![]() |
| |||||
Firdawis
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | خاتىرجەم يات نۇردۇن [دىلكەش]بۇ تىمىنى sabiha ئىلگىرلەتتى(2008-10-25)
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم شەبنەم مۇنبىرىكى دوستلار.قايغۇلۇق بىر خەۋەرنى سىلەرگە ئۇقتۇرماقچىمەن. مۇنبىرمىزدىكى تىرشچان ئەزا،ھەۋەسكار يازغۇچىمىز نۇردۇن تىلۋالدى دىلكەش بۇگۈن ئۈرۈمچىدە تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى بىلەن بۇ ئالەمدىن ھەم شەبنەم مۇنبىردىن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. مەن ئۇنىڭ يۇرتدېشى ھەم ئەڭ سىرداش دوستى.بىز ئۈرۈمچىگە ئۇ يازغان ناخشا تىكىستىنى بىر ناخشىچىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن شۇ بانەدە تۇققان يوقلاشقا كەلگەندۇق.ئەتە تېخى شەبنەم ئەزالىرى ئۈرۈمچىدە يىغلىش ئۆتكۈزۈشنى مەسلىھەتلەشكەندۇق. ئۈلۈمنىڭ ياش-قېرىسى يوقكەن.تېخى ئەتىگەن سەھھەردىلا بىر ئۇبدان تۇراتتى. ھازىر قانچىلىك ئازابلىنۋاتقىمنى بىر ئۈزۈم بىلىمەن.بۇ ئىسىم ئەسلى ئۇنىڭ ئېدى.يازدا ماڭا بىرىۋەتكەندى. مەنمۇ بىر ھەۋەسكار .شەبنەمگە كىرىمەن يۇ يازغان تىمىلاردىن ھۇزۇرلىنىپ تىما يازمايتىم .بۈگۈن ئامالسىز يوللاشقا مەجبۇر بولدۇم. ئۇنىڭ بىلەن سەن-مەن دىيشىپ قالغانلار،دىلى رەنجىگەنلەر ئىككى ئالەملىك رازى بۇپ كەتسەڭلەر!........... ئۇنىڭ تىلفۇن دەپترىدىن قاراپ شەبنەمدىكى دوستلىرنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قۇيۇشنى لايىق تاپتىم. جۇدۇن،مۇسەللەس ،سائادەت،چوغلۇق،كۆكسۇلتان بۇ ئەڭ يېقىن دوستلىركەن. جۇدۇن بىلەن سائادەت ئەڭ سىرداش دوستلىركەن.تىلفۇن دەپتىردە شۇنداق يېزىلپتۇ. جۇدۇننىڭ ئۈرۈمچىدە ئىكەنلىكىنى ئۇ ماڭا ئېيتقاندى.ئەتە ئۇنى تېپىپ يوقلاپمۇ بارماقچىدۇق ئەپسۇس.......... شۇ تاپتا مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا قاتىىق ئېچىنۋاتقىنىم ئۈچۈن كۆپ يېزىشنى خالىمىدىم دىلكەش ۋەسيىتى مەن دۇنيادىن خوشلاشقان كۈنى، ئارمانىمغا قالغىن جوربۇلۇپ. كەچمىشىمىز كەتسۇن قەلبىڭىدىن، كۆز يېشىڭدا تامام يۇيۇلۇپ. مەن دۇنيادىن خوشلاشقان كۈنى، ماتەم تۇتما-يۈرگىن خىرامان. ئۇنۇت-تامام ،ئۇنۇتقىن مىنى، قالماي قالسۇن ئەسلەشكە ئىمكان. مەن دۇنيادىن خوشلاشقان كۈنى، بەخىت گۈلۈڭ ئاچار گۈل-چېچەك. كىلۇر بەلكى سۆيگۈ ئىزھار قىپ، ساڭا بۇلبۇل،رەڭدار كېپىنەك. مەن دۇنيادىن خوشلاشقان كۈنى، ئاسقىن گۈلۈم شادلىقتىن تۇمار. بولسۇن چۇقۇم يېنىڭدا سېنى، مەنچە سۈيەر ئاشىق بىقارار. مەن دۇنيادىن خوشلاشقان كۈنى، كەچمىشڭىنى ئۇنۇتقىن ئۇنۇت. كۈلۈپ قالغىن كۈلكەڭدە ئۇزات، ئاھ..ئۇرمىغىن پەقەت بىر مىنۇت. 2008-يىلى12-ئۆكتەبىر مەنبە-يۈرىكىم ___ باشقۇرغۇچى : sabiha تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-24
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sabiha
bbs.xabnam
| مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەنەتتە بولغاي!
