانلىرىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى تورنى بىلمەيدۇ، چۈشەنمەيدۇ. ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسى تورنى چۈشەنگەن ،توردىن پايدىلىنىشنى بىلگەن بولسا تورچىلىقىمىزدىن ئۇنچىلىك ئەنىسرەشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى. ئۈمىدىم شەبنەم ،دىيارىم، سەلكىندەك تور شېركەتلىرىنى قوللاپ بېرەيلى، ئەمدى بىخ تارتىپ مىۋە چىقارمايلا ئۈششۈك تېگىپ قالمىسۇن. تورغا چىقىۋاتقانلار ئاساسەن ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچى، زىيالىلاردىن ئىبارەت. ھەم بۇ تورغا چىقىۋاتقانلارنىڭ يېشى. مەدەنىيەت سەۋىيىسى، بىلىم قۇرۇلمىسى، دۇنيا قاراشلىرى ئوخشاشمايدۇ. شۇڭا توردا پىكىردە بىرلىككە كېلەلمەسلىك ئەھۋالى ناھايىتى نورمال. تور بىر مەۋھۇم دۇنيا. بۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىش كېرەك. بەزى مەسىلىلەرگە نىسبەتەن سوغۇققانراق بولىشى كېرەك. ھازىر تور گېزىت-ژورنال، رادىئو_تېلىۋىزورلارغا ئوخشاش ئاخبىرات ۋاستىسى بولۇپ قالدى. گېزىت-ژورنال، رادىئو_تېلىۋىزورلاردا كۆرمىگەن ،ئاڭلىمىغان نەرسىلەرنى توردا كۆرىۋاتىمىز ئاڭلاۋاتىمىز. چۈنكى تورنىڭ ئۇلارغا نىسبەتەن ئارتۇقچىلىقى ناھايىتى كۆپ. گېزىت-ژورنال، رادىئو_تېلىۋىزورلارنىڭ چەكلىمىلىكى بار. تور بولسا ئۇلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ كەڭرى ، ئەركىن. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ بۇ جەھەتتىكى رولىغىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە. ھازىر تور بەتلىرىدىكى مەزمۇنلار بارغانسېرى كۆپىيىپ ، موللىشىۋاتىدۇ. بۇ ياخشى ئەھۋال. ھازىر بەيدۇ، گوگوللاردىن ئۆزىمىزگە لازىملىق نەرسىلەرنى ئىزدەپ تاپىمىز ، بىزنىڭ تور بەتلىرىمىز تېخىمۇ مول، رەڭدار بولسا ،كېيىن ئۆزىمىزگە كېرەكلىك ماتىرىياللارنى ئىزدىسەك ، شاققىدە چىقىرىپ بەرسە نىمە دىگەن ياخشى ھە! ئاخىرىدا ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن ئۈن -تىنسىز كۈچ چىقىرىۋاتقان، تۆھپە قوشىۋاتقان، خالس ئەمگەك قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا ئېھتىرام بىلدۈرىمەن! تېمىلىرىم ئادرىسى : ./search.php?authorid-11465.html | ||||
---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
firkat | Re:قەدىمى يادىكارلىق قىزغۇچى ئالى ئەزا koxuk بىلەن سۆدوستۇم سابىتجانغا سالامەتلىك ۋە خاتىرجەم تۇرمۇش تىلەيمەن!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
hurradap دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Re:قەدىمى يادىكارلىق قىزغۇچى ئالى ئەزا koxuk بىلەن سۆناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ !!!!!رەھمەت !!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kaxkarlek دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Re:قەدىمى يادىكارلىق قىزغۇچى ئالى ئەزا koxuk بىلەن سۆياخشى . ئۇيغۇر تورچىلىقىڭىزغا بەرگەن باھايىڭىزدىنلا سىزنى خىلى چۈشىنىۋالدىم.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sahar413 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | سەبىخە ھەدىمىزنىڭ ئەجرىگە رەھمەت،«قوشوق»نىڭ خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
دۇنيا يۆلەكسىزنى يۆلىگەنلەرياشىسۇن! | سىزگە ئاللادىن سالامەتلىك تىلەيمەن .سالامەت بولۇڭ .ئىشلىرىڭىز نەتىجىلىك بولغان .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
mehrigiya | سۆھبەت ياخشى ئېلىپ بېرىلىپتۇ ، بۇ پۇرسەتتە شەبنەمدىكى يەنە بىر قېرىندىشىمىز koxuk ئۇكامنىمۇ چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق . سەبىھەگە ھەم سوئاللارغا ئەستايىدىل جاۋاپ بەرگەن ئۇكامغىمۇ كۆپ تەشەككۈر .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئاتا تۈرك ئىملاغا دىققەت قىلىڭ!!! | ئەجرىڭىزگە رەھمەت ، قوشۇق ئەپەندىنىمۇ بىلىۋالدىم !
| ||||
---|---|---|---|---|---|
otyak | سەبىخە سىڭلىمىزنىڭ << قوشۇق >> توردىشىمىز بىلەن يۇز كۆرۈشتۇرۇپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت.
بۇ توردىشىمىز ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پىكىرلەرنى بىرىپتۇ. تەسىرلەندىم. خىزمىتىمۇ ھەقىقەتەن جاپالىق ئىكەن. بۇندىن كىيىن ئىشلىرىنىڭ تىخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
alparzanti دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئەگەر پەرزىم خاتابولمىسا مەرھوم ساۋاقدىشىڭىز شىمالى شەنشىنىڭ جڭ بىئەن نايىسىدە كۆرۈكتىن چۈپكىتىپ قازا قىلدىغۇدەيمەن مەن ئۇكىشىنى تونىيمەن.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
qumqazi شاپ بۇرۇت | يىقىندىن بىرى ياغاچ قوشۇقلا كەم دىدار بولاپ كەتتى.مانداق تۆمۆر بولىۋالىلى قوشۇق ھەزىرەت
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sapra121 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ياخشى سۆھپەت بولاپتۇ ......... ئاللا ئىشىڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن .................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ayturk | مەنمۇ قوشۇق دىگەن ئىسىمنى كۆرۈپلا قوشۇقكەندە دەپ بىلىۋالغان.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kisek | قوشۇقنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى تەمكىن، بىلىملىك، ساپالىق - سالاپەتلىك ، ئۇيغۇرلىرىمدىن بىرنەچچە مۇشۇنداق قېرىنداشلار كۆپرەك تورداشلارغا ئۈلگىلىك رول ئوينىسا دەپ ئارزۇ قىلىمەن، ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا مۇنبەردىكى پەلىپەتىش تېما-ئىنكاس، چۈپرەندىلەرنىڭ ئاغمىچىلىغى مېنى چەكسىز ھەسرەتلىك ھاياجانغا سالغاندا مۇشۇ ئىنىمنىڭ تەمكىن، ساپالىق ئوبرازى ئېسىمگە كېلىدۇ، مۇنبەرداشلىقنىڭ ماڭا بەرگەن ئاكتىپ تەرەپلىرىدىن بولسا كېرەك، قوشۇققا خېلى قايىل...پەرق ياشتا، لېكىن قايىللىق قەلبدە قوشۇق، ساڭا بەخت، تېنچ- ئامانلىق تىلەيمەن!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kisek | مۇنبىردىكى قەدىمى يادىكارلىق قىزغۇچى ئالى ئەزا koxuk بىلەن سۆھبەت
راستلا بۇ « مۇنبىر»، « قىزغۇچى» دىگەن گەپنىڭ مەنىسىنى خېلى ئىزدىنىم تاپالمىدىم، بۇ ماڭا خېلى تەس كەلدى... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|