مەن پەقەتلا ئىشەنگۇم كەلمەي بۇ تىمىنى تەستىقلىمىغان بىراق Firdawis ئەپەندى قايتا قىسقائۈچۈر بەرگەندىن كىيىن تەستىقلاشقا مەجبۇر بولدۇم! بۇ مەرھۇمنىڭ تىمىلىرى مانا بۇ يەردىن كۆرۇڭلار ! ./search.php?authorid-1058.html | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
Firdawis
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سەبىخە ھەدە ئىشىنىڭ.بۇ تەغدىر.ئۈلۈم دىگەن ئىنسان ئارزۇسىغا باقمايدۇ.
مەن ئۇنىڭ يۇرتدېشى ھەم سىردا ش دوستى.مەن بۈگۈن شۇنداق ئېغىر ئازاب ئىچىدە.تېخى مەرھۇمنىڭ ئائىلىسدىكلەر (ئۇچتۇرپاندىكلەر)بۇ ئىشتىن بىخەۋەر.پەقەت ئۈرۈمچىدىكى ئاكىسىلا خەۋەردار. ئىنسان ئۇ ئاخىر بىر ئوچۇم تۇپراق، كەتتىمۇ ئەبەدكە كەلمەيدۇ بىراق. شۇ تۇپراق ئىچىدىن ئۈنەر قىزىل گۈل، ۋە ياكى شۇم بۇيا ۋە ياكى يانتاق. مىھرىبان ئەزىز مەنزىلداش قېرىندىشىم ياتقان جايىڭ جەننەتتە بولسۇن........... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
homa
تېپىلماسنىڭ خورمىسىمۇ يا؟
| ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن~~ ھەممىمىزگە سەۋر يار بولسۇن~~ امىين !
ئىننە لىللەھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن ( ھەممىمىز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىمىز، يەنە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز) لىكىن راست گەپ قىلسام، ئۇ يەنە مۇنبەردە باردەكلا~~ ئەتىلا يەنە بىر شېئىر يوللايدىغاندەكلا تۇيۇلۇپ...~~ ![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
ئۇيغۇرۇم007
كىسەل ئىملاچىلاردىن زىرىكتىم!
| ئى مىھرىبان ئاللاھ سەن ھەقىقەتەن رەھىمدىل زاتتۇرسەن ، خالىغان بەندەڭنى مەغپىرەت قىلىسەن ، خالىغان بەندەڭگە يۇقىرى مەرتىۋە ئاتا قىلىسەن .
ئى مىھرىبان ئاللاھ مەرھۇم قىرىندىشىمنىڭ ھاياتلىقىدا قىلغان بارلىق گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغىن ، ئۇنى قىيامەتنىڭ رەسۋاچىلىقلىرىدىن ساقلىغىن ،ئۇنىڭغا يۇقىرى مەرتىۋە ئاتا قىلغىن ، ئۇنىڭغا فىردەۋىس جەننەتلىرىدىن ئورۇن بەرگىن . ئى مىھرىبان ئاللاھ سەن ھەقىقەتەن رەھىم قىلغۇچىدۇرسەن ، مەرھۇم قىرىندىشىمىزغا رەھىم قىلغىن ئامىيىن!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
ئاتا تۈرك
ئىملاغا دىققەت قىلىڭ!!!
| Re:خاتىرجەم يات نۇردۇن [دىلكەش] بۇ خەۋەرنىڭ يالغان بۇلۇپ قېلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىپ قېلىۋاتىمەن !
![]() ![]() ![]() ![]() مەرھۇم قېرىندىشىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ! | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
nargiza18
| Re:خاتىرجەم يات نۇردۇن [دىلكەش]نىمە دەيدىغانسىز؟؟ بۇ تېمىنى چۈشۈمدە كۆرگەن بولاي..............
![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
ALTIKEN
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Re:خاتىرجەم يات نۇردۇن [دىلكەش]ھەممىمىز كىتىمىز .ئاللا قىرىندىشىمىزغا رەھمەت قىلسۇن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
kok-sultan
تەۋپىق ئىزچىسى
| Re:خاتىرجەم يات نۇردۇن [دىلكەش]مەن پەقەتلا ئىشىنەلمىدىم....
بىزنى ئالدىمىغانسىلەر ..... | ||||
---|---|---|---|---|---|
Firdawis
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Re:خاتىرجەم يات نۇردۇن [دىلكەش]توۋا مۇنبەرداشلار نىمە دەيدىغانسىلەر؟...............ئۈلۈم ئەتە سېنى يوقلاپ بارىمەن دەپ ئالدىدىن خەۋەر بېرىپ ئاندىن سىلەرنى تاپامدى؟............
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
halpambag
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Re:خاتىرجەم يات نۇردۇن [دىلكەش] مەنمۇ قەتئى ئىشەنمىدىم،
ئۆكتەبىر بايرىمىدا كۆكسۇلتان نۇردۇن بىرگە پاراڭلىشىپ خېلى بىر ۋاققىچە ئەھۋاللاشقان. مەھەلىمىزدە بىللە ئىدۇققۇ؟ بۇ خەۋەر يالغان بولسىدى ئىلاھىم ! ![]() ![]() ![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
azap986532
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | Re:خاتىرجەم يات نۇردۇن [دىلكەش]توۋا ،بۇ خەۋەرگە پەقەتلا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ ،تېخى نەچچە كۈن ئىلگىرى مەن قەشقەردىكى چاغدا تىلفۇن قىلىپتىكىن ،كۆرۈشكەنتۇق،مەن تېخى ئۈرۈمچىگە بارغاندا كۆرۈشەرمىز دەپ يۈرگەن ، بۈگۈن ئۈرۈمچىگە كېلىپلا بۇ تېمىنى كۆرۋاتمەن ، بۇ نىمە ئىش بولۇپ كەتتى ...............؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
تەقدىر | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
anwar-mahzun
| Re:خاتىرجەم يات نۇردۇن [دىلكەش]نۇردۇن دوستىمىز بىلەن باھاردا شايار دىيارىدا جۇدۇنىڭ تۇيىدا كۈرۈشۈپ ھەم-سۆھبەت بولغانتۇق،بەك ئەپسۇس،.....جان بىر ئامانەت ،ئاللاھنىڭ قاچان ئالغىسى كەلسە شۇ چاغدا ئېلىپ كىتىدىكەن......ئۇللۇق ئاللاھ .. ئۆتكۈزگەن گۇنا-كەبىرلىرى بولسا كەچۈرۈپ جەننەت نىسىپ قىلغايسەن..... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
molla pok-pok
كۇچا ئوغلى - سەمەتجان .
| Re:خاتىرجەم يات نۇردۇن [دىلكەش]بۇ خەۋەرنىڭ يالغان بۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمۈت قىلغان ئىدىم !! ئەپسۇس راس ئوخشايدۇ . ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن ئامىن!!!!! ئىككىمىز بىرىجى قتېىم كۆرۈشۈپلار يېقىن دوسلاردىن بوپ قالغان ئىدۇق پات -پات تېلفۇن ئۇرۇشۇپ تۇراتتۇق . ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() مەرھۇمنىڭ رەسىمى ئوتتۇردىكى ئاق چاپان كىيۋالغان دوستۇم شۇ ئىدى . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
kok-sultan
تەۋپىق ئىزچىسى
| Re:خاتىرجەم يات نۇردۇن [دىلكەش]مەنمۇ ئىشەندىم،ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي.............
| ||||
---|---|---|---|---|---|